Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: مۇتەپپىپىن   ئايەت:

مۇتەپپىپىن

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
تحذير المكذبين الظالمين من يوم القيامة وبشارة المؤمنين به.
قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچى زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلەرگە خوش بىشارەت بېرىش.

وَيۡلٞ لِّلۡمُطَفِّفِينَ
ئۆلچەمدە كەم بەرگۈچىلەر ھالاك بولسۇن ۋە زىيان تارتسۇن!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِينَ إِذَا ٱكۡتَالُواْ عَلَى ٱلنَّاسِ يَسۡتَوۡفُونَ
ئۇلار باشقىلاردىن ئۆلچەپ ئالغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىرىنى تولۇق، قىلچە كەم قىلماي ئالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا كَالُوهُمۡ أَو وَّزَنُوهُمۡ يُخۡسِرُونَ
باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپ ھىجرەت قىلىپ كەلگەن چاغدا مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَلَا يَظُنُّ أُوْلَٰٓئِكَ أَنَّهُم مَّبۡعُوثُونَ
مۇشۇنداق ناچار قىلمىشنى قىلىدىغان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تەرەپكە تىرىلىپ بارىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەمدۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• التحذير من الغرور المانع من اتباع الحق.
تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقكە ئەگىشىشتىن چەكلەپ قويۇدىغان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.

• الجشع من الأخلاق الذميمة في التجار ولا يسلم منه إلا من يخاف الله.
سودا - سېتىقتىكى ئاچكۆزلۈكتىن ئىبارەت ناچار خۇيلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق خۇيلاردىن پەقەت ئاللاھتىن قورققان كىشىلا ساقلىنىپ قالالايدۇ.

• تذكر هول القيامة من أعظم الروادع عن المعصية.
قىيامەت كۈنىنىڭ قورقۇنچىسىنى ئەسلەش گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن توسىدىغان ئەڭ چوڭ ۋاسىتىدۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: مۇتەپپىپىن
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش