Check out the new design

የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ * - የትርጉሞች ማዉጫ


የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አር ሩም   አንቀጽ:
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَلِقَآيِٕ ٱلۡأٓخِرَةِ فَأُوْلَٰٓئِكَ فِي ٱلۡعَذَابِ مُحۡضَرُونَ
ئاللاھقا كاپىر بولغان، پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ھەمدە ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ۋە ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغان، ئاندىن ئازابتىن قۇتۇلالمايدىغانلاردۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ حِينَ تُمۡسُونَ وَحِينَ تُصۡبِحُونَ
كەچ ۋاقتىدا، يەنى شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار، شۇنداقلا ئەتىگەندە، يەنى بامدات ناماز ۋاقتىدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَعَشِيّٗا وَحِينَ تُظۡهِرُونَ
بارلىق ھەمدۇسانالار يالغۇز ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇنىڭغا ئاسمانلاردا پەرىشتىلىرى، زېمىندا پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرى ھەمدۇسانا ئېيتىپ تۇرىدۇ. سىلەر كەچ ۋاقتىدا، يەنى ئەسىر ناماز ۋاقتىدا ھەم چۈش ۋاقتىدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
يُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَيُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتَ مِنَ ٱلۡحَيِّ وَيُحۡيِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَاۚ وَكَذَٰلِكَ تُخۡرَجُونَ
ئاللاھ تائالا جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىدۇكى، بۇنىڭ مىسالى، ئىنساننى ئابى مەنىيدىن، چۈجىنى تۇخۇمدىن چىقارغانلىقىدۇر. جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىدۇكى، بۇنىڭ مىسالى، ئابى مەنىينى ئىنساندىن، تۇخۇمنى توخۇدىن چىقارغانلىقىدۇر. زېمىننى قۇرۇپ كەتكىنىدىن كېيىن يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق جانلاندۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەرمۇ ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قەبرەڭلاردىن چىقىرىلىسىلەر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنۡ خَلَقَكُم مِّن تُرَابٖ ثُمَّ إِذَآ أَنتُم بَشَرٞ تَنتَشِرُونَ
ئەي ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ئاتاڭلارنى لايدىن يارىتىش ئارقىلىق سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە يەككە - يېگانلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇركى، ئاندىن سىلەر نەسىل قالدۇرۇش ئارقىلىق كۆپىيىدىغان، يەر يۈزىنىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىگە تارقالغان ئىنسان بولدۇڭلار.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنۡ خَلَقَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا لِّتَسۡكُنُوٓاْ إِلَيۡهَا وَجَعَلَ بَيۡنَكُم مَّوَدَّةٗ وَرَحۡمَةًۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ
ئەي ئەرلەر! ئەنە شۇنىڭدەك، ئاراڭلاردىكى ئوخشاشلىق تۈپەيلىدىن كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئاياللىرىڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن يارىتىپ بەرگەنلىكى ھەمدە ئاراڭلاردا مېھىر - مۇھەببەت پەيدا قىلغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەردىندۇر. ھەقىقەتەن بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن دەلىل - پاكىتلار بار، چۈنكى ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشقا سېلىپ پايدىلىنالايدىغانلاردۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ خَلۡقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفُ أَلۡسِنَتِكُمۡ وَأَلۡوَٰنِكُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡعَٰلِمِينَ
ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنى ۋە رەڭلىرىڭلارنى خىلمۇخىل قىلغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ھەقىقەتەن بۇلاردا ئىلىم ۋە پاراسەت ئىگىلىرى ئۈچۈن دەلىل - پاكىتلار بار.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ مَنَامُكُم بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَٱبۡتِغَآؤُكُم مِّن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَسۡمَعُونَ
ئىشلەپ چارچىغانلىقتىن ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىدە ھەم كۈندۈزدە ئۇخلىشىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن رىزىق تەلەپ قىلىپ كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىشىڭلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ھەقىقەتەن بۇلاردا ئويلىنىپ، قوبۇل قىلىش مەقسىتىدە ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن دەلىل - پاكىتلار بار.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ يُرِيكُمُ ٱلۡبَرۡقَ خَوۡفٗا وَطَمَعٗا وَيُنَزِّلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَيُحۡيِۦ بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَآۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاسماندا چاقماقنى كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن گۈلدۈرمامىدىن قورقۇش، يەنە بىر تەرەپتىن يامغۇر يېغىشىغا بولغان ئۈمىدنى پەيدا قىلغانلىقى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق قاقاس زېمىننى جانلاندۇرغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن دەلىل - پاكىتلار باركى، بۇلار ئۇ مۆجىزىلەرنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلىشكە دەلىل قىلىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• إعمار العبد أوقاته بالصلاة والتسبيح علامة على حسن العاقبة.
بەندىنىڭ ۋاقىتلىرىنى ناماز ۋە تەسبىھ بىلەن ئۈتكۈزۈشى گۈزەل نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

• الاستدلال على البعث بتجدد الحياة، حيث يخلق الله الحي من الميت والميت من الحي.
ئاللاھنىڭ جانلىقنى جانسىزدىن، جانسىزنى جانلىقتىن يارىتىشى بىلەن ھاياتلىقنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە دەلىلدۇر.

• آيات الله في الأنفس والآفاق لا يستفيد منها إلا من يُعمِل وسائل إدراكه الحسية والمعنوية التي أنعم الله بها عليه.
ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدە ۋە ئەتراپى ئالەمدە ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى بار بولۇپ، بۇلاردىن پەقەت ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋىي ئەقىل - ئىدراك ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سالالىغانلارلا پايدىلىنالايدۇ.

 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አር ሩም
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ - የትርጉሞች ማዉጫ

ከቁርአን ተፍሲር ጥናት ማዕከል የተገኘ

መዝጋት