قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (11) سۈرە: سۈرە پەتىھ
سَيَقُولُ لَكَ ٱلۡمُخَلَّفُونَ مِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ شَغَلَتۡنَآ أَمۡوَٰلُنَا وَأَهۡلُونَا فَٱسۡتَغۡفِرۡ لَنَاۚ يَقُولُونَ بِأَلۡسِنَتِهِم مَّا لَيۡسَ فِي قُلُوبِهِمۡۚ قُلۡ فَمَن يَمۡلِكُ لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔا إِنۡ أَرَادَ بِكُمۡ ضَرًّا أَوۡ أَرَادَ بِكُمۡ نَفۡعَۢاۚ بَلۡ كَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرَۢا
(ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغان (مۇناپىق) ئەئرابىيلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا ـ چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ (سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس (يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[11].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (11) سۈرە: سۈرە پەتىھ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى شەيىخ مۇھەممەت سالىھ تەرجىمە قىلغان.ھىجىريە 1416- يىلى پادىشاھ فەھد قۇرئان كەرىم تەرجىمە مەركىزى نەشىر قىلغان.ئىزاھات: پىكىر ئەركىنلىكى، باھالاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئەسلى تەرجىمىدىنمۇ پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىشارەت قىلىنغان بەزى ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرى رۇۋۋاد تەرجىمە مەركىزىدە توغرىلانغان.

تاقاش