Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: نەبەئ   ئايەت:

نەبەئ

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
بيان أدلة القدرة على البعث والتخويف من العاقبة.
ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلدۈرۈشكە بولغان قۇدىرتىنىڭ دەلىللىرى ۋە بۇنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ يامانلىقىنىڭ بايانى .

عَمَّ يَتَسَآءَلُونَ
ئۇ مۇشرىكلار، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەندىن كېيىن نېمە ھەققىدە سورىشىدۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
عَنِ ٱلنَّبَإِ ٱلۡعَظِيمِ
ئۇلار بىر - بىرىدىن چوڭ بىر خەۋەر ھەققىدە سورىشىدۇ. ئۇ چوڭ خەۋەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئاننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِي هُمۡ فِيهِ مُخۡتَلِفُونَ
بۇ قۇرئاننى ئۇلار سېھىر، شېئىر، رەمماللىق، ئىلگىرىكىلەردىن قالغان ئەپسانە دېگەندەك خىلمۇخىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَلَّا سَيَعۡلَمُونَ
ئەمەلىي ئەھۋال ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس. قۇرئاننى ئىنكار قىلغان بۇ كاززاپلار ئىنكارلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ كَلَّا سَيَعۡلَمُونَ
كەلگۈسىدە بۇ ئىش ئۇلارغا ئېنىق بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَلَمۡ نَجۡعَلِ ٱلۡأَرۡضَ مِهَٰدٗا
بىز زېمىننى ئۇلار ئۈچۈن ياشىغىلى بولىدىغان بىسات قىلمىدۇقمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلۡجِبَالَ أَوۡتَادٗا
تاغلارنى زېمىنىڭ تەۋرەپ كېتىشىدىن ساقلايدىغان قوزۇقنىڭ ئورنىدا قىلمىدۇقمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَخَلَقۡنَٰكُمۡ أَزۡوَٰجٗا
ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى تۈرلەر ھالىتىدە ياراتتۇقكى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ بار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَجَعَلۡنَا نَوۡمَكُمۡ سُبَاتٗا
ئۇيقۇڭلارنى ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئىش - پائالىيەتتىن ئۈزگۈچى قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَجَعَلۡنَا ٱلَّيۡلَ لِبَاسٗا
خۇددى لىباس ئەۋرەتلىرىڭلارنى ياپقىنىغا ئوخشاش، كېچىنى ئۆز قاراڭغۇلۇقى بىلەن سىلەرنى ياپىدىغان سۈترە قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَجَعَلۡنَا ٱلنَّهَارَ مَعَاشٗا
كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىش ۋە رىزىق ئىزدەش مەيدانى قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَبَنَيۡنَا فَوۡقَكُمۡ سَبۡعٗا شِدَادٗا
ئۈستۈ ڭلاردا قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم، پۇختا يەتتە قات ئاسماننى بىنا قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَجَعَلۡنَا سِرَاجٗا وَهَّاجٗا
قۇياشنى يورۇقى ۋە نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك چىراق قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلۡمُعۡصِرَٰتِ مَآءٗ ثَجَّاجٗا
ۋاقتى كەلگەندە بۇلۇتتىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِّنُخۡرِجَ بِهِۦ حَبّٗا وَنَبَاتٗا
بۇ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىپ بېرىشىمىز ئۈچۈندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَجَنَّٰتٍ أَلۡفَافًا
بىز ئۇ ئارقىلىق دەل - دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن، ئىنتايىن بولۇق باغلارنى چىقىرىپ بېرىمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ يَوۡمَ ٱلۡفَصۡلِ كَانَ مِيقَٰتٗا
شەكسىزكى خالايىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈن ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلگەن بىر كۈندۇركى، ئۇنىڭدا قەتئىي كېچىكىپ قېلىش يوق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِ فَتَأۡتُونَ أَفۡوَاجٗا
پەرىشتە ئىككىنچى قېتىم سۈرنى پۈۋلىگەن چاغدا -ئەي ئىنسانلار- سىلەر توپ - توپ بولۇپ كېلىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَفُتِحَتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتۡ أَبۡوَٰبٗا
ئاسمان ئېچىلىپ، ئۇنىڭ ئوچۇق ئىشىكلەرگە ئوخشاش تۆشۈكلىرى بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَسُيِّرَتِ ٱلۡجِبَالُ فَكَانَتۡ سَرَابًا
تاغلار ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، نىھايەت ئۇچۇپ يۈرگەن توزانغا ئايلىنىپ، سەرابتەك بوپكېتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتۡ مِرۡصَادٗا
شەكسىزكى جەھەننەم (كاپىرلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِّلطَّٰغِينَ مَـَٔابٗا
جەھەننەم زالىملارنىڭ ئاخىرى قايتىدىغان جايىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَّٰبِثِينَ فِيهَآ أَحۡقَابٗا
ئۇلار جەھەننەمدە چەكسىز ئۇزۇن زامان قالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَّا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرۡدٗا وَلَا شَرَابًا
ئۇلار جەھەننەمدە دوزاخ يالقۇنىنىڭ ھارارىتىنى سوۋۇتىدىغان سالقىن ھاۋاغا ئېرىشەلمەيدۇ، يەنە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بىرەر ئىچىملىكنى تېتىيالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِلَّا حَمِيمٗا وَغَسَّاقٗا
ئۇلار پەقەت ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قايناق سۇ ۋە دوزىخىيلارنىڭ بەدەنلىرىدىن ئېچىقىپ چىقىدىقان قان - يېرىڭ ئارىلاشمىلىرىنىلا ئىچىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
جَزَآءٗ وِفَاقًا
بۇ، ئۇلارنىڭ كۇپرىسى ۋە ئازغۇنلۇقلىرىغا مۇۋاپىق جازادۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّهُمۡ كَانُواْ لَا يَرۡجُونَ حِسَابٗا
ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ئاللاھنىڭ قىيامەتتە ئۆزلىرىدىن ھېساب ئېلىشىدىن قورقمايتتى. چۈنكى ئۇلار قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەيتتى. ئەگەر ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشتىن قورققان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولاتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا كِذَّابٗا
ئۇلار يەنە بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَكُلَّ شَيۡءٍ أَحۡصَيۡنَٰهُ كِتَٰبٗا
بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئەمىلىنى خاتىرلەپ، ساناپ تۇرغان ئىدۇق. يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەل دەپتەرلىرىگە پۈتۈلگەندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَذُوقُواْ فَلَن نَّزِيدَكُمۡ إِلَّا عَذَابًا
ئەي زالىملار! بۇ ئۈزلۈكسىز ئازابنى تېتىڭلار. بىز سىلەرنىڭ ئازابىڭلارغا پەقەت ئازابنىلا قوشىمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• إحكام الله للخلق دلالة على قدرته على إعادته.
ئاللاھنىڭ يارىتىشىنىڭ پۇختىلىقى ئۇنىڭ قايتا تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

• الطغيان سبب دخول النار.
زۇلۇم دەۋزەخكە كىرىشكە سەۋەپ بولىدۇ.

• مضاعفة العذاب على الكفار.
كاپىرلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: نەبەئ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش