Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: An-Naml   Ayah:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمۡ صَٰلِحًا أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ فَإِذَا هُمۡ فَرِيقَانِ يَخۡتَصِمُونَ
ھەقىقەتەن بىز سەمۇدقا ئۇلارنىڭ نەسەب قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. سالىھ ئۇلارغا: يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدى. سالىھ ئۇلارنى تەۋھىدكە چاقىرغاندىن كېيىن ئۇلار بىردىنلا بىرى مۇئمىن، يەنە بىر كاپىر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، قايسى تەرەپنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە دەتالاش قىلىشقا باشلىدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
قَالَ يَٰقَوۡمِ لِمَ تَسۡتَعۡجِلُونَ بِٱلسَّيِّئَةِ قَبۡلَ ٱلۡحَسَنَةِۖ لَوۡلَا تَسۡتَغۡفِرُونَ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازاب كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشڭلار ئۈچۈن گۇناھلىرىڭلارغا مەغپىرەت تىلىسەڭلار بولمامدۇ؟ دېدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
قَالُواْ ٱطَّيَّرۡنَا بِكَ وَبِمَن مَّعَكَۚ قَالَ طَٰٓئِرُكُمۡ عِندَ ٱللَّهِۖ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ تُفۡتَنُونَ
سالىھنىڭ قەۋمى ھەقتىن چوڭچىلىق قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا: سەن ۋە سەن بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن (بىزگە قەھەتچىلىك كەلدى) دېدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن خاپىلىقلارنى باشقىلارنىڭ شۇملۇقىدىن دەپ قاراشتىن چەكلەنگەن ئىدىڭلار. بۇنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇ ئىشلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئەسلىدە سىلەر بەزىدە كەڭرى نېئمەتلەر بېرىلىش ئارقىلىق، بەزىدە خاپىلىققا دۇچار بولۇش ئارقىلىق سىنىلىۋاتىسىلەر.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَكَانَ فِي ٱلۡمَدِينَةِ تِسۡعَةُ رَهۡطٖ يُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا يُصۡلِحُونَ
ھىجر شەھىرىدە توققۇز نەپەر كىشى بولۇپ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ، ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بارمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
قَالُواْ تَقَاسَمُواْ بِٱللَّهِ لَنُبَيِّتَنَّهُۥ وَأَهۡلَهُۥ ثُمَّ لَنَقُولَنَّ لِوَلِيِّهِۦ مَا شَهِدۡنَا مَهۡلِكَ أَهۡلِهِۦ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ
ئۇلار بىر - بىرىگە مۇنداق دېيىشتى: ئاراڭلاردىن ھەر كىم ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن، كېچىدە سالىھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا: بىز سالىھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆلتۈرۈلگەندە يوق ئىدۇق، شەكسىزكى بىز راست دەۋاتىمىز، دەيمىز.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَمَكَرُواْ مَكۡرٗا وَمَكَرۡنَا مَكۡرٗا وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
ئۇلار سالىھنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن خۇپىيانە سۇيىقەست پىلانلاشتى. بىزمۇ سالىھقا ياردەم بېرىپ، ئۇلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزدۇق. ئۇلار بۇنى بىلمەيتتى.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ مَكۡرِهِمۡ أَنَّا دَمَّرۡنَٰهُمۡ وَقَوۡمَهُمۡ أَجۡمَعِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى ۋە ھىيلە - مىكرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقىنى ئويلىنىپ باققىن. بىز ئۆز دەرگاھىمىزدىن ئازاب ئەۋەتىپ ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋەتتۇق. نەتىجىدە ئۇلار تامامەن ھالاك بولدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَتِلۡكَ بُيُوتُهُمۡ خَاوِيَةَۢ بِمَا ظَلَمُوٓاْۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
ئەنە ئاشۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئىدى، ئۇ ئۆيلەرنىڭ تام - تورۇسلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئۇنىڭدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئادىمىزاتتىن خالىي بوپقالدى. شەكسىزكى ئۇلارنىڭ زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا كەلگەن ئازاب ئىمان ئېيتىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەتتۇر. مۇئمىنلەر (ئاللاھنىڭ) ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئالىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَأَنجَيۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ
سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇردۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغان ئىدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَلُوطًا إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ أَتَأۡتُونَ ٱلۡفَٰحِشَةَ وَأَنتُمۡ تُبۡصِرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! لۇتنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا لۇت قەۋمىگە كايىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەيىبلەپ ئىپلاس قىلمىشىنى ئىنكار قىلىپ ئېيتتى: سىلەر بىر يەرگە توپلىشىدىغان سورۇنلىرىڭلاردا بىر - بىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئوچۇق - ئاشكارا قەبىھ قىلمىشنى قىلامسىلەر؟
Arabic explanations of the Qur’an:
أَئِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلرِّجَالَ شَهۡوَةٗ مِّن دُونِ ٱلنِّسَآءِۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ تَجۡهَلُونَ
سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىپىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ئىپپىتىڭلارنى ساقلاپ، پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمامسىلەر؟ بۇ قىلغىنىڭلار پەقەت چاھارىپايلاردەك شەھۋەتنى قاندۇرۇشتۇر. بەلكى سىلەر ئىمان ئېيتىش، پاك بولۇش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆزۈڭلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنىمۇ بىلمەيدىغان نادان كىشىلەر سىلەر.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• الاستغفار من المعاصي سبب لرحمة الله.
گۇناھ - مەئسىيەتتىن ئىستىغپار ئېيتىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

• التشاؤم بالأشخاص والأشياء ليس من صفات المؤمنين.
ئىنسانلارنى ۋە نەرسىلەرنى شۇملۇق كەلتۈرىدۇ، دەپ قاراش مۇئمىنلەرنىڭ خىسلىتى ئەمەس.

• عاقبة التمالؤ على الشر والمكر بأهل الحق سيئة.
ھەق يولدىكىلەرگە يامانلىق قىلىش ۋە سۇيىقەست پىلانلاشنىڭ ئاقىۋىتى ياماندۇر.

• إعلان المنكر أقبح من الاستتار به.
گۇناھنى ئاشكارا قىلىش مەخپىي قىلغاندىن يامانراقتۇر.

• الإنكار على أهل الفسوق والفجور واجب.
پاسىقلارنى ۋە گۇناھكارلارنى يامانلىقتىن توسۇش ۋاجىبتۇر.

 
Translation of the meanings Surah: An-Naml
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close