Check out the new design

আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ * - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ


অৰ্থানুবাদ ছুৰা: আল-ইনছান   আয়াত:

ئىنسان

ছুৰাৰ উদ্দেশ্য:
تذكير الإنسان بأصل خلقه، ومصيره، وبيان ما أعد الله في الجنة لأوليائه.
ئىنسانغا ئەسلى يارىتىلىشىنى ۋە ئاخىرقى بارىدىغان ئورنىنى ئەسلىتىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلىغان نېمەتلىرىنىڭ بايانى .

هَلۡ أَتَىٰ عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ حِينٞ مِّنَ ٱلدَّهۡرِ لَمۡ يَكُن شَيۡـٔٗا مَّذۡكُورًا
ئىنسان ئەسلىدە يوق بولۇپ، تىلغىمۇ ئېلىنمايدىغان ئۇزۇن بىر مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّا خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِن نُّطۡفَةٍ أَمۡشَاجٖ نَّبۡتَلِيهِ فَجَعَلۡنَٰهُ سَمِيعَۢا بَصِيرًا
ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى ئەر ۋە ئايالنىڭ ئارىلاشما مەنىيسىدىن ياراتتۇق. بىز ئۇنى بىر بۆلۈك ئەمەللەرنى يۈكلەش ئارقىلىق سىنايمىز. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا بىز يۈكلىگەن ئەمەللەرنى بەجا كەلتۈرسۇن دەپ قۇلاق، كۆز ئاتا قىلدۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّا هَدَيۡنَٰهُ ٱلسَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرٗا وَإِمَّا كَفُورًا
ھەقىقەتەن بىز ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ تىلىغا ئارقىلىق توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا گۇمراھلىق يولى روشەن بولدى. ئىنسان ئاشۇنىڭدىن كېيىن يا توغرا يولدا مېڭىپ، ئاللاھقا شۈكرى قىلغۇچى مۇئمىن بەندە بولىدۇ، ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىنكار قىلغۇچى كاپىر بەندە بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّآ أَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ سَلَٰسِلَاْ وَأَغۡلَٰلٗا وَسَعِيرًا
ھەقىقەتەن بىز ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا زەنجىرلەرنى تەييارلىدۇق، ئۇلار شۇ زەنجىرلەر بىلەن دوزاخقا يالاپ ئاپىرىلىدۇ. يەنە (بويۇنلىرىغا) سېلىنىدىغان تاقاقلارنى ۋە يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ يَشۡرَبُونَ مِن كَأۡسٖ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُورًا
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغۇچى مۇئمىنلەر قىيامەت كۈنى كاپۇر ئارىلاشتۇرۇلغان، خۇشبۇي شاراپلار تولدۇرۇلغان جاملاردىن (تۈرلۈك شاراپلارنى) ئىچىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• خطر حب الدنيا والإعراض عن الآخرة.
دۇنيانى دوست تۇتۇپ، ئاخىرەتتىن يۈز ئۆرۈش خەتەرلىكتۇر.

• ثبوت الاختيار للإنسان، وهذا من تكريم الله له.
ئىنساننىڭ تاللاش ھوقۇقىنىڭ بولغانلىقى ئاللاھنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكىدۇر.

• النظر لوجه الله الكريم من أعظم النعيم.
ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراش ئەڭ كاتتا نېئمەتلەردىندۇر.

 
অৰ্থানুবাদ ছুৰা: আল-ইনছান
ছুৰাৰ তালিকা পৃষ্ঠা নং
 
আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ

তাফছীৰ চেণ্টাৰ ফৰ কোৰানিক ষ্টাডিজৰ ফালৰ পৰা প্ৰচাৰিত।

বন্ধ