Check out the new design

আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ * - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ


অৰ্থানুবাদ ছুৰা: আল-ক্বামাৰ   আয়াত:
وَمَآ أَمۡرُنَآ إِلَّا وَٰحِدَةٞ كَلَمۡحِۭ بِٱلۡبَصَرِ
بىز بىرەر نەرسىنى پەيدا قىلماقچى بولساق، پەقەت «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنىلا قىلىمىز، ئۇ نەرسە شۇ ھامان كۆزنى يۇمۇپ ئېچىپ بولغۇچە بىز خالىغان شەكىلدە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَقَدۡ أَهۡلَكۡنَآ أَشۡيَاعَكُمۡ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ
بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەردىن كۇپرىدا سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنىڭ نۇرغۇنىنى ھالاك قىلدۇق. بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، كۇپۇرلۇقىدىن يانىدىغانلار بارمۇ؟
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَكُلُّ شَيۡءٖ فَعَلُوهُ فِي ٱلزُّبُرِ
بەندىلەر قىلغان ھەر بىر ئىش پۈتۈكچى پەرىشتىلەرنىڭ قوللىرىدىكى نامە - ئەمەل دەپتەرلىرىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈكلىرىدىن بۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە چۈشۈپ قالمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَكُلُّ صَغِيرٖ وَكَبِيرٖ مُّسۡتَطَرٌ
چوڭ - كىچىك ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆزلەرنىڭ ھەممىسى نامە - ئەمال دەپتەرلىرىگە ۋە لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەن بولۇپ، بەندىلەرگە شۇنىڭغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَنَهَرٖ
ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار جەننەتلەردە بولۇپ، شۇ جەننەتلەردە، ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەرنىڭ بويلىرىدا راھەت - پاراغەتتە ياشايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فِي مَقۡعَدِ صِدۡقٍ عِندَ مَلِيكٖ مُّقۡتَدِرِۭ
ئۇلار بىكار گەپ ۋە گۇناھ بولمىغان ياخشى سورۇنلاردا، ھەر نەرسە ئىلكىدە بولغان، ھېچ نەرسىدىن ئاجىز كەلمەيدىغان قۇدرەتلىك پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ. ئۇلار ئېرىشكەن مۇقىم نېئمەتلەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى سورىمايلا قوي!
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• كتابة الأعمال صغيرها وكبيرها في صحائف الأعمال.
چوڭ - كىچىك ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى نامە - ئەمال دەپتەرلىرىگە پۈتۈلىدۇ.

• ابتداء الرحمن بذكر نعمه بالقرآن دلالة على شرف القرآن وعظم منته على الخلق به.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرىنى دەسلەپتە قۇرئاننى تىلغا ئېلىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، بۇ، قۇرئاننىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ھەم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلارغا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

• مكانة العدل في الإسلام.
ئادالەتنىڭ ئىسلامدىكى مەرتىۋىسى ئىنتايىن يۈكسەكتۇر.

• نعم الله تقتضي منا العرفان بها وشكرها، لا التكذيب بها وكفرها.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى بىزدىن ئۇنى تونۇشنى، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىشنى، ئۇنى ئىنكار قىلماسلىقنى ۋە تۇزكورلۇق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

 
অৰ্থানুবাদ ছুৰা: আল-ক্বামাৰ
ছুৰাৰ তালিকা পৃষ্ঠা নং
 
আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ

তাফছীৰ চেণ্টাৰ ফৰ কোৰানিক ষ্টাডিজৰ ফালৰ পৰা প্ৰচাৰিত।

বন্ধ