የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - የትርጉሞች ማዉጫ


የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: ሱረቱ አል ሐዲድ   አንቀጽ:

سۈرە ھەدىد

ከመዕራፉ ዓላማዎች:
الترقي بالنفوس للإيمان والإنفاق في سبيل الله.
نەپسىنى ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئاللاھ يولىدا ئىنپاق قىلىش بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش.

سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرى ئاللاھنى پاك ھەم مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلدى. ئاللاھ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىب، يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى زاتتۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرۈشنى خالىغان كىشىنى تىرىلدۈرىدۇ، جېنىنى ئېلىشنى خالىغان كىشىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇركى، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
هُوَ ٱلۡأَوَّلُ وَٱلۡأٓخِرُ وَٱلظَّٰهِرُ وَٱلۡبَاطِنُۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ ئۆزىدىن ئىلگىرى ھېچنەرسە بولمىغان ئىبتىداسىز، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچنەرسە بولمايدىغان ئىنتىھاسىز، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھېچنەرسە بولمايدىغان ئاشكارا، ئۇنىڭ تۆۋىنىدە ھېچنەرسە بولمىغان مەخپىي زاتتۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• شدة سكرات الموت وعجز الإنسان عن دفعها.
ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئىنسان ئۇنى دەپئى قىلىشتىن ئاجىزدۇر.

• الأصل أن البشر لا يرون الملائكة إلا إن أراد الله لحكمة.
ئىنسانلارنىڭ پەرىشتىلەرنى كۆرەلمەسلىكى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپ بولۇپ، ئاللاھ بىرەر ھېكمەت يۈزىسىدىن كۆرسىتىشنى خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.

• أسماء الله (الأول، الآخر، الظاهر، الباطن) تقتضي تعظيم الله ومراقبته في الأعمال الظاهرة والباطنة.
ئەلئەۋۋەل، ئەلئاخىر، ئەززاھىر ۋە ئەلباتىن قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقى ھەمدە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ يَعۡلَمُ مَا يَلِجُ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا يَخۡرُجُ مِنۡهَا وَمَا يَنزِلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا يَعۡرُجُ فِيهَاۖ وَهُوَ مَعَكُمۡ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان بولۇپ، بۇ يارىتىش يەكشەنبە كۈنى باشلىنىپ، جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقان. ئاللاھ مۇشۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندىنمۇ قىسقىراق ۋاقىت ئىچىدە يارىتىشقىمۇ ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئۇ يەرنىڭ قاتلاملىرىغا كىرىپ كېتىۋاتقان يامغۇر، ئۇرۇق ۋە باشقا نەرسىلەرنىمۇ، ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان ئۆسۈملۈكلەر، كان بايلىقلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان يامغۇر، ۋەھىي ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنىمۇ، ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقان پەرىشتىلەر، بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ۋە جانلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئەي ئىنسانلار! سىلەر قەيەردە بولۇڭلار، ئاللاھ ئۆز ئىلمى ئارقىلىق ھامان سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئۇنىڭغا سىلەردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە چوقۇم شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
لَّهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىشلار يالغۇز ئاللاھقىلا قايتىدۇ. ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى پۈتكۈل مەخلۇقاتلاردىن ھېساب ئېلىپ، ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
يُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِۚ وَهُوَ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، ئاندىن قاراڭغۇ بولىدۇ ۋە كىشىلەر ئۇخلايدۇ. كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاندىن يورۇق بولۇپ، كىشىلەر ئىشلىرىغا ماڭىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ دىللىرىدىكىنىمۇ بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ءَامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَأَنفِقُواْ مِمَّا جَعَلَكُم مُّسۡتَخۡلَفِينَ فِيهِۖ فَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡ وَأَنفَقُواْ لَهُمۡ أَجۡرٞ كَبِيرٞ
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئىگە قىلغان مال - مۈلۈكلەردىن شەرىئەتكە ئۇيغۇن رەۋىشتە سەرپ قىلىڭلار. ئاراڭلاردىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا ساۋاب باردۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَمَا لَكُمۡ لَا تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلرَّسُولُ يَدۡعُوكُمۡ لِتُؤۡمِنُواْ بِرَبِّكُمۡ وَقَدۡ أَخَذَ مِيثَٰقَكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
سىلەرنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشىڭلارغا نېمە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ؟ ھالبۇكى پەيغەمبەر سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ سىلەرنى ئاللاھقا چاقىرىۋاتىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئاتىلىرىڭلارنىڭ پۇشتىدىن چىقارغان چاغدا ئۆزىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار توغرىسىدا ئەھدە ئالغان ئىدىغۇ. ئەگە سىلەر مۇئمىن بولىدىغان بولساڭلار (ئىمانغا ئالدىراڭلار).
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
هُوَ ٱلَّذِي يُنَزِّلُ عَلَىٰ عَبۡدِهِۦٓ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖ لِّيُخۡرِجَكُم مِّنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ بِكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ
ئاللاھ سىلەرنى كۇپرى ۋە نادانلىقنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئىمان ۋە ئىلىمنىڭ نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە مەرھەمەتلىك ھەم رەھىمدىل بولۇپ، ئۇ سىلەرگە پەيغەمبىرىنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى ۋە خۇشبېشارەت بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتتى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَمَا لَكُمۡ أَلَّا تُنفِقُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلِلَّهِ مِيرَٰثُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ لَا يَسۡتَوِي مِنكُم مَّنۡ أَنفَقَ مِن قَبۡلِ ٱلۡفَتۡحِ وَقَٰتَلَۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَعۡظَمُ دَرَجَةٗ مِّنَ ٱلَّذِينَ أَنفَقُواْ مِنۢ بَعۡدُ وَقَٰتَلُواْۚ وَكُلّٗا وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشىڭلارغا نېمە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ؟ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئەي مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ مەككە پەتھى بولۇشتىن بۇرۇن ئاللاھ يولىدا مېلىنى سەرپ قىلىپ، ئىسلامنىڭ نۇسرەت قازىنىشى ئۈچۈن كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلغانلار بىلەن مەككىنىڭ پەتھىسىدىن كېيىن ماللىرىنى سەرپ قىلىپ، كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلغانلار باراۋەر بولمايدۇ. مەككە پەتھىسىدىن بۇرۇن ماللىرىنى سەرپ قىلغان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى دەرىجە ۋە مەرتىۋىسى مەككە پەتھىسىدىن كېيىن ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىپ، كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلغانلاردىن كاتتا ھەم ئۈستۈنراقتۇر. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ ھەر ئىككىلىسىگە جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
مَّن ذَا ٱلَّذِي يُقۡرِضُ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗا فَيُضَٰعِفَهُۥ لَهُۥ وَلَهُۥٓ أَجۡرٞ كَرِيمٞ
كىمكى رازىمەنلىك بىلەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن مال - مۈلكىنى سەرپ قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مال سەرپ قىلغاننىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا جەننەتتىن ئىبارەت ئېسىل مۇكاپات بار.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• المال مال الله، والإنسان مُسْتَخْلَف فيه.
مال ئاللاھنىڭ مېلىدۇر، ئىنسان پەقەت ئۇنى ۋاقىتلىق تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر.

• تفاوت درجات المؤمنين بحسب السبق إلى الإيمان وأعمال البر.
مۇئمىنلەرنىڭ دەرىجىلىرى ئۇلارنىڭ ئىمانغا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە بولغان ئىنتىلىشىگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.

• الإنفاق في سبيل الله سبب في بركة المال ونمائه.
ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىش مال - مۈلۈكنىڭ بەرىكىتى ھەم كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

يَوۡمَ تَرَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ يَسۡعَىٰ نُورُهُم بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَبِأَيۡمَٰنِهِمۖ بُشۡرَىٰكُمُ ٱلۡيَوۡمَ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
قىيامەت كۈنى مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى كۆرىسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئالدىدا ھەم ئوڭ تەرىپىدە يول باشلاپ ماڭىدۇ. ئاشۇ كۈندە ئۇلارغا دېيىلىدۇكى، بۈگۈن سىلەرگە سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ. سىلەر ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر. ئەنە شۇ مۇكاپات ھېچقانداق ئۇتۇق توغرا كەلمەيدىغان كاتتا ئۇتۇقتۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
يَوۡمَ يَقُولُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتُ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱنظُرُونَا نَقۡتَبِسۡ مِن نُّورِكُمۡ قِيلَ ٱرۡجِعُواْ وَرَآءَكُمۡ فَٱلۡتَمِسُواْ نُورٗاۖ فَضُرِبَ بَيۡنَهُم بِسُورٖ لَّهُۥ بَابُۢ بَاطِنُهُۥ فِيهِ ٱلرَّحۡمَةُ وَظَٰهِرُهُۥ مِن قِبَلِهِ ٱلۡعَذَابُ
ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر ۋە مۇناپىق ئاياللار ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە: بىزنى كۈتۈپ تۇرساڭلار. بىز سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئېلىۋالساق، بىزنىڭ سىرات كۆۋرۈڭىدىن ئۆتۈشىمىزگە ياردىمى بوپقالار ئىدى، دەيدۇ. مۇناپىقلارغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن: كەينىڭلارغا قايتىپ، (يولۇڭلارنى) يورۇتىدىغان نۇر ئىزدەپ بېقىڭلار، دېيىلىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ. ئۇ سېپىلنىڭ بىر ئىشىكى بار بولۇپ، ئىشىكنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلەرگە قىلىنىدىغان رەھمەت، سىرتىدا بولسا مۇناپىقلارغا قىلىنىدىغان ئازاب بار.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
يُنَادُونَهُمۡ أَلَمۡ نَكُن مَّعَكُمۡۖ قَالُواْ بَلَىٰ وَلَٰكِنَّكُمۡ فَتَنتُمۡ أَنفُسَكُمۡ وَتَرَبَّصۡتُمۡ وَٱرۡتَبۡتُمۡ وَغَرَّتۡكُمُ ٱلۡأَمَانِيُّ حَتَّىٰ جَآءَ أَمۡرُ ٱللَّهِ وَغَرَّكُم بِٱللَّهِ ٱلۡغَرُورُ
مۇناپىقلار مۇئمىنلەرگە نىدا قىلىپ: بىزمۇ ئىسلام ۋە تائەت - ئىبادەت ئۈستىدە سىلەر بىلەن بىرگە ئەمەسمىدۇق؟ دەيدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇلارغا: ئەلۋەتتە شۇنداق، سىلەرمۇ بىز بىلەن بىرگە ئىدىڭلار. لېكىن سىلەر مۇناپىقلىق بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئالداپ، ھالاك قىلدىڭلار، مۇئمىنلەرنىڭ مەغلۇب بولۇشىنى كۈتۈپ، كۇپرىڭلارنى ئاشكارىلىدىڭلار، ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىشىغا ۋە ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە شەك قىلدىڭلار. سىلەرنى خام خىيال ئالداپ قويدىكى، سىلەر تاكى ئۆزۈڭلارغا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر شۇ خام خىيال بىلەن ئۆتتۈڭلار. شەيتان سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابلىمايدىغانلىقى ۋە مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتسەڭلارمۇ كەچۈرۈۋېتىدىغانلىقى بىلەن ئالدىدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَٱلۡيَوۡمَ لَا يُؤۡخَذُ مِنكُمۡ فِدۡيَةٞ وَلَا مِنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ مَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُۖ هِيَ مَوۡلَىٰكُمۡۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
ئەي مۇناپىقلار! بۈگۈن سىلەردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن (قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن) فىدىيە ئېلىنمايدۇ، ئاللاھقا ئاشكارا كاپىر بولغانلاردىنمۇ فىدىيە ئېلىنمايدۇ. سىلەرنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ئاخىرى بارىدىغان جايى دوزاخ بولۇپ، دوزاخ سىلەرگە ئەڭ لايىق، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەڭ لايىقسىلەر. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
۞ أَلَمۡ يَأۡنِ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَن تَخۡشَعَ قُلُوبُهُمۡ لِذِكۡرِ ٱللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ ٱلۡحَقِّ وَلَا يَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلُ فَطَالَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَمَدُ فَقَسَتۡ قُلُوبُهُمۡۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنىڭ قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە ئاللاھ نازىل قۇلغان قۇرئاندىكى ۋەدە ۋە تەھدىتلەرگە ئىرىيدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ قەلبلەرنىڭ قاتتىقلىقىدا تەۋرات بېرىلگەن يەھۇدىيلاردەك ۋە ئىنجىل بېرىلگەن ناسارالاردەك بولماڭلار. چۈنكى ئۇلارغا ئارىدا پەيغەمبەر ئەۋەتىلمىگەن ۋاقىت بەك ئۇزۇن بوپكېتىپ، شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، گۇناھ - مەئسىيەتكە پاتقان ئىدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يُحۡيِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَاۚ قَدۡ بَيَّنَّا لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
بىلىڭلاركى، ئاللاھ تائالا چوقۇم زېمىن قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش ئارقىلىق تىرىلدۈرىدۇ. ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى ئەقلىنى ئىشلىتىپ، زېمىننى قۇرغاقلىقتىن كېيىن قايتا كۆكەرتكەن زاتنىڭ سىلەرنىمۇ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلدۈرۈشكە ھەمدە دىلىڭلار قېتىپ كەتكەندىن كېيىن يۇمشىتىشقا قادىر ئىكەنلىكنى بىلىپ قالارمىكىن دەپ سىلەرگە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە يەككە - يېگانىلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى بايان قىلدۇق.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
إِنَّ ٱلۡمُصَّدِّقِينَ وَٱلۡمُصَّدِّقَٰتِ وَأَقۡرَضُواْ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗا يُضَٰعَفُ لَهُمۡ وَلَهُمۡ أَجۡرٞ كَرِيمٞ
ھەقىقەتەن رازىمەنلىك بىلەن، مىننەت قىلماستىن ۋە سەدىقە ئالغۇچىلارغا ئازار بەرمەستىن مالسەرپ قىلىدىغان، ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئەمەللىرىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، يەنى بىر ياخشىلىق ئون ياخشىلىققا باراۋەر بولۇپ، (ھەر بىر ياخشىلققا) 700 ھەسسىگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ساۋاب بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا جەننەتتىن ئىبارەت ئېسىل مۇكاپات بار.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• امتنان الله على المؤمنين بإعطائهم نورًا يسعى أمامهم وعن أيمانهم.
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە ماڭىدىغان نۇر ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئىلتىپات قىلىدۇ.

• المعاصي والنفاق سبب للظلمة والهلاك يوم القيامة.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر ۋە مۇناپىقلىق قىيامەت كۈنى زۇلمەتتە قېلىپ، ھالاك بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

• التربُّص بالمؤمنين والشك في البعث، والانخداع بالأماني، والاغترار بالشيطان: من صفات المنافقين.
مۇئمىنلەرگە خاپىلىق كېلىشىنى كۈتۈش، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە شەك قىلىش، قۇرۇق خىياللارغا ئالدىنىش، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىش مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

• خطر الغفلة المؤدية لقسوة القلوب.
دىللارنىڭ قېتىپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدىغان غاپىللىق خەتەرلىكتۇر.

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلصِّدِّيقُونَۖ وَٱلشُّهَدَآءُ عِندَ رَبِّهِمۡ لَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ وَنُورُهُمۡۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ھېچبىرىنى ئايرىپ قويماستىن ھەممىگە ئىمان ئېيتقانلار ئىمانىدا راستچىل كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا شېھىتلىك ماقامىغا ئېرىشىدىغانلاردۇر. ئۇلارغا ئالدىن تەييارلانغان ئېسىل مۇكاپاتلار بار. ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى ئالدى ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە ماڭىدىغان نۇرى بولىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولۇپ، پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار جەھەننەم ئەھلىدۇركى، ئۇلار قىيامەت كۈنى جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا لَعِبٞ وَلَهۡوٞ وَزِينَةٞ وَتَفَاخُرُۢ بَيۡنَكُمۡ وَتَكَاثُرٞ فِي ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَوۡلَٰدِۖ كَمَثَلِ غَيۡثٍ أَعۡجَبَ ٱلۡكُفَّارَ نَبَاتُهُۥ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَىٰهُ مُصۡفَرّٗا ثُمَّ يَكُونُ حُطَٰمٗاۖ وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابٞ شَدِيدٞ وَمَغۡفِرَةٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضۡوَٰنٞۚ وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا مَتَٰعُ ٱلۡغُرُورِ
بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت جىسمانىي تاماشا قىلىدىغان، دىللار كەيىپ سۈرىدىغان ئويۇن - تاماشىدىن، ياسىنىشقىلا ئەسقاتىدىغان زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقىلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆز - كۆز قىلىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ خۇددى ئۆسۈملۈكلىرى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇزاق ئۆتمەيلا ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەر قۇرۇپ كېتىدىغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئەي ئىنسان! ئاشۇ ئۆسۈملۈكلەر يېشىللىققا پۈركەنگەندىن كېيىن ساپسېرىق بوپكەتكەنلىكىنى، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تىتما - تىتما قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاخىرەتتە كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قاتتىق ئازاب بار. ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە ئۇنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئۆتكۈنچى مەنپەئەت بولۇپ، ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. شۇڭا كىمكى ئاخىرەتنىڭ ئۈزۈلمەيدىغان نېئمىتىدىن دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىدىكەن، ئۇنداق ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
سَابِقُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا كَعَرۡضِ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ أُعِدَّتۡ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۚ ذَٰلِكَ فَضۡلُ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
ئەي ئىنسانلار! تەۋبە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزۈڭلارنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرگە بەسلىشىڭلاركى، شۇ ئارقىلىق گۇناھلىرىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە مۇۋەپپەق بولىسىلەر، كەڭلىكى ئاسمان - زېمىننىڭ كەڭلىكىچىك كېلىدىغان جەننەتكە ئېرىشىسىلەر. بۇ جەننەتنى ئاللاھ ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە تەييارلىغان بولۇپ، بۇ مۇكاپات ئاللاھ بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدىغان ئىلتىپاتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرىگە كاتتا مەرھەمەت ئىگىسىدۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
مَآ أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِيٓ أَنفُسِكُمۡ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مِّن قَبۡلِ أَن نَّبۡرَأَهَآۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
يەر يۈزىدىكى قۇرغاقچىلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق بالا - مۇسىبەت، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يەتكەن خاپىلىقلارنىڭ ھەممىسى بارچە مەخلۇقاتلار يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەندۇر. بۇنداق قىلىش ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
لِّكَيۡلَا تَأۡسَوۡاْ عَلَىٰ مَا فَاتَكُمۡ وَلَا تَفۡرَحُواْ بِمَآ ءَاتَىٰكُمۡۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخۡتَالٖ فَخُورٍ
ئەي ئىنسانلار! بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ تا قىيامەتكە قەدەر يۈز بېرىدىغان بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنى مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىن بۇرۇنلا لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈۋېتىشى) سىلەرنىڭ قولدىن كەتكەن نەرسىلەر ئۈچۈن قايغۇرۇپ، ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھەر قانداق تەكەببۇرنى ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان نېئمەتلەرنى ئىنسانلارغا كۆز - كۆز قىلىدىغانلارنى ھەرگىز ياخشى كۆرمەيدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ٱلَّذِينَ يَبۡخَلُونَ وَيَأۡمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلۡبُخۡلِۗ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ
ئۆزلىرى سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ماللارنىمۇ سەرپ قىلمايدىغان، باشقىلارنىمۇ بېخىللىققا بۇيرۇيدىغان بېخىل كىشىلەر چوقۇم زىيان تارتىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت ئۆزىگە زىيان ئۇرىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەت بولۇپ، بەندىلىرىنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىگە موھتاج بوپقالمايدۇ. ئۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا مەدھىيەلىنىشكە لايىقتۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• الزهد في الدنيا وما فيها من شهوات، والترغيب في الآخرة وما فيها من نعيم دائم يُعينان على سلوك الصراط المستقيم.
دۇنياغا ۋە ئۇنىڭ ئەيش - ئىشرەتلىرىگە بېرىلمەسلىك، ئاخىرەتكە ۋە ئۇنىڭدىكى مۇقىم نېئمەتلەرگە قىزىقىش توغرا يولدا مېڭىشقا ياردەم بېرىدۇ.

• وجوب الإيمان بالقدر.
تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش ۋاجىبتۇر.

• من فوائد الإيمان بالقدر عدم الحزن على ما فات من حظوظ الدنيا.
بۇ دۇنيالىق نېسىۋىلەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىگە قايغۇرماسلىق تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ پايدىلىرىدىن بىرىدۇر.

• البخل والأمر به خصلتان ذميمتان لا يتصف بهما المؤمن.
ئۆزىمۇ بېخىللىق قىلىپ، باشقىلارنىمۇ بېخىللىققا بۇيرۇش مۇئمىنگە ياراشمايدىغان ئىككى خىل ناچار ئىللەتتۇر.

لَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا رُسُلَنَا بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَأَنزَلۡنَا مَعَهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡمِيزَانَ لِيَقُومَ ٱلنَّاسُ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَأَنزَلۡنَا ٱلۡحَدِيدَ فِيهِ بَأۡسٞ شَدِيدٞ وَمَنَٰفِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعۡلَمَ ٱللَّهُ مَن يَنصُرُهُۥ وَرُسُلَهُۥ بِٱلۡغَيۡبِۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٞ
بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن ئەۋەتتۇق، ئۇلار بىلەن بىرگە كىتابلارنى نازىل قىلدۇق، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ ئۆلچەمنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. بىز كۈچ - قۇۋۋەت ۋاسىتىسى بولغان تۆمۈرنى چۈشۈرۈپ بەردۇقكى، ئۇنىدىن قورال - ياراقلار ياسىلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك ھۈنەر - سانائەتلىرى ئۈچۈنمۇ كۆپلىگەن پايدا - مەنپەئەتلەر بار. (مەزكۇر ئىشلار) يەنە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن ئۆزىنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ (دىنىغا) كىملەرنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان ۋە ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدىغان، ھەممىدىن غالىب زاتتۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحٗا وَإِبۡرَٰهِيمَ وَجَعَلۡنَا فِي ذُرِّيَّتِهِمَا ٱلنُّبُوَّةَ وَٱلۡكِتَٰبَۖ فَمِنۡهُم مُّهۡتَدٖۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ
بىز ھەقىقەتەن نۇھ ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاملارنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىمۇ پەيغەمبەرلىك ۋە (دەرگاھىمىزدىن) نازىل قىلىنغان كىتابلارنى قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە توغرا يول تېپىپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلەرمۇ بار. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ثُمَّ قَفَّيۡنَا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم بِرُسُلِنَا وَقَفَّيۡنَا بِعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡإِنجِيلَۖ وَجَعَلۡنَا فِي قُلُوبِ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ رَأۡفَةٗ وَرَحۡمَةٗۚ وَرَهۡبَانِيَّةً ٱبۡتَدَعُوهَا مَا كَتَبۡنَٰهَا عَلَيۡهِمۡ إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ رِضۡوَٰنِ ٱللَّهِ فَمَا رَعَوۡهَا حَقَّ رِعَايَتِهَاۖ فَـَٔاتَيۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنۡهُمۡ أَجۡرَهُمۡۖ وَكَثِيرٞ مِّنۡهُمۡ فَٰسِقُونَ
شۇنىڭدىن كېيىن بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ-ئارقا ئەۋەتتۇق. ئۇلارنى ئۈممەتلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. ئۇلاردىن كېيىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى بەردۇق. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا مېھىر - شەپقەت پەيدا قىلدۇق. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەسلىدە ئۆز-ئارا دوستانە، بىر - بىرىگە كۆيۈنىدىغان كىشىلەر ئىدى. (كېيىن) دىنلىرىدا ئاشقۇنلۇق پەيدا قىلىپ، نىكاھلىنىش ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن بەھىرلىنىشتىن ئىبارەت ئاللاھ ھالال قىلىپ بەرگەن ئىشلارنى تاشلىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇلاردىن ئۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلمىغان ئىدۇق. ئۇلار پەقەت دىندا يوق ئىشنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئىشلارنى ئۆزلىرىگە زورلاپ تاڭدى. بىز پەقەت ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. لېكىن ئۇلار (بىز بۇيرۇغاننى) قىلمىدى. ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ مۇكاپاتىنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَءَامِنُواْ بِرَسُولِهِۦ يُؤۡتِكُمۡ كِفۡلَيۡنِ مِن رَّحۡمَتِهِۦ وَيَجۡعَل لَّكُمۡ نُورٗا تَمۡشُونَ بِهِۦ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئاللاھ ئۆزلىرىگە يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلاركى، ئۇ سىلەرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ۋە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن ئىككى ھەسسە ساۋاب - مۇكاپات بېرىدۇ. سىلەرگە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە يولباشچى قىلىشىڭلار ئۈچۈن نۇر ئاتا قىلىدۇ. قىيامەت كۈنىدىمۇ شۇ نۇر بىلەن يورۇقلۇققا ئېرىشىسىلەر. ئاللاھ تائالا گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىپ، ئەيىبلىرىڭلارنى يۆگەيدۇ ۋە سىلەرنى گۇناھلىرىڭلارغا قارىتا جازاغا تارتمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
لِّئَلَّا يَعۡلَمَ أَهۡلُ ٱلۡكِتَٰبِ أَلَّا يَقۡدِرُونَ عَلَىٰ شَيۡءٖ مِّن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱلۡفَضۡلَ بِيَدِ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
ئەي مۇئمىنلەر! ھەقىقەتەن بىز سىلەرگە ھەسسىلەپ بېرىلىدىغان ساۋاب - مۇكاپاتلاردىن ئىبارەت ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان كاتتا ئىلتىپاتنى ئۇقتۇردۇقكى، يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ئىبارەت ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ پەزل - مەرھەمىتىدىن ھېچ نەرسىگە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى خالىغان كىشىلەرگە بېرىپ، خالىغان كىشىلەردىن چەكلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلسۇن ئۈچۈن، پەزل - مەرھەمەتنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلسۇن ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ساھىبىدۇركى، ئۇنى بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان كىشىگە بېرىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• الحق لا بد له من قوة تحميه وتنشره.
ھەقىقەتنىڭ ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە تارقىتىدىغان كۈچى بولۇشى زۆرۈر.

• بيان مكانة العدل في الشرائع السماوية.
ساماۋى شەرىئەتلەردە ئادالەتنىڭ ئورنى ئىنتايىن يۇقىرىدۇر.

• صلة النسب بأهل الإيمان والصلاح لا تُغْنِي شيئًا عن الإنسان ما لم يكن هو مؤمنًا.
ئىنسان ئەگەر مۇئمىن بولمىسا، ئۇنىڭ ئەھلى ئىمان، سالىھ كىشىلەر بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ھېچنىمىگە ئەسقەتمايدۇ.

• بيان تحريم الابتداع في الدين.
دىندا يوق ئىشنى پەيدا قىلىش ھارامدۇر.

 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: ሱረቱ አል ሐዲድ
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - የትርጉሞች ማዉጫ

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

መዝጋት