Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ئىنشىقاق   ئايەت:

ئىنشىقاق

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
تذكير الإنسان برجوعه لربه، وبيان ضعفه، وتقلّب الأحوال به.
ئىنسانغا ئۆز رەببىگە قايتىدىغانلىقىنى ئەسلىتىش، ئۇنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ بايانى .

إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنشَقَّتۡ
.پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَذِنَتۡ لِرَبِّهَا وَحُقَّتۡ
پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىنى) ئاڭلاپ باش ئەگكەن ھەمدە شۇنىڭغا لايىق بولغان چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا ٱلۡأَرۡضُ مُدَّتۡ
ئاللاھ تائالا زېمىننى خۇددى چەم سوزۇلغاندەك سوزغان چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَلۡقَتۡ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتۡ
زېمىن قوينىدىكى مەدەنلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى چىقىرىپ، قۇرۇقدالغان چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَذِنَتۡ لِرَبِّهَا وَحُقَّتۡ
پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىنى) ئاڭلاپ باش ئەگكەن ھەمدە شۇنىڭغا لايىق بولغان چاغدا.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡإِنسَٰنُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَىٰ رَبِّكَ كَدۡحٗا فَمُلَٰقِيهِ
ئەي ئىنسان! سەن چوقۇم ياخشى ياكى يامان ئەمەل قىلغۇچى بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ سېنىڭ شۇ قىلمىشىڭغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىشى ئۈچۈن ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇچرىشىسەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ
نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك،
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَسَوۡفَ يُحَاسَبُ حِسَابٗا يَسِيرٗا
ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئالىدۇكى، ئۇ ئەيىبلەنمەستىن پەقەت ئەمەللىرى ئۆزىگە شۇنداقلا كۆرسىتىپ قويۇلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَيَنقَلِبُ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ مَسۡرُورٗا
ئۇ جەننەتتە ئائىلىسى بىلەن خۇشال ـ خۇرام جەم بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ وَرَآءَ ظَهۡرِهِۦ
نامە - ئەمالى كەينى تەرىپىدىن سول قولىغا بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَسَوۡفَ يَدۡعُواْ ثُبُورٗا
ئۇ ئۆزىگە ھالاكەت تىلەپ نىدا قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَيَصۡلَىٰ سَعِيرًا
ئۇ جەھەننەم ئوتىغا ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىغان ھالەتتە كىرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّهُۥ كَانَ فِيٓ أَهۡلِهِۦ مَسۡرُورًا
شەكسىزكى ئۇ دۇنيادىكى چېغىدا ئائىلىسىدە كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن شاد - خۇرام ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّهُۥ ظَنَّ أَن لَّن يَحُورَ
شەكسىزكى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن قەتئىي تىرىلمەيدىغاندەك ئويلايتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلَىٰٓۚ إِنَّ رَبَّهُۥ كَانَ بِهِۦ بَصِيرٗا
ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ ئۇنى دەسلەپ ياراتقىنىدەك چوقۇم ھاياتلىققا قايتۇرىدۇ. شەكسىزكى پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ھالىنى كۆرۈپ تۇراتتى، پەرۋەردىگارىغا ئۇنىڭ ھالىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايتتى. پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ئەمىلىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلشَّفَقِ
ئاللاھ تائالا قۇياش پاتقاندىن كېيىن ئۇپۇقتا پەيدا بولىدىغان قىزىللىق بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّيۡلِ وَمَا وَسَقَ
ئاللاھ يەنە كېچە ۋە كېچىدە توپلانغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلۡقَمَرِ إِذَا ٱتَّسَقَ
ئاي پۈتۈنلىنىپ، تولۇن ھالىتىگە كەلگەن ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَتَرۡكَبُنَّ طَبَقًا عَن طَبَقٖ
ئەي ئىنسانلار! سىلەر چوقۇم بىر ھالەتتىن بىر ھالەتكە يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر، يەنى مەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن بىر چىشلەم گۆش، ئاندىن ھاياتلىق، ئاندىن ئۆلۈم، ئاندىن قايتا تىرىلىشتىن ئىبارەت باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَمَا لَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
بۇ كاپىرلار نېمە دەپ ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتمايدۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا قُرِئَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقُرۡءَانُ لَا يَسۡجُدُونَۤ۩
ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىلسە نېمىشقا پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُكَذِّبُونَ
ئەكسىچە كاپىرلار پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلىشىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا يُوعُونَ
ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَبَشِّرۡهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان دەرتلىك ئازابتىن خەۋەر بەرگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• خضوع السماء والأرض لربهما.
ئاسمان ۋە زېمىنمۇ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنىدۇ.

• كل إنسان ساعٍ إما لخير وإما لشرّ.
ئەمەل قىلغۇچى ھەر بىر ئىنسان يا ياخشى ئەمەل قىلىدۇ ياكى يامان ئەمەل قىلىدۇ.

• علامة السعادة يوم القيامة أخذ الكتاب باليمين، وعلامة الشقاء أخذه بالشمال.
قىيامەت كۈنىدىكى بەخت - سائادەتنىڭ ئالامىتى نامە - ئەمالىنى ئوڭ قولى بىلەن ئېلىش، بەدبەختلىكنىڭ ئالامىتى بولسا سول قولى بىلەن ئېلىشتۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ئىنشىقاق
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش