Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Al-Kahf   Ayah:
وَٱصۡبِرۡ نَفۡسَكَ مَعَ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ رَبَّهُم بِٱلۡغَدَوٰةِ وَٱلۡعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجۡهَهُۥۖ وَلَا تَعۡدُ عَيۡنَاكَ عَنۡهُمۡ تُرِيدُ زِينَةَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَا تُطِعۡ مَنۡ أَغۡفَلۡنَا قَلۡبَهُۥ عَن ذِكۡرِنَا وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ وَكَانَ أَمۡرُهُۥ فُرُطٗا
پەرۋەردىگارىغا قۇلچىلىق قىلىش ھەمدە تىلەك تىلەش مەقسىتىدە ئەتىگەن - ئاخشاملىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولغىن، بايۋەچچىلەر ۋە مۆتىۋەرلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش مەقسىتىدە ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز قەلبىنى پېچەتلىۋېتىش ئارقىلىق زىكرىمىزدىن بىخۇتلاشتۇرۇۋەتكەن، ئاندىن سېنى كەمبەغەللەرنى يېقىن يولاتماسلىققا بۇيرۇپ، ئۆز خاھىشىنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن ئەلا بىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەمەللىرى تامامەن يوققا چىققان كىشىگە ئىتائەت قىلمىغىن.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَقُلِ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكُمۡۖ فَمَن شَآءَ فَلۡيُؤۡمِن وَمَن شَآءَ فَلۡيَكۡفُرۡۚ إِنَّآ أَعۡتَدۡنَا لِلظَّٰلِمِينَ نَارًا أَحَاطَ بِهِمۡ سُرَادِقُهَاۚ وَإِن يَسۡتَغِيثُواْ يُغَاثُواْ بِمَآءٖ كَٱلۡمُهۡلِ يَشۡوِي ٱلۡوُجُوهَۚ بِئۡسَ ٱلشَّرَابُ وَسَآءَتۡ مُرۡتَفَقًا
ئەي پەيغەمبەر! دىللىرىنىڭ بىخۇتلۇقىدىن ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غاپىل بولغان بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن قۇرئان ھەقىقەتتۇركى، ئۇ مېنىڭ ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەندۇر. مەن سىلەرنىڭ مۇئمىنلەرنى قوغلىۋېتىشىم ھەققىدىكى تەلىپىڭلارنى ئۇرۇنلىيالمايمەن. شۇڭا ئاراڭلاردىن كىم بۇ ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتىشنى خالىسا ئىمان ئېيتسۇن، چوقۇم ئۇنىڭ مۇكاپىتىدىن خۇرسەن بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭغا خاپىر بولۇشنى خالىسا كاپىر بولسۇن، ئۇمۇ چوقۇم ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئازابتىن بىئارام بولىدۇ. شەكسىزكى بىز ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۇپرىنى تاللىغان زالىملارغا ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدىغان كاتتا ئوتنى تەييارلىدۇق. ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار قاتتىق چاڭقاپ كەتكەنلىكتىن ناۋادا سۇ دەپ يالۋۇرسا قايناپ تۇرغان ياغدەك تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قايناقسۇ بېرىلىدۇ، ئۇ سۇنىڭ ھارارىتىنىڭ كۈچىدىن ئۇلارنىڭ يۈزلىرى چارلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارغا سۇنۇلغان بۇ شاراب نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك ھە! بۇ ئىچىملىك ئۇلارنىڭ ئۇسسۇزلىقىغا ئەسقاتمايدۇ، ئەكسىچە ئۇسسۇزلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ تېرىلىرىنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت يالقۇنىنىمۇ ئۆچۈرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى بولغان دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي ھە!
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجۡرَ مَنۡ أَحۡسَنَ عَمَلًا
ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئېھسان بىلەن قىلغان كىشىلەرگە كاتتا ساۋاب بار. شەكسىزكى بىز ئەمەللىرىنى ئېھسان بىلەن قىلغانلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز. ئەكسىچە بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەجىرلىرىنى قىلچە كېمەيتمەي، تولۇق بېرىمىز.
Arabic explanations of the Qur’an:
أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ جَنَّٰتُ عَدۡنٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمُ ٱلۡأَنۡهَٰرُ يُحَلَّوۡنَ فِيهَا مِنۡ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٖ وَيَلۡبَسُونَ ثِيَابًا خُضۡرٗا مِّن سُندُسٖ وَإِسۡتَبۡرَقٖ مُّتَّكِـِٔينَ فِيهَا عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِۚ نِعۡمَ ٱلثَّوَابُ وَحَسُنَتۡ مُرۡتَفَقٗا
ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ مۇئمىنلەرگە مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار بولۇپ، تۇرالغۇلىرى ئاستىدىن جەننەتنىڭ شېرىن سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر سېلىنىدۇ، ئۇلار نېپىز ۋە قېلىن يىپەكلەردىن توقۇلغان يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ، چىرايلىق ياپقۇچلار بىلەن بېزەلگەن كارىۋاتلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن گۈزەل! ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى بولغان جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل!
Arabic explanations of the Qur’an:
۞ وَٱضۡرِبۡ لَهُم مَّثَلٗا رَّجُلَيۡنِ جَعَلۡنَا لِأَحَدِهِمَا جَنَّتَيۡنِ مِنۡ أَعۡنَٰبٖ وَحَفَفۡنَٰهُمَا بِنَخۡلٖ وَجَعَلۡنَا بَيۡنَهُمَا زَرۡعٗا
ئەي پەيغەمبەر! مۇنداق ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ بەرگىن: بىرى كاپىر، بىرى مۇئمىن. بىز ئۇلاردىن كاپىر بولغان كىشىگە ئىككى دانە بوستانلىق ئاتا قىلدۇق، بۇ ئىككى بوستانلىقنىڭئەتراپىغا خورمىلارنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق، ئوتتۇرىسىدىكى بوش يەرگە زىرائەتلەرنى ئۆستۈردۇق.
Arabic explanations of the Qur’an:
كِلۡتَا ٱلۡجَنَّتَيۡنِ ءَاتَتۡ أُكُلَهَا وَلَمۡ تَظۡلِم مِّنۡهُ شَيۡـٔٗاۚ وَفَجَّرۡنَا خِلَٰلَهُمَا نَهَرٗا
بۇ باغلارنىڭ ھەر بىرى خورما، ئۈزۈم ۋە زىرائەتلەردىن كەم قالماي، تولۇق مېۋە بەردى. ئۇلارنىڭ سۇغۇرۇش ئىشلىرى ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئارىسىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭ بەرپا قىلدۇق.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَكَانَ لَهُۥ ثَمَرٞ فَقَالَ لِصَٰحِبِهِۦ وَهُوَ يُحَاوِرُهُۥٓ أَنَا۠ أَكۡثَرُ مِنكَ مَالٗا وَأَعَزُّ نَفَرٗا
بۇ ئىككى باغ ئىگىسىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مال - ۋارانلىرى ۋە مېۋىلىك باغلىرى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇئمىن بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: مەن سەندىن باي، مېنىڭ بالا - چاقا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم سېنىڭكىدىن كۆپ، دېدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• فضيلة صحبة الأخيار، ومجاهدة النفس على صحبتهم ومخالطتهم وإن كانوا فقراء؛ فإن في صحبتهم من الفوائد ما لا يُحْصَى.
ياخشىلارغا ھەمراھ بولۇش، گەرچە ئۇلار يوقسۇل كىشىلەر بولسىمۇ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇش ۋە ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە ئۆزىنى زورلاش پەزىلەتتۇر. چۈنكى ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغاننىڭ ساناپ تۈگەتكۈسىز پايدىلىرى بار.

• كثرة الذكر مع حضور القلب سبب للبركة في الأعمار والأوقات.
غاپىل بولمىغان ھالدا ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش ئۆمۈرگە ۋە ۋاقىتلارغا بەرىكەت كەلتۈرىدۇ.

• قاعدتا الثواب وأساس النجاة: الإيمان مع العمل الصالح؛ لأن الله رتب عليهما الثواب في الدنيا والآخرة.
ساۋاب ۋە (ئازابتىن) قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسى ياخشى ئەمەل بىرگە بولغان ئىماندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئىككىسىگە بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ساۋاب بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

 
Translation of the meanings Surah: Al-Kahf
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close