Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: بۇرۇج   ئايەت:

بۇرۇج

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
بيان قوة الله وإحاطته الشاملة، ونصرته لأوليائه، والبطش بأعدائه.
ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ ھەممىنى قورشاپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكى، ئەۋلىيالىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە دۈشمەنلىرىنى قاتتىق ئازابلايدىغانلىقىنىڭ بايانى .

وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلۡبُرُوجِ
ئاللاھ تائالا قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سەييارىلەرنىڭ ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡمَوۡعُودِ
پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى توپلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَشَاهِدٖ وَمَشۡهُودٖ
ئۆز ئۈممىتىگە گۇۋاھچى بولىدىغان پەيغەمبەرگە ئوخشاش ھەر بىر گۇۋاھچى بىلەن، ئۆز پەيغەمبىرىگە گۇۋاھچى بولىدىغان ئۈممەتكە ئوخشاش ھەر بىر گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُتِلَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡأُخۡدُودِ
زېمىندا چوڭ خەندەكلەرنى كولىغانلارغا لەنەت بولسۇن!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلنَّارِ ذَاتِ ٱلۡوَقُودِ
ئۇ ئورەكلەرگە ئوتلار يېقىلغان بولۇپ، ئۇلار مۇئمىنلەرنى تىرىك پېتى ئوت ئورەكلىرىگە تاشلايتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِذۡ هُمۡ عَلَيۡهَا قُعُودٞ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئوتقا تولغان ئاشۇ ئورەكلەرگە (تاشلانغان مۇئمىنلەرنىڭ نالە - پەريادلىرىنى) تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇشاتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَهُمۡ عَلَىٰ مَا يَفۡعَلُونَ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ شُهُودٞ
ئۇلارمۇ نەخ مەيداندا بولغاچقا ئۆزلىرنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلغان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشاتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا نَقَمُواْ مِنۡهُمۡ إِلَّآ أَن يُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَمِيدِ
بۇ كاپىرلار مۇئمىنلەرگە پەقەت ئۇلارنىڭ ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەر ئىشتا مەدھىيەگە لايىق بولغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىشقان ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ٱلَّذِينَ فَتَنُواْ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ ثُمَّ لَمۡ يَتُوبُواْ فَلَهُمۡ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمۡ عَذَابُ ٱلۡحَرِيقِ
شەكسىزكى مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى يالغۇز ئاللاھقا بولغان ئىمانىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئوت بىلەن قىينىغان، ئاندىن كېيىن گۇناھلىرىدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلمىغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ، ئۇلار دۇنيادا مۇئمىنلەرنى كۆيدۈرگەنلىكلىرىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە دوزاخنىڭ ئوتىمۇ ئۇلارنى كۆيدۈرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡكَبِيرُ
شەكسىزكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ مۇكاپات ھېچنېمە تەڭ كەلمەيدىغان كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ بَطۡشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ
ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ زالىمغا -مەلۇم مەزگىل مۆھلەت بەرگەن تەقدىردىمۇ- ئۇنى جازالاشقا ئەلۋەتتە كۈچى يېتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّهُۥ هُوَ يُبۡدِئُ وَيُعِيدُ
شەكسىزكى ئۇ يارىتىش ۋە ئازابنى دەسلەپتىمۇ يوقتىن بار قىلىدۇ ھەم قايتا قىلالايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلۡوَدُودُ
ئۇ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شەكسىزكى ئۇ تەقۋادار دوستلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ذُو ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡمَجِيدُ
ئۇ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَعَّالٞ لِّمَا يُرِيدُ
ئۇ خالىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش، خالىغان كىشىنى جازالاشتىن ئىبارەت ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلغۇچىدۇر، ئۇنى مەجبۇرلىغۇچى يوقتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلۡجُنُودِ
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا ھەقكە قارشى تۇرۇش ھەمدە باشقىلارنى ئۇنىڭدىن توسۇش ئۈچۈن توپلانغان لەشكەرلەرنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فِرۡعَوۡنَ وَثَمُودَ
يەنى پىرئەۋننىڭ ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان سەمۇدنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي تَكۡذِيبٖ
بۇلارنىڭ ئىمان ئيېتىشىغا توسالغۇ بولغان نەرسە ئۇلارغا ئىنكارچى ئۈممەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھالاكىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېتىپ كەلمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى يالغانغا چىقىرىشىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱللَّهُ مِن وَرَآئِهِم مُّحِيطُۢ
ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلۡ هُوَ قُرۡءَانٞ مَّجِيدٞ
قۇرئان ئىنكارچىلار ئېيتقاندەك شېئىر ياكى قاپىيەلىك سۆز ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فِي لَوۡحٖ مَّحۡفُوظِۭ
ئۆزگەرتىلىشتىن، بۇرمىلىنىشتىن، كەم - زىيادە قىلىنىشتىن ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• يكون ابتلاء المؤمن على قدر إيمانه.
مۇئمىننىڭ بېشىغا كېلىدىغان سىناق ئۇنىڭ ئىمانىغا قاراپ بولىدۇ.

• إيثار سلامة الإيمان على سلامة الأبدان من علامات النجاة يوم القيامة.
ئىماننىڭ ساغلام بولۇشىغا تەن ساغلاملىقتىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش قىيامەت كۈنىدە ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• التوبة بشروطها تهدم ما قبلها.
شەرتلىرى تولۇق بەجا كەلتۈرۈلۈپ قىلىنغان تەۋبە ئىلگىرىكى پۈتۈن گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: بۇرۇج
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش