Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: An-Nahl   Ayah:
وَأَلۡقَىٰ فِي ٱلۡأَرۡضِ رَوَٰسِيَ أَن تَمِيدَ بِكُمۡ وَأَنۡهَٰرٗا وَسُبُلٗا لَّعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ
زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ۋە ئېغىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭدا تاغلارنى بەرپا قىلدى. سىلەرنىڭ ئېچىشىڭلار، چارۋىلارنى ۋە زىرائەتلەرنى سۇغۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى ئاقتۇردى. سىلەرنىڭ ئېزىپ كەتمەي كۆزلىگەن مەقسىدىڭلارغا يېتىشىڭلار ئۈچۈن .ماڭىدىغان يوللارنى قىلدى
Arabic explanations of the Qur’an:
وَعَلَٰمَٰتٖۚ وَبِٱلنَّجۡمِ هُمۡ يَهۡتَدُونَ
ئاللاھ سىلەرنىڭ كۈندۈزدە يولنى توغرا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن زېمىندا يول بەلگىلىرىنى قىلدى، كېچىدە يولنى توغرا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن ئاسماندا .يۇلتۇزلارنى قىلدى
Arabic explanations of the Qur’an:
أَفَمَن يَخۡلُقُ كَمَن لَّا يَخۡلُقُۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
مۇشۇ نەرسىلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ياراتقان ئاللاھ، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغانلارغا ئوخشاش بولامدۇ؟. ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى، ئبادەتتە يەككە-يېگانە بولغۇچى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئويلىمامسىلەر؟. ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَإِن تَعُدُّواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ لَا تُحۡصُوهَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان كۆپ نېئمەتلىرىنى ساناشقا ئۇرۇنۇپ باقساڭلار، ئۇ نېمەتلەرنىڭ كۆپلىكى ۋە تۈرلۈك بولغانلىقىدىن ئۇنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ نېمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىشتىن غاپىل بولغانلىقىڭلاردىن ئىبارەت كەمچىلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر. سىلەرگە مېھرىبانلىقىدىن سىلەرنىڭ ئاسىيلىقىڭلار ۋە نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتماسلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئۇ نېمەتلەرنى ئۈزۈپ قويمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعۡلِنُونَ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ مەخپى قىلغان ۋە ئاشكارا قىلغان بارلىق ئەمەللىرىڭلارنى بىلىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا .ئاساسەن جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ
Arabic explanations of the Qur’an:
وَٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَخۡلُقُونَ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ
مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلىرى كېچىكىنەك بىر نەرسىنىمۇ يارىتالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلىرى ئىبادەت قىلىنغۇچىلار تەرىپىدىن ياسالغاندۇر، ئۇلار قانداقمۇ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرى قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا ئىبادەت .قىلىدۇ؟
Arabic explanations of the Qur’an:
أَمۡوَٰتٌ غَيۡرُ أَحۡيَآءٖۖ وَمَا يَشۡعُرُونَ أَيَّانَ يُبۡعَثُونَ
ئۇلار قوللىرى بىلەن ياساپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسە ھېچ قانداق ھاياتلىقى بولمىغان، ئىلىم-ئىدراكى بولمىغان ۋە چۈشەنچىسى بولمىغان جانسىز نەرسىلەر بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىگە چوقۇنغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۚ فَٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ قُلُوبُهُم مُّنكِرَةٞ وَهُم مُّسۡتَكۡبِرُونَ
سىلەرنىڭ ھەقىقى ئىبادەتكە لايىق بولغان مەبۇدىڭلار ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان يەككە-يىگانە ئاللاھدۇر، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشقا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ دىللىرى ئاللاھدىن قورقۇش تۇيغۇسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار قىيامەتتىكى ھېساب ۋە ئازابقا ئىشەنمەيدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە ھەقكە بويسۇنمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
لَا جَرَمَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعۡلِنُونَۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡتَكۡبِرِينَ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان ھەممە ئەمەللىرىنى راستىنلا بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىبادەت قىلىشتا تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۆزىگە بويسۇنمىغانلارنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلارنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَإِذَا قِيلَ لَهُم مَّاذَآ أَنزَلَ رَبُّكُمۡ قَالُوٓاْ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى يالغانغا چېقارغان كاپىرلارغا: ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟دېيىلسە، ئۇلار: ھېچ نەرسە نازىل قېلىنمىدى، ئۇ ئۆز ئېچىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يالغان-توقۇلمىلىرىنى پەيدا قىلدى، دەيدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
لِيَحۡمِلُوٓاْ أَوۡزَارَهُمۡ كَامِلَةٗ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَمِنۡ أَوۡزَارِ ٱلَّذِينَ يُضِلُّونَهُم بِغَيۡرِ عِلۡمٍۗ أَلَا سَآءَ مَا يَزِرُونَ
ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ، نادانلىق ۋە قارغۇلارچە ئەگىشىش بىلەن ئۆزلىرى ئىسلامدىن ئازدۇرىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى نېمىدېگەن قەبىھ!.
Arabic explanations of the Qur’an:
قَدۡ مَكَرَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَأَتَى ٱللَّهُ بُنۡيَٰنَهُم مِّنَ ٱلۡقَوَاعِدِ فَخَرَّ عَلَيۡهِمُ ٱلسَّقۡفُ مِن فَوۡقِهِمۡ وَأَتَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَشۡعُرُونَ
مەككە كاپىرلىرىدىن ئىلگىرىكى ئۆتكەن ئاشۇ كاپىرلار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۈچۈن ھىلە-مىكىرلەرنى ئىشلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىر قۇرۇلمىسىنى تۈپ-يىلتىزىدىن ۋەيران قىلدى، بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئۆگزىسى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئۇلارغا، ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى، ئۇلار ئالغان تەدبىرلەر ئۆزلىرىنى ئازابدىن ھىمايە قىلىدۇ دەپ ئويلايتتى، ئەكسىچە ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ھالاك قىلىندى.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• في الآيات من أصناف نعم الله على العباد شيء عظيم، مجمل ومفصل، يدعو الله به العباد إلى القيام بشكره وذكره ودعائه.
ئايەتتە ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان تۈرلۈك كاتتا نېئمەتلىرى ئومۇمى ۋە تەپسىلى بايان قېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ بەندىلەرنى ئۆزىگە شۈكۈر ئېيتىش، زىكىر قىلىش ۋە دۇئا قىلىشقا چاقىرغان.

• طبيعة الإنسان الظلم والتجرُّؤ على المعاصي والتقصير في حقوق ربه، كَفَّار لنعم الله، لا يشكرها ولا يعترف بها إلا من هداه الله.
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردىن باشقا كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە؛ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش، پەرۋەردىگارىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماسلىق، گۇناھ-مەسىيەتكە جۇرئەت قىلىش، ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى ئىنكار قىلىش، نېئمەتلەرگە شۈكۈر قىلماسلىق ۋە ئېتىراپ قىلماسلىق .ئورناپ كەتكەن

• مساواة المُضِلِّ للضال في جريمة الضلال؛ إذ لولا إضلاله إياه لاهتدى بنظره أو بسؤال الناصحين.
ئازدۇرۋېتىش جىنايىتىدە ئازدۇرغۇچى بىلەن ئازدۇرۇلغۇچى ئوخشاش بولىدۇ، چۈنكى ئۇ، ئۇ كىشىنى ئازدۇرمىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇ ھەقىقەتنى كۆرۈش ۋە نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن سوراش ئارقىلىق ھىدايەت تاپقان بولاتتى.

• أَخْذ الله للمجرمين فجأة أشد نكاية؛ لما يصحبه من الرعب الشديد، بخلاف الشيء الوارد تدريجيًّا.
ئاللاھ جىنايەتچىلەرنى قاتتىق قورقۇتۇش ۋە تۇيۇقسىز دەرتلىك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ، بۇ تەدرىجى بولىدىغان ئازابنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.

 
Translation of the meanings Surah: An-Nahl
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close