Check out the new design

የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ * - የትርጉሞች ማዉጫ


የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አል ኢስራዕ   አንቀጽ:
وَإِمَّا تُعۡرِضَنَّ عَنۡهُمُ ٱبۡتِغَآءَ رَحۡمَةٖ مِّن رَّبِّكَ تَرۡجُوهَا فَقُل لَّهُمۡ قَوۡلٗا مَّيۡسُورٗا
ئەگەر سەن بېرىدىغان نەرسەڭ يوقلۇقىدىن بۇلارغا بىر نەرسە بېرەلمەي قالغان بولساڭ، ئاللاھنىڭ ساڭا رىزىق بېرىشىنى كۈتكەن ھالدا ئۇلارنىڭمۇ رىزقىنىڭ كەڭرى بولۇشىغا دۇئا قىلىش ياكى ئاللاھ ساڭا مال - دۇنيا بەرگەندە بىر نەرسە بېرىدىغانلىقىڭنى ۋەدە قىلغانغا ئۇخشاش مۇلايىم، سىپايە سۆزلەرنى قىلغىن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَا تَجۡعَلۡ يَدَكَ مَغۡلُولَةً إِلَىٰ عُنُقِكَ وَلَا تَبۡسُطۡهَا كُلَّ ٱلۡبَسۡطِ فَتَقۡعُدَ مَلُومٗا مَّحۡسُورًا
مال سەرپ قىلىشتىن بېخىللىق قىلمىغىن، سەرپ قىلىشتا چەكتىنمۇ ئاشۇرۇۋەتمىگىن. بولمىسا بېخىللىق قىلغىنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تاپا - مالامىتىگە قالىسەن، سەرپ قىلىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكىنىڭ ئۈچۈن مېلىڭ تۈگەپ قېلىپ، سەرپ قىلىدىغانغا بىر نەرسە تاپالماي قالىسەن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
إِنَّ رَبَّكَ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرَۢا بَصِيرٗا
ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ چوڭقۇر ھېكمىتى بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇلارنىڭ ئىشىدىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ھەققىدىكى ئىشىنى ئۆزى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَا تَقۡتُلُوٓاْ أَوۡلَٰدَكُمۡ خَشۡيَةَ إِمۡلَٰقٖۖ نَّحۡنُ نَرۡزُقُهُمۡ وَإِيَّاكُمۡۚ إِنَّ قَتۡلَهُمۡ كَانَ خِطۡـٔٗا كَبِيرٗا
پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ چىقىمى تۈپەيلىدىن كەلگۈسىدە كەمبەغەل بوپقېلىشتىن قورقۇپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار. ئۇلارغىمۇ، سىلەرگىمۇ رىزىق بېرىشكە بىز كېپىل بولىمىز. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولغۇدەك ھېچ گۇناھى يوقتۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَا تَقۡرَبُواْ ٱلزِّنَىٰٓۖ إِنَّهُۥ كَانَ فَٰحِشَةٗ وَسَآءَ سَبِيلٗا
زىناغا يېقىن يولىماڭلار، زىناغا قىزىقتۇرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار، شەكسىزكى ئۇ ئىنتايىن قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر. چۈنكى بۇ ئىش نەسەبلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَا تَقۡتُلُواْ ٱلنَّفۡسَ ٱلَّتِي حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۗ وَمَن قُتِلَ مَظۡلُومٗا فَقَدۡ جَعَلۡنَا لِوَلِيِّهِۦ سُلۡطَٰنٗا فَلَا يُسۡرِف فِّي ٱلۡقَتۡلِۖ إِنَّهُۥ كَانَ مَنصُورٗا
ئىمان ئېيتقانلىقى ياكى ئامانلىق بېرىلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئاللاھ قېنىنى تۆكۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرمەڭلار. لېكىن مۇرتەدلىك ياكى توي قىلغان تۇرۇپ زىنا قىلىش ۋە ياكى قىساس تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. كىمكى ئۆلۈمگە لايىق بىرەر سەۋەبسىزلا ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بىرىنى ئۇنىڭ قاتىلى ئۈستىدىن دەۋاگەر قىلىمىز. بۇ چاغدا ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن تۇغقىنىنىڭ قىساسىنى تەلەپ قىلسىمۇ، ھېچ نەرسە ئالماي ئەپۇ قىلسىمۇ ياكى دىيەت ئېلىپ، قىساسنى كەچۈرۈم قىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمما قاتىلنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش ياكى قاتىلنى ئۆزىنىڭ تۇغقىنىنى ئۆلتۈرگەن ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇل بىلەن ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى قاتىلدىن باشقا بىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. شەكسىزكى ئۇ قوللاشقا ئېرىشىدۇ ھەم ياردەم بېرىلىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَا تَقۡرَبُواْ مَالَ ٱلۡيَتِيمِ إِلَّا بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ حَتَّىٰ يَبۡلُغَ أَشُدَّهُۥۚ وَأَوۡفُواْ بِٱلۡعَهۡدِۖ إِنَّ ٱلۡعَهۡدَ كَانَ مَسۡـُٔولٗا
ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىملارنىڭ مال - مۈلكىنى تاكى ئۇ ئەقلىنى تېپىپ، ئۆز يولىنى تېپىپ ماڭالىغۇدەك بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ مېلىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇنىڭغا پايدىلىق شەكىلدە تەسەررۇپ قىلىڭلار. ئاللاھ بىلەن ۋە باشقا بەندىلەر بىلەن ئاراڭلاردىكى ئەھدىنى بۇزماستىن ۋە كەم قىلماستىن ئورۇنداڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئەھدە قىلغۇچىدىن سورايدۇ: ئەگەر ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان بولسا ساۋاب بېرىدۇ، ۋاپا قىلمىغان بولسا جازالايدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَأَوۡفُواْ ٱلۡكَيۡلَ إِذَا كِلۡتُمۡ وَزِنُواْ بِٱلۡقِسۡطَاسِ ٱلۡمُسۡتَقِيمِۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ وَأَحۡسَنُ تَأۡوِيلٗا
باشقىلارغا بىر نەرسە ئۆلچەپ بەرگەندە كەمچىنى تولۇق قىلىڭلار، كەم بەرمەڭلار. ئازراقمۇ كەم قىلمايدىغان ۋە زىيان تارتقۇزمايدىغان توغرا تارازىدا تارتىڭلار. ئۆلچەم ۋە تارازىدا تولۇق بېرىش، كەم قىلىپ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالغاندىن بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر ۋە ئاقىۋىتى گۈزەلدۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَا تَقۡفُ مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٌۚ إِنَّ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡبَصَرَ وَٱلۡفُؤَادَ كُلُّ أُوْلَٰٓئِكَ كَانَ عَنۡهُ مَسۡـُٔولٗا
ئەي ئادەمزات! ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان ئىشتا گۇمان ۋە پەرەز بويىچە ئىش قىلما. شەكسىزكى ئىنسان قۇلىقى، كۆزى ۋە يۈرىكىنى ئىشقا سالالايدىغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلار ھەققىدە سوراققا تارتىلىدۇ. ئاندىن ياخشىلىققا قارىتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يامانلىققا قارىتا جازاغا تارتىلىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَا تَمۡشِ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَرَحًاۖ إِنَّكَ لَن تَخۡرِقَ ٱلۡأَرۡضَ وَلَن تَبۡلُغَ ٱلۡجِبَالَ طُولٗا
زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەغرۇرانە يۈرمىگىن. چۈنكى ھەر قانچە ھاكاۋۇرلۇق قىلساڭمۇ، ئايىغىڭ بىلەن زېمىننى تېشىۋېتەلمەيسەن، ھەر قانچە گىدەيسەڭمۇ ئېگىزلىكتە ۋە ئۈستۈنلۈكتە تاغلارغا يېتەلمەيسەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، يەنە نېمىشقا تەكەببۇرلۇق قىلىسەن؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
كُلُّ ذَٰلِكَ كَانَ سَيِّئُهُۥ عِندَ رَبِّكَ مَكۡرُوهٗا
ئەي ئىنسان! يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە يامان ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردۇر، ئۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىدىن ئاللاھ رازى بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا غەزەبلىنىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• الأدب الرفيع هو رد ذوي القربى بلطف، ووعدهم وعدًا جميلًا بالصلة عند اليسر، والاعتذار إليهم بما هو مقبول.
ئەڭ بۈيۈك ئەدەب يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ئىقتىسادقا ئېرىشكەن چاغدا سىلە - رەھىم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىش ھەمدە ئۇلارغا لايىقىدا ئۆزرىخاھلىق ئېيتىشتۇر.

• الله أرحم بالأولاد من والديهم؛ فنهى الوالدين أن يقتلوا أولادهم خوفًا من الفقر والإملاق وتكفل برزق الجميع.
ئاللاھ تائالا بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىنمۇ بەكرەك مېھرىباندۇر. شۇڭا ئۇ ئاتا - ئانىلارنى نامراتلىق ۋە يوقسۇللۇقتىن قورقۇپ پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلىدى ھەمدە ھەممەيلەننىڭ رىزقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

• في الآيات دليل على أن الحق في القتل للولي، فلا يُقْتَص إلا بإذنه، وإن عفا سقط القصاص.
بۇ ئايەتلەردە قاتىلنى ئۆلتۈرۈش ھەققىنىڭ ۋەلىيگە ئائىت ئىكەنلىكىگە، شۇڭا ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز قىساس ئېلىنمايدىغانلىقىغا، ئەگەر ئۇ ئەپۇ قىلىۋەتسە قىساس ساقىت بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار.

• من لطف الله ورحمته باليتيم أن أمر أولياءه بحفظه وحفظ ماله وإصلاحه وتنميته حتى يبلغ أشده.
ئاللاھنىڭ يېتىملەرگە بولغان مېھرىبانلىقى ۋە رەھمىتىدىن ئۇلارنىڭ ۋەلىيلىرىنى ئۇنى ۋە مال - مۈلكىنى قوغداشقا، ئۇ تاكى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ مېلىنى پايدىلىق رەۋىشتە تەسەررۇپ قىلىشقا بۇيرۇغان.

 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አል ኢስራዕ
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ - የትርጉሞች ማዉጫ

ከቁርአን ተፍሲር ጥናት ማዕከል የተገኘ

መዝጋት