للإطلاع على الموقع بحلته الجديدة

ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - فهرس التراجم


ترجمة معاني آية: (9) سورة: الممتحنة
إِنَّمَا يَنۡهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ قَٰتَلُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَأَخۡرَجُوكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ وَظَٰهَرُواْ عَلَىٰٓ إِخۡرَاجِكُمۡ أَن تَوَلَّوۡهُمۡۚ وَمَن يَتَوَلَّهُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى مۇئمىن بولغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن ھەمدە سىلەرنى چىقىرىۋېتىشكە ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشتىن چەكلەيدۇ. ئاراڭلاردىن ئۇلارنى دوست تۇتقانلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئېلىپ بارغان زالىملاردۇر.
التفاسير العربية:
من فوائد الآيات في هذه الصفحة:
• في تصريف الله القلب من العداوة إلى المودة، ومن الكفر إلى الإيمان إشارة إلى أن قلوب العباد بين إصبعين من أصابعه سبحانه، فليطلب العبد منه الثبات على الإيمان.
ئاللاھنىڭ دىللارنى ئۆچمەنلىكتىن دوستلۇققا، كۇپرىدىن ئىمانغا يۆتكىشى بەندىلەرنىڭ قەلبلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بارماقلىرىدىن ئىككى بارماق ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەندە ئاللاھتىن ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇشنى تىلىسۇن.

• التفريق في الحكم بين الكفار المحاربين والمسالمين.
مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىۋاتقان كاپىرلار بىلەن تىنچلىق بېتىمى تۈزۈشكەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىنى ھۆكۈمدە پەرقلەندۈرۈش.

• حرمة الزواج بالكافرة غير الكتابية ابتداءً ودوامًا، وحرمة زواج المسلمة من كافر ابتداءً ودوامًا.
ئەھلى كىتابتىن سىرت كاپىر ئاياللارنى ئېلىشمۇ، بار نىكاھنى داۋاملاشتۇرۇشمۇ ھارامدۇر. شۇنداقلا مۇسۇلمان ئايالنىڭمۇ كاپىرغا تېگىشى ياكى نىكاھىنى داۋاملاشتۇرۇشىمۇ ھارامدۇر.

 
ترجمة معاني آية: (9) سورة: الممتحنة
فهرس السور رقم الصفحة
 
ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - فهرس التراجم

صادرة عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

إغلاق