ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - فهرس التراجم


ترجمة معاني سورة: قريش   آية:

سورة قريش - سۈرە قۇرەيش

من مقاصد السورة:
بيان نعمة الله على قريش وحق الله عليهم.
ئاللاھ تائالانىڭ قۇرەيش قەبىلىسىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنىڭ بايانى .

لِإِيلَٰفِ قُرَيۡشٍ
قۇرەيشلەر ئادەتلىنىپ، كۆنۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن،
التفاسير العربية:
إِۦلَٰفِهِمۡ رِحۡلَةَ ٱلشِّتَآءِ وَٱلصَّيۡفِ
قىشتا يەمەنگە، يازدا شامغا قىلغان سەپەرلىرىدە خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنلىكلىرى ئۈچۈن،
التفاسير العربية:
فَلۡيَعۡبُدُواْ رَبَّ هَٰذَا ٱلۡبَيۡتِ
ئۇلارنىڭ مۇشۇ سەپەرلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقان مۇشۇ ھۆرمەتلىك ئۆينىڭ رەببى يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلسۇنكى، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن!
التفاسير العربية:
ٱلَّذِيٓ أَطۡعَمَهُم مِّن جُوعٖ وَءَامَنَهُم مِّنۡ خَوۡفِۭ
ئۇ زات پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ دىللىرىغا ھەرەمنى ۋە ھەرەم ئاھالىسىنى ئۇلۇغلاشنى ئىلھام قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاچلىقتا ئۇزۇقلاندۇردى، قورقۇنچتىن خاتىرجەم قىلدى.
التفاسير العربية:
من فوائد الآيات في هذه الصفحة:
• أهمية الأمن في الإسلام.
ئىسلامدا خاتىرجەملىك ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

• الرياء أحد أمراض القلوب، وهو يبطل العمل.
رىياكارلىق قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.

• مقابلة النعم بالشكر يزيدها.
نېئمەتلەرگە شۈكرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش نېئمەتنى كۆپەيتىدۇ.

• كرامة النبي صلى الله عليه وسلم على ربه وحفظه له وتشريفه له في الدنيا والآخرة.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا سۆيۈملۈك بولۇپ، پەرۋەردىگارى ئۇنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قوغدايدۇ ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ.

 
ترجمة معاني سورة: قريش
فهرس السور رقم الصفحة
 
ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - فهرس التراجم

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

إغلاق