Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: نازىئات   ئايەت:

نازىئات

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
التذكير بالله واليوم الآخر.
ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئەسلەش.

وَٱلنَّٰزِعَٰتِ غَرۡقٗا
ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ جېنىنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئالىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلنَّٰشِطَٰتِ نَشۡطٗا
يەنە مۇئمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئاۋايلاپ، ئاستا ئالىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلسَّٰبِحَٰتِ سَبۡحٗا
ئاسمان ۋە زېمىندىن ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تەخىرسىز ئېلىپ چۈشىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَٱلسَّٰبِقَٰتِ سَبۡقٗا
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئالدىرايدىغان بىر قسىىم پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَٱلۡمُدَبِّرَٰتِ أَمۡرٗا
بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان پەرىشتىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلدى. ئاللاھ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بەندىلەرنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن چوقۇم قايتا تىرگۈزىدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَوۡمَ تَرۡجُفُ ٱلرَّاجِفَةُ
ئۇ كۈندە تۇنجى سۈر چېلىنىشى بىلەن تەڭ زېمىن تەۋرەپ كېتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
تَتۡبَعُهَا ٱلرَّادِفَةُ
ئارقىدىنلا ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُلُوبٞ يَوۡمَئِذٖ وَاجِفَةٌ
ئۇ كۈندە كاپىرلار ۋە پاسىقلارنىڭ دىللىرىنى قورقۇنچ باسىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَبۡصَٰرُهَا خَٰشِعَةٞ
بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدىن بىچارىلىكنىڭ ئالامىتى چىقىپلا تۇرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَقُولُونَ أَءِنَّا لَمَرۡدُودُونَ فِي ٱلۡحَافِرَةِ
ئۇلار: بىز ئۆلگەندىن كېيىن قايتا ھاياتلىققا قايتامدۇق؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَءِذَا كُنَّا عِظَٰمٗا نَّخِرَةٗ
بىز چىرىپ، كېرەكسىز سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە قايتامدۇق؟ دېيىشەتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالُواْ تِلۡكَ إِذٗا كَرَّةٌ خَاسِرَةٞ
ئۇلار: ناۋادا بىز قايتىپ قالساق، ئۇ تولىمۇ زىيانلىق، ساھىبى ئالدانغان بىر قايتىش بولىدۇ، دېيىشەتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِنَّمَا هِيَ زَجۡرَةٞ وَٰحِدَةٞ
قايتا تىرگۈزۈش ئىشى ئىنتايىن قولاي بولۇپ، ئۇ پەقەت سۈر چېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتە تەرەپتىن كېلىدىغان بىرلا ئاۋازدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِذَا هُم بِٱلسَّاهِرَةِ
بۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل جانلىقلار زېمىننىڭ قاتلاملىرىدىكى ئۆلۈك ھالىتىدىن كېيىن تىرىكلەرگە ئايلىنىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا مۇسانىڭ پەرۋەردىگارى ھەمدە دۈشمىنى پىرئەۋن بىلەن بولغان ۋەقەلىكىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِذۡ نَادَىٰهُ رَبُّهُۥ بِٱلۡوَادِ ٱلۡمُقَدَّسِ طُوًى
ئۆز ۋاقىتدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا تۇۋا ناملىق پاك بىر ۋادىدا نىدا قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• التقوى سبب دخول الجنة.
تەقۋادارلىق جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ.

• تذكر أهوال القيامة دافع للعمل الصالح.
قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىنى ئەسلەش ياخشى ئەمەلگە تۈرتكە بولىدۇ.

• قبض روح الكافر بشدّة وعنف، وقبض روح المؤمن برفق ولين.
كاپىرنىڭ جېنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئېلىنىدۇ، مۇئمىننىڭ جېنى ئاستا، سىلىق ئېلىنىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: نازىئات
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش