আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ


অৰ্থানুবাদ আয়াত: (73) ছুৰা: ছুৰা ইয়াছীন
وَلَهُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ وَمَشَارِبُۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ
بۇ چارىپايلاردا ئۇلار ئۈچۈن مېنىش ۋە گۆشلىرىنى يېيىشتىن باشقا يەنە تىۋىتلىرى، قىغلىرى، يۇڭلىرى ۋە پۇللىرىغا ئوخشاش كۆپلىگەن مەنپەئەتلەر بار. ئۇلار بۇ نەرسىلەردىن بىساتلارنى ۋە كىيىم - كېچەكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ سۈتلىرىمۇ بار بولۇپ، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ئىچىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇشۇنچىۋالا كۆپ نېئمەتلەرنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نېئمەتلەرنى ئىلتىپات قىلغان ئاللاھ تائالاغا شۈكرى قىلمامدۇ!؟
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• من فضل الله ونعمته على الناس تذليل الأنعام لهم، وتسخيرها لمنافعهم المختلفة.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا چارىپايلارنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەمدە ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك مەنپەئەتلىرىگە خىزمەتكە سېلىپ بەرگەنلىكى ئىنسانلارغا قىلغان پەزلى ۋە مەرھەمىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ.

• وفرة الأدلة العقلية على يوم القيامة وإعراض المشركين عنها.
قىيامەتنىڭ راستلىقىغا ئەقلىي دەلىللەر شۇنچىۋالا تولۇق تۇرسىمۇ يەنىلا مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ.

• من صفات الله تعالى أن علمه تعالى محيط بجميع مخلوقاته في جميع أحوالها، في جميع الأوقات، ويعلم ما تنقص الأرض من أجساد الأموات وما يبقى، ويعلم الغيب والشهادة.
ئاللاھ تائالانىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىنى بارچە ئەھۋالى بىلەن قوشۇپ مۇكەممەل بىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ زېمىننىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ جىسمىدىن كېمەيتكىنىنىمۇ، قېپقالغىنىنىمۇ بىلىدۇ، غەيىبنىمۇ ۋە ھازىرنىمۇ بىلىدۇ.

 
অৰ্থানুবাদ আয়াত: (73) ছুৰা: ছুৰা ইয়াছীন
ছুৰাৰ তালিকা পৃষ্ঠা নং
 
আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

বন্ধ