Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Al-Qasas   Ayah:
وَمَا كُنتَ بِجَانِبِ ٱلۡغَرۡبِيِّ إِذۡ قَضَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَى ٱلۡأَمۡرَ وَمَا كُنتَ مِنَ ٱلشَّٰهِدِينَ
ئەي پەيغەمبەر! تۇر تېغىنىڭ مۇساغا نىسبەتەن غەرب تەرىپىدە سەن يوق ئىدىڭ، ئۇ چاغدا بىز مۇسانى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە ئەۋەتىش ھەققىدىكى ئەمرىمىزنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگەن ئىدۇق. سېنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتىڭ بولۇپ، ئۇنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇ جايغا كەلگەنلەردىن ئەمەسسەن. سەن ئۇلارغا دەپ بېرىۋاتقان ۋەقە ئاللاھنىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغانلىرىدىندۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَلَٰكِنَّآ أَنشَأۡنَا قُرُونٗا فَتَطَاوَلَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡعُمُرُۚ وَمَا كُنتَ ثَاوِيٗا فِيٓ أَهۡلِ مَدۡيَنَ تَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِنَا وَلَٰكِنَّا كُنَّا مُرۡسِلِينَ
بىز مۇسادىن كېيىن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى پەيدا قىلدۇق، ئۇلار ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇدى. سەن مەديەن ئاھالىسى ئىچىدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىپ تۇرغىنىڭ يوق. لېكىن بىز سېنى دەرگاھىمىزدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، شۇنداقلا ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرىنى ۋە ئۇنىڭ مەديەن ئاھالىسى ئىچىدە تۇرغىنىنى ۋەھىي قىلدۇق، سەن پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھ ۋەھىي قىلغاننىلا ئېيتىپ بەردىڭ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَمَا كُنتَ بِجَانِبِ ٱلطُّورِ إِذۡ نَادَيۡنَا وَلَٰكِن رَّحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَ لِتُنذِرَ قَوۡمٗا مَّآ أَتَىٰهُم مِّن نَّذِيرٖ مِّن قَبۡلِكَ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ
باشقىلارغا دەپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا نىدا قىلىپ، ۋەھىي قىلغان چېغىمىزدا سەن ئۇ يەردە يوق ئىدىڭ. لېكىن بىز سېنى پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كىشىلەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق. بىزنىڭ ساڭا بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ۋەھىي قىلىشىمىز، سەندىن ئىلگىرى قەۋمىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشىنى، ئاندىن ئۇ پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىن ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەر كەلمىگەن بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ئىدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَلَوۡلَآ أَن تُصِيبَهُم مُّصِيبَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ فَيَقُولُواْ رَبَّنَا لَوۡلَآ أَرۡسَلۡتَ إِلَيۡنَا رَسُولٗا فَنَتَّبِعَ ءَايَٰتِكَ وَنَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ناۋادا ئۇلارغا كۇپرىسى ۋە گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر ئىلاھىي ئازاب كەلسە، ئۇلار ئۆزلىرىگە ھېچقانداق پەيغەمبەر ئەۋەتىلمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ: «بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشىدىغان، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىدىغان مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ناۋادا ئۇلار مۇشۇنى باھانە قىلىدىغان ئىش بولمىسا ئىدى، بىز ئۇلارنى ئالدىراپ جازالايتتۇق. لېكىن بىز ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باھانە كۆرسىتىشىگە يوچۇق قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇلاردىن ئازابنى كېچىكتۈردۇق.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَلَمَّا جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ مِنۡ عِندِنَا قَالُواْ لَوۡلَآ أُوتِيَ مِثۡلَ مَآ أُوتِيَ مُوسَىٰٓۚ أَوَلَمۡ يَكۡفُرُواْ بِمَآ أُوتِيَ مُوسَىٰ مِن قَبۡلُۖ قَالُواْ سِحۡرَانِ تَظَٰهَرَا وَقَالُوٓاْ إِنَّا بِكُلّٖ كَٰفِرُونَ
مۇھەممەد قۇرەيشلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن پەيغەمبەرلىك ئېلىپ كەلگەن چاغدا ئۇلار يەھۇدىيلاردىن بۇ ھەقتە سورىغان بولۇپ، يەھۇدىيلار ئۇلارغا مۇشۇنداق باھانە كۆرسىتىشنى ئۆگەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: نېمىشقا مۇھەممەدنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان مۆجىزىلەردىن مۇساغا بېرىلگەن نۇرلۇق قول ۋە ھاسىغا ئوخشاش بىرەر مۆجىزە بېرىلمىدى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: يەھۇدىيلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار تەۋرات ۋە قۇرئان ھەققىدە: تەۋرات بىلەن قۇرئان بىر - بىرىنى كۈچەيتىدىغان سېھىردۇر، بىز ھەقىقەتەن تەۋرات ۋە قۇرئاندىن ھەر بىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز، دېيىشتى.
Arabic explanations of the Qur’an:
قُلۡ فَأۡتُواْ بِكِتَٰبٖ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ هُوَ أَهۡدَىٰ مِنۡهُمَآ أَتَّبِعۡهُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر تەۋرات بىلەن قۇرئان سېھىردۇر، دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، تەۋرات ۋە قۇرئاندىنمۇ توغرىراق، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بىرەر كىتابنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار. ئەگەر كەلتۈرەلىسەڭلار مەن شۇنىڭغا ئەگىشەي.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَإِن لَّمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَكَ فَٱعۡلَمۡ أَنَّمَا يَتَّبِعُونَ أَهۡوَآءَهُمۡۚ وَمَنۡ أَضَلُّ مِمَّنِ ٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ بِغَيۡرِ هُدٗى مِّنَ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئەگەر قۇرەيشلەر تەۋرات بىلەن قۇرئاندىنمۇ توغرىراق بىرەر كىتاب كەلتۈرۈشتە سېنىڭ تەلىپىڭنى ئورۇندىيالمىسا، ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى كىتابنى ئىنكار قىلىشى تامامەن ئاساسسىز بولۇپ، بۇنىڭ پەقەت ھاۋايى - ھەۋەسكە ئەگىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىگە چىن پۈتكىن. ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن توغرا يولنى قويۇپ، ئۆزىنىڭ ھاۋايى - ھەۋىسىنىڭ كەينىگە كىرگەن ئادەمدىنمۇ ئازغۇنراق بىرى يوق. شەكسىزكى ئاللاھ كۇپۇرلۇق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• نفي علم الغيب عن رسول الله صلى الله عليه وسلم إلَّا ما أطلعه الله عليه.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەندىن باشقا غەيبنى بىلمەيدۇ.

• اندراس العلم بتطاول الزمن.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىلىم ئۆچۈپ كېتىدۇ.

• تحدّي الكفار بالإتيان بما هو أهدى من وحي الله إلى رسله.
ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ۋەھىيسىدىنمۇ توغرىراق نەرسىنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق كاپىرلارغا جەڭ ئېلان قىلىشقا بولىدۇ.

• ضلال الكفار بسبب اتباع الهوى، لا بسبب اتباع الدليل.
كاپىرلارنىڭ ئازغۇنلۇقى دەلىلگە ئاساسلانغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرگەنلىكىدىندۇر.

 
Translation of the meanings Surah: Al-Qasas
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close