আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ


অৰ্থানুবাদ ছুৰা: ছুৰা আন-নিছা   আয়াত:

سۈرە نىسا

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
تنظيم المجتمع المسلم وبناء علاقاته، وحفظ الحقوق، والحث على الجهاد، وإبطال دعوى قتل المسيح.
مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنى تەرتىپلەش، ئالاقىسىنى قۇرۇش، ھەق-ھوقۇقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، جىھادقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈردۇق دېگەن يالغان دەۋانى بىكار قىلىش.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمُ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ وَخَلَقَ مِنۡهَا زَوۡجَهَا وَبَثَّ مِنۡهُمَا رِجَالٗا كَثِيرٗا وَنِسَآءٗۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِي تَسَآءَلُونَ بِهِۦ وَٱلۡأَرۡحَامَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَيۡكُمۡ رَقِيبٗا
ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ئاتاڭلار ئادەمدىن ئىبارەت بىر ئىنساندىن ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ئادەمدىن سىلەرنىڭ ئاناڭلار ھەۋۋانى ياراتتى، ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە نۇرغۇن ئەر-ئايال ئەۋلادلارنى تاراتتى، بىر-بىرىڭلاردىن بىر نەرسە سورىغاندا: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇنداق قىلىپ بېرىشىڭنى سورايمەن دەپ نامىنى تىلغا ئالىدىغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاراڭلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھنىڭ كۈزۈتىشىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ، بەلكى ھەممىنى ھېسابلاپ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَءَاتُواْ ٱلۡيَتَٰمَىٰٓ أَمۡوَٰلَهُمۡۖ وَلَا تَتَبَدَّلُواْ ٱلۡخَبِيثَ بِٱلطَّيِّبِۖ وَلَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَهُمۡ إِلَىٰٓ أَمۡوَٰلِكُمۡۚ إِنَّهُۥ كَانَ حُوبٗا كَبِيرٗا
ئى ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلار! ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن، بالاغەتكە يەتمىگەن يېتىملەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئۇلار بالاغەتكە يېتىپ، توغرا يول تۇتقۇدەك بولغاندا تولۇق قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ھالالنى ھارامغا ئالماشتۇرماڭلار، يېتىمنىڭ ماللىرىنىڭ ئېسىللىرىنى ئېلىۋىلىپ، ئورنىغا ماللىرىڭلاردىن ناچار-يارىماسلىرىنى بەرمەڭلار، يېتىمنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال-مۈلكىگە قېتىپ يەۋالماڭلار، ئۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا چوڭ گۇناھدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِنۡ خِفۡتُمۡ أَلَّا تُقۡسِطُواْ فِي ٱلۡيَتَٰمَىٰ فَٱنكِحُواْ مَا طَابَ لَكُم مِّنَ ٱلنِّسَآءِ مَثۡنَىٰ وَثُلَٰثَ وَرُبَٰعَۖ فَإِنۡ خِفۡتُمۡ أَلَّا تَعۡدِلُواْ فَوَٰحِدَةً أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡۚ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَلَّا تَعُولُواْ
ئەگەر قول ئاستىڭلاردىكى يېتىم قىزلار بىلەن توي قىلىپ ئۇلارغا تويلۇق مېھرىنى تولۇق بەرمەسلىك ياكى ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىق تەرەپلىرىدىن ئادىللىق قىلالماسلىقىڭلاردىن قورۇقساڭلار، ئۇلارنى قويۇپ باشقا پاك ئاياللار بىلەن توي قىلىڭلار، خالىساڭلار ئىككىنى ياكى ئۈچنى ياكى تۆتنى ئېلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلالماسلىقتىن ئەنسىرىسەڭلار بىر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ، ياكى قول ئاستىڭلاردىكى دېدەك-چۆرىلەردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ چۈنكى ئۇلارغا باشقا ھۆر ئاياللارغا ئوخشاش ھەق-ھوقۇقلار ۋاجىپ بولمايدۇ، قۇرئان كەرىمدىمۇ يېتىملار توغرسىدىكى ئايەتتە: بىر ئايال بىلەن توي قىلىش ياكى دېدەك-چۆرىلەردىن پايدىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىق ۋە بىرىگە مايىل بولۇپ يەنە بىرىنى تاشلاپ قويماسلىققا بۇيرۇيدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَءَاتُواْ ٱلنِّسَآءَ صَدُقَٰتِهِنَّ نِحۡلَةٗۚ فَإِن طِبۡنَ لَكُمۡ عَن شَيۡءٖ مِّنۡهُ نَفۡسٗا فَكُلُوهُ هَنِيٓـٔٗا مَّرِيٓـٔٗا
ئاياللارغا بېرىش كېرەك بولغان تويلۇق مېھرىنى خۇرسەنلىك بىلەن بېرىڭلار، ئەگەر ئاياللار دىلىدىن رازى بولۇپ تويلۇق مېھرىنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەرسە، ئۇنى كەڭ-تاشا، سېڭىشلىك يەڭلار.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَا تُؤۡتُواْ ٱلسُّفَهَآءَ أَمۡوَٰلَكُمُ ٱلَّتِي جَعَلَ ٱللَّهُ لَكُمۡ قِيَٰمٗا وَٱرۡزُقُوهُمۡ فِيهَا وَٱكۡسُوهُمۡ وَقُولُواْ لَهُمۡ قَوۡلٗا مَّعۡرُوفٗا
ئى يېتىملارنىڭ ئېگىلىرى! ياخشى تەسەررۇپ قىلالمايدىغان نادانلارغا ماللىرىنى بەرمەڭلار، بۇ ماللارنى ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىنى تۇرغۇزۇشقا سەۋەپ قىلدى، ئۇلار مال سەرپ قىلىش ۋە ساقلاشقا لايىق ئەمەس. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يارىشا سەرپ قىلىپ بېرىڭلار، كىيىم-كېچەك قىلىپ بېرىڭلار، ئۇلارغا چېرايلىق سۆزنى دەڭلار، بالاغەتكە يەتكەندە ۋە ياخشى تەسەررۇپ قىلىشنى ئۈگەنگەندە ماللىرىڭلارنى بېرىمىز دەپ چېرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىڭلار.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَٱبۡتَلُواْ ٱلۡيَتَٰمَىٰ حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغُواْ ٱلنِّكَاحَ فَإِنۡ ءَانَسۡتُم مِّنۡهُمۡ رُشۡدٗا فَٱدۡفَعُوٓاْ إِلَيۡهِمۡ أَمۡوَٰلَهُمۡۖ وَلَا تَأۡكُلُوهَآ إِسۡرَافٗا وَبِدَارًا أَن يَكۡبَرُواْۚ وَمَن كَانَ غَنِيّٗا فَلۡيَسۡتَعۡفِفۡۖ وَمَن كَانَ فَقِيرٗا فَلۡيَأۡكُلۡ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ فَإِذَا دَفَعۡتُمۡ إِلَيۡهِمۡ أَمۡوَٰلَهُمۡ فَأَشۡهِدُواْ عَلَيۡهِمۡۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ حَسِيبٗا
ئى يېتىمنىڭ ئىگىلىرى! ئۇلارنى بالاغەت يېشىغا يەتكەنگە قەدەر ئۇلارغا ماللىرىدىن مەلۇم مىقداردا بېرىپ سىناڭلار، ئۇلاردا توغرا يول تۇتۇپ، مالنى چېرايلىق تەسەررۇپ قىلىش ئالامەتلىرى بايقالسا، ئۇلارغا ماللىرىنى كىمەيتىۋەتمەستىن تولۇق تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن ھاجەت بولغاندا ئاللاھ سىلەرگە دۇرۇس قىلىپ بەرگەن مىقداردىن ئارتۇق يەۋالماڭلار، ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەندە ماللىرىنى ئېلىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى بۇزۇپ-چېچىپ يېيىشكە ئالدىرىماڭلار، ئۆزىگە يەتكۈدەك مېلى بار كىشى يېتىمنىڭ مېلىنى ئېلىشتىن چەكلەنسۇن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار كەمبەغەل بولسا، ئۇنىڭ مېلى بولمىسا يېتىمنىڭ مېلىدىن ھاجەت مىقدارىدا يېسە بولىدۇ، ئۇلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ توغرا تەسەررۇپ قىلىدىغانلىقى نامايەندە بولغاندا ئۇلارغا ماللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، ئىختىلاپتىن ساقلىنىپ، ھەق-ھوقۇقنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماللىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن شاھىتلارنى ھازىر قىلىڭلار، بۇنىڭدا شاھىتلىققا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ، بەندىلەردىن قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە ھېساب ئالىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• الأصل الذي يرجع إليه البشر واحد، فالواجب عليهم أن يتقوا ربهم الذي خلقهم، وأن يرحم بعضهم بعضًا.
ئىنسانلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى بىر بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلىپ، بىر-بىرىگە رەھىم-شەپقەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

• أوصى الله تعالى بالإحسان إلى الضعفة من النساء واليتامى، بأن تكون المعاملة معهم بين العدل والفضل.
ئاللاھ تائالا ئاياللار ۋە يېتىملاردىن بولغان ئاجىزلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق ۋە ئېسىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

• جواز تعدد الزوجات إلى أربع نساء، بشرط العدل بينهن، والقدرة على القيام بما يجب لهن.
ئاياللاردىن تۆتكىچە ئۆيلىنىشكە بولىدۇ، بۇنىڭ شەرتى: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ماددى ۋە مەنەۋى ھاجەتلىرىنى ئادا قىلغۇدەك قۇدرەت بولۇش كېرەك

• مشروعية الحَجْر على السفيه الذي لا يحسن التصرف، لمصلحته، وحفظًا للمال الذي تقوم به مصالح الدنيا من الضياع.
مال-مۇلكىنى ياخشى تەسەررۇپ قىلالمايدىغان ئەقلى ناقىس كىشىلەرنىڭ مال-دۇنياسىغا چەكلىمە قويۇش؛ ئۇنىڭ مەسلىھەتى، دۇنيا مەنپەئەتى ۋە مىلىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان پرىنسىپدۇر.

لِّلرِّجَالِ نَصِيبٞ مِّمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَ وَلِلنِّسَآءِ نَصِيبٞ مِّمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَ مِمَّا قَلَّ مِنۡهُ أَوۡ كَثُرَۚ نَصِيبٗا مَّفۡرُوضٗا
ئەرلەر ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى تاغىسى ۋە قېرىنداشلىرى دېگەندەك ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋاپات بولۇپ قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىدە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇلارنىڭ نەسىۋېىسى بار، ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئاشۇ تۇغقانلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن مىراستا نەسىۋېسى بار، بۇ جاھىلىيەتنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنى مېراستىن مەھرۇم قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئەكسىدۇر. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىپ بىكىتىلگەن روشەن ھەق نەسىۋېدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِذَا حَضَرَ ٱلۡقِسۡمَةَ أُوْلُواْ ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينُ فَٱرۡزُقُوهُم مِّنۡهُ وَقُولُواْ لَهُمۡ قَوۡلٗا مَّعۡرُوفٗا
مېيىتنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلىرىنى تەقسىم قىلىدىغان ۋاقىتتا مىراسخۇر بولمىغان تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە كەمبەغەللەر كېلىپ قالسا، ئۇلارغا بۇ مالنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈڭلاردىن رازى بولۇپ ئازراق بىر نەرسە بېرىڭلار. بۇ مال سىلەرگە مۇشەققەتسىز كەلگەندىكىن، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار، سەت گەپ قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۇ مالدىن بېرىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىپ قالغان .بولۇشى مۇمكىن
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلۡيَخۡشَ ٱلَّذِينَ لَوۡ تَرَكُواْ مِنۡ خَلۡفِهِمۡ ذُرِّيَّةٗ ضِعَٰفًا خَافُواْ عَلَيۡهِمۡ فَلۡيَتَّقُواْ ٱللَّهَ وَلۡيَقُولُواْ قَوۡلٗا سَدِيدًا
ئۆزلىرى ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، ئارقىسىدا قالىدىغان كېچىك ئاجىز بالىلىرىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغان كىشى، باشقىلارنىڭ يېتىم قالغان باللىرىغىمۇ (يەنى كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدىكى بالىلار ئۈچۈنمۇ) شۇنداق ئەنسىرىسۇن، يېتىملارغا زۇلۇم قىلىشتا ئاللاھتىن قورقسۇن، ئۇ كىشىمۇ باشقىلارنىڭ ئەۋلادىغا ياخشىلىق قىلغاندەك، ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتسىمۇ ئاللاھ ئۇنىڭ بالىلىرىغا ياخشىلىق قىلىدىغان كىشىنى ئىز باسار قىلىدۇ، ۋەسىيىتىگە ھازىر بولغان كىشىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلسۇن، ئۇ كىشىنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرىنىڭ ھەققى توغرىسىدىكى ۋەسىيىتىگە زۇلۇم قىلمىسۇن، ۋەسىيەتنى تەرك قىلىش بىلەن ئۆزىنى ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلمىسۇن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَأۡكُلُونَ أَمۡوَٰلَ ٱلۡيَتَٰمَىٰ ظُلۡمًا إِنَّمَا يَأۡكُلُونَ فِي بُطُونِهِمۡ نَارٗاۖ وَسَيَصۡلَوۡنَ سَعِيرٗا
ھەقىقەتەن يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالغۇچىلار، زۇلۇم قىلىپ، دۈشمەنلىك قىلىپ خالىغانچە تەسەررۇپ قىلغۇچىلار، ھەقىقەتتە قورسىقىدا لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى يەيدۇ، قىيامەتتە جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرىلىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يُوصِيكُمُ ٱللَّهُ فِيٓ أَوۡلَٰدِكُمۡۖ لِلذَّكَرِ مِثۡلُ حَظِّ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۚ فَإِن كُنَّ نِسَآءٗ فَوۡقَ ٱثۡنَتَيۡنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَۖ وَإِن كَانَتۡ وَٰحِدَةٗ فَلَهَا ٱلنِّصۡفُۚ وَلِأَبَوَيۡهِ لِكُلِّ وَٰحِدٖ مِّنۡهُمَا ٱلسُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِن كَانَ لَهُۥ وَلَدٞۚ فَإِن لَّمۡ يَكُن لَّهُۥ وَلَدٞ وَوَرِثَهُۥٓ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ ٱلثُّلُثُۚ فَإِن كَانَ لَهُۥٓ إِخۡوَةٞ فَلِأُمِّهِ ٱلسُّدُسُۚ مِنۢ بَعۡدِ وَصِيَّةٖ يُوصِي بِهَآ أَوۡ دَيۡنٍۗ ءَابَآؤُكُمۡ وَأَبۡنَآؤُكُمۡ لَا تَدۡرُونَ أَيُّهُمۡ أَقۡرَبُ لَكُمۡ نَفۡعٗاۚ فَرِيضَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمٗا
ئاللاھ سىلەردىن ۋەدە ئالىدۇ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مىراسى توغرىسىدا شۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ: شۈبھىسىزكى مىراس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ نېسىۋىسى بېرىلىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ ئوغلى يوق قىزلىرى بولۇپ قالسا، قىزلىرى ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ بولسا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئالىدۇ، ئەگەر بىرلا قىزى بولسا مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتى بولۇپ قالسا ئاتا-ئانىسى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ، ئەگەر پەرزەنتى يوق ۋە ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ۋارىسى بولمىسا، ئانىسى ئۈچتىن بىرىنى، دادىسى مىراسنىڭ قالغىنىنى ئالىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بىر تۇغقان ياكى دادا بىر قېرىنداشلىرى بولسا ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسۇن ئۇ ۋاقىتتا ئانىسى بەلگىلىمە بويىچە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ، دادىسى يېقىنلىقى بويىچە قالغان ھەممىسىنى ئالىدۇ قېرىنداشلىرىغا بىر نەرسە بېرىلمەيدۇ، مىراستىكى بۇ تەقسىمات مېيىت ۋەسىيەت قىلغان بولسا ئۇنىڭ ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن بولىدۇ، ۋەسىيەت ئومۇمى مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئىشىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ، شۇنداقلا مېيىتنىڭ قەرزى بولسا قەرزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەقسىم قېلىنىدۇ، ئاللاھ مىراس تەقسىماتىنى مۇشۇنداق بېكىتتى، چۈنكى سىلەر دۇنيا-ئاخىرەتتە سىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە ئاتا-ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، ھەقىقەتەن مېيىت ۋارىسلىرىدىن بىرىنى ياخشى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا مىراسنىڭ ھەممىسىنى بېرىۋىتىشى مۇمكىن ياكى ئۇنى يامان دەپ ئويلاپ ئۇنى مىراستىن چەكلىۋېتىشى مۇمكىن، بەلكى ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭ ھەممىسىنى ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدىغان ئۇلۇغ ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مىراسنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بويىچە تەقسىم قىلدى، ئۇنى ئۆزى بەندىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن بېكىتتى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ مەنپەتىگە ئالاقىدار بولغان ھېچ نەرسە ئۇنىڭدىن مەخپى قالمايدۇ، ئۆزىنىڭ يولغا قويغان پرىنسىپى ۋە تەدبىرىدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• دلت أحكام المواريث على أن الشريعة أعطت الرجال والنساء حقوقهم مراعية العدل بينهم وتحقيق المصلحة بينهم.
مىراس ھۆكۈملىرى ئىسلام پرىنسىپىنىڭ ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى ئادىللىققا رىئايە قىلىپ، ئۇلار ئارىسىدىكى مەنپەئەتنى روياپقا چېقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

• التغليظ الشديد في حرمة أموال اليتامى، والنهي عن التعدي عليها، وعن تضييعها على أي وجه كان.
يېتىمنىڭ مېلىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى قاتتىق تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە قايسى يول بىلەن بولمىسۇن ئۇنى زايە قېلىۋېتىش ھارامدۇر.

• لما كان المال من أكثر أسباب النزاع بين الناس تولى الله تعالى قسمته في أحكام المواريث.
مال ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىشقا سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مىراس مەسىلىسىدە ئۇنى تەقسىم قىلىشقا ئاللاھ ئۆزى ئىگە بولغان.

۞ وَلَكُمۡ نِصۡفُ مَا تَرَكَ أَزۡوَٰجُكُمۡ إِن لَّمۡ يَكُن لَّهُنَّ وَلَدٞۚ فَإِن كَانَ لَهُنَّ وَلَدٞ فَلَكُمُ ٱلرُّبُعُ مِمَّا تَرَكۡنَۚ مِنۢ بَعۡدِ وَصِيَّةٖ يُوصِينَ بِهَآ أَوۡ دَيۡنٖۚ وَلَهُنَّ ٱلرُّبُعُ مِمَّا تَرَكۡتُمۡ إِن لَّمۡ يَكُن لَّكُمۡ وَلَدٞۚ فَإِن كَانَ لَكُمۡ وَلَدٞ فَلَهُنَّ ٱلثُّمُنُ مِمَّا تَرَكۡتُمۚ مِّنۢ بَعۡدِ وَصِيَّةٖ تُوصُونَ بِهَآ أَوۡ دَيۡنٖۗ وَإِن كَانَ رَجُلٞ يُورَثُ كَلَٰلَةً أَوِ ٱمۡرَأَةٞ وَلَهُۥٓ أَخٌ أَوۡ أُخۡتٞ فَلِكُلِّ وَٰحِدٖ مِّنۡهُمَا ٱلسُّدُسُۚ فَإِن كَانُوٓاْ أَكۡثَرَ مِن ذَٰلِكَ فَهُمۡ شُرَكَآءُ فِي ٱلثُّلُثِۚ مِنۢ بَعۡدِ وَصِيَّةٖ يُوصَىٰ بِهَآ أَوۡ دَيۡنٍ غَيۡرَ مُضَآرّٖۚ وَصِيَّةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَلِيمٞ
ئى ئەرلەر! سىلەر ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئۇلارنىڭ سىلەردىن ياكى سىلەردىن بۇرۇنقى ئەرلىرىدىن ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن پەرزەنتى بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن پەرزەنتى بولۇپ قالسا سىلەرگە ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى تېگىدۇ، بۇ تەقسىمات ئۇلارنىڭ ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنغاندىن ۋە قەرزلىرى بولسا ئادا قىلىنغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئاياللىرىڭلار ئۈچۈن سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى تېگىدۇ، بۇنىڭ شەرتى سىلەرنىڭ ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن بۇ ئايالدىن بولسۇن ياكى باشقا ئايالدىن بولسۇن پەرزەنتىڭلار بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر پەرزەنتىڭلار بولۇپ قالسا قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۇلارغا مىراسنىڭ سەككىزدىن بىر قىسمى تېگىدۇ، بۇ تەقسىمات سىلەرنىڭ ۋەسىيەتلىرىڭلار ئىجرا قىلىنغاندىن ۋە قەرزلىرىڭلار ئادا قىلىنغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئەگەر بىر ئەر كىشى ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ مىراس ئالىدىغان دادىسى ياكى بالىسى بولمىسا، شۇنىڭدەك بىر ئايال ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ مىراس ئالىدىغان دادىسى ياكى بالىسى بولمىسا، مېيىتنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى ئۈچۈن مىراستىن بەلگىلىمە بويىچە ھەر بىرىگە ئالتىدىن بىر قىسمى تېگىدۇ، ئەگەر ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى بىردىن كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىمە بويىچە مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىگە شېرىك بولىدۇ، بۇنىڭدا ئەر-ئاياللار باراۋەر بولىدۇ، ئۇلار مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ قەرزى ئادا قىلىنغاندىن كېيىن مىراستىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ، مېيىتنىڭ قىلغان ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زەرەر يەتكۈزمەسلىك ۋە ئومۇمى مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئايەت ئۆز ئېچىگە ئالغان بۇ ھۆكۈم ئاللاھدىن سىلەرگە بولغان ۋەدە بولۇپ ئۇنى سىلەرگە پەرز قىلدى. ئاللاھ دۇنيا-ئاخىرەتتە بەندىلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، كەڭ قورساق بولۇپ ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشقا ئالدىرمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
تِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِۚ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ يُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ وَذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
ئاشۇ يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان يېتىملەر توغرىسىدىكى ۋە باشقا مىراس ئەھكاملىرى ئاللاھنىڭ پرىنسىپى بولۇپ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بۇنى يولغا قويدى، كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقتا سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە نائىل قىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ مۇكاپىتى بولۇپ، ئۇ ھېچ قانداق ئۇتۇق باراۋەر بولالمايدىغان تەڭداشسىز كاتتا نىجاتلىقتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَن يَعۡصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَتَعَدَّ حُدُودَهُۥ يُدۡخِلۡهُ نَارًا خَٰلِدٗا فِيهَا وَلَهُۥ عَذَابٞ مُّهِينٞ
كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىكار قىلىش ۋە ئەمەل قىلىشنى بىكار قىلىش ياكى ئۇنىڭدا شەكلىنىش بىلەن ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنىڭ سىرتىغا چەتنىگەن بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ كىشى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ كىشىگە دوزاختا خارلىغۇچى ئازاب بار.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• لا تقسم الأموال بين الورثة حتى يقضى ما على الميت من دين، ويخرج منها وصيته التي لا يجوز أن تتجاوز ثلث ماله.
مېيىتنىڭ مىراسى مىراسخۇرلارغا مېيىتنىڭ قەرزى ئادا قىلىنىپ ۋە مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئىشىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن تەقسىم قىلىنىدۇ.

• التحذير من التهاون في قسمة المواريث؛ لأنها عهد الله ووصيته لعباده المؤمنين؛ فلا يجوز تركها أو التهاون فيها.
مىراس تەقسىماتىغا سەل قارىماسلىق كېرەك، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئەھدىسى ۋە مۆئمىن بەندىلىرىگە قىلغان تەۋسىيەسى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى تەرك قىلىش ياكى سەل قاراش توغرا بولمايدۇ.

• من علامات الإيمان امتثال أوامر الله، وتعظيم نواهيه، والوقوف عند حدوده.
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىنى ئۇلۇغلاش ۋە بەلگىلىمىلىرىدە توختاش بولسا ئىماننىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.

• من عدل الله تعالى وحكمته أن من أطاعه وعده بأعظم الثواب، ومن عصاه وتعدى حدوده توعده بأعظم العقاب.
ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان كىشىگە كاتتا ساۋاپنى ۋەدە قىلىشى، ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغان، بەلگىلىمىسىدىن چىققان كىشىگە كاتتا ئازابنى ۋەدە قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئادىللىقى ۋە ھېكمىتىدىندۇر.

وَٱلَّٰتِي يَأۡتِينَ ٱلۡفَٰحِشَةَ مِن نِّسَآئِكُمۡ فَٱسۡتَشۡهِدُواْ عَلَيۡهِنَّ أَرۡبَعَةٗ مِّنكُمۡۖ فَإِن شَهِدُواْ فَأَمۡسِكُوهُنَّ فِي ٱلۡبُيُوتِ حَتَّىٰ يَتَوَفَّىٰهُنَّ ٱلۡمَوۡتُ أَوۡ يَجۡعَلَ ٱللَّهُ لَهُنَّ سَبِيلٗا
ئاياللىرىڭلاردىن نىكاھلانغان ياكى نىكاھلانمىغان بولسۇن زىنا-پاھىشە قىلغان بولسا، ئادىل مۇسۇلمان ئەرلەردىن تۆت كىشىنى ئۇلارغا شاھىت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ پاھىشە قىلغانلىقىغا شاھىت بولسا، ئۇلارنى جازالاپ ئۆلگەنگە قەدەر ئۆيگە قاماپ قويۇڭلار، ياكى ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن ئۆيگە قاماشتىن باشقا بىر يول كۆرسۈتۈپ بىرەر، ئاندىن ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن ئۆيگە قاماشتىن باشقا بىر يولنى بايان قىلىپ بەردى. يەنى زىنا قىلغۇچى ئايال توي قىلمىغان قىز بولسا يۈز قامچا ئۇرۇپ بىر يىل باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلىش، توي قىلغان بولسا چالما-كېسەك قىلىشتىن ئىبارەت ھۆكۈمنى يولغا قويدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَٱلَّذَانِ يَأۡتِيَٰنِهَا مِنكُمۡ فَـَٔاذُوهُمَاۖ فَإِن تَابَا وَأَصۡلَحَا فَأَعۡرِضُواْ عَنۡهُمَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ تَوَّابٗا رَّحِيمًا
ئاراڭلاردا ئەرلەردىن ئىككى كىشى زىنا-پاھىشە قىلغان بولسا، ئۇلار توي قىلغان بولسۇن ياكى توي قىلمىغان بولسۇن، تىللىرىڭلار ۋە قوللىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى ئاھانەت قىلىش ۋە چەكلەش بىلەن ئەيىبلەڭلار، ئەگەر ئۇلار خاتالىقتىن قول ئۈزۈپ قىلمىشىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەڭلار، چۈنكى گۇناھىدىن تەۋبە قىلغۇچى گۇناھ قىلمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا بەك مېھرىباندۇر، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە مۇشۇ بىرقانچە تۈرلۈك جازالاش بىلەن كۇپايە قىلغان، كېيىن توي قىلمىغان قىزنى قامچا ئۇرۇپ سۈرگۈن قىلىش ۋە توي قىلغان ئايالنى چالما-كېسەك قىلىش دېگەن ھۆكۈم بىلەن دەسلەپكى ھۆكۈم ئەمەلدىن قالغان.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّمَا ٱلتَّوۡبَةُ عَلَى ٱللَّهِ لِلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلسُّوٓءَ بِجَهَٰلَةٖ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِن قَرِيبٖ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَتُوبُ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
ھەقىقەتتە ئاللاھ قوبۇل قىلىدىغان تەۋبە بولسا: بىلمەسلىكتىن گۇناھ-مەسىيەت قىلىپ، ئۇنىڭ جازاسى ۋە ئاقىبىتىنى بىلمىگەن، بۇ گۇناھنى قەستەن قىلغان بولسۇن ياكى قەستەن قىلمىغان بولسۇن ئوخشاش، ئاندىن ئۆلۈم كىلىشتىن بۇرۇن ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ تەرىپىگە قايىتقۇچى كىشىنىڭ تەۋبىسىدۇر. ئاللاھ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋېتىدۇ، ئاللاھ ئۆز خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَيۡسَتِ ٱلتَّوۡبَةُ لِلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ حَتَّىٰٓ إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ ٱلۡمَوۡتُ قَالَ إِنِّي تُبۡتُ ٱلۡـَٰٔنَ وَلَا ٱلَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمۡ كُفَّارٌۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَعۡتَدۡنَا لَهُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا
ئاللاھ تائالا داۋاملىق گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرغان، جان ھەلقۇمغا كەلمىگۈچە گۇناھىغا تەۋبە قىلمىغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، جان ھەلقۇمغا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ بىرى: مەن ئىلگىرىكى بارلىق خاتالىقلىرىم ئۈچۈن تەۋبە قىلدىم دەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ كۇپىرلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كاپىر ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ تەۋبىسىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇلار گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرغۇچى ئاسىيلار بولۇپ، كۇپىر ھالەتتە ئۆلىدۇ، ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب تەييارلىدۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا يَحِلُّ لَكُمۡ أَن تَرِثُواْ ٱلنِّسَآءَ كَرۡهٗاۖ وَلَا تَعۡضُلُوهُنَّ لِتَذۡهَبُواْ بِبَعۡضِ مَآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ إِلَّآ أَن يَأۡتِينَ بِفَٰحِشَةٖ مُّبَيِّنَةٖۚ وَعَاشِرُوهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ فَإِن كَرِهۡتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰٓ أَن تَكۡرَهُواْ شَيۡـٔٗا وَيَجۡعَلَ ٱللَّهُ فِيهِ خَيۡرٗا كَثِيرٗا
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى مىراس ئالغاندەك ئاياللىرىنى مىراس ئېلىشىڭلار، ئۇلار بىلەن توي قىلىش ياكى ئەرگە بېرىش ياكى توي قىلىشتىن چەكلەش قاتارلىق تەسەررۇپاتلارنى قىلىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئاياللىرىڭلارنى ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ھەتتا ئۇلار سىلەر بەرگەن تويلۇق مېھرىدىن ياكى باشقا ماللاردىن مەلۇم مىقدار سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەمرىڭلاردا تۇتۇپ تۇرىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئۇلار زىناغا ئوخشاش ئوچۇق-ئاشكارا پاھىشە قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئۇ ئاياللارنى تۇتۇپ تۇرۇش، سىلەر بەرگەن تويلۇق مېھرىدىن مەلۇم بىر نەرسە بەرگەنگە قەدەر سىقىشىڭلار توغرا بولىدۇ، ئاياللىرىڭلار بىلەن ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەستىن ياخشىلىق قىلىڭلار چېرايلىق ياشاڭلار، ئۇلارنىڭ دۇنيالىق بىرەر ئىشىنى ياقتۇرمىساڭلار ئۇنىڭغا سەۋىر قىلىڭلار، چوقۇم ئاللاھ تائالا سىلەر ياقتۇرمىغان ئىشتا سىلەر ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە كۆپ ياخشىلىق قىلىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• ارتكاب فاحشة الزنى من أكثر المعاصي خطرًا على الفرد والمجتمع؛ ولهذا جاءت العقوبات عليها شديدة.
زىنا-پاھىشە قىلىش بولسا؛ شەخس ۋە جەمئىيەتكە خەتىرى ئەڭ كۆپ بولغان چوڭ گۇناھ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقى بايان قىلىندى

• لطف الله ورحمته بعباده حيث فتح باب التوبة لكل مذنب، ويسر له أسبابها، وأعانه على سلوك سبيلها.
ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بولغان مېھرىبانلىقى ۋە رەھمىتىدىن: ئاللاھ ھەرقانداق گۇناھ قىلغۇچىغا تەۋبىنىڭ ئېشىكىنى ئاچتى، تەۋبىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى ۋە ياخشى يولدا مېڭىشىغا ياردەم .بەردى

• كل من عصى الله تعالى بعمد أو بغير عمد فهو جاهل بقدر من عصاه جل وعلا، وجاهل بآثار المعاصي وشؤمها عليه.
مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ئاللاھقا ئاسىي بولغانلارنىڭ ھەممىسى، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش مىقدارىدا جاھىلدۇر. شۇنداقلا ئاسىيلىقنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىرى ۋە شۇملۇقىنى بىلمەيدىغان دەرىجىدە جاھىلدۇر.

• من أسباب استمرار الحياة الزوجية أن يكون نظر الزوج متوازنًا، فلا يحصر نظره فيما يكره، بل ينظر أيضا إلى ما فيه من خير، وقد يجعل الله فيه خيرًا كثيرًا.
ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ نورمال داۋاملىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن: ئەر كىشى ئائىلىدە ئوتتۇرىھال قاراشتا بولۇش، نەزىرىنى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا ئاغدۇرماستىن بەلكى ياخشىلىق ۋە گۈزەل ئىشلارغا ئاغدۇرغاندا، ئاللاھ ئۇ تۇرمۇشنى بەرىكەتلىك قىلىدۇ.

وَإِنۡ أَرَدتُّمُ ٱسۡتِبۡدَالَ زَوۡجٖ مَّكَانَ زَوۡجٖ وَءَاتَيۡتُمۡ إِحۡدَىٰهُنَّ قِنطَارٗا فَلَا تَأۡخُذُواْ مِنۡهُ شَيۡـًٔاۚ أَتَأۡخُذُونَهُۥ بُهۡتَٰنٗا وَإِثۡمٗا مُّبِينٗا
ئى ئەرلەر! ئەگەر سىلەر بىر خوتۇننى قويىۋېتىپ ئورنىغا يەنە بىر خوتۇن ئالماقچى بولساڭلار، بۇنىڭدا سىلەرگە گۇناھ يوق، ئەگەر سىلەر كەسكىن ئايرىلماقچى بولغان ئايالغا تويلۇق مېھرى ئۈچۈن كۆپ مال-دۇنيا بەرگەن بولساڭلارمۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ئېلىۋېلىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، ئەگەر مەقسىتىڭلار ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىدىن بىر نەرسە ئىلىۋېلىش بولسا، بۇ ئوچۇق بۆھتان ۋە روشەن گۇناھدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَكَيۡفَ تَأۡخُذُونَهُۥ وَقَدۡ أَفۡضَىٰ بَعۡضُكُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٖ وَأَخَذۡنَ مِنكُم مِّيثَٰقًا غَلِيظٗا
سىلەر بىلەن ئاياللار ئارىسىدا جىنسى ئالاقە، مۇھەببەت، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر-بىرىنىڭ سىرلىرىدىن خەۋەردار بولۇش قاتارلىق ئىشلار ھاسىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئۇلارغا تويلۇق مېھرى ئۈچۈن بەرگەن نەرسىنى قانداقمۇ ئېلىۋالىسىلەر؟مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن ئۇلارنىڭ قولىدىن بىر نەرسە تاما قىلىش بەك پەسكەشلىكتۇر، ھەقىقەتەن سىلەردىن مۇستەھكەم چىڭ ئەھدە ئىلىنغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ سۆزى ۋە پرىنسىپى بىلەن ھالال قىلىشتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَا تَنكِحُواْ مَا نَكَحَ ءَابَآؤُكُم مِّنَ ٱلنِّسَآءِ إِلَّا مَا قَدۡ سَلَفَۚ إِنَّهُۥ كَانَ فَٰحِشَةٗ وَمَقۡتٗا وَسَآءَ سَبِيلًا
ئاياللاردىن ئاتىلىرىڭلار توي قىلغان ئاياللارنى يەنى ئۆگەي ئاناڭلارنى نىكاھلاپ ئالماڭلار، بۇنداق قىلىش ھارام بولىدۇ، لېكىن ئىسلامدىن ئىلگىرى بولغان بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن جازالانمايدۇ، ئوغۇللارنىڭ دادىسىنىڭ ئاياللىرى يەنى ئۆگەي ئانىسى بىلەن توي قىلىشى بەك ئىپلاس ئىش ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ غەزىبىگە دۇچار بولىدۇ ۋە ناچار-ئەخلاقسىزلىق يولىدا ماڭغان بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمۡ أُمَّهَٰتُكُمۡ وَبَنَاتُكُمۡ وَأَخَوَٰتُكُمۡ وَعَمَّٰتُكُمۡ وَخَٰلَٰتُكُمۡ وَبَنَاتُ ٱلۡأَخِ وَبَنَاتُ ٱلۡأُخۡتِ وَأُمَّهَٰتُكُمُ ٱلَّٰتِيٓ أَرۡضَعۡنَكُمۡ وَأَخَوَٰتُكُم مِّنَ ٱلرَّضَٰعَةِ وَأُمَّهَٰتُ نِسَآئِكُمۡ وَرَبَٰٓئِبُكُمُ ٱلَّٰتِي فِي حُجُورِكُم مِّن نِّسَآئِكُمُ ٱلَّٰتِي دَخَلۡتُم بِهِنَّ فَإِن لَّمۡ تَكُونُواْ دَخَلۡتُم بِهِنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ وَحَلَٰٓئِلُ أَبۡنَآئِكُمُ ٱلَّذِينَ مِنۡ أَصۡلَٰبِكُمۡ وَأَن تَجۡمَعُواْ بَيۡنَ ٱلۡأُخۡتَيۡنِ إِلَّا مَا قَدۡ سَلَفَۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
سىلەرگە ئانىلىرىڭلار بىلەن توي قىلىش ھارام قىلىندى، شۇنىڭدەك ئانا تەرەپ ۋە دادا تەرەپتىن بولغان چوڭ ئانىلار بىلەن، قىزلىرىڭلار بىلەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىزلىرى ۋە قىزلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن، ئوغۇلنىڭ قىزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن، قېرىنداش ھەمشىرەڭلار ۋە ئانا باشقا ياكى دادا باشقا ھەمشىرىلىرىڭلار بىلەن، ھاممىلىرىڭلار بىلەن شۇنىڭدەك دادا تەرەپ ھاممىلىرىڭلار بىلەن ۋە ئۇلاردىن يۇقىرى ھاممىلىرىڭلار بىلەن، ئانا تەرەپ ھاممىلىرىڭلار بىلەن، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يۇقىرى بولغان ھاممىلىرىڭلار بىلەن، ئاكا-ئۇكا ۋە ھەمشىرىلىرىڭلارنىڭ قىزلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن، سۈت ئانىلىرىڭلار بىلەن، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلار بىلەن، قېيىن ئانىلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ قىزى بىلەن بىرگە بولۇڭلار ياكى بىرگە بولماڭلار ئوخشاشتۇر. ئاياللىرىڭلارنىڭ باشقا ئەردىن بولغان كۆپىنچە سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلىنىۋاتقان قىزى بىلەن، شۇنىڭدەك باشقا جايدا تەربىيىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئانىسى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان بولساڭلار ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ھارام بولىدۇ. ئەمما ئانىسى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىغان بولساڭلار، ئۇ ۋاقىتتا قىزلىرى بىلەن توي قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. ئۆز پۇشتىدىن بولغان پەرزەنتىنىڭ ئايالى بىلەن توي قىلىش ھارام قىلىندى، گەرچە ئوغلى ئۇ ئايال بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ قاتارىغا ئېمىلدەشلىكتىن بولغان ئوغۇللىرىنىڭ ئاياللىرىمۇ كېرىدۇ، شۇنىڭدەك نەسەبتىن بولسۇن ياكى ئېمىلداشلىقتىن بولسۇن ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلاش ھارام قىلىندى. لېكىن ئىلگىرى جاھىلىيەت دەۋرىدە بولغان بولسا ئۇنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، ئاللاھ ئۆزىگە تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە بىر ئايالنى ئۆزىنىڭ تاغا ئاچىسى ياكى ھامماچىسى بىلەن بىرگە .نىكاھىدا ساقلاشمۇ ھارام قىلىندى
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• إذا دخل الرجل بامرأته فقد ثبت مهرها، ولا يجوز له التعدي عليه أو الطمع فيه، حتى لو أراد فراقها وطلاقها.
ئەگەر ئەركىشى بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ بىرگە بولىدىكەن تويلۇق مېھرى بىكىتىلىدۇ. ھەتتا ئەركىشى ئۇ ئايالنى تالاق قىلىش ياكى ئايرىلىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، تويلۇق مېھرىنى تاما قىلىش ئارقىلىق ئايالغا زۇلۇم قىلىشى توغرا بولمايدۇ

• حرم الله تعالى نكاح زوجات الآباء؛ لأنه فاحشة تمقتها العقول الصحيحة والفطر السليمة.
ئاللاھ تائالا ئۆگەي ئانا بىلەن توي قىلىشنى ھارام قىلدى، چۈنكى ئۇ ساغلام .تەبىئەت ۋە ساق ئەقىلنى يوق قىلىدۇ

• بين الله تعالى بيانًا مفصلًا من يحل نكاحه من النساء ومن يحرم، سواء أكان بسبب النسب أو المصاهرة أو الرضاع؛ تعظيمًا لشأن الأعراض، وصيانة لها من الاعتداء.
ئاللاھ ئاياللاردىن نىكاھ قىلىش دۇرۇس بولىدىغان ۋە دۇرۇس بولمايدىغانلىرىنى، مەيلى ئۇ نەسەبتىن بولسۇن ياكى كۇيئوغۇللۇقتىن بولسۇن ياكى ئېمىلداشلىقتىن بولسۇن ئوخشاش بولۇپ، ئايالنى ھۆرمەتلەش ۋە تاجاۋۇز قىلىنىشتىن ساقلاش ئۈچۈن تەپسىلى بايان قىلدى.

۞ وَٱلۡمُحۡصَنَٰتُ مِنَ ٱلنِّسَآءِ إِلَّا مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡۖ كِتَٰبَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡۚ وَأُحِلَّ لَكُم مَّا وَرَآءَ ذَٰلِكُمۡ أَن تَبۡتَغُواْ بِأَمۡوَٰلِكُم مُّحۡصِنِينَ غَيۡرَ مُسَٰفِحِينَۚ فَمَا ٱسۡتَمۡتَعۡتُم بِهِۦ مِنۡهُنَّ فَـَٔاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ فَرِيضَةٗۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ فِيمَا تَرَٰضَيۡتُم بِهِۦ مِنۢ بَعۡدِ ٱلۡفَرِيضَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمٗا
سىلەرگە ئېرى بار ئاياللارنى ئېلىش ھارام قىلىندى. لېكىن ئاللاھ يولىدىكى جىھادتا ئەسىرگە چۈشكەن چۆرىلەر بولسا، بىر قېتىم ئادەت كۆرۈپ پاكلىنىپ بولغاندىن كېيىن بىرگە بولساڭلار بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكمىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئاياللار بىلەن زىنا قىلىش كويىدا بولماي، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان ئاساستا، مېھرىنى بېرىپ ھالاللىق بىلەن نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار بولىدۇ. قايسى ئايال بىلەن توي قىلىپ پايدىلانساڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ سىلەرگە پەرز قىلغان تويلۇق مېھرىنى بېرىڭلار، تويلۇق مېھرىنى پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پۈتۈشكەندىن ئارتۇق بەرسەڭلار ياكى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن مەلۇم قىسمىنى ساقىت قىلىۋەتسەڭلار سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا شەكسىزكى ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئىشلارنى تەدبىر قىلىش ۋە يولغا قويۇشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَن لَّمۡ يَسۡتَطِعۡ مِنكُمۡ طَوۡلًا أَن يَنكِحَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ فَمِن مَّا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُم مِّن فَتَيَٰتِكُمُ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۚ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِإِيمَٰنِكُمۚ بَعۡضُكُم مِّنۢ بَعۡضٖۚ فَٱنكِحُوهُنَّ بِإِذۡنِ أَهۡلِهِنَّ وَءَاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِ مُحۡصَنَٰتٍ غَيۡرَ مُسَٰفِحَٰتٖ وَلَا مُتَّخِذَٰتِ أَخۡدَانٖۚ فَإِذَآ أُحۡصِنَّ فَإِنۡ أَتَيۡنَ بِفَٰحِشَةٖ فَعَلَيۡهِنَّ نِصۡفُ مَا عَلَى ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ مِنَ ٱلۡعَذَابِۚ ذَٰلِكَ لِمَنۡ خَشِيَ ٱلۡعَنَتَ مِنكُمۡۚ وَأَن تَصۡبِرُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡۗ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
قولى قىسقا بولغانلىقتىن ھۆر ئاياللار بىلەن توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ قول ئاستىدىكى مۇئمىنە چۆرىلەرنى ئالسا بولىدۇ، سىلەرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىڭلارنى ۋە ئىمانىڭلارنى ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ، سىلەر ۋە ئۇلار (چۆرىلەر) دىندا ۋە ئىنسانلىقتا ئوخشاش، شۇڭا ئۇلار بىلەن توي قىلىشتىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرماڭلار، ئۇلارنى خوجايىنلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن نىكاھلاپ ئېلىڭلار. ئۇلارنىڭ تويلۇق مېھرىنى كېمەيتىۋەتمەي، ئۇزۇنغىمۇ سوزۇۋەتمەي بېرىڭلار. بۇلار ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان ۋە يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان بولۇشى كېرەك. ناۋادا ئۇلار توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن زىنا-پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا ئېرى بار، ھۆر ئاياللاردىن پەرقلىق بولىدۇ، يەنى ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ، ئەللىك قامچا ئۇرۇلىدۇ، چالما-كېسەك قىلىنمايدۇ. ئىپپەتلىك، مۇئمىن، چۆرىلەرنى نىكاھلاپ ئىلىشتىن ئىبارەت بۇ ھۆكۈم، ھۆر ئاياللار بىلەن توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان، توي قىلمىسا زىنا-پاھىشە قىلىپ سېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. لېكىن ئەۋلادلىرىنى قۇللۇقتىن ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن سەۋر قىلىش، دېدەك ئاياللار بىلەن توي قىلغاندىن ياخشىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا مېھرىباندۇر. ھۆر ئاياللار بىلەن توي قىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن زىنا-پاھىشىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشىلەرنىڭ دېدەكلەر بىلەن توي قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىشى ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بولغان رەھمىتىدىندۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمۡ وَيَهۡدِيَكُمۡ سُنَنَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ وَيَتُوبَ عَلَيۡكُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
ئاللاھ مۇشۇنداق ئەھكاملارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق سىلەرگە ئۆز شەرىئىتى ۋە دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ھەمدە سىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن پايدىلىق نەرسىلەرنى بايان قىلماقچى، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى ۋە ماختاشقا لايىق ئىش-ئىزلىرىغا ئەگىشىشىڭلار ئۈچۈن ھالال-ھارام ئىشلىرىدا سىلەرنى شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ يوللىرىغا يېتەكلىمەكچى، شۇنداقلا سىلەرنى گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئۆزنىڭ تائىتىگە قايتۇرماقچى. ئاللاھ بەندىلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يولغا قويىدۇ. يولغا قويغان ئىشلاردا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر ۋە بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• حُرمة نكاح المتزوجات: حرائر أو إماء حتى تنقضي عدتهن أيًّا كان سبب العدة.
ھۆر بولسۇن ياكى دېدەك بولسۇن، قايسىبىر سەۋەب بىلەن ئىددەت تۇتۇشقا تېگىشلىك ئايال بولسا، ئىددىتى توشمىغۇچە ئۇ ئاياللارنى ئېلىش ھارامدۇر.

• أن مهر المرأة يتعين بعد الدخول بها، وجواز أن تحط بعض مهرها إذا كان بطيب نفس منها.
ئايالنىڭ تويلۇق مېھرى جىنسىي ئالاقىدە بولغاندىن كېيىن ئەرنىڭ زىممىسىگە ۋاجىب بولىدۇ. لېكىن ئايال كىشى ئۆز رازىلىقى بىلەن مېھرىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆتۈۋەتسە بولىدۇ.

• جواز نكاح الإماء المؤمنات عند عدم القدرة على نكاح الحرائر؛ إذا خاف على نفسه الوقوع في الزنى.
ھۆر ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، زىنا-پاھىشىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ قالسا، مۇئمىنە دېدەكلەر بىلەن توي قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

• من مقاصد الشريعة بيان الهدى والضلال، وإرشاد الناس إلى سنن الهدى التي تردُّهم إلى الله تعالى.
كىشىلەرگە ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنى يورۇتۇپ بېرىش ۋە كىشىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولغا يېتەكلەش شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر.

وَٱللَّهُ يُرِيدُ أَن يَتُوبَ عَلَيۡكُمۡ وَيُرِيدُ ٱلَّذِينَ يَتَّبِعُونَ ٱلشَّهَوَٰتِ أَن تَمِيلُواْ مَيۡلًا عَظِيمٗا
ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى ۋە خاتالىقىڭلارنى كەچۈرۈۋېتىشنى خالايدۇ. ئەيش-ئىشرەتكە چۆمگەنلەر بولسا سىلەرنى توغرا يولدىن تولىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىشنى ئويلايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُخَفِّفَ عَنكُمۡۚ وَخُلِقَ ٱلۡإِنسَٰنُ ضَعِيفٗا
ئاللاھ سىلەردىن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى يەڭگىللىتىشنى، سىلەرنى كۈچۈڭلار يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلماسلىقنى خالايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ۋە تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقنى بىلگۈچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَكُم بَيۡنَكُم بِٱلۡبَٰطِلِ إِلَّآ أَن تَكُونَ تِجَٰرَةً عَن تَرَاضٖ مِّنكُمۡۚ وَلَا تَقۡتُلُوٓاْ أَنفُسَكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُمۡ رَحِيمٗا
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! بۇلاش، ئوغرىلاش، پارا بېرىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ناھەق ۋاسىتىلەر بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئېلىۋالماڭلار. لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈشۈشى ئارقىلىق قىلىنغان ئېلىم-سېتىملاردىن ئېرىشكەن ماللار بولسا، بۇنى يېيىشكە ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۆزۈڭلارنىمۇ ئۆلتۈرمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئىنتايىن مېھرىباندۇر. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز-ئارا قان تۆكۈشۈڭلارنى، بىر-بىرىڭلارنىڭ مېلىنى ئېلىۋېلىشنى ۋە بىر-بىرىڭلارنىڭ يۈز-ئابرويىنى تۆكۈشۈڭلارنى ھارام قىلغانلىقى ئۇنىڭ رەھمىتىدىندۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ عُدۡوَٰنٗا وَظُلۡمٗا فَسَوۡفَ نُصۡلِيهِ نَارٗاۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرًا
كىمكى ئاشۇ چەكلەنگەن ئىشنى قىلىپ، باشقىلارنىڭ مېلىنى بىلمەسلىك ياكى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بىلىپ تۇرۇپ، چەكتىن ئېشىپ باشقىلارنىڭ مېلىنى يەۋالسا ياكى ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى دەھشەتلىك ئوتقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئوتنىڭ ھارارىتىدىن قىينىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قاتتىق ئازابىنى تېتىيدۇ. بۇنداق ئازابلاش ئاللاھقا ئاسان، چۈنكى ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، ئۇنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ھېچنەرسە يوقتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِن تَجۡتَنِبُواْ كَبَآئِرَ مَا تُنۡهَوۡنَ عَنۡهُ نُكَفِّرۡ عَنكُمۡ سَيِّـَٔاتِكُمۡ وَنُدۡخِلۡكُم مُّدۡخَلٗا كَرِيمٗا
ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە جازانە يېيىش دېگەندەك چوڭ گۇناھلاردىن يىراق تۇرساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىۋېتىمىز ھەمدە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى جەننەتتىن ئىبارەت ئېسىل جايغا كىرگۈزىمىز.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَا تَتَمَنَّوۡاْ مَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بِهِۦ بَعۡضَكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ لِّلرِّجَالِ نَصِيبٞ مِّمَّا ٱكۡتَسَبُواْۖ وَلِلنِّسَآءِ نَصِيبٞ مِّمَّا ٱكۡتَسَبۡنَۚ وَسۡـَٔلُواْ ٱللَّهَ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا
ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىن بەزىلىرڭلاردىن بەزىلىرىڭلار ئۈچۈن ئارتۇق قىلغان نەرسىنى ئارزۇ قىلماڭلار، بۇ ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەتخورلۇققا ئېلىپ بارمىسۇن، ئاياللارنىڭ ئاللاھ ئەرلەرگە خاس قىلغان نەرسىنى ئازرۇ قىلىشى لايىق بولمايدۇ، ھەر بىرىنىڭ ئۆز لايىغىدا جازا-مۇكاپاتتىن نەسىۋېسى بولىدۇ. ئاللاھتىن سىلەرگە ئۆز پەزلىنى زىيادە قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەر بىرىگە ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان نەرسىنى ئاتا قىلغۇچىدۇر
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلِكُلّٖ جَعَلۡنَا مَوَٰلِيَ مِمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَۚ وَٱلَّذِينَ عَقَدَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ فَـَٔاتُوهُمۡ نَصِيبَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدًا
سىلەردىن ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئۇرۇقداش تۇغقانلارنى قىلدۇق. ئۆزئارا ئىتتىپاقداش بولۇش ۋە بىر-بىرىڭلارغا ياردەم بېرىشكە ئەھدۇپەيمان قىلىشقان كىشىلەرگە مىراستىن نېسىۋىسىنى بېرىڭلار. ئاللاھ ھەر نەرسىگە شاھىدتۇر، مۇشۇ ئەھدۇپەيمانلىرىڭلارنىمۇ كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ئىتتىپاقداشلىق بىلەن مىراسخور بولۇش ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• سعة رحمة الله بعباده؛ فهو سبحانه يحب التوبة منهم، والتخفيف عنهم، وأما أهل الشهوات فإنما يريدون بهم ضلالًا عن الهدى.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان مېھىر-شەپقىتى چەكسىزدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشنى ۋە ئۇلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى خالايدۇ. ئەمما ئەيش-ئىشرەتكە چۆمگەنلەر ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى توغرا يولدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.

• حفظت الشريعة حقوق الناس؛ فحرمت الاعتداء على الأنفس والأموال والأعراض، ورتبت أعظم العقوبة على ذلك.
ئىسلام شەرىئىتى ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان بولغاچقا، باشقىلارنىڭ جانلىرىغا، ماللىرىغا ۋە يۈز-ئابرويلىرىغا چېقىلىشنى ھارام قىلدى ۋە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارغا ئەڭ ئېغىز جازالارنى بېكىتتى.

• الابتعاد عن كبائر الذنوب سبب لدخول الجنة ومغفرة للصغائر.
چوڭ گۇناھلاردىن يىراق تۇرۇش جەننەتكە كىرىشكە ۋە كىچىك گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

• الرضا بما قسم الله، وترك التطلع لما في يد الناس؛ يُجنِّب المرء الحسد والسخط على قدر الله تعالى.
ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە رازى بولۇش، باشقىلارنىڭ قولىدىكى نەرسىنى تەمە قىلماسلىق، ئىنساننى ھەسەتخورلۇقتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نارازى بولۇشتىن يىراق قىلىدۇ.

ٱلرِّجَالُ قَوَّٰمُونَ عَلَى ٱلنِّسَآءِ بِمَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ وَبِمَآ أَنفَقُواْ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡۚ فَٱلصَّٰلِحَٰتُ قَٰنِتَٰتٌ حَٰفِظَٰتٞ لِّلۡغَيۡبِ بِمَا حَفِظَ ٱللَّهُۚ وَٱلَّٰتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَٱهۡجُرُوهُنَّ فِي ٱلۡمَضَاجِعِ وَٱضۡرِبُوهُنَّۖ فَإِنۡ أَطَعۡنَكُمۡ فَلَا تَبۡغُواْ عَلَيۡهِنَّ سَبِيلًاۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيّٗا كَبِيرٗا
ئاللاھ تائالا ئەرلەرگە ئاياللارغا بەرمىگەن بىر قىسىم ئارتۇقچىلىقلارنى بەرگەنلىكى، ئاياللارنىڭ نەپىقىسىنى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئاياللارنى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. سالىھ ئاياللار پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ئەرلىرىگە بويسۇنغۇچىلاردۇر. ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. ئەي ئەرلەر، سىلەر گەپ-سۆزدە ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئەرلىرىگە بويسۇنماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغان ئاياللارغا دەسلەپتە چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ، ئاللاھتىن قورقۇشقا تەۋسىيە قىلىڭلار. ئەگەر ۋەز-نەسىھەت ئۈنۈم بەرمىسە، ئۇلارنى كۆرپىسىدە يالغۇز قويۇپ، كەينىڭلارنى قىلىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولماڭلار. بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە، يارلاندۇرماستىن يەڭگىل ئۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار ئەيۋەشكە كەلسە، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە ئەيىبلەش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىدىن ئۈستۈندۇر، زاتى ۋە سۈپىتىدە ھەممىدىن كاتتىدۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِنۡ خِفۡتُمۡ شِقَاقَ بَيۡنِهِمَا فَٱبۡعَثُواْ حَكَمٗا مِّنۡ أَهۡلِهِۦ وَحَكَمٗا مِّنۡ أَهۡلِهَآ إِن يُرِيدَآ إِصۡلَٰحٗا يُوَفِّقِ ٱللَّهُ بَيۡنَهُمَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرٗا
ئەي ۋەلىيلەر! ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۆزئارا ئۆچ-ئاداۋەت ۋە بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشكە بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالساڭلار، ئۇلارنى ئايرىۋېتىش ياكى ياراشتۇرۇپ قويۇشتا ھەرئىككىلا تەرەپكە كۆيۈنگەن ئاساستا قارار چىقىرىشلىرى ئۈچۈن ئەر تەرەپتىنمۇ ھەققانىيەتچى بىر كىشىنى، ئايال تەرەپتىنمۇ ھەققانىيەتچى بىر كىشىنى ئەۋەتىڭلار. ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئايرىۋەتكەندىن ياخشى ۋە ئەۋزەلدۇر. ئەگەر ھۆكۈم قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ئۇ ئىككەيلەن ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويماقچى بولۇپ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قوللىنالىسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاشنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھقا بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان كىچىككىنە مەخپىيەتلىكنىمۇ بىلگۈچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
۞ وَٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَلَا تُشۡرِكُواْ بِهِۦ شَيۡـٔٗاۖ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنٗا وَبِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱلۡجَارِ ذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡجَارِ ٱلۡجُنُبِ وَٱلصَّاحِبِ بِٱلۡجَنۢبِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ مُخۡتَالٗا فَخُورًا
پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن بويسۇنۇش ئارقىلىق يالغۇز بىر ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار، ئۇنىڭغا باشقا بىرىنى شېرىك قىلىۋالماڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ئىززەت-ئىكرام قىلىش ۋە ياخشى خىزمىتىدە بولۇش ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇرۇق-تۇغقان، يېتىم-يېسىر، پېقىر-مىسكىنلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋېتىڭلار بولغان قوشنا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋېتىڭلار بولمىغان قوشنىلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار، يېنىڭلاردىكى سەپەردىشىڭلارغا ۋە يولدا ئۇزۇق-تۈلۈكى ئۈزۈلۈپ قالغان ناتونۇش مۇساپىرغىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان، باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىدىغان ۋە باشقىلار ئالدىدا پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزىنى ماختايدىغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
ٱلَّذِينَ يَبۡخَلُونَ وَيَأۡمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلۡبُخۡلِ وَيَكۡتُمُونَ مَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۗ وَأَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٗا مُّهِينٗا
ئاللاھ تائالا ئۆزى بەرگەن رىزىقتىن ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىشنى ۋاجىب قىلغان كىچىككىنە بىر قىسمىنىمۇ بەرگىلى ئۇنىمايدىغان، گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بەرمەسلىككە تەشۋىق قىلىدىغانلارنى ياقتۇرمايدۇ. بۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن رىزىق، ئىلىم ۋە باشقا تۈرلۈك نېئمەتلەرنى يوشۇرىدۇ، كىشىلەرگە ھەقنى ئوچۇق ئېيتماي، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرىدۇ، يالغان-ياۋىداقلارنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ كاپىرلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• ثبوت قِوَامة الرجال على النساء بسبب تفضيل الله لهم باختصاصهم بالولايات، وبسبب ما يجب عليهم من الحقوق، وأبرزها النفقة على الزوجة.
ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ بېكىتىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئىمتىيازىنى بېرىش ۋە ئۇلارغا بىر قىسىم مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلەش ئارقىلىق ئاياللاردىن ئارتۇق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر. بۇ مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكراقى ئاياللارنىڭ چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىدۇر.

• التحذير من البغي وظلم المرأة في التأديب بتذكير العبد بقدرة الله عليه وعلوه سبحانه.
ھەرقانداق بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە كۈچى يېتىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن تولىمۇ كاتتا ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئاياللارنى ئەدەبلەشتە چەكتىن ئاشۇرۋېتىشتىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

• التحذير من ذميم الأخلاق، كالكبر والتفاخر والبخل وكتم العلم وعدم تبيينه للناس.
تەكەببەرلۇق، پەخىرلىنىش، بېخىللىق، ئىلىمنى يوشۇرۇش، كىشىلەرگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتماسلىققا ئوخشاش ناچار قىلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

وَٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمۡ رِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَلَا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَلَا بِٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۗ وَمَن يَكُنِ ٱلشَّيۡطَٰنُ لَهُۥ قَرِينٗا فَسَآءَ قَرِينٗا
ئەنە شۇنىڭدەك، بىز بۇ ئازابنى پۇل-ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىپ مەدھىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان، ھالبۇكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلارغا تەييارلىدۇق. بىز ئۇلارغا ئاشۇ خارلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق. ئۇلارنىڭ شەيتانغا ئەگەشكەنلىكى پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرۇۋەتتى. كىمگە شەيتان ھەمراھ بولىدىكەن، ئۇ .نېمىدىگەن يامان ھەمراھ!؟
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَاذَا عَلَيۡهِمۡ لَوۡ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَأَنفَقُواْ مِمَّا رَزَقَهُمُ ٱللَّهُۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِهِمۡ عَلِيمًا
ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشەنسە، پۇل-ماللىرىنى نىيەتلىرىنى خالىس قىلىپ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلسا، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بار؟ ئەكسىچە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ياخشىلىق بارغۇ!؟. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ھەر كىمنىڭ ئەمىلىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَظۡلِمُ مِثۡقَالَ ذَرَّةٖۖ وَإِن تَكُ حَسَنَةٗ يُضَٰعِفۡهَا وَيُؤۡتِ مِن لَّدُنۡهُ أَجۡرًا عَظِيمٗا
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىلدۇر، بەندىلىرىگە قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىدىن كىچىك چۈمۈلىچىلىك نەرسىنىمۇ كېمەيتىۋەتمەيدۇ، ھەمدە يامانلىقىغا كىچىككىنە نەرسىنى قوشۇپمۇ قويمايدۇ. زەررىچىلىك ياخشىلىقى بوپقالسا، مەرھەمەت قىلىپ ئۇنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ ھەمدە مۇكاپاتنى ھەسسىلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز پەزلىدىن كاتتا ساۋابلارنى بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَكَيۡفَ إِذَا جِئۡنَا مِن كُلِّ أُمَّةِۭ بِشَهِيدٖ وَجِئۡنَا بِكَ عَلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِ شَهِيدٗا
بىز ھەر ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرىدىغان، ئەي پەيغەمبەر! سېنىمۇ ئۈممىتىڭگە گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بوپ كېتەر؟!
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَوۡمَئِذٖ يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَعَصَوُاْ ٱلرَّسُولَ لَوۡ تُسَوَّىٰ بِهِمُ ٱلۡأَرۡضُ وَلَا يَكۡتُمُونَ ٱللَّهَ حَدِيثٗا
ئاشۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلغانلار تۇپراققا ئايلىنىپ، يەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئاللاھتىن يوشۇرالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ تىللىرىنى مۆھۈرلىۋەتكەنلىكتىن ئۇلار سۆزلىيەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ باشقا ئەزالىرىغا سۆزلەشكە رۇخسەت بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَقۡرَبُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَنتُمۡ سُكَٰرَىٰ حَتَّىٰ تَعۡلَمُواْ مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغۡتَسِلُواْۚ وَإِن كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوۡ جَآءَ أَحَدٞ مِّنكُم مِّنَ ٱلۡغَآئِطِ أَوۡ لَٰمَسۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمۡ تَجِدُواْ مَآءٗ فَتَيَمَّمُواْ صَعِيدٗا طَيِّبٗا فَٱمۡسَحُواْ بِوُجُوهِكُمۡ وَأَيۡدِيكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! سىلەر مەست بولۇپ قالغىنىڭلاردا تاكى مەستلىكىڭلاردىن تولۇق يېشىىلىپ، نېمە دېگىنىڭلارنى پەرقلەندۈرگىدەك بولمىغۇچە ناماز ئوقۇماڭلار -بۇ، ھاراق كەسكىن ھارام قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ھۆكۈمدۇر-. ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار، تاكى غۇسلى قىلمىغۇچە ناماز ئوقۇماڭلار، مەسجىدكىمۇ كىرمەڭلار، پەقەت مەسجىدتە تۇرماي ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن كىرسەڭلار بولىدۇ. ئەگەر سۇ زىيان قىلىدىغان بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولساڭلار، ياكى سەپەردە بولساڭلار، ياكى تاھارەت سۇندۇرۇپ ۋە ياكى ئاياللار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇپ، سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلار ۋە قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ كەمچىلىكلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچى ۋە خاتالىقلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ نَصِيبٗا مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ يَشۡتَرُونَ ٱلضَّلَٰلَةَ وَيُرِيدُونَ أَن تَضِلُّواْ ٱلسَّبِيلَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا تەۋراتتىكى ئىلىمدىن نېسىۋە بەرگەن يەھۇدىيلارنىڭ گۇمراھلىقنى ھىدايەتكە ئالماشتۇرغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟. ئى مۇئمىنلەر! يەھۇدىيلار سىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەگرى يولىدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن توغرا يولدىن ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• من كمال عدله تعالى وتمام رحمته أنه لا يظلم عباده شيئًا مهما كان قليلًا، ويتفضل عليهم بمضاعفة حسناتهم.
ئاللاھ تائالانىڭ ئەدلى-ئادالىتى مۇكەممەل ۋە مېھىر-شەپقىتىمۇ تولۇق بولغانلىقتىن بەندىلىرىگە قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلىدۇ.

• من شدة هول يوم القيامة وعظم ما ينتظر الكافر يتمنى أن يكون ترابًا.
قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتى ۋە يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئىشنىڭ زورلۇقىدىن كاپىرلار تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.

• الجنابة تمنع من الصلاة والبقاء في المسجد، ولا بأس من المرور به دون مُكْث فيه.
جۇنۇپلۇق ناماز ئوقۇشقا ۋە مەسجىدتە تۇرۇپ قېلىشقا توسالغۇ بولىدۇ. ئەمما مەسجىدتە توختاپ تۇرماستىن ئۆتۈپ كەتسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

• تيسير الله على عباده بمشروعية التيمم عند فقد الماء أو عدم القدرة على استعماله.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە، سۇ تاپالمىغاندا ياكى سۇ ئىشلىتەلمەيدىغان بوپقالغاندا تەيەممۇم قىلىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق قولايلىق يارىتىپ بەردى.

وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِأَعۡدَآئِكُمۡۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَلِيّٗا وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ نَصِيرٗا
ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنى سىلەردىن ياخشىراق بىلگەچكە، سىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەھۋاالىنى ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكىنى پاش قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە يېتەرلىكتۇركى، ئۇ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ سىلەرگە يېتەرلىكتۇركى، ئۇ سىلەرنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ۋە ئازار-كۈلپەتلىرىدىن قوغدايدۇ ھەمدە سىلەرگە ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
مِّنَ ٱلَّذِينَ هَادُواْ يُحَرِّفُونَ ٱلۡكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِۦ وَيَقُولُونَ سَمِعۡنَا وَعَصَيۡنَا وَٱسۡمَعۡ غَيۡرَ مُسۡمَعٖ وَرَٰعِنَا لَيَّۢا بِأَلۡسِنَتِهِمۡ وَطَعۡنٗا فِي ٱلدِّينِۚ وَلَوۡ أَنَّهُمۡ قَالُواْ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَا وَٱسۡمَعۡ وَٱنظُرۡنَا لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۡ وَأَقۡوَمَ وَلَٰكِن لَّعَنَهُمُ ٱللَّهُ بِكُفۡرِهِمۡ فَلَا يُؤۡمِنُونَ إِلَّا قَلِيلٗا
يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە شۇنداق ناچار كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان سۆزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئاللاھ نازىل قىلغاندىن باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بىرەر ئىشقا بۇيرۇغان چاغدا ئۇلار: «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، ئەمما بۇيرۇقۇڭغا ئاسىيلىق قىلدۇق» دېيىشىدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلىپ: «بىزنىڭ دەيدىغانلىرىمىزغا قۇلاق سالغىن، سەن قۇلاق سالمىدىڭ» دېيىشىدۇ. ئۇلار: «راعنا» دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى «بىزگە قۇلاق سېلىشقا ئەھمىيەت بەرگىن» دېمەكچى بولغاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ - يۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزنى تەلەپپۇز قىلغاندا تىللىرىنى تولغاپ پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلماقچى بولۇشىدۇ. قارىماققا پەيغەمبەرگە دۇئا قىلماقچى بولغاندەك قىلىدۇ - يۇ، ئەمەلىيەتتە دىنغا تەنە قىلىشىدۇ. كاشكى ئۇلار «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، بۇيرۇقۇڭغا ئاسىيلىق قىلدۇق» دېگۈچە «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق ۋە بۇيرۇقۇڭغا بويسۇندۇق» دېگەن بولسا، «بىزگە قۇلاق سالغىن، سەن قۇلاق سالمىدىڭ» دېگۈچە «سۆزىمىزگە قۇلاق سالغىن» دېگەن بولسا، «بىزگە ئەخمەق بولۇپ بەرگىن» دېگۈچە «بىزگە مۆھلەت بەرگىن، دېگەنلىرىڭنى ئاڭقىرىۋالايلى» دېگەن بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دەسلەپتە دېگەنلىرىدىن تولىمۇ ياخشى ۋە توغرا بولغان بولاتتى، چۈنكى بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا لايىق گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. لېكىن ئۇلار كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلىپ، رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىدە ئىمان ئېيتمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ ءَامِنُواْ بِمَا نَزَّلۡنَا مُصَدِّقٗا لِّمَا مَعَكُم مِّن قَبۡلِ أَن نَّطۡمِسَ وُجُوهٗا فَنَرُدَّهَا عَلَىٰٓ أَدۡبَارِهَآ أَوۡ نَلۡعَنَهُمۡ كَمَا لَعَنَّآ أَصۡحَٰبَ ٱلسَّبۡتِۚ وَكَانَ أَمۡرُ ٱللَّهِ مَفۡعُولًا
ئەي كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي ۋە ناسارالار! يۈزۈڭلاردىكى سەزگۈ ئەزالىرىڭلارنى گەردىنىڭلارغا قىلىپ قويۇشتىن بۇرۇن ياكى شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇشتىن چەكلەنگەندىن كېيىنمۇ چەكتىن ئېشىپ بېلىق تۇتقانلارنى ئۆز رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلىپ، تەلەتىنى مايمۇنغا ئۆزگەرتىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ رەھمىتىمىزدىن قوغلاندى قىلىشتىن بۇرۇن بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان، قولۇڭلاردىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى تەستىقلايدىغان قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغۡفِرُ أَن يُشۡرَكَ بِهِۦ وَيَغۡفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱفۡتَرَىٰٓ إِثۡمًا عَظِيمًا
شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىن ھېچنەرسىنىڭ شېرىك قىلىنىشىنى كەچۈرمەيدۇ، ئەمما پەزلى-مەرھەمىتى بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ شېرىك ۋە كۇپرىدىن باشقا خاتالىقلىرىنى ئۆتۈۋېتىدۇ ياكى ئادالىتىنى نامايان قىلىش يۈزىسىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە گۇناھلىرىغا تۇشلۇق جازا بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا باشقا نەرسىنى شېرىك قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇكى، مۇشۇ پېتى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە مەغپىرەت قىلىنمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُزَكُّونَ أَنفُسَهُمۚ بَلِ ٱللَّهُ يُزَكِّي مَن يَشَآءُ وَلَا يُظۡلَمُونَ فَتِيلًا
ئەي پەيغەمبەر! ئۆزلىرىنى گۇناھسىز، قىلغان ئەمەللىرىنى توغرا دەپ ماختىنىدىغان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ بەلكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن ئۆزى خالىغان كىشىنى ماختايدۇ ۋە گۇناھتىنمۇ پاكلايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا دىللاردىكى مەخپىيەتلىكلەرنىمۇ بىلگۈچىدۇر. بەندىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن خورمىنىڭ ئۇرۇقچىسىدىكى يىپقا چاغلىق نەرسىمۇ قەتئىي كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
ٱنظُرۡ كَيۡفَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۖ وَكَفَىٰ بِهِۦٓ إِثۡمٗا مُّبِينًا
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ماختاش ئارقىلىق قانداق قىلىپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغىن. بۇ قىلمىش ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىدىن كېلىپ چىققان ئاشكارا گۇناھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ نَصِيبٗا مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡجِبۡتِ وَٱلطَّٰغُوتِ وَيَقُولُونَ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ هَٰٓؤُلَآءِ أَهۡدَىٰ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ سَبِيلًا
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا ئىلىمدىن ئازغىنە نېسىۋە بەرگەن يەھۇدىيلارنىڭ ھالىنى كۆرۈپ، ئەجەبلەندىڭمۇ؟ ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان مەبۇدلىرىغا ئىمان ئېيتىدۇ ۋە مۇشرىكلارغا خۇشامەت قىلىپ: شەكسىزكى ئۇلار مۇھەممەدنىڭ ھەمراھلىرىدىنمۇ توغرىراق يولدىدۇر، دەيدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• كفاية الله للمؤمنين ونصره لهم تغنيهم عما سواه.
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە يېتەرلىكتۇر ھەمدە ئۇنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلغان ياردىمى ئۇلارنى باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ.

• بيان جرائم اليهود، كتحريفهم كلام الله، وسوء أدبهم مع رسوله صلى الله عليه وسلم، وتحاكمهم إلى غير شرعه سبحانه.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزىنى بورمىلاش ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ناچار مۇئامىلە قىلىش ھەمدە دەۋا-دەستۇرلىرىنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ غەيرىگە كۆتۈرۈپ بېرىش دېگەندەك جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

• بيان خطر الشرك والكفر، وأنه لا يُغْفر لصاحبه إذا مات عليه، وأما ما دون ذلك فهو تحت مشيئة الله تعالى.
شېرىك بىلەن كۇپرىنىڭ خەتىرىنى، مۇشرىك پېتى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە مەغپىرەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئەمما شېرىك ۋە كۇپرىدىن باشقا گۇناھلار ئاللاھنىڭ خاھىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش.

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَعَنَهُمُ ٱللَّهُۖ وَمَن يَلۡعَنِ ٱللَّهُ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ نَصِيرًا
ئەنە ئاشۇلار شۇنداق ئېتىقادى بۇزۇق كىشىلەردۇركى، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئاللاھ تائالا كىمنى ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئىگە بولالايدىغان ياردەمچى تاپالمايسەن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أَمۡ لَهُمۡ نَصِيبٞ مِّنَ ٱلۡمُلۡكِ فَإِذٗا لَّا يُؤۡتُونَ ٱلنَّاسَ نَقِيرًا
ئۇلارغا پادىشاھلىقتىن ھېچقانداق نېسىۋە يوق. ناۋادا ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن خورمىنىڭ ئۇرۇقچىسىغا چاپلىشىپ قالغان نېپىز پوستلاقچىلىك نېسىۋىسى بولسىدى، ئۇلار ھېچكىمگە ھېچنەرسە بەرمىگەن بولاتتى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أَمۡ يَحۡسُدُونَ ٱلنَّاسَ عَلَىٰ مَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۖ فَقَدۡ ءَاتَيۡنَآ ءَالَ إِبۡرَٰهِيمَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَءَاتَيۡنَٰهُم مُّلۡكًا عَظِيمٗا
بەلكى ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن پەيغەمبەرلىك، ئىمان ۋە زېمىندا قۇدرەت تېپىشتىن ئېبارەت نېئمەتلەرگە ھەسەت قىلىشىدۇ. ئۇلار مۇئمىنلەرگە نېمىشقا ھەسەت قىلىشىدۇ؟ ھالبۇكى بىز ئىلگىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاسماندىن نازىل قىلىنغان كىتاب ۋە ئۇ كىتابتىن باشقا بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىلەرنى ھەمدە ئۇلارغا ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان كاتتا پادىشاھلىقنى بەردۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَمِنۡهُم مَّنۡ ءَامَنَ بِهِۦ وَمِنۡهُم مَّن صَدَّ عَنۡهُۚ وَكَفَىٰ بِجَهَنَّمَ سَعِيرًا
ئەھلى كىتاب ئىچىدە ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن چىققان پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقان بىر قىسىم كىشىلەر بار. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغىمۇ شۇنداق پوزىتسىيەدە بولدى. دوزاخ ئۇلاردىن كاپىر بولغانلارغا يېتەرلىك جازادۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِنَا سَوۡفَ نُصۡلِيهِمۡ نَارٗا كُلَّمَا نَضِجَتۡ جُلُودُهُم بَدَّلۡنَٰهُمۡ جُلُودًا غَيۡرَهَا لِيَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَزِيزًا حَكِيمٗا
شەكسىزكى بىز ئايەتلىرىمىزگە كاپىر بولغانلارنى قىيامەت كۈنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرىدىغان ئوتقا كىرگۈزىمىز. ئۇ ئوت ھەر قاچان ئۇلارنىڭ تېرىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاندا، ئۇلارغا قىلىنغان ئازاب ئىزچىل بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا باشقا تېرىلەرنى ئالماشتۇرىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئۇ ئۆزى پىلانلىغان ۋە ھۆكۈم قىلغان ئىشلاردا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَنُدۡخِلُهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ لَّهُمۡ فِيهَآ أَزۡوَٰجٞ مُّطَهَّرَةٞۖ وَنُدۡخِلُهُمۡ ظِلّٗا ظَلِيلًا
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرنى قىيامەت كۈنى سارايلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار ئۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بۇ جەننەتلەردە ھەر قانداق مەينەتچىلىكتىن پاكلانغان جۈپتلەر بار. بىز چوقۇم ئۇلارنى بەك ئىسسىقمۇ ئەمەس، بەك سوغۇقمۇ ئەمەس، ھەممە ياققا تاشلىنىپ تۇرىدىغان، قويۇق سايىلىك باغچىلارغا كىرگۈزىمىز.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
۞ إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُكُمۡ أَن تُؤَدُّواْ ٱلۡأَمَٰنَٰتِ إِلَىٰٓ أَهۡلِهَا وَإِذَا حَكَمۡتُم بَيۡنَ ٱلنَّاسِ أَن تَحۡكُمُواْ بِٱلۡعَدۡلِۚ إِنَّ ٱللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُم بِهِۦٓۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ سَمِيعَۢا بَصِيرٗا
شەكسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل بولۇشقا، ھۆكۈمدە ئاغمىچىلىق بىلەن زۇلۇم قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالانىڭ داۋاملىق سىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ تۇرۇشى ۋە يول كۆرسىتىشلىرى نېمىدېگەن ياخشى - ھە!. شەكسىزكى ئاللاھ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَأُوْلِي ٱلۡأَمۡرِ مِنكُمۡۖ فَإِن تَنَٰزَعۡتُمۡ فِي شَيۡءٖ فَرُدُّوهُ إِلَى ٱللَّهِ وَٱلرَّسُولِ إِن كُنتُمۡ تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ وَأَحۡسَنُ تَأۡوِيلًا
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! بۇيرۇغاننى قىلىش ۋە چەكلىگەندىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەرنى ئاسىيلىققا بۇيرۇمىسىلا ئىش ئۈستىدىكىلەرگىمۇ بويسۇنۇڭلار. ناۋادا بىرەر ئىشتا ئوخشىمىغان قاراشتا بوپقالساڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلا بولساڭلار بۇ ئىشتا ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىڭلار. ئەنە شۇنداق كىتابقا ۋە سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىش ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ بارغانسېرى ئىختىلاپقا چۆككەندىن ياخشى ۋە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىسىمۇ گۈزەلدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• من أعظم أسباب كفر أهل الكتاب حسدهم المؤمنين على ما أنعم الله به عليهم من النبوة والتمكين في الأرض.
ئەھلى كىتابنىڭ كاپىر بولۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، پەيغەمبەرلىك ۋە زېمىندا قۇدرەت تېپىشتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە چىدىماسلىق قىلىشتۇر.

• الأمر بمكارم الأخلاق من المحافظة على الأمانات، والحكم بالعدل.
ئامانەتنى ساقلاش، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەخلاققا بۇيرۇش.

• وجوب طاعة ولاة الأمر ما لم يأمروا بمعصية، والرجوع عند التنازع إلى حكم الله ورسوله صلى الله عليه وسلم تحقيقًا لمعنى الإيمان.
ئىش ئۈستىدىكىلەر ئاسىيلىققا بۇيرۇمىسىلا ئۇلارغا بويسۇنۇش، ئۆزئارا تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن چاغدا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكمىگە مۇراجىئەت قىلىش ئىماننىڭ مەنىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە زۆرۈردۇر.

أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يَزۡعُمُونَ أَنَّهُمۡ ءَامَنُواْ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلِكَ يُرِيدُونَ أَن يَتَحَاكَمُوٓاْ إِلَى ٱلطَّٰغُوتِ وَقَدۡ أُمِرُوٓاْ أَن يَكۡفُرُواْ بِهِۦۖ وَيُرِيدُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَن يُضِلَّهُمۡ ضَلَٰلَۢا بَعِيدٗا
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى داۋراڭ سالىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئارىلىرىدىكى دەتالاشلاردا ئاللاھ يولغا قويغان شەرىئەتنى قويۇپ، ئىنسانلار چىقىرىۋالغان قانۇنلارنىڭ ئالدىغا دەۋالىشىپ بارماقچى بولۇشىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. شەيتان ئۇلارنى توغرا يول تېپىۋالمىسۇن دەپ ھەقتىن تولىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ تَعَالَوۡاْ إِلَىٰ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ وَإِلَى ٱلرَّسُولِ رَأَيۡتَ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ يَصُدُّونَ عَنكَ صُدُودٗا
ناۋادا بۇ مۇناپىقلارغا: ئاراڭلاردىكى دەۋا-دەستۇرلارنى ھەل قىلىشتا ئاللاھ تائالا كىتابىدا نازىل قىلغان ھۆكۈملەرگە ۋە پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىڭلار دېيىسلە، -ئەي پەيغەمبەر!- ئۇلارنىڭ سەندىن تامامەن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن ئەرز-شىكايەتلىرىنى باشقىلارنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ بېرىشقانلىقىنى كۆرىسەن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَكَيۡفَ إِذَآ أَصَٰبَتۡهُم مُّصِيبَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ ثُمَّ جَآءُوكَ يَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ إِنۡ أَرَدۡنَآ إِلَّآ إِحۡسَٰنٗا وَتَوۡفِيقًا
ئەي پەيغەمبەر! قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بېشىغا خاپىلىق كەلگەندە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ ساڭا: بىزنىڭ باشقىلارنىڭ قېشىغا ئەرز-شىكايەتلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ بېرىشتا پەقەت دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى چىرايلىقچە ياراشتۇرۇپ قويۇشتىن باشقا غەرىزىمىز يوق، دەپ ئۆزۈرخاھلىق ئېيتىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار بۇ سۆزلىرىدە يالغانچىدۇر. چۈنكى ئېھسان دېگەن پەقەت بەندىلەر ئۈستىدىن ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يَعۡلَمُ ٱللَّهُ مَا فِي قُلُوبِهِمۡ فَأَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ وَعِظۡهُمۡ وَقُل لَّهُمۡ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ قَوۡلَۢا بَلِيغٗا
ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان نىفاق ۋە يامان غەرەزلىرىنى ياخشى بىلىدۇ. -ئەي پەيغەمبەر!- شۇڭا ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىن، ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئاللاھنىڭ ساۋاب-مۇكاپاتلىرىغا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئازابىدىن قورقۇتۇش يۈزىسىدىن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۇقتۇرۇپ قويغىن. ئۇلارغا دىللىرىغا چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان پاساھەتلىك سۆزلەرنى قىلغىن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَلَوۡ أَنَّهُمۡ إِذ ظَّلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ جَآءُوكَ فَٱسۡتَغۡفَرُواْ ٱللَّهَ وَٱسۡتَغۡفَرَ لَهُمُ ٱلرَّسُولُ لَوَجَدُواْ ٱللَّهَ تَوَّابٗا رَّحِيمٗا
بىز ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر ئەۋەتسەك، ئۇ بۇيرۇغان ئىشلاردا ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىتائەت قىلىنسۇن دەپ ئەۋەتتۇق. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار گۇناھ-مەئسىيەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغدا، قىلغان گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلغان ۋە ئاللاھقا تەۋبە قىلغان ھالدا سەن ھايات ۋاقتىڭدا يېنىڭغا كەلگەن بولسا ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى كۆپ قوبۇل قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا نەقەدەر شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤۡمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيۡنَهُمۡ ثُمَّ لَا يَجِدُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ حَرَجٗا مِّمَّا قَضَيۡتَ وَيُسَلِّمُواْ تَسۡلِيمٗا
ھەقىقىي ئەھۋال بۇ مۇناپىقلار ئويلىغاندەك ئەمەس. ئاللاھنىڭ زاتى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئارىلىرىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق دەتالاشتا پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا شۇنىڭ يېنىغا، ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ شەرىئىتىگە دەۋا-دەستۇرلىرىنى كۆتۈرۈپ بارمىغۇچە، ئاندىن پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇپ، قەلبىدىكى ئازراق بولسىمۇ سىقىلىش ۋە ئىككىلىنىش قالمىغۇچە ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە چىن كۆڭلىدىن بويسۇنۇپ، تامامەن قوبۇل قىلمىغۇچە ھەقىقىي راستچىل مۇئمىنلەردىن بولالمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• الاحتكام إلى غير شرع الله والرضا به مناقض للإيمان بالله تعالى، ولا يكون الإيمان التام إلا بالاحتكام إلى الشرع، مع رضا القلب والتسليم الظاهر والباطن بما يحكم به الشرع.
ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن باشقا يەرگە دەۋا ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولۇش ئاللاھ تائالاغا ئېيتقان ئىماننى بۇزۇۋېتىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھۆكۈملىرىگە چىن قەلبىدىن رازى بولۇش ۋە ئىچكى-تاشقى جەھەتلەردە بويسۇنۇش بىلەن بىرگە دەۋا-دەستۇرلىرىنى شەرىئەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلمىگۈچە تولۇق ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.

• من أبرز صفات المنافقين عدم الرضا بشرع الله، وتقديم حكم الطواغيت على حكم الله تعالى.
مۇناپىقلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك سۈپەتلىرىدىن بىرى ئاللاھنىڭ قانۇنىغا رازى بولماسلىق، تاغۇتلارنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن ئۈستۈن كۆرۈش.

• النَّدْب إلى الإعراض عن أهل الجهل والضلالات، مع المبالغة في نصحهم وتخويفهم من الله تعالى.
نادان، ئازغۇنلارغا كۆپ نەسىھەت قىلىش ۋە ئاللاھتىن قورقۇتۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكلىرىگە پەرۋا قىلماسلىققا چاقىرىش.

وَلَوۡ أَنَّا كَتَبۡنَا عَلَيۡهِمۡ أَنِ ٱقۡتُلُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ أَوِ ٱخۡرُجُواْ مِن دِيَٰرِكُم مَّا فَعَلُوهُ إِلَّا قَلِيلٞ مِّنۡهُمۡۖ وَلَوۡ أَنَّهُمۡ فَعَلُواْ مَا يُوعَظُونَ بِهِۦ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۡ وَأَشَدَّ تَثۡبِيتٗا
ناۋادا بىز ئۇلارغا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى ياكى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشنى پەرز قىلساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇيرۇقىمىزنى ئۇرۇندىمايتتى. شۇڭا ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنى قىلالمايدىغان ئىشقا بۇيرۇمىغانلىقىغا كۆپ شۈكۈر قىلسۇن. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا قىلىنغان نەسىھەتلەرگە ئەمەل قىلغان بولسا ئىدى، بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە قارشى چىققاندىن كۆپ ياخشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىمانى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولاتتى، شۇنداقلا بىز ئۇلارغا ھۇزۇرىمىزدىن كاتتا ساۋاب-مۇكاپاتلارنى بەرگەن بولاتتۇق ھەمدە ئۇلارنى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ جەننىتىگە ئېلىپ بارىدىغان يولغا مۇۋەپپەق قىلغان بولاتتۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِذٗا لَّأٓتَيۡنَٰهُم مِّن لَّدُنَّآ أَجۡرًا عَظِيمٗا
ناۋادا بىز ئۇلارغا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى ياكى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشنى پەرز قىلساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇيرۇقىمىزنى ئۇرۇندىمايتتى. شۇڭا ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنى قىلالمايدىغان ئىشقا بۇيرۇمىغانلىقىغا كۆپ شۈكۈر قىلسۇن. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا قىلىنغان نەسىھەتلەرگە ئەمەل قىلغان بولسا ئىدى، بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە قارشى چىققاندىن كۆپ ياخشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىمانى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولاتتى، شۇنداقلا بىز ئۇلارغا ھۇزۇرىمىزدىن كاتتا ساۋاب-مۇكاپاتلارنى بەرگەن بولاتتۇق ھەمدە ئۇلارنى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ جەننىتىگە ئېلىپ بارىدىغان يولغا مۇۋەپپەق قىلغان بولاتتۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَهَدَيۡنَٰهُمۡ صِرَٰطٗا مُّسۡتَقِيمٗا
ناۋادا بىز ئۇلارغا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى ياكى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشنى پەرز قىلساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇيرۇقىمىزنى ئۇرۇندىمايتتى. شۇڭا ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنى قىلالمايدىغان ئىشقا بۇيرۇمىغانلىقىغا كۆپ شۈكۈر قىلسۇن. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا قىلىنغان نەسىھەتلەرگە ئەمەل قىلغان بولسا ئىدى، بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە قارشى چىققاندىن كۆپ ياخشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىمانى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولاتتى، شۇنداقلا بىز ئۇلارغا ھۇزۇرىمىزدىن كاتتا ساۋاب-مۇكاپاتلارنى بەرگەن بولاتتۇق ھەمدە ئۇلارنى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ جەننىتىگە ئېلىپ بارىدىغان يولغا مۇۋەپپەق قىلغان بولاتتۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ فَأُوْلَٰٓئِكَ مَعَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِم مِّنَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ وَٱلصِّدِّيقِينَ وَٱلشُّهَدَآءِ وَٱلصَّٰلِحِينَۚ وَحَسُنَ أُوْلَٰٓئِكَ رَفِيقٗا
كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى ئاللاھ تائالا جەننەتكە كىرىشكە مۇۋەپپەق قىلغان پەيغەمبەرلەر ھەمدە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا بولغان ئىشەنچىسى مۇكەممەل بولغان سىددىقلار، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن شېھىتلەر، ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن دۇرۇس بولغانلىقتىن ئەمەللىرىمۇ ياخشى بولغان سالىھ كىشىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئەنە شۇ كىشىلەر جەننەتتە نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار - ھە!.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
ذَٰلِكَ ٱلۡفَضۡلُ مِنَ ٱللَّهِۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ عَلِيمٗا
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ ساۋاب-مۇكاپاتلار ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان ئىلتىپاتىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشتە يېتەرلىكتۇر. ئۇ ھەركىمنىڭ ئەمىلىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ خُذُواْ حِذۡرَكُمۡ فَٱنفِرُواْ ثُبَاتٍ أَوِ ٱنفِرُواْ جَمِيعٗا
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! دۈشمىنىڭلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشقا ياردىمى بولىدىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ھۇشيار بولۇڭلار. ئۇلار تەرەپكە مەيلى گۇرۇھ-گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، مەيلى ھەممىڭلار بىردەك يۈرۈش قىلىڭلار، بۇ ئىشلارنى ئۆز مەنپەئەتىڭلارنى ۋە دۈشمىنىڭلارغا بېرىلىدىغان زەربىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئورۇنلاشتۇرساڭلار بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِنَّ مِنكُمۡ لَمَن لَّيُبَطِّئَنَّ فَإِنۡ أَصَٰبَتۡكُم مُّصِيبَةٞ قَالَ قَدۡ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيَّ إِذۡ لَمۡ أَكُن مَّعَهُمۡ شَهِيدٗا
ئى مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردا قورقۇنچاقلىق قىلىپ دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشتىن قېپقالغان بىر بۆلۈك كىشىلەر باركى، بۇنداق ئادەملەر باشقىلارنىڭمۇ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۇلار ئىمانى ئاجىز مۇناپىقلاردۇر. ئەگەر سىلەرگە ئۆلۈم كەلسە ياكى مەغلۇبىيەت يەتسە، ئۇلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ساق قالغىنىغا خۇرسەن بولۇپ: ئاللاھ ماڭا مەرھەمەت قىپتۇ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار بىلەن بىرگە جەڭگە چىقماپتىمەن، بولمىسا ماڭىمۇ شۇلارغا ئوخشاش خاپىلىق كېلەتتىكەن، دەيدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَئِنۡ أَصَٰبَكُمۡ فَضۡلٞ مِّنَ ٱللَّهِ لَيَقُولَنَّ كَأَن لَّمۡ تَكُنۢ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُۥ مَوَدَّةٞ يَٰلَيۡتَنِي كُنتُ مَعَهُمۡ فَأَفُوزَ فَوۡزًا عَظِيمٗا
ئەي مۇسۇلمانلار! ناۋادا سىلەر غەلىبە قازىنىش ياكى غەنىمەتكە ئېرىشىش دېگەندەك ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ قالساڭلار، جىھادتىن قېپقالغانلار گوياكى بۇندىن بۇرۇن ئاراڭلاردا ھېچقانداق ئۈلپەتداشلىق ۋە سەپداشلىق مەۋجۇت بولمىغاندەك: كاشكى مەنمۇ شۇلار بىلەن جەڭگە قاتناشقان بولسام، شۇلارغا ئوخشاش كاتتا غەنىمەتكە ئېرىشكەن بولاتتىم، دەيدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
۞ فَلۡيُقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ يَشۡرُونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا بِٱلۡأٓخِرَةِۚ وَمَن يُقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَيُقۡتَلۡ أَوۡ يَغۡلِبۡ فَسَوۡفَ نُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا
ئاخىرەتكە قىزىقىپ ھاياتىي دۇنيادىن ۋاز كەچكەن، ئىمانىدا راستچىل مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنىڭ ئۈستۈن بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلسۇن. كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسى ئۈستۈن بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلىپ، شېھىت بولسا ياكى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ زەپەر قۇچسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب-مۇكاپات بېرىدۇ. ئۇ كاتتا ساۋاب جەننەت ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• فعل الطاعات من أهم أسباب الثبات على الدين.
تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىش دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرىدۇر.

• أخذ الحيطة والحذر باتخاذ جميع الأسباب المعينة على قتال العدو، لا بالقعود والتخاذل.
جىھادقا چىقماي ئولتۇرۇۋالماستىن ۋە بوشاڭلىق قىلماستىن، دۈشمەنگە ئۇرۇش ئېچىشقا ياردىمى بولىدىغان بارلىق چارىلەرنى قوللىنىش بىلەن بىرگە ئېھتىياتچان ۋە سەگەك بولۇش.

• الحذر من التباطؤ عن الجهاد وتثبيط الناس عنه؛ لأن الجهاد أعظم أسباب عزة المسلمين ومنع تسلط العدو عليهم.
جىھادقا چىقىشتا سۆرەلمىلىك قىلىش ۋە جىھادتىن باشقىلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش، چۈنكى جىھاد دۈشمەنلەرنىڭ بېسىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇدرەت تېپىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

وَمَا لَكُمۡ لَا تُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلۡمُسۡتَضۡعَفِينَ مِنَ ٱلرِّجَالِ وَٱلنِّسَآءِ وَٱلۡوِلۡدَٰنِ ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا مِنۡ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلظَّالِمِ أَهۡلُهَا وَٱجۡعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ وَلِيّٗا وَٱجۡعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ نَصِيرًا
ئى مۇئمىنلەر! سىلەرنى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە بوزەك قىلىنغان ئەرلەر، ئاياللار، بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن نېمە توستى؟ ئۇلار ئاللاھقا يالۋۇرۇپ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئاھالىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق زالىم بولغان مەككىدىن چىقارغىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە بىزنى كاپىرلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدايدىغان بىرىنى ئەۋەتكىن، دەپ دۇئا قىلىۋاتىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱلطَّٰغُوتِ فَقَٰتِلُوٓاْ أَوۡلِيَآءَ ٱلشَّيۡطَٰنِۖ إِنَّ كَيۡدَ ٱلشَّيۡطَٰنِ كَانَ ضَعِيفًا
ئىمانىدا راستچىل مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ، كاپىرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ باتىل ئىلاھلىرى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. شەيتاننىڭ سەپداشلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلساڭلار، چوقۇم ئۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىسىلەر، چۈنكى شەيتاننىڭ تەدبىرى ئاجىز بولۇپ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ قِيلَ لَهُمۡ كُفُّوٓاْ أَيۡدِيَكُمۡ وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقِتَالُ إِذَا فَرِيقٞ مِّنۡهُمۡ يَخۡشَوۡنَ ٱلنَّاسَ كَخَشۡيَةِ ٱللَّهِ أَوۡ أَشَدَّ خَشۡيَةٗۚ وَقَالُواْ رَبَّنَا لِمَ كَتَبۡتَ عَلَيۡنَا ٱلۡقِتَالَ لَوۡلَآ أَخَّرۡتَنَآ إِلَىٰٓ أَجَلٖ قَرِيبٖۗ قُلۡ مَتَٰعُ ٱلدُّنۡيَا قَلِيلٞ وَٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لِّمَنِ ٱتَّقَىٰ وَلَا تُظۡلَمُونَ فَتِيلًا
ئەي پەيغەمبەر! ئۆزلىرىگە جىھاد پەرز قىلىنىشىنى تىلىگەندە: (ھازىرچە) ئۇرۇشتىن قوللىرىڭلارنى تارتىڭلار، ناماز ئوقۇپ، زاكاتنى ئادا قىلغاچ تۇرۇڭلار، دېيىلگەن بىر بۆلۈك ساھابىلىرىڭنىڭ ھالىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ -بۇ، جىھاد پەرز قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئىش ئىدى-. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ، ئىسلام كۈچەيگەندە جىھاد پەرز قىلىنسا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغا جىھاد قىلىش ئېغىر كېلىپ، كىشىلەردىن خۇددى ئاللاھتىن قورققاندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قورقىدىغان بوپقالدى، ھەمدە: ئەي پەرۋەردىگارىمىز، بىزگە نېمىشقا جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ بىز دۇنيادىن بىر مۇددەت بەھىرلىنىۋالغانغا قەدەر يەنە ئازراق كېچىكتۈرسەڭ بولماسىمىدى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، دۇنيا مەنپەئەتى ھەرقانچە ۋايىغا يەتسىمۇ (ئاخىرەت نېئمەتلىرىگە نىسبەتەن) يەنىلا ئاز، ھامان يوقىلىدۇ. ئاخىرەت بولسا ئاللاھتىن قورققان كىشىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، دائىمىي نېئمەتتۇر. سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلاردىن، گەرچە خورمىنىڭ ئۇرۇقچىسىدىكى يىپقا چاغلىق كىچىككىنە نەرسىمۇ كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أَيۡنَمَا تَكُونُواْ يُدۡرِككُّمُ ٱلۡمَوۡتُ وَلَوۡ كُنتُمۡ فِي بُرُوجٖ مُّشَيَّدَةٖۗ وَإِن تُصِبۡهُمۡ حَسَنَةٞ يَقُولُواْ هَٰذِهِۦ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةٞ يَقُولُواْ هَٰذِهِۦ مِنۡ عِندِكَۚ قُلۡ كُلّٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ فَمَالِ هَٰٓؤُلَآءِ ٱلۡقَوۡمِ لَا يَكَادُونَ يَفۡقَهُونَ حَدِيثٗا
سىلەر جەڭ مەيدانىدىن يىراق، مۇستەھكەم قەلئەلەرگە بېكىنىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئەجىلىڭلار كەلگەندە ئۆلۈم ھامان سىلەر بار يەرنى تاپىدۇ. ناۋادا بۇ مۇناپىقلار كۆپ پەرزەنت ۋە كەڭتاشا رىزىق دېگەندەك ئۆزلىرىنى خۇش قىلىدىغان نېئمەتلەرگە ئېرىشسە، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتى، دېيىشىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى رىزقىغا بىرەر كېلىشمەسلىك يەتسە، ئۇلار بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كۆرۈپ: بۇ كېلىشمەسلىك سېنىڭ سەۋەبىڭدىن كەلدى، دېيىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن: ھەر قانداق خۇشاللىق ۋە خاپىلىق ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرى بىلەن كېلىدۇ، دېگىن. مۇشۇ گەپنى دېگەن ئاشۇ كىشىلەر نېمىشقا سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى چۈشىنەي دېمەيدۇ؟!
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
مَّآ أَصَابَكَ مِنۡ حَسَنَةٖ فَمِنَ ٱللَّهِۖ وَمَآ أَصَابَكَ مِن سَيِّئَةٖ فَمِن نَّفۡسِكَۚ وَأَرۡسَلۡنَٰكَ لِلنَّاسِ رَسُولٗاۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدٗا
ئەي ئادەم ئەۋلادى! سېنى خۇرسەن قىلىدىغان مال-مۈلۈك ۋە پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان ئىلتىپاتىدۇر. مال-مۈلكۈڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭگە كەلگەن كېلىشمەسلىكلەر بولسا، ئۆزۈڭ قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلەر تۈپەيلىدىندۇر. ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتتۇق. سەن ئۇلارغا پەرۋەردىگارىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى يەتكۈزىسەن. ئاللاھ سەن يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىكتە سېنىڭ راستچىل ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھچى بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، چۈنكى ئاللاھ ساڭا دەلىل-پاكىتلارنى بەرگەن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• وجوب القتال لإعلاء كلمة الله ونصرة المستضعفين، وذم الخوف والجبن والاعتراض على أحكام الله.
ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە بوزەك قىلىنغانلارغا ياردەم بېرىش ۋاجىب. قورقۇنچاقلىق، توخۇ يۈرەكلىك ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئەيىبلىنىدۇ.

• الدار الآخرة خير من الدنيا وما فيها من متاع وشهوات لمن اتقى الله تعالى وعمل بطاعته.
ئاللاھقا تەقۋادار بولغان ۋە ئۇنىڭغا تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلغانلارغا نىسبەتەن ئاخىرەت، بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مال-ماتا ۋە ئەيش-ئىشرەتلەردىن كۆپ ياخشىدۇر.

• الخير والشر كله بقدر الله، وقد يبتلي الله عباده ببعض السوء في الدنيا لأسباب، منها: ذنوبهم ومعاصيهم.
پۈتكۈل ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە باغلىقتۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن گاھىدا بۇ دۇنيادىكى بىر قىسىم خاپىلىقلار بىلەن سىنايدۇ. بەندىلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھ-مەئسىيەتلىرىمۇ شۇ سىناقلارغا مۇپتىلا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.

مَّن يُطِعِ ٱلرَّسُولَ فَقَدۡ أَطَاعَ ٱللَّهَۖ وَمَن تَوَلَّىٰ فَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ عَلَيۡهِمۡ حَفِيظٗا
كىمكى پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىگەنلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئىتائەت قىلىدىكەن، شەكسىزكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئۇرۇندىغان بولىدۇ. كىمكى ساڭا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، -ئەي پەيغەمبەر!- ئۇنىڭغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن. چۈنكى بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى نازارەت قىلىدىغان كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ساناپ، ھېسابلاپ تۇرىدىغىنى پەقەت بىز.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَيَقُولُونَ طَاعَةٞ فَإِذَا بَرَزُواْ مِنۡ عِندِكَ بَيَّتَ طَآئِفَةٞ مِّنۡهُمۡ غَيۡرَ ٱلَّذِي تَقُولُۖ وَٱللَّهُ يَكۡتُبُ مَا يُبَيِّتُونَۖ فَأَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلًا
مۇناپىقلار ساڭا ئېغىزىدا: بىز سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنۇپ، دېگىنىڭنى قىلىمىز، دەيدۇ. ئەمما يېنىڭدىن چىقىپ كەتسىلا، ئۇلاردىن بىر بۆلۈكى مەخپىي ھالەتتە ساڭا ئىزھار قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە سۇيىقەست پىلانلايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە ئۇلارنى مۇشۇ سۇيىقەستلىرىگە قارىتا جازالايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا پەرۋا قىلىپ كەتمىگىن. ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئىشلىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، ئۇنىڭغا تايانغىن. ئاللاھ تايىنىشىڭغا يېتەرلىك ھامىيدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ ٱلۡقُرۡءَانَۚ وَلَوۡ كَانَ مِنۡ عِندِ غَيۡرِ ٱللَّهِ لَوَجَدُواْ فِيهِ ٱخۡتِلَٰفٗا كَثِيرٗا
ئۇلار نېمىشقا قۇرئان ئۈستىدە ئويلىنىپ، تاكى ئۇنىڭدا ئازراقمۇ ئوخشاشماسلىق ۋە قالايمىقانچىلىق يوقلۇقى ئېنىق بولغانغا قەدەر تەتقىق قىلمايدۇ؟ شۇنداق قىلغان بولسا ئۇلار سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ ھەقلىقىنىمۇ بىلىپ قالاتتى. ناۋادا بۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ غەيرىدىن كەلگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىدە قالايمىقانچىلىق ۋە مەنىلىرىدە كۆپلىگەن ئوخشاشماسلىقلارنى بايقىغان بولاتتى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِذَا جَآءَهُمۡ أَمۡرٞ مِّنَ ٱلۡأَمۡنِ أَوِ ٱلۡخَوۡفِ أَذَاعُواْ بِهِۦۖ وَلَوۡ رَدُّوهُ إِلَى ٱلرَّسُولِ وَإِلَىٰٓ أُوْلِي ٱلۡأَمۡرِ مِنۡهُمۡ لَعَلِمَهُ ٱلَّذِينَ يَسۡتَنۢبِطُونَهُۥ مِنۡهُمۡۗ وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ لَٱتَّبَعۡتُمُ ٱلشَّيۡطَٰنَ إِلَّا قَلِيلٗا
ناۋادا ئۇ مۇناپىقلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خۇشاللىقىغا ياكى ئەنسىزلىكى ۋە قايغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر خەۋەر يەتسە، ئۇلار ئۇنى دەرھال پاش قىلىپ، تارقىتىشقا باشلايدۇ. كاشكى ئۇلار بىرئاز سالماقراق بولۇپ، ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ساھابىلەر ئىچىدىكى ئىلىملىك، سەمىمىي كىشىلەرگە مەلۇم قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ خەۋەرنى تارقىتىش ياكى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە لايىقىدا قارار چىقارغان بولاتتى. -ئەي مۇئمىنلەر!- ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە مەرھەمەت قىلىپ، ئاشۇ مۇناپىقلار مۇپتىلا بولغان كېسەللىكتىن ساقلاپ قالمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەردىن ئازغىنا كىشىلەردىن باشقىلىرىڭلار شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن بولاتتىڭلار.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ لَا تُكَلَّفُ إِلَّا نَفۡسَكَۚ وَحَرِّضِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۖ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَكُفَّ بَأۡسَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ وَٱللَّهُ أَشَدُّ بَأۡسٗا وَأَشَدُّ تَنكِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغىن، سەن باشقىلارنىڭ ئىشىغا جاۋابكار ئەمەسسەن، ئۇنىڭدا سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ يوق. چۈنكى سېنىڭ مەجبۇرىيىتىڭ پەقەت ئۆزۈڭنى جىھادقا ئۈندەش. مۇئمىنلەرنىمۇ جىھادقا تەرغىب قىلغىن ۋە قىزىقتۇرغىن. ئاللاھ چوقۇم سىلەرنىڭ جىھادىڭلار ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ ھەربىي يۈرۈشىنى توسىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن كۈچلۈكتۇر ۋە جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
مَّن يَشۡفَعۡ شَفَٰعَةً حَسَنَةٗ يَكُن لَّهُۥ نَصِيبٞ مِّنۡهَاۖ وَمَن يَشۡفَعۡ شَفَٰعَةٗ سَيِّئَةٗ يَكُن لَّهُۥ كِفۡلٞ مِّنۡهَاۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ مُّقِيتٗا
كىمكى باشقىلارغا پايدا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ساۋاب-مۇكاپاتتىن نېسىۋىسى بولىدۇ. كىمكى باشقىلارغا يامانلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا، ئۇنىڭغىمۇ گۇناھتىن مەلۇم نېسىۋە بار. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا شاھىتتۇر ۋە شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. ئاراڭلاردىن كىم بىرەر ياخشى ئىشنىڭ بەرپا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغىمۇ شۇ ياخشىلىقتىن مەلۇم نېسىۋە ۋە ئۈلۈش تېگىدۇ. كىمكى بىرەر يامانلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن، شۇ يامانلىقنىڭ مەلۇم قىسمى ئۇنىڭغىمۇ كېلىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِذَا حُيِّيتُم بِتَحِيَّةٖ فَحَيُّواْ بِأَحۡسَنَ مِنۡهَآ أَوۡ رُدُّوهَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٍ حَسِيبًا
سىلەرگە بىرسى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭلارغا قىلغان سالامدىنمۇ ئارتۇقراق ياكى سالامنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرۇڭلار. تېخىمۇ ياخشىسىنى قايتۇرۇش ئەۋزەلدۇر. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلغانلىرىڭلارنى ساقلاپ قويۇپ، ھەركىمگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• تدبر القرآن الكريم يورث اليقين بأنه تنزيل من الله؛ لسلامته من الاضطراب، ويظهر عظيم ما تضمنه من الأحكام.
قۇرئان كەرىم ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا چىن ئىشەنچ پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم تۇراقسىزلىقتىن خالىيدۇر. شۇنداقلا ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھكاملارنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقى نامايان بولىدۇ.

• لا يجوز نشر الأخبار التي تنشأ عنها زعزعة أمن المؤمنين، أو دبُّ الرعب بين صفوفهم.
مۇئمىنلەرنىڭ تىنچلىقىنى بۇزىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ سەپلىرى ئارىسىغا ئەنسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغان خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا بولمايدۇ.

• التحدث بقضايا المسلمين والشؤون العامة المتصلة بهم يجب أن يصدر من أهل العلم وأولي الأمر منهم.
مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرى ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋىي ئىشلار ھەققىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن چىققان ئىلىملىك كىشىلەر ۋە رەھبەرلەر سۆز ئېچىشى كېرەك.

• مشروعية الشفاعة الحسنة التي لا إثم فيها ولا اعتداء على حقوق الناس، وتحريم كل شفاعة فيها إثم أو اعتداء.
گۇناھ بولمايدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنمايدىغان ئىشلاردا چىرايلىقچە ياراشتۇرغۇچى بولۇش يوللۇق، ئەمما گۇناھ ۋە چەكتىن ئېشىش بولىدىغان ھەر قانداق شاپائەتچىلىك ھارامدۇر.

ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ لَيَجۡمَعَنَّكُمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا رَيۡبَ فِيهِۗ وَمَنۡ أَصۡدَقُ مِنَ ٱللَّهِ حَدِيثٗا
ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق بەرھەق مەبۇد يوقتۇر. ئۇ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن يۈز بېرىشىدە قىلچە شەك بولمىغان قىيامەت كۈنى باشتىن-ئاخىر ھەممەيلەننى توپلايدۇ. سۆزدە ئاللاھتىنمۇ راستچىل كىم بار؟.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
۞ فَمَا لَكُمۡ فِي ٱلۡمُنَٰفِقِينَ فِئَتَيۡنِ وَٱللَّهُ أَرۡكَسَهُم بِمَا كَسَبُوٓاْۚ أَتُرِيدُونَ أَن تَهۡدُواْ مَنۡ أَضَلَّ ٱللَّهُۖ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ سَبِيلٗا
ئى مۇئمىنلەر! مۇناپىقلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا نېمىشقا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ بىر بۆلۈكۈڭلار: ئۇلار كاپىر بولغاچقا ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمىز دەيسىلەر. يەنە بىر بۆلۈكۈڭلار: ئۇلارنىڭ ئىمانى بار، شۇڭا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلمايمىز دەيسىلەر. ئۇلارنى دەپ ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىشىڭلارنىڭ قىلچە ئورنى يوق. ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن كۇپرىغا ۋە ئازغۇنلۇققا قايتۇرۇۋەتتى. سىلەر ئاللاھ توغرىغا مۇۋەپپەق قىلمىغانلارنى توغرىغا يېتەكلىمەكچىمۇ؟، كىمنىكى ئاللاھ ھەق يولدىن ئازدۇرۇۋېتىدىكەن، سەن ھەرگىزمۇ ئۇنى توغرىغا يېتەكلەشكە ئامال قىلالمايسەن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَدُّواْ لَوۡ تَكۡفُرُونَ كَمَا كَفَرُواْ فَتَكُونُونَ سَوَآءٗۖ فَلَا تَتَّخِذُواْ مِنۡهُمۡ أَوۡلِيَآءَ حَتَّىٰ يُهَاجِرُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۚ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَخُذُوهُمۡ وَٱقۡتُلُوهُمۡ حَيۡثُ وَجَدتُّمُوهُمۡۖ وَلَا تَتَّخِذُواْ مِنۡهُمۡ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرًا
مۇناپىقلار سىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا كاپىر بولۇشۇڭلارنى، ئاندىن كۇپرىدىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىمانى بارلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە شېرىك ئۇۋىسىدىن ئىسلام دىيارىغا ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى دۈشمەن بىلىپ، ئۇلار ئىچىدىن دوست تۇتۇۋالماڭلار. ناۋادا ئۇلار بۇنداق قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، شۇ پېتى تۇرۇۋەرسە، ئۇلارنى تاپقان يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلار ئىچىدىن سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى بىلىدىغان سىرداش دوست تۇتۇۋالماڭلار، دۈشمىنىڭلارغا قارشى سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان ياردەمچىمۇ قىلماڭلار.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِلَّا ٱلَّذِينَ يَصِلُونَ إِلَىٰ قَوۡمِۭ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُم مِّيثَٰقٌ أَوۡ جَآءُوكُمۡ حَصِرَتۡ صُدُورُهُمۡ أَن يُقَٰتِلُوكُمۡ أَوۡ يُقَٰتِلُواْ قَوۡمَهُمۡۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَسَلَّطَهُمۡ عَلَيۡكُمۡ فَلَقَٰتَلُوكُمۡۚ فَإِنِ ٱعۡتَزَلُوكُمۡ فَلَمۡ يُقَٰتِلُوكُمۡ وَأَلۡقَوۡاْ إِلَيۡكُمُ ٱلسَّلَمَ فَمَا جَعَلَ ٱللَّهُ لَكُمۡ عَلَيۡهِمۡ سَبِيلٗا
لېكىن ئۇلار ئىچىدىن سىلەر بىلەن ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق كېلىشىم تۈزۈشكەن ياكى نە سىلەرگە قارشى، نە ئۆز خەلقىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا رايى بارماي، قەلبلىرى سىقىلغان ھالدا يېنىڭلارغا كەلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى سىلەردىن كۈچلۈك قىلاتتى-دە، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلغان بولاتتى. شۇڭا ئاللاھ بېغىشلىغان خاتىرجەملىكنى قوبۇل قىلىڭلار، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئەسىر ئالىدىغان ئىشنى قىلماڭلار. ناۋادا ئۇلار ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلمىسا ۋە سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلماي، كېلىشىم تۈزۈشكە ماقۇل بولغان ۋاقىتتا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلارغا ياكى ئەسىر ئېلىشىڭلارغا يول قويمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
سَتَجِدُونَ ءَاخَرِينَ يُرِيدُونَ أَن يَأۡمَنُوكُمۡ وَيَأۡمَنُواْ قَوۡمَهُمۡ كُلَّ مَا رُدُّوٓاْ إِلَى ٱلۡفِتۡنَةِ أُرۡكِسُواْ فِيهَاۚ فَإِن لَّمۡ يَعۡتَزِلُوكُمۡ وَيُلۡقُوٓاْ إِلَيۡكُمُ ٱلسَّلَمَ وَيَكُفُّوٓاْ أَيۡدِيَهُمۡ فَخُذُوهُمۡ وَٱقۡتُلُوهُمۡ حَيۡثُ ثَقِفۡتُمُوهُمۡۚ وَأُوْلَٰٓئِكُمۡ جَعَلۡنَا لَكُمۡ عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٗا مُّبِينٗا
ئەي مۇئمىنلەر! مۇناپىقلار ئىچىدە يەنە بىر ئوچۇم كىشىلەر باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن سىلەرگە ئىمان ئېيتقاندەك كۆرۈنىدۇ. كاپىر قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن كۇپرىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. ئۇلار قاچانكى ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە چاقىرىلسا، دەرھال ئۇنىڭغا باشچىلاپ كىرىپلا كېتىدۇ. شۇڭا بۇلار سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تاشلاپ، سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكىلى كەلمىسە ۋە قوللىرىنى سىلەردىن يىغمىسا، ئۇلارنى تاپقان يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلار ئەنە شۇنداق مىجەزلىك كىشىلەركى، بىز ئۇلارنىڭ سىلەرگە قىلغان خىيانىتى ۋە ئالدامچىلىقىنى ئۇلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشۈڭلارغا ئوچۇق سەۋەب قىلدۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• خفاء حال بعض المنافقين أوقع الخلاف بين المؤمنين في حكم التعامل معهم.
بىر قىسىم مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇجمەللىكى، ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا مۇئمىنلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىدۇ.

• بيان كيفية التعامل مع المنافقين بحسب أحوالهم ومقتضى المصلحة معهم.
مۇناپىقلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئۇلاردىن كېلىدىغان مەنپەئەتكە باغلىق.

• عدل الإسلام في الكف عمَّن لم تقع منه أذية متعدية من المنافقين.
مۇناپىقلار ئىچىدىن ھەددىدىن ئېشىپ، مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزمىگەنلەرگە چېقىلماسلىق ئىسلامنىڭ ئادالىتىدۇر.

• يكشف الجهاد في سبيل الله أهل النفاق بسبب تخلفهم عنه وتكلُّف أعذارهم.
ئاللاھ يولىدىكى جىھاد مۇناپىقلارنىڭ جىھادتىن قېپقېلىشى ۋە يالغان باھانىلەرنى كۆرسىتىشى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ.

وَمَا كَانَ لِمُؤۡمِنٍ أَن يَقۡتُلَ مُؤۡمِنًا إِلَّا خَطَـٔٗاۚ وَمَن قَتَلَ مُؤۡمِنًا خَطَـٔٗا فَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖ وَدِيَةٞ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦٓ إِلَّآ أَن يَصَّدَّقُواْۚ فَإِن كَانَ مِن قَوۡمٍ عَدُوّٖ لَّكُمۡ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖۖ وَإِن كَانَ مِن قَوۡمِۭ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُم مِّيثَٰقٞ فَدِيَةٞ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ وَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖۖ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ شَهۡرَيۡنِ مُتَتَابِعَيۡنِ تَوۡبَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
بىر مۇئمىننىڭ يەنە بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈۋېتىشى توغرا ئەمەس، لېكىن بۇ ئىش سەۋەنلىكتىن يۈز بېرىپ قالغان بولسا، (بۇنىڭغا باشقىچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ). يەنى، كىمكى بىر مۇئمىننى سەۋەنلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ ئۆز قىلمىشىنىڭ كەففارىتى ئۈچۈن بىر قۇل ئازات قىلىشى، قاتىلنىڭ مىراسخور تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ مىراسخورلىرىغا تولۇق بىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. لېكىن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى دىيەتنى ئۆتۈۋەتسە، تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئۆلتۈرۈلگۈچى سىلەرگە دۈشمەن قەۋمدىن بولغان تەقدىردىمۇ، مۇئمىنلا بولىدىكەن، يەنىلا قاتىل مۇئمىن بىر قۇل ئازات قىلىشى كېرەك، ئەمما دىيەت تۆلىمەيدۇ. ناۋادا ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇئمىن ئەمەس، ئەمما ئاراڭلاردا ئەھدى-پەيمان بار، مەسىلەن زىممىيلەرگە ئوخشاش كىشى بولسا، بۇ چاغدا قاتىلنىڭ مىراسخور تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىغا تولۇق بىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. قاتىل بولسا ئۆز قىلمىشىنىڭ كەففارىتى ئۈچۈن مۇئمىن قۇلدىن بىرنى ئازات قىلىشى لازىم. ئەگەر ئازات قىلىدىغانغا مۇئمىن قۇل تاپالمىسا ياكى ئۇنىڭ قىممىتىنىمۇ بېرەلمىسە، بۇ چاغدا ئۇ ئىككى ئاي ئارقىمۇ-ئارقا، بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئارىلىقنى ئۈزۈپ قويماي روزا تۇتۇشى كېرەك. بۇ ھۆكۈملەر ئاللاھنىڭ، قاتىلنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا قىلغان تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكام ۋە پىلانلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَن يَقۡتُلۡ مُؤۡمِنٗا مُّتَعَمِّدٗا فَجَزَآؤُهُۥ جَهَنَّمُ خَٰلِدٗا فِيهَا وَغَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ وَلَعَنَهُۥ وَأَعَدَّ لَهُۥ عَذَابًا عَظِيمٗا
كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن، ناھەق ئۆلتۈرىدىكەن، ئەگەر بۇنداق قىلىش توغرا دەپ قارىغان ياكى تەۋبە قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەمدە مەڭگۈ قىلىشتۇر. ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ غەزىبى ياغىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا مۇشۇنداق چوڭ گۇناھنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن كاتتا ئازاب تەييارلىدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا ضَرَبۡتُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَتَبَيَّنُواْ وَلَا تَقُولُواْ لِمَنۡ أَلۡقَىٰٓ إِلَيۡكُمُ ٱلسَّلَٰمَ لَسۡتَ مُؤۡمِنٗا تَبۡتَغُونَ عَرَضَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا فَعِندَ ٱللَّهِ مَغَانِمُ كَثِيرَةٞۚ كَذَٰلِكَ كُنتُم مِّن قَبۡلُ فَمَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمۡ فَتَبَيَّنُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! ناۋادا ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىپ قالساڭلار، ئالدى بىلەن كىمگە قارشى جىھاد قىلىدىغانلىقىڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىڭلار. ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىزھار قىلغان كىشىگە: سەن مۇئمىن ئەمەس، پەقەت ئۆلۈمدىن ۋە مال-مۈلكۈڭدىن ئەنسىرەپ مۇسۇلمانلىقىڭنى ئىزھار قىلىشقا مەجبۇر بولدۇڭ، دېمەڭلار ھەمدە ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن غەنىمەت ئېلىش دېگەندەك دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار. چۈنكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆپلىگەن غەنىمەتلەر بار، ئۇ بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى ھەم تولىمۇ كاتتىدۇر. سىلەرمۇ ئىلگىرى ئۆز قەۋمىدىن ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن مۇشۇ ئادەمگە ئوخشاش ئىدىڭلار. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە ئىسلام ئارقىلىق كۆپ ياخشىلىق قىلدى، جېنىڭلارنى ساقلاپ قالدى. شۇڭا ئالدى بىلەن كىمگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىڭلار. شەكسىزكى ئاللاھقا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن كىچىككىنە نەرسىمۇ مەخپىي قالمايدۇ. سىلەرنى چوقۇم ئەمىلىڭلارغا يارىشا جازا-مۇكاپاتقا تارتىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• جاء القرآن الكريم معظِّمًا حرمة نفس المؤمن، وناهيًا عن انتهاكها، ومرتبًا على ذلك أشد العقوبات.
قۇرئان كەرىم مۇئمىننىڭ جېنىنىڭ ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ قىلدى، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلىشتىن چەكلىدى ۋە بۇ قىلمىشقا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

• من عقيدة أهل السُّنَّة والجماعة أن المؤمن القاتل لا يُخلَّد أبدًا في النار، وإنما يُعذَّب فيها مدة طويلة ثم يخرج منها برحمة الله تعالى.
ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسى بويىچە، مۇئمىن قاتىل دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇلمايدۇ، پەقەت ئۇزۇن مۇددەت دوزاختا ئازابلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن دوزاختىن چىقىرىلىدۇ.

• وجوب التثبت والتبيُّن في الجهاد، وعدم الاستعجال في الحكم على الناس حتى لا يُعتدى على البريء.
جىھادتا ئالدى بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئۇۋال قىلىنماسلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلماسلىق لازىم.

لَّا يَسۡتَوِي ٱلۡقَٰعِدُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ غَيۡرُ أُوْلِي ٱلضَّرَرِ وَٱلۡمُجَٰهِدُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡۚ فَضَّلَ ٱللَّهُ ٱلۡمُجَٰهِدِينَ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ عَلَى ٱلۡقَٰعِدِينَ دَرَجَةٗۚ وَكُلّٗا وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ وَفَضَّلَ ٱللَّهُ ٱلۡمُجَٰهِدِينَ عَلَى ٱلۡقَٰعِدِينَ أَجۡرًا عَظِيمٗا
كېسەل ۋە ئەمالارغا ئوخشاش ئۆزرىسى يوق تۇرۇپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن يالتىيىۋالغان مۇئمىنلەر، ماللىرىنى ۋە جانلىرىنى قۇربان قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسىنى جىھادتىن يالتىيىۋالغانلاردىن ئارتۇق قىلدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
دَرَجَٰتٖ مِّنۡهُ وَمَغۡفِرَةٗ وَرَحۡمَةٗۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمًا
ئۇلارغا گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىش ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بىرگە، بىر-بىرىدىن مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولغان مۇشۇنداق ساۋاب-مۇكاپاتلار بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە تولىمۇ شەپقەتلىكتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ تَوَفَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ ظَالِمِيٓ أَنفُسِهِمۡ قَالُواْ فِيمَ كُنتُمۡۖ قَالُواْ كُنَّا مُسۡتَضۡعَفِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ قَالُوٓاْ أَلَمۡ تَكُنۡ أَرۡضُ ٱللَّهِ وَٰسِعَةٗ فَتُهَاجِرُواْ فِيهَاۚ فَأُوْلَٰٓئِكَ مَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَسَآءَتۡ مَصِيرًا
شەكسىزكى پەرىشتىلەر كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلماي ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان چاغدا ئۇلارنىڭ جېنىنى ئېلىۋېتىپ كايىغان ھالدا: سىلەر قانداق ھالدا ئىدىڭلار؟ مۇشرىكلاردىن قايسى جەھەتتە پەرقلىنەتتىڭلار؟ دەيدۇ. ئاندىن ئۇلار باھانە-سەۋەب كۆرسىتىپ: بىز ئاجىز ئىدۇق، ئۆزىمىزنى قوغدىغۇدەك كۈچ-مادارىمىز يوق ئىدى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارغا يەنە: ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى تۇرسا، دىنىڭلار ۋە جېنىڭلارنى خورلۇق ۋە زورلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن شۇ يەرلەرگە چىقىپ كەتسەڭلار بولمامتتى؟ دەپ كايىيدۇ. ئەنە شۇ ھىجرەت قىلمىغانلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايى دوزاختۇر. ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان!؟.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِلَّا ٱلۡمُسۡتَضۡعَفِينَ مِنَ ٱلرِّجَالِ وَٱلنِّسَآءِ وَٱلۡوِلۡدَٰنِ لَا يَسۡتَطِيعُونَ حِيلَةٗ وَلَا يَهۡتَدُونَ سَبِيلٗا
مەيلى ئەر ياكى ئايال ياكى بالىلار بولسۇن، ئۆزلىرىنى زۇلۇم ۋە خورلۇقتىن قوغدىغۇدەك كۈچى يوق، ئۇ خورلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئامالىمۇ يوق كىشىلەردىن ئىبارەت ھەقىقىي ئۆزرىلىك، ئاجىز كىشىلەر بۇ تەھدىتنىڭ سىرتىدىدۇر. ئاللاھ ئۆز رەھمىتى ۋە مەرھەمىتى بىلەن بۇنداق كىشىلەرنى ئەپۇ قىلغاي! ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى تولىمۇ ئەپۇ قىلغۇچى، تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَأُوْلَٰٓئِكَ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَعۡفُوَ عَنۡهُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَفُوًّا غَفُورٗا
مەيلى ئەر ياكى ئايال ياكى بالىلار بولسۇن، ئۆزلىرىنى زۇلۇم ۋە خورلۇقتىن قوغدىغۇدەك كۈچى يوق، ئۇ خورلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئامالىمۇ يوق كىشىلەردىن ئىبارەت ھەقىقىي ئۆزرىلىك، ئاجىز كىشىلەر بۇ تەھدىتنىڭ سىرتىدىدۇر. ئاللاھ ئۆز رەھمىتى ۋە مەرھەمىتى بىلەن بۇنداق كىشىلەرنى ئەپۇ قىلغاي! ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى تولىمۇ ئەپۇ قىلغۇچى، تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
۞ وَمَن يُهَاجِرۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ يَجِدۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُرَٰغَمٗا كَثِيرٗا وَسَعَةٗۚ وَمَن يَخۡرُجۡ مِنۢ بَيۡتِهِۦ مُهَاجِرًا إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ثُمَّ يُدۡرِكۡهُ ٱلۡمَوۡتُ فَقَدۡ وَقَعَ أَجۡرُهُۥ عَلَى ٱللَّهِۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىدىكەن، ھىجرەت قىلىپ بارغان يەردە باشقىچە بىر ئەھۋالنى ۋە ئۇ جاينىڭ ئۆزى تاشلاپ چىققان زېمىندىن باشقىچە بىر جاي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇ، بۇ جايدا ئىززەت-شەرەپ ۋە مول رىزىققا ئېرىشىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ، ئاندىن ھىجرەت ماكانىغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىگەن جايغا يېتىپ بارالمىغانلىقىنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا تولىمۇ شەپقەتلىكتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِذَا ضَرَبۡتُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَقۡصُرُواْ مِنَ ٱلصَّلَوٰةِ إِنۡ خِفۡتُمۡ أَن يَفۡتِنَكُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْۚ إِنَّ ٱلۡكَٰفِرِينَ كَانُواْ لَكُمۡ عَدُوّٗا مُّبِينٗا
سىلەر زېمىندا سەپەر قىلغاندا كاپىرلاردىن ئەزىيەت يېتىپ قىلىشتىن ئەنسىرىسەڭلار، تۆت رەكئەتلىك نامازنى ئىككى رەكئەتكە قەسىر قىلىپ ئوقۇساڭلار گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى كاپىرلارنىڭ سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكى ئاشكارىدۇر، سەپەردە تىنچ-خاتىرجەم بولغاندىمۇ نامازنى قەسىر قىلىش سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغاندۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• فضل الجهاد في سبيل الله وعظم أجر المجاهدين، وأن الله وعدهم منازل عالية في الجنة لا يبلغها غيرهم.
ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش پەزىلەتلىك ئەمەل ۋە مۇجاھىدلارنىڭ ئەجرىمۇ كاتتىدۇر. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا جەننەتتە مۇجاھىدلارغا شۇنداق ئالىي مەرتىۋىلەرنى تەييارلىدىكى، بۇ مەرتىۋىلەرگە ئۇلاردىن باشقىلار يېتەلمەيدۇ.

• أصحاب الأعذار يسقط عنهم فرض الجهاد مع ما لهم من أجر إن حسنت نيتهم.
ئۆزرىلىك كىشىلەردىن جىھادنىڭ پەرزلىكى ساقىت بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نىيىتى ياخشى بولسىلا ئۇلارغىمۇ مەلۇم ئەجىر بار.

• فضل الهجرة إلى بلاد الإسلام، ووجوبها على القادر إن كان يخشى على دينه في بلده.
ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىش پەزىلەتلىك ئەمەل. ھىجرەت قىلالايدىغان ئادەم ئەگەر ئۆز يۇرتىدا دىنىدىن ئەنسىرەپ قالسا، ئۇنىڭ ھىجرەت قىلىشى ۋاجىبتۇر.

• مشروعية قصر الصلاة في حال السفر.
سەپەردىكى ھالەتتە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش يولغا قويۇلغاندۇر.

وَإِذَا كُنتَ فِيهِمۡ فَأَقَمۡتَ لَهُمُ ٱلصَّلَوٰةَ فَلۡتَقُمۡ طَآئِفَةٞ مِّنۡهُم مَّعَكَ وَلۡيَأۡخُذُوٓاْ أَسۡلِحَتَهُمۡۖ فَإِذَا سَجَدُواْ فَلۡيَكُونُواْ مِن وَرَآئِكُمۡ وَلۡتَأۡتِ طَآئِفَةٌ أُخۡرَىٰ لَمۡ يُصَلُّواْ فَلۡيُصَلُّواْ مَعَكَ وَلۡيَأۡخُذُواْ حِذۡرَهُمۡ وَأَسۡلِحَتَهُمۡۗ وَدَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡ تَغۡفُلُونَ عَنۡ أَسۡلِحَتِكُمۡ وَأَمۡتِعَتِكُمۡ فَيَمِيلُونَ عَلَيۡكُم مَّيۡلَةٗ وَٰحِدَةٗۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ إِن كَانَ بِكُمۡ أَذٗى مِّن مَّطَرٍ أَوۡ كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَن تَضَعُوٓاْ أَسۡلِحَتَكُمۡۖ وَخُذُواْ حِذۡرَكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ أَعَدَّ لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٗا مُّهِينٗا
ئەي پەيغەمبەر! دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا قوشۇن ئىچىدە ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوشۇننى ئىككى گۇرۇپقا ئايرىپ، ئۇلاردىن بىر گۇرۇپ سەن بىلەن بىرگە نامازغا تۇرسۇن، ئەمما نامازدىمۇ قوراللىرىنى ئېلىۋالسۇن. يەنە بىر گۇرۇپ سىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرسۇن. بىرىنچى گۇرۇپ ئىمام بىلەن بىر رەكئەت نامازنى ئوقۇپ بولغاندا، قالغىنىنى ئۆزلىرى تاماملىسۇن. نامازنى ئوقۇپ بولغاندا كەينىڭلارغا دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ تۇرسۇن ۋە مۇھاپىزەتچىلىكتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالمىغان گۇرۇپ كېلىپ، ئىمام بىلەن بىرگە بىر رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن. ئىمام سالام بەرگەندە نامازلىرىدىن قېپقالغىنىنى تولۇقلىۋالسۇن، دۈشمەنلىرىدىن پەخەس بولسۇن، قوراللىرىنىمۇ يانلىرىدا ئېلىۋالسۇن. شەكسىزكى كاپىرلار قوراللىرىڭلاردىن ۋە يۈك-تاقلىرىڭلاردىن بىخۇد قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇبادا ھەممىڭلار بىراقلا نامازغا تۇرساڭلار، ئۇلار سىلەرنى بىخۇد ھالىتىڭلاردا بىر ھۇجۇم بىلەنلا يوقىتىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر يامغۇر سەۋەبىدىن قىينىلىپ قالساڭلار ياكى كېسەل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزرىلىك بوپقالساڭلار، قوراللىرىڭلارنى يېنىڭلاردا قويۇپ، قولۇڭلارغا ئالمىساڭلارمۇ سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. قولۇڭلاردىن كېلىشىچە دۈشمىنىڭلاردىن ھۇشيار بولۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَإِذَا قَضَيۡتُمُ ٱلصَّلَوٰةَ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ قِيَٰمٗا وَقُعُودٗا وَعَلَىٰ جُنُوبِكُمۡۚ فَإِذَا ٱطۡمَأۡنَنتُمۡ فَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَۚ إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ كَانَتۡ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ كِتَٰبٗا مَّوۡقُوتٗا
ئەي مۇئمىنلەر! نامازدىن بىكار بولغىنىڭلاردا ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھەر قانداق ھالىتىڭلاردا تەسبىھ ئېيتىش، ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە تەھلىل ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرۇڭلار. ئەنسىزلىك يوقىلىپ، خاتىرجەم بولغان ۋاقتىڭلاردا نامازنى بارلىق ئەركانلىرى، ۋاجىبلىرى ۋە مۇستەھەبلىرى بىلەن ئەسلى بۇيرۇلغىنىڭلار بويىچە تولۇق ئادا قىلىڭلار. شەكسىزكى ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلگەن پەرزدۇر، ئۇنى ھېچبىر ئۆزرىسىز بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن كېچىكتۈرۈش توغرا ئەمەس. بۇ، مۇقىم تۇرغان ھالەتتىكى ھۆكۈمدۇر. ئەمما سەپەر ھالىتىدە نامازلارنى جۇغلاپ ۋە قىسقارتىپ ئوقۇساڭلار بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَا تَهِنُواْ فِي ٱبۡتِغَآءِ ٱلۡقَوۡمِۖ إِن تَكُونُواْ تَأۡلَمُونَ فَإِنَّهُمۡ يَأۡلَمُونَ كَمَا تَأۡلَمُونَۖ وَتَرۡجُونَ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا يَرۡجُونَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
ئەي مۇئمىنلەر! كاپىر دۈشمىنىڭلارنى قوغلاشتا بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق قىلماڭلار. چۈنكى سىلەر ئۆلتۈرۈلۈش ۋە يارىلىنىشتىن بىئارام بولغىنىڭلاردەك، دۈشمىنىڭلارمۇ بىئارام بولىدۇ. سىلەرگە كەلگەن خاپىلىق ئوخشاشلا ئۇلارغىمۇ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ چىدامچانلىقى سىلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن. چۈنكى سىلەر ئاللاھتىن ساۋاب، غەلىبە ۋە ياردەم كۈتىسىلەر، ئەمما ئۇلار ئۇنى كۈتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يولغا قويغان ھۆكۈملىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّآ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ لِتَحۡكُمَ بَيۡنَ ٱلنَّاسِ بِمَآ أَرَىٰكَ ٱللَّهُۚ وَلَا تَكُن لِّلۡخَآئِنِينَ خَصِيمٗا
ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى بىز ساڭا ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئۆز خاھىشىڭ ۋە كۆز-قارىشىڭ بويىچە ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ساڭا ئۆگەتكەن ۋە ئىلھام قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ تامامەن توغرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدۇق. ھەق تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ ئۆزلىرىگە ۋە ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلغان خائىنلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• استحباب صلاة الخوف وبيان أحكامها وصفتها.
يۇقىرىقى ئايەتلەردە سالاتۇلخەۋپ (قورقۇنچ نامىزى) ئوقۇشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى ۋە قانداق ئوقۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ .

• الأمر بالأخذ بالأسباب في كل الأحوال، وأن المؤمن لا يعذر في تركها حتى لو كان في عبادة.
ھەرقانداق ئەھۋالدا سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، مۇئمىننىڭ باھانە-سەۋەب كۆرسىتىپ، ھەتتا بىرەر ئىبادەتنىمۇ تەرك ئەتسە بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

• مشروعية دوام ذكر الله تعالى على كل حال، فهو حياة القلوب وسبب طمأنينتها.
ھەر قانداق ھالەتتە ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇش يولغا قويۇلغان، چۈنكى زىكىر قەلبنىڭ باھارى ۋە كۆڭۈل ئارامىدۇر.

• النهي عن الضعف والكسل في حال قتال العدو، والأمر بالصبر على قتاله.
دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا بوشاڭلىق ۋە ھۇرۇنلۇق قىلىش چەكلەنگەن، جەڭنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا سەۋر قىلىشقا بۇيرۇلغان.

وَٱسۡتَغۡفِرِ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن ۋە كەچۈرۈم سورىغىن. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَا تُجَٰدِلۡ عَنِ ٱلَّذِينَ يَخۡتَانُونَ أَنفُسَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ خَوَّانًا أَثِيمٗا
خىيانەت قىلىدىغان ۋە خىيانىتىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق چەكتىن ئاشىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. ئاللاھ تائالا بۇنداق خائىن، يالغانچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَسۡتَخۡفُونَ مِنَ ٱلنَّاسِ وَلَا يَسۡتَخۡفُونَ مِنَ ٱللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمۡ إِذۡ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرۡضَىٰ مِنَ ٱلۡقَوۡلِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا يَعۡمَلُونَ مُحِيطًا
ئۇلار گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلغان چاغدا قورقۇپ ۋە خىجىل بولۇپ ئىنسانلاردىن يوشۇرۇن قىلىدۇ - يۇ، ئاللاھتىن يوشۇرمايدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىش ئارقىلىق ھەر دائىم ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. ئۇلار گۇناھكارغا چاپان يېپىش، گۇناھسىز كىشىلەرگە تۆھمەت قىلىش دېگەندەك ئاللاھ رازى بولمايدىغان ئىشلارنى مەخپىي پىلانلىغان چاغدا ئۇلاردىن ھېچنەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مەخپىي ۋە ئاشكارا قىلمىشلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
هَٰٓأَنتُمۡ هَٰٓؤُلَآءِ جَٰدَلۡتُمۡ عَنۡهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا فَمَن يُجَٰدِلُ ٱللَّهَ عَنۡهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ أَم مَّن يَكُونُ عَلَيۡهِمۡ وَكِيلٗا
ئاشۇ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەي ئىنسانلار! سىلەر بۇ دۇنيادا جىنايەتچىلەرنى ئاقلاش ۋە ئۇلارنى جازالىنىشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالدىڭلار. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلىدىغان تۇرسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھقا قارشى كىم ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالالايدۇ؟ ئاشۇ كۈندە كىم ئۇلارغا چاپان ياپالايدۇ؟ شەكسىزكى ھېچكىم ئۇنداق قىلالمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَن يَعۡمَلۡ سُوٓءًا أَوۡ يَظۡلِمۡ نَفۡسَهُۥ ثُمَّ يَسۡتَغۡفِرِ ٱللَّهَ يَجِدِ ٱللَّهَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
كىمكى بىرەر يامان ئىش قىلىپ ياكى گۇناھلارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولسا، ئاندىن قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ھەم گۇناھتىن قول ئۈزۈپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئاللاھنىڭ چوقۇم ئۆزىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە ناھايىتى رەھىمدىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَن يَكۡسِبۡ إِثۡمٗا فَإِنَّمَا يَكۡسِبُهُۥ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
كىمكى مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، بىرەر گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، شەكسىزكى ئۇنىڭ جازاسى پەقەت شۇ كىشىگىلا بېرىلىدۇ، باشقىلار ئۇنىڭغا چېتىلىپ قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، پىلانلىشى ۋە قانۇن يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَن يَكۡسِبۡ خَطِيٓـَٔةً أَوۡ إِثۡمٗا ثُمَّ يَرۡمِ بِهِۦ بَرِيٓـٔٗا فَقَدِ ٱحۡتَمَلَ بُهۡتَٰنٗا وَإِثۡمٗا مُّبِينٗا
كىمكى مەقسەتسىز ياكى مەقسەتلىك ھالدا بىرەر خاتالىق ياكى گۇناھ سادىر قىلىپ، ئاندىن ئاشۇ گۇناھ بىلەن پاك كىشىلەرنى قارىلىغان بولسا، ئۇ مۇشۇ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئېغىر دەرىجىدە يالغانچىلىق ۋە ئوپئوچۇق گۇناھنى يۈدۈۋالغان بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكَ وَرَحۡمَتُهُۥ لَهَمَّت طَّآئِفَةٞ مِّنۡهُمۡ أَن يُضِلُّوكَ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمۡۖ وَمَا يَضُرُّونَكَ مِن شَيۡءٖۚ وَأَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمۡ تَكُن تَعۡلَمُۚ وَكَانَ فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكَ عَظِيمٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا سېنى ئۆز پاناھىغا ئېلىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلىدىغان ئاشۇلاردىن بىر ئوچۇم كىشىلەر سېنى توغرىدىن ئازدۇرۇۋېتىشكە بەل باغلىغان بولاتتى، ئۇ چاغدا سەن ئادالەتسىز ھۆكۈم قىلغان بولاتتىڭ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئازدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ جازاسى ئۆزلىرىگە يانىدۇ. ئاللاھ تائالا ساڭا قۇرئاننى ۋە سۈننەتنى نازىل قىلدى، ساڭا ھىدايەت ۋە نۇردىن سەن ئىلگىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەيغەمبەرلىكنى بېرىش ۋە باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلاش ئارقىلىق قىلغان ئىلتىپاتى تولىمۇ كاتتىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• النهي عن المدافعة والمخاصمة عن المبطلين؛ لأن ذلك من التعاون على الإثم والعدوان.
خاتالاشقۇچىلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىش ۋە ئۇلارغا چاپان يېپىش چەكلىنىدۇ. چۈنكى بۇ قىلمىش گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ھەمكارلاشقانلىقتۇر.

• ينبغي للمؤمن الحق أن يكون خوفه من الله وتعظيمه والحياء منه فوق كل أحد من الناس.
ھەقىقىي مۇئمىننىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى، ئۇنى ئۇلۇغلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ھايا قىلىشى ھەر قانداق كىشىگە قىلغىنىدىنمۇ ئۈستۈن بولۇشى كېرەك.

• سعة رحمة الله ومغفرته لمن ظلم نفسه، مهما كان ظلمه إذا صدق في توبته، ورجع عن ذنبه.
ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىنىڭ زۇلمى ھەر قانچە چوڭ بوپكەتسىمۇ، ناۋادا تەۋبىسىدە سەمىمىي بولۇپ، گۇناھىدىن يانسا، ئۇ كىشىگە نىسبەتەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى كەڭرىدۇر.

• التحذير من اتهام البريء وقذفه بما لم يكن منه؛ وأنَّ فاعل ذلك قد وقع في أشد الكذب والإثم.
گۇناھسىز كىشىگە تۆھمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قىلمىغان ئىش بىلەن بوھتان قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنداق قىلغان ئادەم ئەڭ ئېغىر يالغان ۋە گۇناھقا پاتقان بولىدۇ.

۞ لَّا خَيۡرَ فِي كَثِيرٖ مِّن نَّجۡوَىٰهُمۡ إِلَّا مَنۡ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوۡ مَعۡرُوفٍ أَوۡ إِصۡلَٰحِۭ بَيۡنَ ٱلنَّاسِۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ ٱبۡتِغَآءَ مَرۡضَاتِ ٱللَّهِ فَسَوۡفَ نُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا
كىشىلەر يوشۇرۇن قىلىشقان سۆھبەتلەرنىڭ تولىسىدا ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت يوق، لېكىن ئۇلارنىڭ سەدىقىگە ياكى شەرىئەت ئېلىپ كەلگەن ھەمدە ئەقىلمۇ قوبۇل قىلغان بىرەر ياخشى ئىشقا بۇيرۇش ياكى ماجىرالىشىپ قالغان ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇپ قويۇشقا دەۋەت قىلىش ھەققىدىكى سۆزلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. كىمكى بۇ ئىشلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلىدىكەن، بىز چوقۇم ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب-مۇكاپات بېرىمىز.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَن يُشَاقِقِ ٱلرَّسُولَ مِنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ ٱلۡهُدَىٰ وَيَتَّبِعۡ غَيۡرَ سَبِيلِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ نُوَلِّهِۦ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصۡلِهِۦ جَهَنَّمَۖ وَسَآءَتۡ مَصِيرًا
كىمكى ئۆزىگە ھەقىقەت ئوچۇق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرگە بويۇنتاۋلىق قىلىپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە قارشى چىقىپ، مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ماڭىدىكەن، بىز ئۇنى ئۆز مەيلىگە تاشلاپ قويىمىز، ھەقتىن قەستەن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ھەقكە مۇۋەپپەق قىلمايمىز ھەمدە ئۇنى ھارارېتى قاتتىق ئەلەم بېرىدىغان جەھەننەمنىڭ ئوتىغا كىرگۈزىمىز. جەھەننەم كىرگەنلەرگە نېمىدېگەن يامان جاي!
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغۡفِرُ أَن يُشۡرَكَ بِهِۦ وَيَغۡفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدۡ ضَلَّ ضَلَٰلَۢا بَعِيدًا
شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈش گۇناھىنى كەچۈرمەيدۇ، ئەكسىچە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇلىدۇ. ئاللاھ پەزلى-مەرھەمىتى بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ شېرىكتىن تۆۋەن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا قانداقتۇر بىرىنى شېرىك قىلىدىكەن، ھەقتىن ئادىشىپ، ئۇنىڭدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ياراتقۇچى بىلەن يارالغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئوخشاش قىلغان بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِن يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦٓ إِلَّآ إِنَٰثٗا وَإِن يَدۡعُونَ إِلَّا شَيۡطَٰنٗا مَّرِيدٗا
بۇ مۇشرىكلار ئاللاھقا، چىشى جىنسنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان، قىلچە پايدا-زىيىنىمۇ يوق لات ۋە ئۇززاغا ئوخشاش بۇتلارنىمۇ قوشۇپ چوقۇنىدۇ ۋە دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان، قىلچە ياخشىلىق بولمىغان شەيتانغا چوقۇنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇغىنى ئاشۇ شەيتاندۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لَّعَنَهُ ٱللَّهُۘ وَقَالَ لَأَتَّخِذَنَّ مِنۡ عِبَادِكَ نَصِيبٗا مَّفۡرُوضٗا
ئاشۇ سەۋەبتىن ئاللاھ شەيتاننى ئۆز رەھمىتىدىن قوغلىدى. بۇ شەيتان قەسەم قىلىپ تۇرۇپ پەرۋەردىگارىغا: بەندىلىرىڭ ئىچىدىن مەلۇم كىشىلەرنى ھەقىقەتتىن ئازدۇرۇۋېتىمەن دېدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَأُضِلَّنَّهُمۡ وَلَأُمَنِّيَنَّهُمۡ وَلَأٓمُرَنَّهُمۡ فَلَيُبَتِّكُنَّ ءَاذَانَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ وَلَأٓمُرَنَّهُمۡ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلۡقَ ٱللَّهِۚ وَمَن يَتَّخِذِ ٱلشَّيۡطَٰنَ وَلِيّٗا مِّن دُونِ ٱللَّهِ فَقَدۡ خَسِرَ خُسۡرَانٗا مُّبِينٗا
ئۇلارنى سېنىڭ توغرا يولۇڭدىن توسىمەن، ئۇلارغا ئازغۇنلۇقنى چىرايلىق كۆرسىتىدىغان يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئۈمىدلەندۈرىمەن، ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىش ئۈچۈن چاھارىپايلارنىڭ قۇلاقلىرىنى كېسىشكە، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ۋە ئەسلى ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن. كىمكى شەيتاننى دوست تۇتۇپ، ئۇنىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، قوغلاندى شەيتاننى دوست تۇتقانلىقى تۈپەيلىدىن ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَعِدُهُمۡ وَيُمَنِّيهِمۡۖ وَمَا يَعِدُهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ إِلَّا غُرُورًا
شەيتان ئۇلارغا يالغان ۋەدىلەرنى بېرىدۇ، ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىياللارغا چۈمدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە شەيتان ئۇلارغا ئاساسسىز، يالغان-ياۋىداقلارنى ۋەدە قىلىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أُوْلَٰٓئِكَ مَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُ وَلَا يَجِدُونَ عَنۡهَا مَحِيصٗا
شەيتاننىڭ يوللىرىغا ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئەگەشكەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بارار جايى جەھەننەم بولۇپ، ئۇلار جەھەننەمدىن قېچىپ پاناھلانغۇدەك جاي تاپالمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• أكثر تناجي الناس لا خير فيه، بل ربما كان فيه وزر، وقليل من كلامهم فيما بينهم يتضمن خيرًا ومعروفًا.
كىشىلەرنىڭ مەخپىي پاراڭلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ياخشىلىق يوق، ئەكسىچە گۇناھ بار. ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىدىن ئازغىنە بىر قىسمى ياخشىلىق ۋە توغرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• معاندة الرسول صلى الله عليه وسلم ومخالفة سبيل المؤمنين نهايتها البعد عن الله ودخول النار.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قارشىلىشىش ۋە مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىچە يول تۇتۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھتىن يىراقلىشىش ۋە دوزاخقا كىرىشتۇر.

• كل الذنوب تحت مشيئة الله، فقد يُغفر لصاحبها، إلا الشرك، فلا يغفره الله أبدًا، إذا لم يتب صاحبه ومات عليه.
شېرىكتىن باشقا بارلىق گۇناھلار ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى ئاستىدا بولىدۇ، ئاللاھ خالىسا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئەمما شېرىكتىن تەۋبە قىلماي شۇ ھالەتتە ۋاپات بولغان كىشىنى ئاللاھ تائالا ئەبەدى مەغپىرەت قىلمايدۇ.

• غاية الشيطان صرف الناس عن عبادة الله تعالى، ومن أعظم وسائله تزيين الباطل بالأماني الغرارة والوعود الكاذبة.
شەيتاننىڭ غايىسى كىشىلەرنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن بۇرۇۋېتىشتۇر. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قوراللىرىدىن بىرى خام خىياللار ۋە يالغان ۋەدىلەر ئارقىلىق ساختىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشتۇر.

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَنُدۡخِلُهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٗاۚ وَمَنۡ أَصۡدَقُ مِنَ ٱللَّهِ قِيلٗا
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى بىز چوقۇم سارايلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، چۈنكى ئۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. سۆزدە ئاللاھتىن راستچىل ھېچكىم يوق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لَّيۡسَ بِأَمَانِيِّكُمۡ وَلَآ أَمَانِيِّ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِۗ مَن يَعۡمَلۡ سُوٓءٗا يُجۡزَ بِهِۦ وَلَا يَجِدۡ لَهُۥ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا
ئەي مۇئمىنلەر! دوزاختىن قۇتۇلۇش ۋە جەننەتكە ئېرىشىش، كۆڭلۈڭلار تارتقان ئىشنى قىلىش ياكى ئەھلى كىتابنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەل قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئاراڭلاردىن كىمكى بىرەر يامان ئىش قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا قارىتا جازاغا تارتىلىدۇ. ئۇ نە ئۆزىگە ئاللاھتىن باشقا پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغان بىرەر دوست، نە زىياننى توسۇپ قالالايدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَن يَعۡمَلۡ مِنَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَدۡخُلُونَ ٱلۡجَنَّةَ وَلَا يُظۡلَمُونَ نَقِيرٗا
ئەر-ئاياللاردىن كىمكى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي ئىشىنىپ تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار ئىمان بىلەن ياخشى ئەمەلنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن گەرچە خورمىنىڭ ئۇرۇقچىسىدىكى كاتەكچىلىك كىچىككىنە نەرسىمۇ كېمەيتىلمەيدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَمَنۡ أَحۡسَنُ دِينٗا مِّمَّنۡ أَسۡلَمَ وَجۡهَهُۥ لِلَّهِ وَهُوَ مُحۡسِنٞ وَٱتَّبَعَ مِلَّةَ إِبۡرَٰهِيمَ حَنِيفٗاۗ وَٱتَّخَذَ ٱللَّهُ إِبۡرَٰهِيمَ خَلِيلٗا
ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن تامامەن ئاللاھقا تەسلىم بولغان، نىيىتىنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ئاللاھ يولغا قويغان ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەللىرىنى ياخشى قىلغان، شېرىكتىن ۋە كۇپرىدىن تەۋھىدكە ۋە ئىمانغا مايىل بولغان ھالدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنىڭ يىلتىزى بولغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ دىندا ياخشىراق كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىن تولۇق مۇھەببىتىگە تاللىدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٖ مُّحِيطٗا
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر يالغۇز ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىدىن ھەر نەرسىنى ئىلمى، قۇدرىتى ۋە تەدبىرى بىلەن قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَيَسۡتَفۡتُونَكَ فِي ٱلنِّسَآءِۖ قُلِ ٱللَّهُ يُفۡتِيكُمۡ فِيهِنَّ وَمَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ فِي يَتَٰمَى ٱلنِّسَآءِ ٱلَّٰتِي لَا تُؤۡتُونَهُنَّ مَا كُتِبَ لَهُنَّ وَتَرۡغَبُونَ أَن تَنكِحُوهُنَّ وَٱلۡمُسۡتَضۡعَفِينَ مِنَ ٱلۡوِلۡدَٰنِ وَأَن تَقُومُواْ لِلۡيَتَٰمَىٰ بِٱلۡقِسۡطِۚ وَمَا تَفۡعَلُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِهِۦ عَلِيمٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار سەندىن ئاياللار توغرىسىدا ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ. ئۇلارغا دەپ قويغىنكى: ئاللاھ سىلەر پەتىۋا سورىغان ئىشنى بايان قىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدە سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرۇۋاتقان، قول ئاستىڭلاردىكى ئاياللار ئىچىدىن يېتىملەر ھەققىدىكى بايانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر سىلەرگە بايان قىلىدۇ. سىلەر ئۇ يېتىم ئاياللارغا ئاللاھ بېكىتكەن تويلۇق مېھرىنى ياكى مىراسنى بەرمەيسىلەر، ئۇلارنى ئۆزۈڭلار نىكاھىڭلارغا ئېلىشنىمۇ خالىمايسىلەر، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىگە كۆز تىكىپ باشقىلارغا نىكاھلاپمۇ بەرمەيسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئاشۇ كىچىك بىچارىلەر ھەققىدە ۋاجىب بولغان ھۆكۈملەرنى، يەنى ئۇلارنىڭ مىراستىن كەلگەن ھەقلىرىنى ئۆز قوللىرىغا بېرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلماسلىقتىن ئىبارەت ھۆكۈملەرنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا يېتىملەرنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىڭلارنى ھەققانىيلىق بىلەن ئادا قىلىشىڭلارنىڭ ۋاجىبلىقىنى بايان قىلىدۇ. سىلەر يېتىملەرگە ۋە باشقىلارغا قانداق ياخشىلىق قىلغان بولساڭلار، ئاللاھ تائالا شەكسىزكى ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. چوقۇم ئۇنىڭغا قارىتا سىلەرگە مۇكاپات بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• ما عند الله من الثواب لا يُنال بمجرد الأماني والدعاوى، بل لا بد من الإيمان والعمل الصالح.
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب-مۇكاپاتلارغا قۇرۇق ئارزۇ-ئارمانلار بىلەنلا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە مۇكەممەل ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بولۇشى كېرەك.

• الجزاء من جنس العمل، فمن يعمل سوءًا يُجْز به، ومن يعمل خيرًا يُجْز بأحسن منه.
جازا-مۇكاپات قىلغان ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. كىمكى بىرەر يامان ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا قارىتا جازالىنىدۇ، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا قىلغىنىدىنمۇ ياخشىراق مۇكاپات بېرىلىدۇ.

• الإخلاص والاتباع هما مقياس قبول العمل عند الله تعالى.
ئىخلاس بىلەن سۈننەتكە ئەگىشىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇش ئۆلچىمىدۇر.

• عَظّمَ الإسلام حقوق الفئات الضعيفة من النساء والصغار، فحرم الاعتداء عليهم، وأوجب رعاية مصالحهم في ضوء ما شرع.
ئىسلام دىنى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن ئىبارەت ئاجىزلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا قول ئۇزىتىشنى ھارام قىلدى ھەمدە ئۆزى يولغا قويغان بويىچە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋاجىب قىلدى.

وَإِنِ ٱمۡرَأَةٌ خَافَتۡ مِنۢ بَعۡلِهَا نُشُوزًا أَوۡ إِعۡرَاضٗا فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَآ أَن يُصۡلِحَا بَيۡنَهُمَا صُلۡحٗاۚ وَٱلصُّلۡحُ خَيۡرٞۗ وَأُحۡضِرَتِ ٱلۡأَنفُسُ ٱلشُّحَّۚ وَإِن تُحۡسِنُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا
ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن ياكى كۆڭلى سوۋۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالسا، ئايال كىشى نەپىقە ۋە قونالغۇ ھەققى دېگەندەك ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان بىر قسىىم ھەقلىرىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىككەيلەن ئۆزئارا كېلىشسە، ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇنداق ھالەتتە مۇشۇنداق كېلىشىش ھەر ئىككەيلەن ئۈچۈن ئاجراشقاندىن ياخشىدۇر. كۆڭۈللەرنىڭ تەبىئىتىگە ھېرىسمەنلىك ۋە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا، ئايالنى ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان ھەقلىرىدىن ۋاز كېچىشكە بەك تەرغىب قىلىپ كەتمىگىن. ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن كۆڭلىنى كەڭ قورساقلىق ۋە ئېھسانغا كۆندۈرۈش ئارقىلىق بۇ خاراكتېرىنى تۈزىتىشى كېرەك. ئەگەر سىلەر بارچە ئىشلىرىڭلاردا ئېھسان بىلەن ئىش قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورقساڭلار، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە ھەربىر ئىشقا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَن تَسۡتَطِيعُوٓاْ أَن تَعۡدِلُواْ بَيۡنَ ٱلنِّسَآءِ وَلَوۡ حَرَصۡتُمۡۖ فَلَا تَمِيلُواْ كُلَّ ٱلۡمَيۡلِ فَتَذَرُوهَا كَٱلۡمُعَلَّقَةِۚ وَإِن تُصۡلِحُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئەي ئەرلەر! ئۆز ئىرادەڭلارنىڭ سىرتىدا بولغان بىر قىسىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەرقانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلار ئارىسىدا كۆڭۈلنىڭ مايىللىقىدا تولۇق ئادىللىق قىلالمايسىلەر. شۇڭا ئۆزۈڭلار ياقتۇرمايدىغان ئايالىڭلاردىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، باشقا ئەرگە تېگەي دېسە ئېرى يوقتەكمۇ ئەمەس، ئېسىپ قويۇلغاندەك تاشلاپ قويماڭلار. كۆڭلۈڭلار ئۇنىمىسىمۇ ئۆزۈڭلارنى ئايالنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئاراڭلارنى تۈزىسەڭلار، ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقساڭلار، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، سىلەرگە رەھىمدىلدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِن يَتَفَرَّقَا يُغۡنِ ٱللَّهُ كُلّٗا مِّن سَعَتِهِۦۚ وَكَانَ ٱللَّهُ وَٰسِعًا حَكِيمٗا
ئەر-ئايال ئىككەيلەن تالاق ياكى خۇلئى بىلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى بىلەن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى كەڭرىدۇر، ئاللاھ تائالا ئىشلارنى تەدبىر قىلىش ۋە بېكىتىشتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَلَقَدۡ وَصَّيۡنَا ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِكُمۡ وَإِيَّاكُمۡ أَنِ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ وَإِن تَكۡفُرُواْ فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَنِيًّا حَمِيدٗا
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارچە نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى يالغۇز ئاللاھقا ئائىتتۇر. ھەقىقەتەن بىز ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ھەمدە چەكلىملىرىدىن يېنىش ھەققىدە كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي-ناسارالاردىن ۋە سىلەردىن ئەھدى ئالدۇق. ئەگەر سىلەر بۇ ئەھدىنى بۇزساڭلار، پەقەت ئۆزۈڭلارغىلا زىيان سالىسىلەر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىڭلاردىن بىھاجەتتۇر. چۈنكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، بارچە سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىغا قارىتا مەدھىيەگە لايىقتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلًا
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسىلەر يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئۇ ئىتائەت قىلىنىشقا ھەقىقىي لايىقتۇر. ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەرلىكتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِن يَشَأۡ يُذۡهِبۡكُمۡ أَيُّهَا ٱلنَّاسُ وَيَأۡتِ بِـَٔاخَرِينَۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ ذَٰلِكَ قَدِيرٗا
ئەي ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان، ئاسىيلىق قىلمايدىغان سىلەردىن باشقا كىشىلەرنى پەيدا قىلاتتى. ئاللاھ تائالا شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
مَّن كَانَ يُرِيدُ ثَوَابَ ٱلدُّنۡيَا فَعِندَ ٱللَّهِ ثَوَابُ ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ سَمِيعَۢا بَصِيرٗا
ئەي ئىنسانلار! ئاراڭلاردىن كىمكى ئۆز ئەمىلى ئارقىلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيانىڭ مۇكاپاتىنى كۆزلەيدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ساۋاب-مۇكاپاتلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. شۇڭا ئىككى دۇنيالىقىنى ئاللاھ تائالادىن تىلىسۇن. ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. سىلەرگە چوقۇم شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• استحباب المصالحة بين الزوجين عند المنازعة، وتغليب المصلحة بالتنازل عن بعض الحقوق إدامة لعقد الزوجية.
ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا دەتالاش يۈز بەرگەندە ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇش مۇستەھەب ھەمدە ھەق-ھوقۇقلارنىڭ مەلۇم قىسمىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق يارىشىپ قېلىشنى تەكىتلەشتىن مەقسەت ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشنى ساقلاپ قېلىشتۇر.

• أوجب الله تعالى العدل بين الزوجات خاصة في الأمور المادية التي هي في مقدور الأزواج، وتسامح الشرع حين يتعذر العدل في الأمور المعنوية، كالحب والميل القلبي.
ئاللاھ تائالا ئەرنىڭ ئىمكانىيەت دائىرىسىكى ماددىي ئىشلاردا بولۇپمۇ ئاياللار ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشنى ۋاجىب قىلدى، مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆڭۈلنىڭ مايىللىقىغا ئوخشاش مەنىۋىي ئىشلاردا ئادىللىق قىلىش قىيىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا شەرىئەت بۇنىڭغا كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى.

• لا حرج على الزوجين في الفراق إذا تعذرت العِشْرة بينهما.
ئەر-خوتۇنلۇقنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئايرىلىپ كەتسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

• الوصية الجامعة للخلق جميعًا أولهم وآخرهم هي الأمر بتقوى الله تعالى بامتثال الأوامر واجتناب النواهي.
ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا قىلىنغان ئومۇمىي تەۋسىيە، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقتۇر.

۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُونُواْ قَوَّٰمِينَ بِٱلۡقِسۡطِ شُهَدَآءَ لِلَّهِ وَلَوۡ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ أَوِ ٱلۡوَٰلِدَيۡنِ وَٱلۡأَقۡرَبِينَۚ إِن يَكُنۡ غَنِيًّا أَوۡ فَقِيرٗا فَٱللَّهُ أَوۡلَىٰ بِهِمَاۖ فَلَا تَتَّبِعُواْ ٱلۡهَوَىٰٓ أَن تَعۡدِلُواْۚ وَإِن تَلۡوُۥٓاْ أَوۡ تُعۡرِضُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! ھەر قانداق ئەھۋالدا ئادىل بولۇڭلار. ئەگەر ئادالەت ئۆزۈڭلارنىڭ، ئاتا-ئانىلىرىڭلارنىڭ ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشنى تەقەززا قىلسىمۇ، يەنىلا ھەر قانداق كىشىگە قارىتا ھەققانىي گۇۋاھلىق بېرىڭلار. بىراۋنىڭ نامراتلىقى ياكى بايلىقى سىلەرنىڭ تېگىشلىك بولمىغان گۇۋاھلىقنى بېرىشىڭلارغا ياكى تېگىشلىك بولغان گۇۋاھلىقنى بەرمەسلىكىڭلارغا سەۋەب بوپقالمىسۇن. چۈنكى ئاللاھ نامراتقىمۇ، بايغىمۇ سىلەردىن يېقىنراقتۇر ۋە ئۇلارغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ھەقتىن تېيىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە ھاۋاىي-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. ئەگەر سىلەر گۇۋاھلىقنى ئەمەلىي ھالىتىدىن ئۆزگەرتىپ بەرسەڭلار ياكى گۇۋاھلىق بېرىشتىن قاچساڭلار، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ ءَامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلَّذِي نَزَّلَ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِن قَبۡلُۚ وَمَن يَكۡفُرۡ بِٱللَّهِ وَمَلَٰٓئِكَتِهِۦ وَكُتُبِهِۦ وَرُسُلِهِۦ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ فَقَدۡ ضَلَّ ضَلَٰلَۢا بَعِيدًا
ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەمدە ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان قۇرئان كەرىمگە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان كىتابلارغا بولغان ئىمانىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. كىمكى ئاللاھقا، پەرىشىتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە قىيامەت كۈنىگە كاپىر بولىدىكەن، ھەقىقەتەن توغرا يولدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ثُمَّ كَفَرُواْ ثُمَّ ءَامَنُواْ ثُمَّ كَفَرُواْ ثُمَّ ٱزۡدَادُواْ كُفۡرٗا لَّمۡ يَكُنِ ٱللَّهُ لِيَغۡفِرَ لَهُمۡ وَلَا لِيَهۡدِيَهُمۡ سَبِيلَۢا
شەكسىزكى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن تەكرار كۇپرىلىق سادىر قىلغانلار، يەنى ئىمان ئېيتىپ دىنغا كىرگەندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالغانلار، ئاندىن كېيىن قايتا دىنغا كىرىپ، يەنە دىندىن يېنىۋالغان ۋە كۇپرىدا چىڭ تۇرۇپ، شۇ پېتى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ ھەمدە ئاللاھ تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولغىمۇ مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
بَشِّرِ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ بِأَنَّ لَهُمۡ عَذَابًا أَلِيمًا
ئەي پەيغەمبەر! قارىماققا ئىمان ئېيتقاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە دىللىرىدا كۇپرىنى يوشۇرىدىغان مۇناپىقلارغا قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دەرتلىك ئازاب بارلىقىدىن بېشارەت بەرگىن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
ٱلَّذِينَ يَتَّخِذُونَ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۚ أَيَبۡتَغُونَ عِندَهُمُ ٱلۡعِزَّةَ فَإِنَّ ٱلۡعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعٗا
ئۇلارغا بۇنداق ئازاب تەييارلىنىشى شۇ سەۋەبتىندۇركى، ئۇلار مۇئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى ياردەمچى ۋە مەدەتكار قىلىۋالدى. ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى سىرداش قىلىۋالغانلىقلىرى تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىلىك بولۇشلىرىغا ۋەسىلە بولۇشى ئۈچۈن كاپىرلاردىن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە نوپۇز كۈتەمدۇ؟ شەكسىزكى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە نوپۇزنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَقَدۡ نَزَّلَ عَلَيۡكُمۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ أَنۡ إِذَا سَمِعۡتُمۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ يُكۡفَرُ بِهَا وَيُسۡتَهۡزَأُ بِهَا فَلَا تَقۡعُدُواْ مَعَهُمۡ حَتَّىٰ يَخُوضُواْ فِي حَدِيثٍ غَيۡرِهِۦٓ إِنَّكُمۡ إِذٗا مِّثۡلُهُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ جَامِعُ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡكَٰفِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا
ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرگە قۇرئان كەرىمدە شۇنداق نازىل قىلدىكى، ئەگەر سىلەر بىرەر سورۇندا بولۇپ، ئۇ سورۇندا قانداقتۇر بىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلىقىنى ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالساڭلار، تاكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى تاشلاپ، ئۇلارنىڭ سورۇندىن ئايرىلىشىڭلار لازىم. ناۋادا ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغان ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلغان ھالەتتىمۇ، ئۇلارنىڭ مەسخىرىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ يەنە شۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولساڭلار، سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىشتا شۇلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىسىلەر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئاللاھقا قانداق ئاسىي بولغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا ھەمسۆھبەت بولۇش ئارقىلىق ئاسىي بولدۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا قارىماققا مۇسۇلمان بولغاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە كۇپرىنى يوشۇرىدىغان مۇناپىقلارنى قىيامەت كۈنى جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كاپىرلار بىلەن بىر يەرگە توپلايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• وجوب العدل في القضاء بين الناس وعند أداء الشهادة، حتى لو كان الحق على النفس أو على أحد من القرابة.
كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ۋە گۇۋاھلىق بەرگەندە، ھەققانىيەت گەرچە ئۆزىنىڭ ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىرەرىنىڭ زىيىنىغا توغرا كەلسىمۇ ئادىل بولۇش ۋاجىبتۇر.

• على المؤمن أن يجتهد في فعل ما يزيد إيمانه من أعمال القلوب والجوارح، ويثبته في قلبه.
مۇئمىن كىشى قەلب ئەمەللىرى ۋە بەدەن ئەمەللىرى ئىچىدىن ئىمانىنى تېخىمۇ چىڭىتىدىغان ۋە ئۇنى قەلبىدە تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.

• عظم خطر المنافقين على الإسلام وأهله؛ ولهذا فقد توعدهم الله بأشد العقوبة في الآخرة.
مۇناپىقلارنىڭ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان خەتىرى چوڭدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن تەھدىت قىلدى.

• إذا لم يستطع المؤمن الإنكار على من يتطاول على آيات الله وشرعه، فلا يجوز له الجلوس معه على هذه الحال.
مۇئمىن كىشى ناۋادا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ۋە شەرىئىتىگە تىل تەگكۈزگەنلەرگە قارشى تۇرۇشقا كۈچى يەتمىسە، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشى توغرا ئەمەس.

ٱلَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمۡ فَإِن كَانَ لَكُمۡ فَتۡحٞ مِّنَ ٱللَّهِ قَالُوٓاْ أَلَمۡ نَكُن مَّعَكُمۡ وَإِن كَانَ لِلۡكَٰفِرِينَ نَصِيبٞ قَالُوٓاْ أَلَمۡ نَسۡتَحۡوِذۡ عَلَيۡكُمۡ وَنَمۡنَعۡكُم مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۚ فَٱللَّهُ يَحۡكُمُ بَيۡنَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ وَلَن يَجۡعَلَ ٱللَّهُ لِلۡكَٰفِرِينَ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ سَبِيلًا
سىلەرگە ياخشىلىق كېلەرمۇ ياكى يامانلىقمۇ؟ دەپ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلار بار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ بىرەر نۇسرىتى كېلىپ، غەنىمەت ئالساڭلار، ئۇلار غەنىمەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە سىلەرگە: بىزمۇ سىلەر بىلەن بىرگە ئەمەسمىدۇق؟ سىلەر قاتناشقان جەڭگە بىزمۇ قاتناشمىدۇقمۇ؟ دېيىشىدۇ. ئەگەر كاپىرلارنىڭ تەلىيى كېلىپ قالسا، ئۇلارغا: بىزمۇ سىلەرگە ياردەملىشىپ، ھەر تەرەپتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يېقىندىن ھەمدەمدە بولمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، مۇئمىنلەرنى ياردەمسىز قويۇش ئارقىلىق سىلەرنى ئۇلاردىن قوغدىمىدۇقمۇ؟ دېيىشىدۇ. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ھەممىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاندىن مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرىش بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، مۇناپىقلارنى دوزاخنىڭ ئەڭ تېگىگە تاشلاش بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى بىلەن قىيامەت كۈنى ھەرگىز مۇئمىنلەرگە قارشى كاپىرلار ئۈچۈن بىرەر باھانە-سەۋەب قالدۇرمايدۇ. بەلكى ئاخىرقى غەلىبىنى چوقۇم مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ يُخَٰدِعُونَ ٱللَّهَ وَهُوَ خَٰدِعُهُمۡ وَإِذَا قَامُوٓاْ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ قَامُواْ كُسَالَىٰ يُرَآءُونَ ٱلنَّاسَ وَلَا يَذۡكُرُونَ ٱللَّهَ إِلَّا قَلِيلٗا
شەكسىزكى مۇناپىقلار ئىسلامنى ئىزھار قىلىش ۋە كۇپرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا قارىتا جازا بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ كۇپرىسىنى بىلىپ تۇرۇپ جانلىرىنى ساقلاپ قالدى ھەمدە ئۇلارغا ئاخىرەتتە ئەڭ قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلار نامازغا تۇرغان ۋاقىتلىرىدا خۇشياقماسلىق بىلەن، نامازنى ياقتۇرمىغان ھالدا ئوقۇيدۇ، پەقەت مۇئمىنلەرنى كۆرگەن ۋاقىتتىلا ئاللاھنى (ئىنتايىن ئاز) ئەسلەيدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
مُّذَبۡذَبِينَ بَيۡنَ ذَٰلِكَ لَآ إِلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِ وَلَآ إِلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِۚ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ سَبِيلٗا
بۇ مۇناپىقلار گاڭگىراش ئىچىدە ئىككىلىنىپ يۈرىدۇ. ئۇلار مەيلى نىيىتىدە مەيلى ئىش-ھەرىكەتلىرىدە بولسۇن مۇئمىنلەر بىلەن بىرگە ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار كاپىرلار بىلەن بىرگىدۇر. ئۇلار قارىماققا مۇئمىنلەر بىلەن بىرگە بولغاندەك، ئەمما دىللىرى كاپىرلار بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ تائالا كىمنى ئازدۇرۇۋەتسە، -ئەي پەيغەمبەر!- سەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن ھېچقانداق چارە تاپالمايسەن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُواْ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۚ أَتُرِيدُونَ أَن تَجۡعَلُواْ لِلَّهِ عَلَيۡكُمۡ سُلۡطَٰنٗا مُّبِينًا
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! سىلەر مۇئمىنلەرنى قويۇپ ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنى سىرداش دوست قىلىۋالماڭلار. مۇشۇ قىلمىشىڭلار ئارقىلىق ئاللاھقا ئۆزۈڭلارنىڭ ئازابقا لايىق ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايدىغان ئوپئوچۇق پاكىت قىلماقچىمۇ سىلەر؟
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ فِي ٱلدَّرۡكِ ٱلۡأَسۡفَلِ مِنَ ٱلنَّارِ وَلَن تَجِدَ لَهُمۡ نَصِيرًا
شەكسىزكى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇناپىقلارنى دوزاخنىڭ ئەڭ تېگىگە تاشلايدۇ. سەن ھەرگىزمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۇلاردىن ئازابنى توسۇپ قالالايدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايسەن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ وَأَصۡلَحُواْ وَٱعۡتَصَمُواْ بِٱللَّهِ وَأَخۡلَصُواْ دِينَهُمۡ لِلَّهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ مَعَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۖ وَسَوۡفَ يُؤۡتِ ٱللَّهُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ أَجۡرًا عَظِيمٗا
مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا قايتقانلار، نىيەتلىرىنى ساپ قىلغانلار، ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغانلار، ئەمەللىرىنى رىياسىز ھالدا ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغانلار، مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان ئەنە شۇ كىشىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇئمىنلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا چوقۇم مۇئمىنلەرگە كۆپ ساۋاب بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
مَّا يَفۡعَلُ ٱللَّهُ بِعَذَابِكُمۡ إِن شَكَرۡتُمۡ وَءَامَنتُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ شَاكِرًا عَلِيمٗا
ئەگەر سىلەر ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئازابلاپ ئولتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە شەپقەتلىكتۇر. ئاللاھ سىلەرنى پەقەتلا ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلايدۇ. ئەگەر سىلەر ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەتسەڭلار، ئاللاھقا نېئمەتلىرىگە قارىتا شۈكۈر ئېيتساڭلار، ئۇنىڭغا ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھەرگىز ئازابلىمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرىنى تونۇغانلارنىڭ شۈكرىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇركى، ئۇلارغا بۇ شۈكرانىسىغا قارىتا كۆپ ساۋاب-مۇكاپات بېرىدۇ. ئۇ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىمانىنى بىلگۈچىدۇركى، ھەر كىمگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• بيان صفات المنافقين، ومنها: حرصهم على حظ أنفسهم سواء كان مع المؤمنين أو مع الكافرين.
مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن؛ ئۇلار مەيلى مۇئمىنلەر بىلەن، مەيلى كاپىرلار بىلەن بولسۇن، ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن، ئۆز نەپسىنى تويغۇزۇشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىدۇر .

• أعظم صفات المنافقين تَذَبْذُبُهم وحيرتهم واضطرابهم، فلا هم مع المؤمنين حقًّا ولا مع الكافرين.
مۇناپىقلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك سۈپەتلىرى: ئارىسالدىلىق، تېڭىرقاش ۋە تۇراقسىزلىق بولۇپ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە نە مۇئمىنلەر بىلەن، نە كاپىرلار بىلەن بىللە ئەمەس.

• النهي الشديد عن اتخاذ الكافرين أولياء من دون المؤمنين.
مۇئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلانى سىرداش دوست قىلىۋېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

• أعظم ما يتقي به المرء عذاب الله تعالى في الآخرة هو الإيمان والعمل الصالح.
ئىنساننىڭ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىشىغا ۋەسىلە بولىدىغان ئەڭ چوڭ قالقىنى بولسا، ئىمان ۋە سالىھ ئەمەلدۇر.

۞ لَّا يُحِبُّ ٱللَّهُ ٱلۡجَهۡرَ بِٱلسُّوٓءِ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ إِلَّا مَن ظُلِمَۚ وَكَانَ ٱللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا
ئاللاھ ئاشكارا قىلىنغان يامان سۆزنى ياقتۇرمايدۇ بەلكى ئۆچ كۆرىدۇ ۋە ئۇ كىشىنى جازالايدۇ، لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ زالىمنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى، زالىمغا بەد دۇئا قىلىشى ۋە قىلغان سۆزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن ئۇنى جازالىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى، لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاشكارا يامان سۆز قىلغىنىدىن سەبرى قىلىشى ياخشى بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر ۋە نىيەتلىرىڭلارنى بىلگۈچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ناچار سۆز ۋە يامان نىيەتتە بولۇشتىن ھەزەر قىلىڭلار
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِن تُبۡدُواْ خَيۡرًا أَوۡ تُخۡفُوهُ أَوۡ تَعۡفُواْ عَن سُوٓءٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَفُوّٗا قَدِيرًا
سىلەر ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ياخشىلىقتىن بىرنى ئاشكارا قىلىڭلار ياكى مەخپى قىلىڭلار ياكى سىلەرگە ئەسكىلىك قىلغان كىشىنى ئەپۇ قېلىۋىتىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچى ۋە قۇدرەتلىكتۇر، ئەپۇ قىلىش سىلەرنىڭ ئەخلاقىڭلار بولسۇن، شەكسىزكى ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەپۇ .قىلىدۇ
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡفُرُونَ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ وَيُرِيدُونَ أَن يُفَرِّقُواْ بَيۡنَ ٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ وَيَقُولُونَ نُؤۡمِنُ بِبَعۡضٖ وَنَكۡفُرُ بِبَعۡضٖ وَيُرِيدُونَ أَن يَتَّخِذُواْ بَيۡنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا
ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كاپىر بولغان بەدبەختلەر، ئاللاھ بىلەن ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىشىنىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار: پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىمىز ۋە بەزىسىگە كاپىر بولىمىز دەيدۇ، ئۇلار ئىمان بىلەن كۇپىرنىڭ ئارىسىدا بىر يول تۇتۇشنى مەقسەت قېلىدۇ ۋە بۇ يول ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىدۇ دەپ ئويلايدۇ
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ حَقّٗاۚ وَأَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٗا مُّهِينٗا
مۇشۇ يولدا ماڭغان ئاشۇ كىشىلەر ھەقىقى كاپىرلاردۇر، ئۇنداق بولىشى: كىمكى بىر پەيغەمبەرگە ياكى بەزى پەيغەمبەرگە كاپىر بولىدىكەن، ھەقىقەتتە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغان بولدى، بىز قىيامەت كۈنى كاپىرلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىغا لايىق خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ وَلَمۡ يُفَرِّقُواْ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّنۡهُمۡ أُوْلَٰٓئِكَ سَوۡفَ يُؤۡتِيهِمۡ أُجُورَهُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ھېچ بىر نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلمىغان، بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشەنگەن، كاپىرلار قىلغانغا ئوخشاش قىلماستىن ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەي بەلكى ھەممىسىگە ئىشەنگەن ئاشۇ كىشىلەرگە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە ئۇنىڭدىن كىلىپ چىققان ياخشى ئەمەللىرىگە كاتتا مۇكاپات بېرىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشنى كەچۈرۈم قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا مېھرىباندۇر
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَسۡـَٔلُكَ أَهۡلُ ٱلۡكِتَٰبِ أَن تُنَزِّلَ عَلَيۡهِمۡ كِتَٰبٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِۚ فَقَدۡ سَأَلُواْ مُوسَىٰٓ أَكۡبَرَ مِن ذَٰلِكَ فَقَالُوٓاْ أَرِنَا ٱللَّهَ جَهۡرَةٗ فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّٰعِقَةُ بِظُلۡمِهِمۡۚ ثُمَّ ٱتَّخَذُواْ ٱلۡعِجۡلَ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ فَعَفَوۡنَا عَن ذَٰلِكَۚ وَءَاتَيۡنَا مُوسَىٰ سُلۡطَٰنٗا مُّبِينٗا
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! يەھۇدىيلار سەندىن سېنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭگە ئالامەت بولىشى ئۈچۈن خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋرات بىراقلا چۈشكەندەك ساڭا قۇرئان كەرىمنىڭ بىراقلا چۈشىشىنى سورايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىنى چوڭ بىلىپ كەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن سەندىن سورىغان سوئالدىن چوڭراقىنى سورىغان، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھنى ئاشكارا كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا جازا بولۇپ ئۇلارنى چاقماق سوقۇپ ئۆلگەن، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈرگەن، ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە ئىلاھلىق ۋە پەرۋەردىگارلىقتا يالغۇز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئوچۇق ئايەتلەر كەلگەندىن كېيىنمۇ ئاللاھنى قويۇپ موزايغا ئىبادەت قىلغان، ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىۋەتتۇق، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قەۋمىنى يېتەكلەيدىغان روشەن ھۆججەتنى بەردۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَرَفَعۡنَا فَوۡقَهُمُ ٱلطُّورَ بِمِيثَٰقِهِمۡ وَقُلۡنَا لَهُمُ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡبَابَ سُجَّدٗا وَقُلۡنَا لَهُمۡ لَا تَعۡدُواْ فِي ٱلسَّبۡتِ وَأَخَذۡنَا مِنۡهُم مِّيثَٰقًا غَلِيظٗا
ئۇلاردىن چىن ئەھدە ئالماق ۋە تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى قورقۇتۇپ ئۈستىگە تاغنى تىكلەپ قويدۇق، تاغنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئېلىۋەتكەندىن كېيىن: بەيتىل مۇقەددەس شەھرىنىڭ ئېشىكىدىن بېشىڭلارنى ئېگىپ سەجدە قىلىپ كېرىڭلار دېسەك، ئۇلار كاسىسىنى تولغاپ كەينىچەككە كىردى، ئۇلارغا: شەنبە كۈنلۈكتە بېلىق تۇتۇشقا قەدەم باسماڭلار دېدۇق، ئۇلار ھەددىدىن ئىشىپ شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتتى، ئۇلاردىن بۇ توغرىدا چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئېلىنغان ئەھدىنى بۇزدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• يجوز للمظلوم أن يتحدث عن ظلمه وظالمه لمن يُرْجى منه أن يأخذ له حقه، وإن قال ما لا يسر الظالم.
زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئۈچۈن زالىمدىن ھەققىمنى ئېلىپ بېرىدۇ دەپ ئۈمىد قىلغان كىشىگە، زالىمنى خۇرسەن قىلىدىغان سۆزنى دېمەستىن زۇلۇمنى ۋە زالىمنىڭ قىلمىشىنى سۆزلەش دۇرۇس بولىدۇ.

• حض المظلوم على العفو - حتى وإن قدر - كما يعفو الرب - سبحانه - مع قدرته على عقاب عباده.
زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنى گەرچە زالىمدىن ھەققىنى ئېلىشقا قۇدىرتى يەتسىمۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئازابلاشقا قادىر تۇرۇغلۇق ئۇلارنى ئەپۇ قىلغاندەك ئەپۇ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش

• لا يجوز التفريق بين الرسل بالإيمان ببعضهم دون بعض، بل يجب الإيمان بهم جميعًا.
پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش زۆرۈر بولىدۇ

فَبِمَا نَقۡضِهِم مِّيثَٰقَهُمۡ وَكُفۡرِهِم بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَقَتۡلِهِمُ ٱلۡأَنۢبِيَآءَ بِغَيۡرِ حَقّٖ وَقَوۡلِهِمۡ قُلُوبُنَا غُلۡفُۢۚ بَلۡ طَبَعَ ٱللَّهُ عَلَيۡهَا بِكُفۡرِهِمۡ فَلَا يُؤۡمِنُونَ إِلَّا قَلِيلٗا
بىز ئۇلارنى تەكىتلەنگەن ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلغانلىقى ۋە مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا: بىزنىڭ دىلىمىزدا پەردە بار، سېنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭنى ئېسىمىزدە تۇتالمايمىز دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن قوغلىدۇق، ئىش ئۇلار ئېيتقاندەك ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا پېچەت ئۇرىۋەتتى، ئۇنىڭغا ياخشىلىق كېرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مەنپەئەت بولمايدىغان ئازغىنە دەرىجىدە ئېشىنىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَبِكُفۡرِهِمۡ وَقَوۡلِهِمۡ عَلَىٰ مَرۡيَمَ بُهۡتَٰنًا عَظِيمٗا
ئۇلارنى يەنە كاپىر بولغانلىقى، مەريەم ئەلەيھىسسالامغا زىنا قىلدى دەپ زور بۆھتان قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَقَوۡلِهِمۡ إِنَّا قَتَلۡنَا ٱلۡمَسِيحَ عِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ رَسُولَ ٱللَّهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَٰكِن شُبِّهَ لَهُمۡۚ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُۚ مَا لَهُم بِهِۦ مِنۡ عِلۡمٍ إِلَّا ٱتِّبَاعَ ٱلظَّنِّۚ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينَۢا
ئۇلار پەخىرلىنىپ يالغاندىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىسانى بىز ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق، ۋاھالەنكى ئۇلار دەۋا قىلغىنىدەك ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق ۋە دارغا ئاسقىنىمۇ يوق، لېكىن ئۇلار ئاللاھ ئىسانىڭ شەكلىگە ئوخشىتىپ قويغان باشقا بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلتۈرۈلگۈچىنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ ئويلىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈردۈق دەپ دەۋا قىلغۇچىلار يەھۇدىي ۋە ئۇنى تۇتۇپ تاپشۇرۇپ بەرگۈچىلەر ناسارالار ئىدى، ھەر ئىككى گورۇھ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ھەيرانلىق شەكلىنىشتە قالدى، بۇ توغرىدا ئۇلاردا ئىلىم يوق پەقەت گۇمانغا ئەگىشىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى بىر نەرسىدىن بىھاجەت قىلالمايدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمىدى ۋە دارغا ئاسمىدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
بَل رَّفَعَهُ ٱللَّهُ إِلَيۡهِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمٗا
بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن قۇتقازدى، ئۇنى جىسمى ۋە روھى بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ تەرىپىگە كۆتۈردى، ئاللاھ ئۆز مۈلكىدە غالىپتۇر، ھېچ بىرى ئاللاھقا غالىپ كىلەلمەيدۇ، ئىشلارنى تەدبىر قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَإِن مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ إِلَّا لَيُؤۡمِنَنَّ بِهِۦ قَبۡلَ مَوۡتِهِۦۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكُونُ عَلَيۡهِمۡ شَهِيدٗا
ئەھلى كىتابتىن بولغان ھەر بىرى ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا چۈشىدىغانلىقىغا، قىيامەت كۈنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە مۇۋاپىق ياكى مۇخالىپ ھالەتتە قىلغان بارلىق ئەمەللىرىگە شاھىت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَبِظُلۡمٖ مِّنَ ٱلَّذِينَ هَادُواْ حَرَّمۡنَا عَلَيۡهِمۡ طَيِّبَٰتٍ أُحِلَّتۡ لَهُمۡ وَبِصَدِّهِمۡ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ كَثِيرٗا
يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان زۇلمى سەۋەبىدىن ئىلگىرى ھالال بولغان پاكىزە نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا توم تۇياقلىق ھايۋانلارنى ھارام قىلدۇق، كالا، قوي قاتارلىق چارىپايلاردىن دۈمبە مېيىنى قويۇپ ئېچمىيىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقى ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ھەتتا ياخشىلىقتىن توسۇش ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بولۇپ قالدى
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَأَخۡذِهِمُ ٱلرِّبَوٰاْ وَقَدۡ نُهُواْ عَنۡهُ وَأَكۡلِهِمۡ أَمۡوَٰلَ ٱلنَّاسِ بِٱلۡبَٰطِلِۚ وَأَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ مِنۡهُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا
ئاللاھ جازانە مۇئامىلىسى قىلىشتىن چەكلىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلىقى، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى زۇلۇم قىلىپ-ھەقسىز ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا پاكىزە نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلاردىن بولغان كاپىرلارغا دەرتلىك ئازابنى تەييارلىدۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لَّٰكِنِ ٱلرَّٰسِخُونَ فِي ٱلۡعِلۡمِ مِنۡهُمۡ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ يُؤۡمِنُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلِكَۚ وَٱلۡمُقِيمِينَ ٱلصَّلَوٰةَۚ وَٱلۡمُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ أُوْلَٰٓئِكَ سَنُؤۡتِيهِمۡ أَجۡرًا عَظِيمًا
لېكىن يەھۇدىيلاردىن بولغان بىلىمى مول، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرىدىغان مۆئمىنلەر بولۇپ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىشىنىدۇ، سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل بولغان تەۋرات ۋە ئىنجىل قاتارلىق كىتابلارغا ئىشىنىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ، ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، مۇشۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەرگە كاتتا ئەجىر-ساۋاپ بېرىمىز
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• عاقبة الكفر الختم على القلوب، والختم عليها سبب لحرمانها من الفهم.
كۇپىرنىڭ ئاقىۋېتى دىلىغا پىچەت ئۇرۇلۇشتۇر، دىلىغا پىچەت ئۇرۇلۇش بولسا دىلنىڭ ھەقنى چۈشۈنىشتىن مەھرۇم بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.

• بيان عداوة اليهود لنبي الله عيسى عليه السلام، حتى إنهم وصلوا لمرحلة محاولة قتله.
يەھۇدىلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنىشى ئۇلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بولغان دۈشمەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

• بيان جهل النصارى وحيرتهم في مسألة الصلب، وتعاملهم فيها بالظنون الفاسدة.
كېرست مەسىلىسىدە ناسارالارنىڭ نادانلىق ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە بۇزۇق گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنىڭ بايانى.

• بيان فضل العلم، فإن من أهل الكتاب من هو متمكن في العلم حتى أدى به تمكنه هذا للإيمان بالنبي محمد صلى الله عليه وسلم.
ئىلىمنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى: ئەھلى كىتابلاردىن بەزى كىشىلەر مول بىلىملىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلمى ئۇلارنى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا .ئىشىنىش ۋە ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا ئېلىپ باردى

۞ إِنَّآ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ كَمَآ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ نُوحٖ وَٱلنَّبِيِّـۧنَ مِنۢ بَعۡدِهِۦۚ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَٰرُونَ وَسُلَيۡمَٰنَۚ وَءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ زَبُورٗا
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! بىز سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭىمۇ ۋەھيى قىلدۇق، سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەسسەن، ھەقىقەتەن بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە، ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسمائىل، ئىسھاققا، يەئقۇب ئىبنى ئىسھاققا ۋە يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پەيغەمبەرلەرگە (ئۇ پەيغەمبەرلەر يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان بەنى ئىسرائىلدىكى ئون ئىككى قەبىلىدىن بولغان) .ۋەھيى قىلدۇق ۋە داۋۇدقا زەبۇرنى بەردۇق
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَرُسُلٗا قَدۡ قَصَصۡنَٰهُمۡ عَلَيۡكَ مِن قَبۡلُ وَرُسُلٗا لَّمۡ نَقۡصُصۡهُمۡ عَلَيۡكَۚ وَكَلَّمَ ٱللَّهُ مُوسَىٰ تَكۡلِيمٗا
قۇرئان كەرىمدە ساڭا ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق ۋە ساڭا ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ بەرمىگەن پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلماسلىقتا بىر ھېكمەت بار. ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئۇنىڭغا بىۋاستە سۆز قىلدى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئىززەت قىلىپ ئاللاھ ئۆزىگە لايىق بولغان .رەۋىشتە ھەقىقى سۆز قىلدى
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
رُّسُلٗا مُّبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى ٱللَّهِ حُجَّةُۢ بَعۡدَ ٱلرُّسُلِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمٗا
پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەرگە ھۆججەت بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئاللاھقا ئىشەنگەنلەرگە ئېسىل ساۋاپ بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدىغان، كاپىر بولغانلارغا دەرتلىك ئازاب بىلەن بىشارەت بەرگۈچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ ئۆز .پادىشاھلىقىدا غالىپتۇر، قىلغان ھۆكمىدە ھېكمەتلىكتۇر
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لَّٰكِنِ ٱللَّهُ يَشۡهَدُ بِمَآ أَنزَلَ إِلَيۡكَۖ أَنزَلَهُۥ بِعِلۡمِهِۦۖ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَشۡهَدُونَۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدًا
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! يەھۇدىيلار سېنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاللاھ قۇرئاننى ئۆزىنىڭ خاس ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى، بەندىلەرنى ئۇنىڭدىكى ياقتۇرىدىغان، رازى بولىدىغان، ياقتۇرمايدىغا ۋە باش تارتىدىغان نەرسىلەرگە خەۋەردار قىلىشنى خالىدى. پەرىشتىلەر سەن ئىلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىغا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن بىرگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ھەممىگە يېتەرلىكتۇر. ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە گۇۋاھلىققا كۇپايىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ قَدۡ ضَلُّواْ ضَلَٰلَۢا بَعِيدًا
سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلغان ۋە كىشىلەرنى ئىسلامدىن توسقان ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتتىن يىراقلاپ كەتكىنىدە ھېچ شۈبھى يوقتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَظَلَمُواْ لَمۡ يَكُنِ ٱللَّهُ لِيَغۡفِرَ لَهُمۡ وَلَا لِيَهۡدِيَهُمۡ طَرِيقًا
ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كاپىر بولغان، كۇپىرنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى، كۇفرىلىقنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ ۋە ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِلَّا طَرِيقَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٗا
ئۇلارنى پەقەت جەھەننەمگە ئېلىپ بارىدىغان يولغا قويىۋېتىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر. ئاللاھ ھەر ئىشقا قادىردۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُمُ ٱلرَّسُولُ بِٱلۡحَقِّ مِن رَّبِّكُمۡ فَـَٔامِنُواْ خَيۡرٗا لَّكُمۡۚ وَإِن تَكۡفُرُواْ فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
ئى ئىنسانلار! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن توغرا يولنى ۋە ھەق دىننى ئېلىپ كەلدى، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۆزۈڭلارغا ياخشى بولىشى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشىنىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلاردىن بىھاجەتتۇر. سىلەرنىڭ كاپىر بولۇشىڭلارنىڭ ئاللاھقا زېيىنى يوق، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ كىمنىڭ ھىدايەتكە ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھىدايەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھىدايەتكە ھەقلىق ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى ھىدايەتتىن يىراق قىلىدۇ. ئاللاھ سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، پرىنسىپلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• إثبات النبوة والرسالة في شأن نوح وإبراهيم وغيرِهما مِن ذرياتهما ممن ذكرهم الله وممن لم يذكر أخبارهم لحكمة يعلمها سبحانه.
ئاللاھ نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بەزىلىرىگە پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىسمىنى زىكىر قىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاللاھ .ئۆزى بېلىدىغان بىر ھېكمەت بىلەن زىكىر قىلمىدى

• إثبات صفة الكلام لله تعالى على وجه يليق بذاته وجلاله، فقد كلّم الله تعالى نبيه موسى عليه السلام.
سۆزلەش دېگەن سۈپەت، ئاللاھ تائالانىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە زاتى ئىلاھىغا لايىق رەۋىشتە ئىسپاتلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا سۆزلىدى.

• تسلية النبي محمد عليه الصلاة والسلام ببيان أن الله تعالى يشهد على صدق دعواه في كونه نبيًّا، وكذلك تشهد الملائكة.
ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەۋاسىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئۆزى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ .شاھىت بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى

يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لَا تَغۡلُواْ فِي دِينِكُمۡ وَلَا تَقُولُواْ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡحَقَّۚ إِنَّمَا ٱلۡمَسِيحُ عِيسَى ٱبۡنُ مَرۡيَمَ رَسُولُ ٱللَّهِ وَكَلِمَتُهُۥٓ أَلۡقَىٰهَآ إِلَىٰ مَرۡيَمَ وَرُوحٞ مِّنۡهُۖ فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۖ وَلَا تَقُولُواْ ثَلَٰثَةٌۚ ٱنتَهُواْ خَيۡرٗا لَّكُمۡۚ إِنَّمَا ٱللَّهُ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ سُبۡحَٰنَهُۥٓ أَن يَكُونَ لَهُۥ وَلَدٞۘ لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلٗا
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئىنجىل ئەھلى بولغان ناسارالارغا ئېيتقىنكى: سىلەر دىنىڭلاردا ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا پەقەت ھەق سۆزنى دەڭلار، ھەقىقەتەن مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھ ئاللاھنىڭ ھەق بىلەن ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىدۇر. ئاللاھ ئۇنى جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق مەريەمگە ئەۋەتكەن سۆزدىن ياراتتى، ئۇ ۋۇجۇتقا كەل دېگەن سۆز بولۇپ، شۇنىڭدىن يارىتىلدى، بۇ ئاللاھتىن بولغان بىر پۈۋلەش بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن جىبرائىل ئەلەيھىسسالام مەريەمگە پۈۋلىدى. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ھېچ بېرىنى ئايرىۋەتمەستىن ئىشىنىڭلار، ئاللاھنى ئۈچ دېمەڭلار، بۇ بۇزۇق يالغان سۆزدىن يېنىڭلار، ئۇ سۆزدىن يېنىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىدۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ يەككە-يېگانە ئىلاھتۇر. ئاللاھ شېرىكتىن ۋە بالىدىن مۇنەززەھتۇر ۋە ئۇنىڭدىن بىھاجەتتۇر. ئاسمان- زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىدارە قىلىش ۋە تەدبىر قىلىشقا ئاللاھ يېتەرلەكتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لَّن يَسۡتَنكِفَ ٱلۡمَسِيحُ أَن يَكُونَ عَبۡدٗا لِّلَّهِ وَلَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ ٱلۡمُقَرَّبُونَۚ وَمَن يَسۡتَنكِفۡ عَنۡ عِبَادَتِهِۦ وَيَسۡتَكۡبِرۡ فَسَيَحۡشُرُهُمۡ إِلَيۡهِ جَمِيعٗا
مەريەم ئوغلى ئىسا ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىن پەرىشتىلەرمۇ مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى بولماقلىقى بىلەن ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن قىلچە باش تارتمايدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئىسانى قانداقمۇ ئىلاھ قىلىۋالىسىلەر؟، مۇشرىكلار پەرىشتىلەرنى قانداقسىگە ئىلاھ قىلىۋالىدۇ؟، كىمكى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جۇغلاپ ھەر بىرىگە لايىق شەكىلدە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَيُوَفِّيهِمۡ أُجُورَهُمۡ وَيَزِيدُهُم مِّن فَضۡلِهِۦۖ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ ٱسۡتَنكَفُواْ وَٱسۡتَكۡبَرُواْ فَيُعَذِّبُهُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا وَلَا يَجِدُونَ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنگەن، شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق، خالىس ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن سېرت ئاللاھ ئۆز پەزلى رەھمىتىدىن زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئەمما ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئىتائەت قېلىشتىن باش تارتقان، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ تەكەببۇرلۇق قىلغانلارنى دەرتلىك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. ئۇلار ئاللاھدىن باشقا ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولىدىغان، پايدا-مەنپەئەت كەلتۈرىدىغان، زىياننى مۇداپىئە قىلىدىغان .بىرىنى تاپالمايدۇ
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُم بُرۡهَٰنٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ نُورٗا مُّبِينٗا
ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن شەك-شۈبھىنى يوق قىلىدىغان ۋە ئۆزۈر-سەۋەبلەرنى بىكار قىلىدىغان ئوچۇق دەلىل كەلدى، ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشىدۇر. سىلەرگە قۇرئاندىن ئىبارەت بولغان روشەن، نۇرلۇق كىتابنى نازىل .قىلدۇق
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَٱعۡتَصَمُواْ بِهِۦ فَسَيُدۡخِلُهُمۡ فِي رَحۡمَةٖ مِّنۡهُ وَفَضۡلٖ وَيَهۡدِيهِمۡ إِلَيۡهِ صِرَٰطٗا مُّسۡتَقِيمٗا
ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا مۇستەھكەم ئېسىلغانلارنى ئاللاھ جەننەتكە كېرگۈزۈش بىلەن رەھمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ساۋابىنى زىيادە قىلىپ، مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ، ئۇلارنى ھېچ قانداق قىڭغىرلىقى بولمىغان جەننەتكە ئىلىپ بارىدىغان توغرا يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• بيان أن المسيح بشر، وأن أمه كذلك، وأن الضالين من النصارى غلوا فيهما حتى أخرجوهما من حد البشرية.
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، ئانىسىنڭمۇ ئىنسان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، ناسارالاردىن ئېزىپ كەتكەنلەر ئۇ ئىككەيلەن توغرىسىدا ھەددىدىن ئېشىپ ئۇلارنى ئىنسانلىق دائىرىسىدىن .چېقىرىۋەتكەن

• بيان بطلان شرك النصارى القائلين بالتثليث، وتنزيه الله تعالى عن أن يكون له شريك أو شبيه أو مقارب، وبيان انفراده - سبحانه - بالوحدانية في الذات والأسماء والصفات.
ئاللاھنى ئۈچ دېگەن ناسارالارنىڭ شېرىكلىرىنىڭ باتىللىقىنى بايان قىلىش، ئاللاھ تائالانى ھەرقانداق شېرىك ياكى ئوخشاشلىق ياكى يېقىنلىقتىن پاكلاش، ئاللاھ تائالانىڭ زاتىدا ۋە ئىسىم-سۈپەتلىرىدە يەككە-يىگانە .ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتۇر

• إثبات أن عيسى عليه السلام والملائكة جميعهم عباد مخلوقون لا يستكبرون عن الاعتراف بعبوديتهم لله تعالى والانقياد لأوامره، فكيف يسوغ اتخاذهم آلهة مع كونهم عبيدًا لله تعالى؟!
ئىسائەلەيھىسسالام ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغۇچى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتمايدىغانلىقى ۋە بۇيرىقىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەندىسى تۇرسا، ئۇلارنى ئىلاھ قىلىۋېلىش قانداقمۇ ئەقىلگە .سىغسۇن؟

• في الدين حجج وبراهين عقلية تدفع الشبهات، ونور وهداية تدفع الحيرة والشهوات.
دىندا، شەكنى يوق قىلىدىغان ئەقلى دەلىل-پاكىتلار، ھەيرانلىق ۋە .شەيتانى ھەۋەسنى يوق قىلىدىغان ھىدايەت ۋە نۇر مەۋجۇتتۇر

يَسۡتَفۡتُونَكَ قُلِ ٱللَّهُ يُفۡتِيكُمۡ فِي ٱلۡكَلَٰلَةِۚ إِنِ ٱمۡرُؤٌاْ هَلَكَ لَيۡسَ لَهُۥ وَلَدٞ وَلَهُۥٓ أُخۡتٞ فَلَهَا نِصۡفُ مَا تَرَكَۚ وَهُوَ يَرِثُهَآ إِن لَّمۡ يَكُن لَّهَا وَلَدٞۚ فَإِن كَانَتَا ٱثۡنَتَيۡنِ فَلَهُمَا ٱلثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَۚ وَإِن كَانُوٓاْ إِخۡوَةٗ رِّجَالٗا وَنِسَآءٗ فَلِلذَّكَرِ مِثۡلُ حَظِّ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۗ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ أَن تَضِلُّواْۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمُۢ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار سەندىن كالالە توغرىسىدىكى مىراستىن سورايدۇ، كەلالە دېگەن: بىر كىشى ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ مىراس ئالىدىغان دادىسى ياكى بالىسى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ كالالە توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. بىرى ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ دادىسى ۋە بالىسىمۇ يوق بولۇپ، ئۇنىڭ بىر تۇغقان ھەمشىرىسى ياكى دادا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇنىڭغا قالغان مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، بىر تۇغقان قېرىندىشى ياكى دادا بىر قېرىندىشى بولسا ۋە باشقا ئۆلچەملىك مىراس ئالىدىغان ۋارىسلار بولمىسا، ئۇ مىراسنىڭ قالغىنىنى يېقىنلىق بىلەن ئالىدۇ، ئەگەر ئۆلچەملىك مىراس ئالىدىغان ۋارىس بولسا ئۇنىڭدىن ئاشقىنىنى ئالىدۇ، ئەگەر بىر تۇغقان ھەمشىرىلەر ياكى دادا بىر ھەمشىرىلەر بىر قانچە بولسا، ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئالىدۇ. ئەگەر بىر تۇغقان قېرىنداشلار ياكى دادا بىر قېرىنداشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەر-ئاياللار بولسا، ئۇلار يېقىنلىق بىلەن "بىر ئەر ئىككى ئايالنىڭ مىراسىنىڭ ئوخشىشىنى ئالىدۇ" دېگەن قائىدە بويىچە مىراس ئالىدۇ. يەنى ئەرلەرنىڭ مىراسى ئىككى ئايالنىڭ مىراسىغا باراۋەر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ مىراس ئىشلىرىدا ئېزىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن كەلالە ۋە باشقا مىراس ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىپ بەردى. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، .ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى ئەمەس
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• عناية الله بجميع أحوال الورثة في تقسيم الميراث عليهم.
ئاللاھ تائالا مىراس تەقسىماتىدا ۋارىسلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە مىراس تەقسىماتىنى قىلغان.

• الأصل هو حِلُّ الأكل من كل بهيمة الأنعام، سوى ما خصه الدليل بالتحريم، أو ما كان صيدًا يعرض للمحرم في حجه أو عمرته.
ئەسلىدە ھاراملىقى توغرىسىدا مەخسۇس دەلىل كەلگەن ۋە ھەج-ئۆمرىگە ئېھرام كەيگەن ھالەتتىە ئوۋلىغان چارۋىلاردىن باشقا چارۋىلارنىڭ ھەممىسىنى يېيىش ھالالدۇر.

• النهي عن استحلال المحرَّمات، ومنها: محظورات الإحرام، والصيد في الحرم، والقتال في الأشهر الحُرُم، واستحلال الهدي بغصب ونحوه، أو مَنْع وصوله إلى محله.
چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ھالال ساناشنى توسۇش بۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئېھرام كىيگەندىن كېيىن چەكلىنىدىغان ئىشلار، ھەرەم دائىرىسىدە ئوۋ ئوۋلاش، ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلاردا ئۇرۇش قىلىش، ھەرەمگە ئېلىپ ماڭغان ھەدىيىلەرنى بۇلاش ياكى بارىدىغان مەنزىلىگە بېرىشتىن .چەكلەش قاتارلىقلار

 
অৰ্থানুবাদ ছুৰা: ছুৰা আন-নিছা
ছুৰাৰ তালিকা পৃষ্ঠা নং
 
আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

বন্ধ