للإطلاع على الموقع بحلته الجديدة

ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - فهرس التراجم


ترجمة معاني سورة: القمر   آية:
خُشَّعًا أَبۡصَٰرُهُمۡ يَخۡرُجُونَ مِنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ كَأَنَّهُمۡ جَرَادٞ مُّنتَشِرٞ
ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپمۇ قارىيالمىغان ھالدا قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېساب مەيدانىغا ماڭغاندىكى ھالىتى گوياكى تارىلىپ كەتكەن چېكەتكىلەرگىلا ئوخشايدۇ.
التفاسير العربية:
مُّهۡطِعِينَ إِلَى ٱلدَّاعِۖ يَقُولُ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا يَوۡمٌ عَسِرٞ
ئۇلار ئاشۇ ئورۇنغا چاقىرغۇچى تەرەپكە ئالدىراپ كېلىپ كاپىرلار: بۇ ئىنتايىن قىيىن كۈندۇر. چۈنكى بۇ كۈندە مۈشكۈلچىلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىدۇ، دەيدۇ.
التفاسير العربية:
۞ كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ فَكَذَّبُواْ عَبۡدَنَا وَقَالُواْ مَجۡنُونٞ وَٱزۡدُجِرَ
ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ دەۋىتىڭنى ئىنكار قىلغان بۇ قەۋمدىن بۇرۇنمۇ نۇھنىڭ قەۋمى بەندىمىز نۇھنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، بىز ئۇنى ئۇلارغا ئەۋەتكەن ۋاقتىمىزدا ئۇلار: بۇ بىر ساراڭ، دېيىشكەن ھەمدە ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ھاقارەت قىلىپ، دەۋىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغان بولسا (ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىمىز) دەپ تەھدىتمۇ سالغان ئىدى.
التفاسير العربية:
فَدَعَا رَبَّهُۥٓ أَنِّي مَغۡلُوبٞ فَٱنتَصِرۡ
شۇنىڭ بىلەن نۇھ پەرۋەردىگارىغا: ھەقىقەتەن قەۋمىم مېنى بوزەك قىلىپ، چاقىرىقىمغا ئاۋاز قوشمىدى. شۇڭا ئۇلارغا ئازاب چۈشۈرۈپ ماڭا ياردەم بەرگىن، دەپ ئىلتىجا قىلدى.
التفاسير العربية:
فَفَتَحۡنَآ أَبۡوَٰبَ ٱلسَّمَآءِ بِمَآءٖ مُّنۡهَمِرٖ
ئاندىن بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقا قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر سۈيى بىلەن ئېچىۋەتتۇق.
التفاسير العربية:
وَفَجَّرۡنَا ٱلۡأَرۡضَ عُيُونٗا فَٱلۡتَقَى ٱلۡمَآءُ عَلَىٰٓ أَمۡرٖ قَدۡ قُدِرَ
زېمىننى يېرىۋېدۇق، تەرەپ - تەرەپتىن بۇلاقلار شەكىللىنىپ، سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئاسماندىن چۈشكەن يامغۇر سۈيى بىلەن زېمىندىن ئېتىلىپ چىققان سۇ ئاللاھ تەقدىر قىلغان رەۋىشتە ئۆز-ئارا ئۇچراشتى - دە، ئاللاھ قۇتۇلدۇرغاندىن باشقا ھەممەيلەن غەرق بولدى.
التفاسير العربية:
وَحَمَلۡنَٰهُ عَلَىٰ ذَاتِ أَلۡوَٰحٖ وَدُسُرٖ
بىز نۇھنى تاختايلار بىلەن مىخلاردىن ياسالغان كېمىگە چىقىرىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى سۇغا غەرق بولۇشتىن قۇتۇلدۇردۇق.
التفاسير العربية:
تَجۡرِي بِأَعۡيُنِنَا جَزَآءٗ لِّمَن كَانَ كُفِرَ
بۇ كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ھىمايىمىز ئاستىدا ئۆركەشلەپ تۇرغان سۇ دولقۇنلىرىنى يېرىپ ماڭاتتى. (بۇ) قەۋمى ئىنكار قىلغان نۇھقا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇركى، ئۇنىڭ قەۋمى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن نەرسىگە كاپىر بولغان ئىدى.
التفاسير العربية:
وَلَقَد تَّرَكۡنَٰهَآ ءَايَةٗ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ
ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى جازالىغان بۇ ئازابنى (يەنى توپان بالاسىنى) پەند - نەسىھەت قىلىپ قالدۇردۇق. بۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟
التفاسير العربية:
فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
مېنىڭ ئىنكارچىلارغا قىلغان ئازابىم قانداقكەن؟ مېنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش بىلەن ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟
التفاسير العربية:
وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ
ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
التفاسير العربية:
كَذَّبَتۡ عَادٞ فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
ئاد قەۋمى پەيغەمبىرى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى. ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟
التفاسير العربية:
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِيحٗا صَرۡصَرٗا فِي يَوۡمِ نَحۡسٖ مُّسۡتَمِرّٖ
بىز ھەقىقەتەن ئۇلارغا شۇم كۈندە قاتتىق سوغۇق بوراننى ئەۋەتتۇقكى، بۇ شۇملۇق ئۇلار تاكى جەھەننەمگە كەلگەنگە قەدەر ئۈزۈلمەيدۇ.
التفاسير العربية:
تَنزِعُ ٱلنَّاسَ كَأَنَّهُمۡ أَعۡجَازُ نَخۡلٖ مُّنقَعِرٖ
ئۇ بوران كىشىلەرنى يەردىن يۇلۇپ ئېلىپ، خۇددى قومۇرۇۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك بېشىچە يەرگە ئاتىدۇ.
التفاسير العربية:
فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟
التفاسير العربية:
وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ
ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
التفاسير العربية:
كَذَّبَتۡ ثَمُودُ بِٱلنُّذُرِ
سەمۇد قەۋمى ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى.
التفاسير العربية:
فَقَالُوٓاْ أَبَشَرٗا مِّنَّا وَٰحِدٗا نَّتَّبِعُهُۥٓ إِنَّآ إِذٗا لَّفِي ضَلَٰلٖ وَسُعُرٍ
ئۇلار ئىنكار قىلغان ھالدا: بىز ئۆزىمىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئەگىشىمىزما؟ ئەگەر بىز مۇشۇ ھالەتتە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قالساق ئەلۋەتتە توغرىدىن يىراققا چەتنەپ كەتكەن بولۇپ، جاپادا قالىمىز، دېيىشتى.
التفاسير العربية:
أَءُلۡقِيَ ٱلذِّكۡرُ عَلَيۡهِ مِنۢ بَيۡنِنَا بَلۡ هُوَ كَذَّابٌ أَشِرٞ
ئۇ (ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە تەرەپدارلىرى يوق) تەنھا بىرى تۇرسا، بىزگە ئەمەس، يەنە شۇنىڭغا ۋەھىي چۈشەمدىكەن؟ ئۇنداق ئىش يوق. بەلكى ئۇ بىر يالغانچى، مۇتەكەببىردۇر.
التفاسير العربية:
سَيَعۡلَمُونَ غَدٗا مَّنِ ٱلۡكَذَّابُ ٱلۡأَشِرُ
ئۇلار قىيامەت كۈنى كىمنىڭ يالغانچى، مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ، يەنى سالىھمۇ ياكى ئۆزلىرىمۇ؟
التفاسير العربية:
إِنَّا مُرۡسِلُواْ ٱلنَّاقَةِ فِتۡنَةٗ لَّهُمۡ فَٱرۡتَقِبۡهُمۡ وَٱصۡطَبِرۡ
ھەقىقەتەن بىز قورام تاشتىن بىر چىشى تۆگىنى چىقىرىپ، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. ئى سالىھ! كۈتۈپ تۇرغىن ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆگىگە نېمە قىلدىغانلىقىنى، تۆگىنىڭمۇ ئۇلارغا نېمە قىلىدىغانلىقىنى كۆزەتكىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغىن.
التفاسير العربية:
من فوائد الآيات في هذه الصفحة:
• مشروعية الدعاء على الكافر المصرّ على كفره.
كۇپرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالغان كاپىرغا بەددۇئا قىلىش يوللۇق.

• إهلاك المكذبين وإنجاء المؤمنين سُنَّة إلهية.
ئىنكارچىلارنى ھالاك قىلىپ، مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• تيسير القرآن للحفظ وللتذكر والاتعاظ.
قۇرئان يادلاشقا، چۈشىنىشكە ۋە پەند - نەسىھەت ئېلىشقا ئاسان قىلىنغان.

 
ترجمة معاني سورة: القمر
فهرس السور رقم الصفحة
 
ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - فهرس التراجم

صادرة عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

إغلاق