Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Al-Anbiyā’   Ayah:
وَٱلَّتِيٓ أَحۡصَنَتۡ فَرۡجَهَا فَنَفَخۡنَا فِيهَا مِن رُّوحِنَا وَجَعَلۡنَٰهَا وَٱبۡنَهَآ ءَايَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرگىنكى، ئۇ ئۆزىنى زىنادىن ساقلىدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ قېشىغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا (روھىنى) پۈۋلىدى، شۇنىڭ بىلەن مەريەم ئىيساغا ھامىلدار بولدى. مەريەم بىلەن ئوغلى ئىيسا ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ روشەن نامايەندىسى ئىدى. ئاللاھنىڭ ئىيسانى دادىسىز ياراتقانلىقى ئۇنىڭ ھېچنەرسىدىن ئاجىز ئەمەسلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّ هَٰذِهِۦٓ أُمَّتُكُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَأَنَا۠ رَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُونِ
ئەي ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ دىنىڭلار بىر دىندۇر، ئۇ ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت تەۋھىدتۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ئۇنداق بولغانىكەن، يالغۇز ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَتَقَطَّعُوٓاْ أَمۡرَهُم بَيۡنَهُمۡۖ كُلٌّ إِلَيۡنَا رَٰجِعُونَ
ئىنسانلار بۆلۈنۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلغۇچى، بىر قىسمى مۇشرىك، بىر قىسمى كاپىر، يەنە بىر قىسمى مۇئمىن بولدى. بۇ گۇرۇھلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى پەقەت بىزنىڭ دەرگاھىمىزغىلا يىغىلىدۇ، ئاندىن بىز ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىمىز.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَمَن يَعۡمَلۡ مِنَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَا كُفۡرَانَ لِسَعۡيِهِۦ وَإِنَّا لَهُۥ كَٰتِبُونَ
ئۇلاردىن كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئىنكار قىلىنمايدۇ (زايە بولۇپ كەتمەيدۇ)، بەلكى ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىپ، قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئۇمۇ قايتا تىرىلىپ قوپقان كۈندە ئۆز ئەمىلىنىڭ نامە - ئەمال دەپتىرىگە چالا قويماي يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَحَرَٰمٌ عَلَىٰ قَرۡيَةٍ أَهۡلَكۡنَٰهَآ أَنَّهُمۡ لَا يَرۡجِعُونَ
بىز كۇپرىسى سەۋەبلىك ھالاك قىلغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ تەۋبە قىلىپ، تەۋبىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس.
Arabic explanations of the Qur’an:
حَتَّىٰٓ إِذَا فُتِحَتۡ يَأۡجُوجُ وَمَأۡجُوجُ وَهُم مِّن كُلِّ حَدَبٖ يَنسِلُونَ
ئۇلار دۇنياغا ھەرگىز قايتۇرۇلمايدۇ، ھەتتاكى يەجۇج ۋە مەجۇج توسمىسى ئېچىۋېتىلگەندە ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَٱقۡتَرَبَ ٱلۡوَعۡدُ ٱلۡحَقُّ فَإِذَا هِيَ شَٰخِصَةٌ أَبۡصَٰرُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَٰوَيۡلَنَا قَدۡ كُنَّا فِي غَفۡلَةٖ مِّنۡ هَٰذَا بَلۡ كُنَّا ظَٰلِمِينَ
ئۇلارنىڭ چىقىشى بىلەن قىيامەت يېقىنلاشقان بولىدۇ، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ۋە قىيىنچىلىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى قاتتىق قورققانلىقتىن چەكچىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار: ۋاي ئېسىت! بىز دۇنيادا بۇ كاتتا كۈنگە تەييارلىق قىلىشتىن غاپىل بولۇپ، ئويۇن - تاماشاغا بېرىلىپتىكەنمىز. بەلكى بىز ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى سادىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بوپتىكەنمىز، دېيىشىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّكُمۡ وَمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنتُمۡ لَهَا وَٰرِدُونَ
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار، شۇنداقلا ئىنسان ۋە جىنلاردىن سىلەرنىڭ ئىبادىتىڭلارغا رازى بولغانلار، ھەممىڭلار جەھەننەمنىڭ يېقىلغۇلىرى سىلەر. سىلەر ۋە مەبۇدلىرىڭلار جەھەننەمگە كىرىسىلەر.
Arabic explanations of the Qur’an:
لَوۡ كَانَ هَٰٓؤُلَآءِ ءَالِهَةٗ مَّا وَرَدُوهَاۖ وَكُلّٞ فِيهَا خَٰلِدُونَ
سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ مەبۇدلار ئىبادەتكە ھەقىقىي لايىق ئىلاھلار بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلار بىلەن قوشۇلۇپ جەھەننەمگە كىرمەيتتى. ئەمدى چوقۇنغۇچىلار بىلەن چوقۇنۇلغۇچىلار ھەممىسى دوزاختا بولىدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەرگىز چىقالمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
لَهُمۡ فِيهَا زَفِيرٞ وَهُمۡ فِيهَا لَا يَسۡمَعُونَ
ئۇلار جەھەننەمدە يەتكەن دەرت - ئەلەملەرنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئېغىر پەرياد چېكىدۇ. ئەمما ئۇلار دوزاختا بېشىغا كەلگەن بىئارامچىلىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّ ٱلَّذِينَ سَبَقَتۡ لَهُم مِّنَّا ٱلۡحُسۡنَىٰٓ أُوْلَٰٓئِكَ عَنۡهَا مُبۡعَدُونَ
مۇشرىكلار: ئۇنداقتا ئىيسا بىلەن نۇرغۇن پەرىشتىلەرمۇ چوقۇنۇلغان، ئۇلارمۇ دوزاخقا كىرىدۇ، دېگەندە ئاللاھ تائالا: شەكسىزكى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئۇلارنىڭ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغانلىقى پۈتۈلگەن، شۇڭا ئىيساغا ئوخشاشلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ، دەيدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• التنويه بالعفاف وبيان فضله.
بۇ ئايەتلەر ئىپپەتلىك بولۇشنى ماختاپ، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ.

• اتفاق الرسالات السماوية في التوحيد وأسس العبادات.
تەۋھىدتە ۋە ئىبادەت ئاساسلىرىدا ساماۋىي دىنلار بىردەكتۇر.

• فَتْح سد يأجوج ومأجوج من علامات الساعة الكبرى.
يەجۇج ۋە مەجۇج توسمىسىنىڭ ئېچىلىشى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• الغفلة عن الاستعداد ليوم القيامة سبب لمعاناة أهوالها.
قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن بىخۇت بولۇش قىيامەتنىڭ خاپىلىقىغا قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

 
Translation of the meanings Surah: Al-Anbiyā’
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close