Check out the new design

আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ * - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ


অৰ্থানুবাদ ছুৰা: আল-হিজৰ   আয়াত:
قَالَ هَٰٓؤُلَآءِ بَنَاتِيٓ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ
لۇت ئەلەيھىسسالام مېھمانلىرى ئالدىدا ئۆزۈر ئېيتىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارمۇ بۇنىڭ قاتارىدىن، ئەگەر سىلەر شەھۋىتىڭلارنى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلساڭلار ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار دېدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لَعَمۡرُكَ إِنَّهُمۡ لَفِي سَكۡرَتِهِمۡ يَعۡمَهُونَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى: ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمى ئۆزلىرىنىڭ شەيتانىي شەھۋىتىنىڭ ئاسارىتىدە تېڭىرقاپ يۈرىشىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّيۡحَةُ مُشۡرِقِينَ
كۈن چىقىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇلارغا ھالاك قىلغۇچى دەھشەتلىك چۇقان .يۈزلەندى
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَجَعَلۡنَا عَٰلِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهِمۡ حِجَارَةٗ مِّن سِجِّيلٍ
بىز ئۇلارنىڭ شەھرىنىڭ ئۈستىنى ئاستىغا ئۆرىۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن قاتۇرۇلغان تاشلارنى ياغدۇردۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡمُتَوَسِّمِينَ
ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە چۈشكەن ھالاكەتلىك ئازابتا، تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِنَّهَا لَبِسَبِيلٖ مُّقِيمٍ
لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمى ياشىغان شەھەر يول ئۈستىدە بولۇپ، ئۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلار ئۇ شەھەرنى كۆرۈپ ئۆتىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ
.ئاشۇ ھادىسىدە مۆئمىنلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەت ئالىدىغان ئىشلار بار
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِن كَانَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡأَيۡكَةِ لَظَٰلِمِينَ
ھەقىقەتەن قويۇق بوستانلىق بولغان شەھەر ئاھالىسى بولغان شۈئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر شۈئەيب ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن .ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئىدى
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَٱنتَقَمۡنَا مِنۡهُمۡ وَإِنَّهُمَا لَبِإِمَامٖ مُّبِينٖ
ئۇلاردىن ئىنتىقام ئىلىش بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ يۇرتى ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ .تۇرالغۇلىرى ئۆتكەن يولۇچىلارغا ئوچۇق بولغان يول ئۈستىدىدۇر
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَقَدۡ كَذَّبَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡحِجۡرِ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
ھەقىقەتەن سەمۇد قەۋمى يەنى ئۇلار ھىجاز بىلەن شام ئارىسىدىكى ھىجىر ئاھالىسى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَءَاتَيۡنَٰهُمۡ ءَايَٰتِنَا فَكَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ
بىز پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ھۆججەتلەرنى بەردۇق، ئۇ تۆگىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار بۇ مۆجىزىدىن ئىبرەت ئالمىدى ۋە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَكَانُواْ يَنۡحِتُونَ مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتًا ءَامِنِينَ
ئۇلار تاغلارنى تېشىپ ئازابتىن خاتىرجەم ياشاش ئۈچۈن ئۆيلەرنى .ياسايدۇ
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّيۡحَةُ مُصۡبِحِينَ
كۈن چېقىدىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى قاتتىق چوقانلىق ئازاب تۇتتى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
ئۇلارنىڭ كەسىپ قىلىپ تاپقان ماللىرى ۋە ياسىغان ئۆيلىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۗ وَإِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَأٓتِيَةٞۖ فَٱصۡفَحِ ٱلصَّفۡحَ ٱلۡجَمِيلَ
بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھېكمەتسىز ياكى بىكارغا ياراتمىدۇق، ئاشۇنىڭ ھەممىسىنى ھەق ۋە ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولىشى قەتئىدۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن يۈز ئۆرىگىن ۋە ئۇلارنى .چېرايلىقچە ئەپۇ قىلغىن
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلۡخَلَّٰقُ ٱلۡعَلِيمُ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَٰكَ سَبۡعٗا مِّنَ ٱلۡمَثَانِي وَٱلۡقُرۡءَانَ ٱلۡعَظِيمَ
ھەقىقەتەن ساڭا كاتتا قۇرئاندىن ئىبارەت بولغان يەتتە ئايەتلىك پاتىھە .سۈرىسىنى بەردۇق
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لَا تَمُدَّنَّ عَيۡنَيۡكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعۡنَا بِهِۦٓ أَزۡوَٰجٗا مِّنۡهُمۡ وَلَا تَحۡزَنۡ عَلَيۡهِمۡ وَٱخۡفِضۡ جَنَاحَكَ لِلۡمُؤۡمِنِينَ
بىزنىڭ بەزى كاپىرلارنى بەھرىمان قىلغان يوقالغۇچى دۇنيا مەنپەئەتىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشىغا قايغۇرمىغىن، مۆئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَقُلۡ إِنِّيٓ أَنَا ٱلنَّذِيرُ ٱلۡمُبِينُ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن، دېگىن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
كَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَى ٱلۡمُقۡتَسِمِينَ
ئاللاھنىڭ كىتابىنى پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە (يەنى بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىگە كۇپۇر قىلغان) نازىل قىلىنغان ئازابنىڭ ئوخشىشى سىلەرگىمۇ يېتىپ قىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرىمەن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• أن الله تعالى إذا أراد أن يهلك قرية ازداد شرهم وطغيانهم، فإذا انتهى أوقع بهم من العقوبات ما يستحقونه.
ھەقىقەتەن ئاللاھ بىرەر شەھەرنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىشنى خالىسا، ئۇلارنىڭ ناچارلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىشىنى زىيادە قىلىدۇ، چىكىگە .يەتكەندە ئۇلارغا ھەقلىق بولغان ئازابنى چۈشۈرىدۇ

• كراهة دخول مواطن العذاب، ومثلها دخول مقابر الكفار، فإن دخل الإنسان إلى تلك المواضع والمقابر فعليه الإسراع.
ئازاب چۈشكەن ئورۇنلارغا كېرىش ياخشى كۆرەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك كاپىرلارنىڭ قەبرىستانلىقىغىمۇ كېرىش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، ئىنسان مۇشۇنداق ئورۇن ۋە قەبرىستانلىقلارغا كېرىپ قالغاندا تىزدىن چېقىپ كېتىشى كېرەك بولىدۇ.

• ينبغي للمؤمن ألا ينظر إلى زخارف الدنيا وزهرتها، وأن ينظر إلى ما عند الله من العطاء.
مۇئمىن دۇنيانىڭ ئەرزىمەس زىبۇ-زىننىتىگە قارىماستىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تەييار قىلىنغان چەكسىز نىئمەتلىرىگە قارىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

• على المؤمن أن يكون بعيدًا من المشركين، ولا يحزن إن لم يؤمنوا، قريبًا من المؤمنين، متواضعًا لهم، محبًّا لهم ولو كانوا فقراء.
مۆئمىنلار مۇشرىكلاردىن يىراق تۇرىشى، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا قايغۇرماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا، كەمتەرلىك بىلەن مۆئمىنلەر كەمبەغەل بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا يېقىنچىلىق كۆرسىتىپ ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى لازىم.

 
অৰ্থানুবাদ ছুৰা: আল-হিজৰ
ছুৰাৰ তালিকা পৃষ্ঠা নং
 
আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ

তাফছীৰ চেণ্টাৰ ফৰ কোৰানিক ষ্টাডিজৰ ফালৰ পৰা প্ৰচাৰিত।

বন্ধ