Check out the new design

የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ * - የትርጉሞች ማዉጫ


የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: ጋፊር   አንቀጽ:
وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ ذَرُونِيٓ أَقۡتُلۡ مُوسَىٰ وَلۡيَدۡعُ رَبَّهُۥٓۖ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يُبَدِّلَ دِينَكُمۡ أَوۡ أَن يُظۡهِرَ فِي ٱلۡأَرۡضِ ٱلۡفَسَادَ
پىرئەۋن ئېيتتى: ماڭا يول قويۇڭلار، مەن مۇسانى جازالاش يۈزىسىدىن ئۆلتۈرىمەن. ئۇ ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنى چاقىرىپ باقسۇن. مەن ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىنى چاقىرىشىغا پەرۋا قىلمايمەن. مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى يەر يۈزىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە خانىۋەيرانچىلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِنِّي عُذۡتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُم مِّن كُلِّ مُتَكَبِّرٖ لَّا يُؤۡمِنُ بِيَوۡمِ ٱلۡحِسَابِ
مۇسا پىرئەۋننىڭ تەھدىت سالغانلىقىنى ئۇقۇپ: ھەقىقەتەن مەن ھەقتىن ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتىدىغان، قىيامەت كۈنىگە ۋە ئۇ كۈندىكى ھېساب ھەم جازا - مۇكاپاتلارغا ئىشەنمەيدىغان ھەر قانداق چوڭچىدىن ئۆزۈمنىڭ ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارغا سىغىنىپ، پاناھلىق تىلەيمەن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَقَالَ رَجُلٞ مُّؤۡمِنٞ مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَكۡتُمُ إِيمَٰنَهُۥٓ أَتَقۡتُلُونَ رَجُلًا أَن يَقُولَ رَبِّيَ ٱللَّهُ وَقَدۡ جَآءَكُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ مِن رَّبِّكُمۡۖ وَإِن يَكُ كَٰذِبٗا فَعَلَيۡهِ كَذِبُهُۥۖ وَإِن يَكُ صَادِقٗا يُصِبۡكُم بَعۡضُ ٱلَّذِي يَعِدُكُمۡۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي مَنۡ هُوَ مُسۡرِفٞ كَذَّابٞ
پىرئەۋن خانىدانىغا تەۋە، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئەمما ئۆز قەۋمىدىن ئىمانىنى يوشۇرىدىغان مۇئمىن بىر كىشى ئېيتتى: رەببىم ئاللاھ، دېيىشتىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان ئادەمنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇ سىلەرگە ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلدى. ناۋادا ئۇ يالغانچى بوپقالسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە. ئەگەر راست ئېيتقان بولسا، سىلەرگە ئۇ ۋەدە قىلىۋاتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى تېزلا كېلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەلگىلىمىلىرىدىن ئېشىپ، ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە يالغاننى توقۇغانلارنى ھەقكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
يَٰقَوۡمِ لَكُمُ ٱلۡمُلۡكُ ٱلۡيَوۡمَ ظَٰهِرِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَمَن يَنصُرُنَا مِنۢ بَأۡسِ ٱللَّهِ إِن جَآءَنَاۚ قَالَ فِرۡعَوۡنُ مَآ أُرِيكُمۡ إِلَّا مَآ أَرَىٰ وَمَآ أَهۡدِيكُمۡ إِلَّا سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ
ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولغاچقا مىسىر زېمىنىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە سىلەر. ناۋادا مۇسانى ئۆلتۈرگەنلىك سەۋەبتىن بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىپ قالسا، بىزگە كىم ياردەم بېرەلەيدۇ؟ پىرئەۋن: (بارچە ئىشلار) پەقەت مېنىڭ قارارىم ۋە ھۆكمىم بويىچە بولىدۇ. مەن يامانلىق ھەم بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇسانى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلدىم. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغىلا باشلايمەن، دېدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَقَالَ ٱلَّذِيٓ ءَامَنَ يَٰقَوۡمِ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُم مِّثۡلَ يَوۡمِ ٱلۡأَحۡزَابِ
مۇئمىن كىشى قەۋمىگە نەسىھەت قىلىپ: ( ناۋادا مۇسانى چەكتىن ئېشىپ، ناھەق ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولساڭلار) مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە شۇنداق بىر ئازابنىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرەيمەنكى، بۇ ئازاب ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدىن پەيغەمبەرلىرىگە قارشى توپلانغان، ئاندىن ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشىغا ئۇچرىغان گۇرۇھلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشايدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
مِثۡلَ دَأۡبِ قَوۡمِ نُوحٖ وَعَادٖ وَثَمُودَ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡۚ وَمَا ٱللَّهُ يُرِيدُ ظُلۡمٗا لِّلۡعِبَادِ
(بۇنداق ھالاكەتكە ئۇچراش) نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋمى ھەمدە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەرگە ئوخشاش كاپىر بولۇپ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىمۇ كاپىر بولۇپ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلغان ئىدى. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ. پەقەتلا ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلايدۇكى، (بۇ ئازاب ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا) لايىق جازادۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَيَٰقَوۡمِ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ يَوۡمَ ٱلتَّنَادِ
ئى قەۋمىم! ھەقىقەتەن مەن سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇ شۇنداق بىر كۈنكى، ئۇ كۈندە كىشىلەر ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ياكى يۈز - ئابرۇي مۇشۇ قورقۇنچلۇق مەيداندا ئەسقېتىپ قالارمىكى دەپ ئويلاپ بىر - بىرىنى چاقىرىشىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
يَوۡمَ تُوَلُّونَ مُدۡبِرِينَ مَا لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنۡ عَاصِمٖۗ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنۡ هَادٖ
ئۇ كۈندە سىلەر دوزاختىن قورقۇپ ئارقاڭلارغا قاچىسىلەر؟ ئەمما سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالايدىغان ھېچ نەرسە يوق. ئاللاھ كىمنى خار قىلىپ، ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلمايدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى ھېچكىم بولمايدۇ. چۈنكى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىش يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• لجوء المؤمن إلى ربه ليحميه من كيد أعدائه.
مۇئمىن دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيىقەستىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلىدۇ.

• جواز كتم الإيمان للمصلحة الراجحة أو لدرء المفسدة.
ئېنىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش ياكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىماننى يوشۇرۇشقا بولىدۇ.

• تقديم النصح للناس من صفات أهل الإيمان.
باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش مۇئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: ጋፊር
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ - የትርጉሞች ማዉጫ

ከቁርአን ተፍሲር ጥናት ማዕከል የተገኘ

መዝጋት