ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - فهرس التراجم


ترجمة معاني سورة: الفاتحة   آية:

سورة الفاتحة - سۈرە پاتىھە

من مقاصد السورة:
تحقيق العبودية الخالصة لله تعالى.
ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خالىس بەندىچىلىكنى روياپقا چېقىرىش.

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش بىلەن بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرئان كەرىم ئوقۇشنى باشلايمەن، بىسمىللاھ دېگەن سۆز ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن ئۈچنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولۇپ ئۇلار:1 -«ئاللاھ»يەنى ھەقىقى مەبۇد ئاللاھ بولۇپ، بۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىسمى بولۇپ، ئاللاھنىڭ غەيرى بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالمايدۇ. 2-«ئەررەھمان»يەنى: چەكسىز رەھمەت ئىگىسى، ئۆز زاتىدىمۇ رەھمەت قىلغۇچىدۇر. 3-«ئەررەھىم»يەنى دائىمىي رەھمەت قىلغۇچى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رەھمىتى بىلەن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رەھىم قىلىدۇ، مۆئمىنلارمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
التفاسير العربية:
ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
مۇكەممەل، يۈكسەك سۈپەتلەردىن بولغان مەدھىيىلەرنىڭ تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى يالغۇز ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئۇ ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى، ياراتقۇچىسى ۋە تەدبىر قىلغۇچىسىدۇر. ئالەمۇن دېگەن؛ ئالەم دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، ئۇلار ئاللاھدىن باشقا ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
التفاسير العربية:
ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ئىلگىرىكى ئايەتتە ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھ تائالانى مەدھىيلەش باردۇر.
التفاسير العربية:
مَٰلِكِ يَوۡمِ ٱلدِّينِ
ئۇلۇغلۇق ئاللاھ ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر، قىيامەت كۈنىدە بىر كىشى يەنە بىر كىشى ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. قىيامەت كۈنى: ھېساب ۋە جازا كۈنىدۇر.
التفاسير العربية:
إِيَّاكَ نَعۡبُدُ وَإِيَّاكَ نَسۡتَعِينُ
تائەت-ئىبادەتنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى يالغۇز ساڭىلا قىلىمىز، ساڭا سېنىڭ غەيرىڭنى شېرىك قىلمايمىز، بارلىق ئىشلىرىمىزدا پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدا، سەندىن باشقا ياردەم بەرگۈچى يوق.
التفاسير العربية:
ٱهۡدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ
بىزنى توغرا يولغا يېتەكلىگىن، بىزنى ئۇ يولدا قىلغىن ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغىن، بىزگە ھىدايەتنى زىيادە قىلغىن. توغرا يول دېگەن: ھېچ قانداق قىڭغىرلىقى بولمىغان روشەن ئوچۇق يول بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئەۋەتكەن ئىسلامدۇر
التفاسير العربية:
صِرَٰطَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمۡتَ عَلَيۡهِمۡ غَيۡرِ ٱلۡمَغۡضُوبِ عَلَيۡهِمۡ وَلَا ٱلضَّآلِّينَ
بەندىلىرىڭدىن سەن نېئمەت ئاتا قىلغان، توغرا يولغا ھىدايەت قىلغان، پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر، سالىھلارنىڭ يولىغا باشلىغىن. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار!، ھەقىقەتنى تونۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشمەي، سېنىڭ غەزىپىڭگە يولۇققان يەھۇدىلارنىڭ ۋە توغرا يول تېپىشقا ئۇرۇنماي، ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىشقا سەل قاراپ، توغرا يول تاپالماي، .ھەقىقەتتىن ئازغان خرىستىئانلارنىڭ يولىغا باشلىمىغىن
التفاسير العربية:
من فوائد الآيات في هذه الصفحة:
• افتتح الله تعالى كتابه بالبسملة؛ ليرشد عباده أن يبدؤوا أعمالهم وأقوالهم بها طلبًا لعونه وتوفيقه.
بەندىلەر بارلىق ئىش ۋە ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى ۋە مۇۋەپپەق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ باشلىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا تەلىم بېرىپ .ئۆزىنىڭ كىتابىنى بىسمىللاھ بىلەن باشلىدى

• من هدي عباد الله الصالحين في الدعاء البدء بتمجيد الله والثناء عليه سبحانه، ثم الشروع في الطلب.
دۇئادا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، مەدھىيىلەش ئاندىن كىيىن ھاجىتىنى سوراش بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىندۇر.

• تحذير المسلمين من التقصير في طلب الحق كالنصارى الضالين، أو عدم العمل بالحق الذي عرفوه كاليهود المغضوب عليهم.
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ئازغۇن خرىستىئانلارغا ئوخشاش ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىشقا سەل قاراش ياكى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان يەھۇدىلارغا ئوخشاش ھەقىقەتنى تونۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماسلىقتىن .ئاگاھلاندۇردى

• دلَّت السورة على أن كمال الإيمان يكون بإخلاص العبادة لله تعالى وطلب العون منه وحده دون سواه.
بۇ سۈرە؛ ئىبادەتنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش ۋە ياردەمنى پەقەت بىر ئاللاھدىن سوراش بىلەن ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

 
ترجمة معاني سورة: الفاتحة
فهرس السور رقم الصفحة
 
ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - فهرس التراجم

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

إغلاق