Check out the new design

আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ * - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ


অৰ্থানুবাদ ছুৰা: আন-নাহল   আয়াত:
۞ يَوۡمَ تَأۡتِي كُلُّ نَفۡسٖ تُجَٰدِلُ عَن نَّفۡسِهَا وَتُوَفَّىٰ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا عَمِلَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەر كىشى ئۆز نەپسى بىلەن بولۇپ كېتىدىغان، ئورۇننىڭ ھەيبىتىدىن باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان، ھەر بىر قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى تولۇق ئالىدىغان، ئۇلارغا ياخشىلىقى كېمەيتىلىش ۋە خاتالىقى زىيادە قېلىنىش بىلەن زۇلۇم قېلىنمايدىغان قىيامەت كۈنىنى ئەسلىگىن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا قَرۡيَةٗ كَانَتۡ ءَامِنَةٗ مُّطۡمَئِنَّةٗ يَأۡتِيهَا رِزۡقُهَا رَغَدٗا مِّن كُلِّ مَكَانٖ فَكَفَرَتۡ بِأَنۡعُمِ ٱللَّهِ فَأَذَٰقَهَا ٱللَّهُ لِبَاسَ ٱلۡجُوعِ وَٱلۡخَوۡفِ بِمَا كَانُواْ يَصۡنَعُونَ
ئاللاھ مەككىدىن ئىبارەت بىر شەھەرنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ، مەككە ئەھلى تېنچ-خاتىرجەم بولۇپ پاراۋان تۇرمۇشتا ياشايتتى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر تالان-تاراجقا ئۇچرايتتى، مەككە ئەھلىنىڭ رىزقى ھەرتەرەپتىن ئاسانلا كېلەتتى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە كاپىر بولدى شۈكۈر ئېيتمىدى، ئاللاھ ئۇلارنى جىسىملىرىدا نامايەندە بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن ئورۇقلاش، قاتتىق قورقۇنچتىن بىئارام بولۇش قاتارلىق جازالار بىلەن ئازابلىدى، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىشقا ئوخشىغان ئەمەللىرى سەۋەبىدىن بۇ ئازابلار ئۇلاردىن .ئايرىلمىدى
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَقَدۡ جَآءَهُمۡ رَسُولٞ مِّنۡهُمۡ فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَهُمۡ ظَٰلِمُونَ
ھەقىقەتەن مەككە ئەھلىگە ئۇلارنىڭ ئېچىدە ئۇلارغا ئامانەتدارلىق ۋە راستچىللىق بىلەن تونۇشلۇق بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمىز، ئۇ پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئاچارچىلىق ۋە قورقۇنچتىن ئىبارەت ئازابنى چۈشۈردى. ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ ھالاك بولدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَكُلُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ حَلَٰلٗا طَيِّبٗا وَٱشۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ إِيَّاهُ تَعۡبُدُونَ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قېلىپ بەرگەن يەنى يېيىش ھالال قىلىنغان پاكىز يېمەكلىكلەرنى يەڭلار، ئەگەر سىلەر يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قېلىدىغان ۋە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ نېئمەتنى ئاللاھ رازى بولىدىغان يولغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةَ وَٱلدَّمَ وَلَحۡمَ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦۖ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ غَيۡرَ بَاغٖ وَلَا عَادٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئاللاھ سىلەرگە يېمەكلىكلەردىن شەرئىي يول بىلەن ئۆلتۈرۈلمەستىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، ئېتىلىپ چىققان قاننى، چوشقىنىڭ ھەممە ئەزالىرىنى، ئاللاھنىڭ غەيرىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنى يېيىشنى ھارام قىلدى. بۇ چەكلىمە ئىختىيارى ھالەتتە بولىدۇ، بىر كىشى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نەرسىلەرنى يېيىشكە مەجبۇر بولسا، ئۇنىڭدىن ھارامدىن لەززەتلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلگىلەنگەن ھاجەت مىقدارىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ھالدا مەزكۇر نەرسىلەردىن يېسە ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر، ئۇ كىشىنىڭ يېگەن نەرسىسىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر. زۆرۈر بولغاندا ئۇ نەرسىلەرنى دۇرۇس قىلىش بىلەن .بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَا تَقُولُواْ لِمَا تَصِفُ أَلۡسِنَتُكُمُ ٱلۡكَذِبَ هَٰذَا حَلَٰلٞ وَهَٰذَا حَرَامٞ لِّتَفۡتَرُواْ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ لَا يُفۡلِحُونَ
ئى مۇشرىكلار! سىلەر تىللىرىڭلار بىلەن ئاللاھقا يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن: بۇ ھالال، بۇ ھارام دەپ ئاللاھقا يالغاننى توقۇش مەقسىتىدە ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلدى، ھالال قىلمىغان نەرسىلەرنى ھالال قىلدى دېمەڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھقا يالغاننى توقۇغۇچىلار تەلەپ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىش ۋە ئەنسىرىگەن نەرسىسىدىن قۇتۇلۇش بىلەن ئۇتۇق قازىنالمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
مَتَٰعٞ قَلِيلٞ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئۇلار نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن دۇنيادا ئەرزىمەس ئازغىنە مەنپەئەت بار، ئۇلارغا قىيامەت كۈنىدە دەرتلىك ئازاب مەۋجۇت.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَعَلَى ٱلَّذِينَ هَادُواْ حَرَّمۡنَا مَا قَصَصۡنَا عَلَيۡكَ مِن قَبۡلُۖ وَمَا ظَلَمۡنَٰهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
بىز ئىلگىرى (ئەنئام سۈرىسىنىڭ 146-ئايەتتە) ساڭا بايان قىلغان نەرسىلەرنى پەقەت يەھۇدىلارغىلا ھارام قىلدۇق، بىز ئۇ نەرسىلەرنى ھارام قىلىش بىلەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئازابقا سەۋەب بولىدىغان جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلدى، ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشقانلىق سەۋەبىدىن جازالىدۇق. ئۇلارنى جازالاش يۈزىسىدىن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارغا ھارام قىلدۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• الجزاء من جنس العمل؛ فإن أهل القرية لما بطروا النعمة بُدِّلوا بنقيضها، وهو مَحْقُها وسَلْبُها ووقعوا في شدة الجوع بعد الشبع، وفي الخوف والهلع بعد الأمن والاطمئنان، وفي قلة موارد العيش بعد الكفاية.
جازا قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ؛ مەككە ئەھلى نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشتىن باش تارتىپ نېئمەتنى ئۇنىڭ ئەكسىگە ئالماشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن نېئمەت ئۇلاردىن تارتىۋىلىنىشقا ھەقلىق بولدى. ئۇلار كەڭرىچىلىكتىن كېيىن قاتتىق ئاچارچىلىققا، تېنچ-خاتىرجەملىكتىن كېيىن قاتتىق قورقۇنچقا، كۇپايە قىلغۇدەك تۇرمۇشتىن كېيىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.

• وجوب الإيمان بالله وبالرسل، وعبادة الله وحده، وشكره على نعمه وآلائه الكثيرة، وأن العذاب الإلهي لاحقٌ بكل من كفر بالله وعصاه، وجحد نعمة الله عليه.
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرۈش، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ چەكسىز نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش قاتارلىقلار ۋاجىبتۇر. ئاللاھنىڭ ئازابى ئاللاھقا كاپىر بولغان، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغان، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تانغان ھەر بىر كىشىگە بولىدۇ.

• الله تعالى لم يحرم علينا إلا الخبائث تفضلًا منه، وصيانة عن كل مُسْتَقْذَر.
ئاللاھ تائالا بىزگە رەھمەت قىلىپ، نېجىس نەرسىلەردىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلدى.

 
অৰ্থানুবাদ ছুৰা: আন-নাহল
ছুৰাৰ তালিকা পৃষ্ঠা নং
 
আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ

তাফছীৰ চেণ্টাৰ ফৰ কোৰানিক ষ্টাডিজৰ ফালৰ পৰা প্ৰচাৰিত।

বন্ধ