Check out the new design

የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ * - የትርጉሞች ማዉጫ


የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አል ሙርሰላት   አንቀጽ:

مۇرسەلات

ከመዕራፉ ዓላማዎች:
الوعيد للمكذبين بالويل يوم القيامة.
قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا دەرتلىك ئازاب ۋەدە قىلىندى .

وَٱلۡمُرۡسَلَٰتِ عُرۡفٗا
ئاللاھ تائالا ئاتنىڭ يالىسىدەك توختىماي (لەرزان چىقىپ تۇرىدىغان) شاماللار بىلەن قەسەم قىلدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَٱلۡعَٰصِفَٰتِ عَصۡفٗا
ھەممە نەرسىنى ئۇچۇرۇپ قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەم قىلدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَٱلنَّٰشِرَٰتِ نَشۡرٗا
يامغۇرنى تارىتىدىغان شاماللار بىلەن قەسەم قىلدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَٱلۡفَٰرِقَٰتِ فَرۡقٗا
ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئۈچۈن چۈشكەن پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَٱلۡمُلۡقِيَٰتِ ذِكۡرًا
ئاللاھ بەندىلەرگە ئۆزرە قالدۇرماسلىق ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي ئېلىپ چۈشىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
عُذۡرًا أَوۡ نُذۡرًا
ئاللاھ بەندىلەرگە ئۆزرە قالدۇرماسلىق ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي ئېلىپ چۈشىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَٰقِعٞ
ھەقىقەتەن ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات قاتارلىق سىلەر ۋەدە قىلىنىۋاتقان ئىشلار شەكسىز يۈز بېرىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَإِذَا ٱلنُّجُومُ طُمِسَتۡ
يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلۈپ، يورۇقلۇقى يوقالغان چاغدا،
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ فُرِجَتۡ
،پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَإِذَا ٱلۡجِبَالُ نُسِفَتۡ
تاغلار ئورۇنلىرىدىن يۇلۇنۇپ، تىتىلىپ توزانغا ئايلانغان چاغدا،
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَإِذَا ٱلرُّسُلُ أُقِّتَتۡ
پەيغەمبەرلەر بېكىتىلگەن ۋاقىت ئۈچۈن توپلانغان چاغدا،
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
لِأَيِّ يَوۡمٍ أُجِّلَتۡ
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىگە گۇۋاھ بولۇشى ئۈچۈن كاتتا كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
لِيَوۡمِ ٱلۡفَصۡلِ
يەنى بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى. ئۇ كۈندە ھەقىقەت باتىلدىن، بەختلىك بەختسىزدىن ئايرىلىدۇ.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلۡفَصۡلِ
ئى پەيغەمبەر! ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۈننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
أَلَمۡ نُهۡلِكِ ٱلۡأَوَّلِينَ
بىز ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ثُمَّ نُتۡبِعُهُمُ ٱلۡأٓخِرِينَ
ئاندىن كېيىنكىلەردىن ئۇلارغا ئەگەشكەن ئىنكارچىلارنىمۇ خۇددى ئاشۇلارنى ھالاك قىلغىنىمىزدەك ھالاك قىلدۇق.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
كَذَٰلِكَ نَفۡعَلُ بِٱلۡمُجۡرِمِينَ
مەزكۇر ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانغا ئوخشاش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى گۇناھكارلارنىمۇ ھالاك قىلىمىز.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئۇ كۈندە ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ گۇناھكارلارنى ئازاب بىلەن تەھدىت سېلىشىنى ئىنكار قىلغانلارغا بولسۇن.
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• خطر التعلق بالدنيا ونسيان الآخرة.
دۇنياغا بېرىلىپ، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قېلىش خەتەرلىكتۇر.

• مشيئة العبد تابعة لمشيئة الله.
بەندىنىڭ خاھىشى ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر.

• إهلاك الأمم المكذبة سُنَّة إلهية.
ئىنكارچىلارنى ھالاك قىلىش ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አል ሙርሰላት
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ - የትርጉሞች ማዉጫ

ከቁርአን ተፍሲር ጥናት ማዕከል የተገኘ

መዝጋት