Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Ar-Rūm   Ayah:
وَعۡدَ ٱللَّهِۖ لَا يُخۡلِفُ ٱللَّهُ وَعۡدَهُۥ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
بۇ غەلىبە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇركى، ئۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى بىلەن مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇنى چۈشەنمەيدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
يَعۡلَمُونَ ظَٰهِرٗا مِّنَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَهُمۡ عَنِ ٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ غَٰفِلُونَ
ئۇلار ئىماننى ۋە شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلمەيدۇ، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ جان بېقىشقا ۋە ماددىي گۈللىنىش قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەرىپىنىلا بىلىدۇ. ئۇلار ھەقىقىي ھاياتلىق جايى بولغان ئاخىرەتتىن پەرۋاسىزلارچە يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَوَلَمۡ يَتَفَكَّرُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۗ مَّا خَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَأَجَلٖ مُّسَمّٗىۗ وَإِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلنَّاسِ بِلِقَآيِٕ رَبِّهِمۡ لَكَٰفِرُونَ
بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى قانداق مۇكەممەل ياراتقانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى پەقەت ھەق بىلەن ياراتتىكى، ھەرگىز بىكارغا ياراتقىنى يوق. شۇنداقلا بۇلارنىڭ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى بېكىتتى. ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىغا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان ياخشى ئەمەل بىلەن قايتىدىن تىرىلىشكە تەييارلىق قىلمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَوَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَانُوٓاْ أَشَدَّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗ وَأَثَارُواْ ٱلۡأَرۡضَ وَعَمَرُوهَآ أَكۡثَرَ مِمَّا عَمَرُوهَا وَجَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِۖ فَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظۡلِمَهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى كۆزىتىش ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەپەر قىلمىدىمۇ؟ ئۇ ئۈممەتلەر بۇلاردىن خېلىلا كۈچلۈك كىشىلەر بولۇپ، تېرىقچىلىق قىلىش ھەم ئىمارەتلەرنى سېلىش ئۈچۈن يەرلەرنى ئاغدۇراتتى، شۇنداقلا ئۇلار يەر يۈزىنى بۇلاردىنمۇ بەك ئاۋاتلاشتۇرغان ئىدى. ئۇلارغا (يەنى ئىلگىرىكىلەرگە) پەيغەمبەرلىرى ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرسە، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، بەلكى ئۇلار كۇپۇرلۇقى بىلەن ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
ثُمَّ كَانَ عَٰقِبَةَ ٱلَّذِينَ أَسَٰٓـُٔواْ ٱلسُّوٓأَىٰٓ أَن كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَكَانُواْ بِهَا يَسۡتَهۡزِءُونَ
نەتىجىدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە خاتا ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئەمەللىرى يامان بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، مەسخىرە قىلىپ، زاڭلىق قىلىشاتتى.
Arabic explanations of the Qur’an:
ٱللَّهُ يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ ثُمَّ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ئاللاھ دەسلەپتە پۈتكۈل مەخلۇقاتنى ئۆرنەكسىز يارىتىدۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇلارنى يوق قىلىدۇ، ئاندىن قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يُبۡلِسُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ
قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، پۈتۈن ئازۇ - ئارمانلىرى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا كۆرسەتكەن باھانە - سەۋەبلىرى يوققا چىقىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَلَمۡ يَكُن لَّهُم مِّن شُرَكَآئِهِمۡ شُفَعَٰٓؤُاْ وَكَانُواْ بِشُرَكَآئِهِمۡ كَٰفِرِينَ
ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادا ئۇلار چوقۇنغان بۇتلىرىدىن شاپائەت قىلغۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن تانىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى چۈشكەن چاغدا بۇتلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار ئوخشاشلا ھالاكەتكە دۇچار بولدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يَوۡمَئِذٖ يَتَفَرَّقُونَ
قىيامەت قايىم بولغان ئاشۇ كۈندە كىشىلەر دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە ئىككىگە ئايرىلىدۇ، يەنى بىر بۆلۈكى ئىللىييىنغا (جەننەتكە) كۆتۈرۈلسە، يەنە بىر بۆلۈكى دوزاخنىڭ ئەڭ تېگىگە چۈشىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَهُمۡ فِي رَوۡضَةٖ يُحۡبَرُونَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا رازىلىققا ئېرىشىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتتە بولۇپ، مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇرسەن بولىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• العلم بما يصلح الدنيا مع الغفلة عما يصلح الآخرة لا ينفع.
ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغان نەرسىدىن بىخەۋەر قېلىپ، مۇشۇ دۇنيادىلا ئەسقاتىدىغان نەرسىنى بىلگەننىڭ پايدىسى يوق.

• آيات الله في الأنفس وفي الآفاق كافية للدلالة على توحيده.
ئىنساننىڭ ئۆزىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىشكە يېتەرلىكتۇر.

• الظلم سبب هلاك الأمم السابقة.
زۇلۇم ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى سەۋەبتۇر.

• يوم القيامة يرفع الله المؤمنين، ويخفض الكافرين.
ئاللاھ قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەرنىڭ (مەرتىۋىسىنى) كۆتۈرۈپ، كاپىرلارنىڭ (دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ.

 
Translation of the meanings Surah: Ar-Rūm
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close