Check out the new design

የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የኡይጉርኛ ትርጉም - በመሐመድ ሳሊሕ * - የትርጉሞች ማዉጫ

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አል-በቀራህ   አንቀጽ:
لَّا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغۡوِ فِيٓ أَيۡمَٰنِكُمۡ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا كَسَبَتۡ قُلُوبُكُمۡۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٞ
مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[225].
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
لِّلَّذِينَ يُؤۡلُونَ مِن نِّسَآئِهِمۡ تَرَبُّصُ أَرۡبَعَةِ أَشۡهُرٖۖ فَإِن فَآءُو فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشىلەر تۆت ئاي كۈتىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار (بۇ مۇددەت ئىچىدە ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلىشقا) قايتسا، (ئاياللىرىغا يامانلىق قىلغان گۇناھىنى) ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ناھايىتى مېھرىباندۇر[226].
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَإِنۡ عَزَمُواْ ٱلطَّلَٰقَ فَإِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىش نىيىتىگە كەلسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[227].
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
وَٱلۡمُطَلَّقَٰتُ يَتَرَبَّصۡنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَٰثَةَ قُرُوٓءٖۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَن يَكۡتُمۡنَ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِيٓ أَرۡحَامِهِنَّ إِن كُنَّ يُؤۡمِنَّ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَٰلِكَ إِنۡ أَرَادُوٓاْ إِصۡلَٰحٗاۚ وَلَهُنَّ مِثۡلُ ٱلَّذِي عَلَيۡهِنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيۡهِنَّ دَرَجَةٞۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بەچچىدانلىرىدىكى ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى (يەنى بالىنى ياكى ھەيزنى) يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە (باشقىلارغا قارىغاندا) ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[228].
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
ٱلطَّلَٰقُ مَرَّتَانِۖ فَإِمۡسَاكُۢ بِمَعۡرُوفٍ أَوۡ تَسۡرِيحُۢ بِإِحۡسَٰنٖۗ وَلَا يَحِلُّ لَكُمۡ أَن تَأۡخُذُواْ مِمَّآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ شَيۡـًٔا إِلَّآ أَن يَخَافَآ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِۖ فَإِنۡ خِفۡتُمۡ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَا فِيمَا ٱفۡتَدَتۡ بِهِۦۗ تِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلَا تَعۡتَدُوهَاۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ ٱللَّهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
(قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش ياكى ياخشىلىق بىلەن (زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي) قويۇۋېتىش لازىم، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى (يەنى ياخشى ئۆتەلمەسلىك، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەر ـ خوتۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى) بولمىسىلا، ئۆزەڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى ئۈچۈن) بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلار (يەنى ئەر ـ ئايال) نىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەر ـ خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر[229].
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُۥ مِنۢ بَعۡدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوۡجًا غَيۡرَهُۥۗ فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَآ أَن يَتَرَاجَعَآ إِن ظَنَّآ أَن يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِۗ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
ئەگەر (ئەر) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) (ئۈچىنچى قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن) باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ. كېيىنكى ئەر ئۇنى تالاق قىلغاندىن كېيىن (ئىددىتىنى توشقۇزۇپ)، بۇرۇنقى ئەر بىلەن قايتا ياراشسا، ئۈلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىنى (يەنى قايتا ياراشقاندىن كېيىن ياخشى ئۆتەلەيدىغانلىقىنى) تەسەۋۋۇر قىلسا، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇركى، ئاللاھ ئۇنى بىلىدىغان (يەنى ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە پەمى يېتىدىغان) قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ[230].
የአረብኛ ቁርኣን ማብራሪያ:
 
የይዘት ትርጉም ምዕራፍ: አል-በቀራህ
የምዕራፎች ማውጫ የገፅ ቁጥር
 
የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የኡይጉርኛ ትርጉም - በመሐመድ ሳሊሕ - የትርጉሞች ማዉጫ

በሸይኽ ሙሐመድ ሷሊሕ ተተርጉሞ በሩዋድ የትርጉም ማዕከል ቁጥጥር ስር ማሻሻያ የተደረገበት ፤ አስተያየትና ሃሳቦን ሰጥተው በዘለቄታው እንዲሻሻል መሰረታዊ ትርጉሙን ማየት ይችላሉ

መዝጋት