Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Maryam   Ayah:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَيَجۡعَلُ لَهُمُ ٱلرَّحۡمَٰنُ وُدّٗا
ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدا مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەممە بەندىلىرىگە ياخشى كۆرۈلىدىغان قېلىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَإِنَّمَا يَسَّرۡنَٰهُ بِلِسَانِكَ لِتُبَشِّرَ بِهِ ٱلۡمُتَّقِينَ وَتُنذِرَ بِهِۦ قَوۡمٗا لُّدّٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز نازىل قىلغان بۇ قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن مېنىڭ بۇيرىقىمغا بويسۇنۇپ ۋە چەكلىمىلىرىمدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغانلارغا خۇشخەۋەر بېرىشىڭ ئۈچۈن، ھەققە بويسۇنۇشتىن تەكەببۇرلۇق قىلغان، گەردەنكەش بىر قەۋمنى .ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ئاسان ۋە چۈشۈنۈشلۈك قىلدۇق
Arabic explanations of the Qur’an:
وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّن قَرۡنٍ هَلۡ تُحِسُّ مِنۡهُم مِّنۡ أَحَدٍ أَوۡ تَسۡمَعُ لَهُمۡ رِكۡزَۢا
سېنىڭ قەۋمىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ھالاك قىلنغۇچى ئۈممەتتىن بىرەر كىشىنى تۇيامسەن، ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋازنى ئاڭلىيالامسەن؟ ئاللاھ ئىزنى قىلغان ۋاقىتتا ئۇلارغا يەتكەن مۇسىيبەت ئۇلاردىن باشقىلارغىمۇ .يېتىدۇ
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• ليس إنزال القرآن العظيم لإتعاب النفس في العبادة، وإذاقتها المشقة الفادحة، وإنما هو كتاب تذكرة ينتفع به الذين يخشون ربهم.
قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قېلىنىشى ئىبادەتتە ئۆزىنى چارچېتىش، جاپا-مۇشەققەت تارتىش ئەمەس، ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم بولسا ۋەز-نەسىھەت، ئەسلىتىش بولۇپ، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان .كىشىلەر مەنپەئەت ئالىدۇ

• قَرَن الله بين الخلق والأمر، فكما أن الخلق لا يخرج عن الحكمة؛ فكذلك لا يأمر ولا ينهى إلا بما هو عدل وحكمة.
ئاللاھ يارىتىش بىلەن بۇيرۇقنىڭ ئارىسىنى بىرگە قىلدى، شۇنىڭدەك يارىتىش ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىن چېقىپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭدەك ھەرقانداق بۇيرۇق ۋە چەكلىمە پەقەت ئاللاھنىڭ ئەدلى ۋە ھېكمىتى بىلەن بولىدۇ.

• على الزوج واجب الإنفاق على الأهل (المرأة) من غذاء وكساء ومسكن ووسائل تدفئة وقت البرد.
ئەر كىشىنىڭ ئائىلىسىگە، ئايالىغا، يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ شۇنداقلا سوغۇقتا ئېسسىتىش ئەشيالىرى، ئىسسىقتا سوۋۇتۇش .ئەشيالىرى قاتارلىقلار ئۈچۈن نەپىقە قىلىپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ

 
Translation of the meanings Surah: Maryam
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close