Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: قىيامەت   ئايەت:

قىيامەت

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
إظهار قدرة الله على بعث الخلق وجمعهم يوم القيامة.
ئاللاھ تائالانىڭ خالايىقلارنى ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلدۈرۈش ۋە قىيامەت مەيدانىغا توپلاشتىكى قۇدرىتىنى نامايەندە قىلىش.

لَآ أُقۡسِمُ بِيَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ
ئاللاھ تائالا پۈتكۈل ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئالدىدا تۇرىدىغان قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلنَّفۡسِ ٱللَّوَّامَةِ
ئاللاھ يەنە ئۆز ساھىبىغا سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا سەل قاراپ، يامان ئەمەللەرنى قىلغانلىقىغا قارىتا مالامەت قىلىدىغان پاك نەپس بىلەن قەسەم قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئىككى ئىش بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَيَحۡسَبُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَلَّن نَّجۡمَعَ عِظَامَهُۥ
ئىنسان بىزنى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن (چىرىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى توپلىيالمايدۇ، دەپ گۇمان قىلامدۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلَىٰ قَٰدِرِينَ عَلَىٰٓ أَن نُّسَوِّيَ بَنَانَهُۥ
ئۇنداق ئەمەس، ئۇنى ئىلگىرى قانداق ياراتقان بولساق، يەنە ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچلىرىغا قەدەر يىغىپ، مۇكەممەل ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلۡ يُرِيدُ ٱلۡإِنسَٰنُ لِيَفۡجُرَ أَمَامَهُۥ
بەلكى ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە يەنە چەكلىمىسىز ھالدا ئۆزىنىڭ پىسقى - پۇجۇرلىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَسۡـَٔلُ أَيَّانَ يَوۡمُ ٱلۡقِيَٰمَةِ
ئۇ قىيامەت كۈنىنى يىراق ساناپ: قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِذَا بَرِقَ ٱلۡبَصَرُ
ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَخَسَفَ ٱلۡقَمَرُ
ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا،
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَجُمِعَ ٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ
ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَقُولُ ٱلۡإِنسَٰنُ يَوۡمَئِذٍ أَيۡنَ ٱلۡمَفَرُّ
ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَلَّا لَا وَزَرَ
ئۇ كۈندە ھېچ يەرگە قېچىش يوق. پاجىرلارغا پاناھلىنىدىغان، سىغىنىدىغان جاي يوق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِلَىٰ رَبِّكَ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡمُسۡتَقَرُّ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇ كۈندە ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتىپ بارىدىغان ئاقىۋەت پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىگىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يُنَبَّؤُاْ ٱلۡإِنسَٰنُ يَوۡمَئِذِۭ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ
ئۇ كۈندە ئىنسانغا ئىلگىرى - كېيىن قىلغان بارلىق ئەمەللىرى ئېيتىپ بېرىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلِ ٱلۡإِنسَٰنُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦ بَصِيرَةٞ
بەلكى ئىنسان ئۆز - ئۆزىگە گۇۋاھچىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۇ ئىشلىگەن گۇناھلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَوۡ أَلۡقَىٰ مَعَاذِيرَهُۥ
ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانداق باھانە كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر قىلچە پايدىسى بولمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَا تُحَرِّكۡ بِهِۦ لِسَانَكَ لِتَعۡجَلَ بِهِۦٓ
ئەي پەيغەمبەر! قۇرئان (نازل بولۇۋاتقاندا) ئۇنى ئېسىڭدە تۇتۇۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى ھەرىكەتلەندۈرمە.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ عَلَيۡنَا جَمۡعَهُۥ وَقُرۡءَانَهُۥ
ئۇنى سېنىڭ دىلىڭدا توپلاپ، قىرائىتىنى تىلىڭغا سابىت قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِذَا قَرَأۡنَٰهُ فَٱتَّبِعۡ قُرۡءَانَهُۥ
ئەي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! بىزنىڭ ئەلچىمىز جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ساڭا قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىپ بەرگەندە، جىم تۇرۇپ ئۇنىڭ تىلاۋېتىگە قۇلاق سالغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ إِنَّ عَلَيۡنَا بَيَانَهُۥ
ئاندىن ئۇنى ساڭا چۈشەندۈرۈشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• مشيئة العبد مُقَيَّدة بمشيئة الله.
بەندىنىڭ خاھىشى ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر.

• حرص رسول الله صلى الله عليه وسلم على حفظ ما يوحى إليه من القرآن، وتكفّل الله له بجمعه في صدره وحفظه كاملًا فلا ينسى منه شيئًا.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاندىن ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەرنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ئۇنىڭ دىلىدا ۋە ئېسىدە تولۇق توپلاشقا كېپىل بولغان. شۇڭا ئۇ قۇرئاندىن ھېچ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: قىيامەت
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش