Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: As-Sajdah   Ayah:
وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلۡمُجۡرِمُونَ نَاكِسُواْ رُءُوسِهِمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ رَبَّنَآ أَبۡصَرۡنَا وَسَمِعۡنَا فَٱرۡجِعۡنَا نَعۡمَلۡ صَٰلِحًا إِنَّا مُوقِنُونَ
گۇناھكارلار قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن قىيامەت كۈنى باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ، خار بولغان ھالدا چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلار خارلىق ھېس قىلىپ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئىلگىرى ئىنكار قىلغان قايتا تىرىلىشنى كۆردۇق، پەيغەمبەرلەر سېنىڭ دەرگاھىڭدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىنى ئاڭلىدۇق. شۇڭا ئەمدى بىزنى ھاياتىي دۇنياغا قايتۇرساڭ، بىز سېنى رازى قىلغۇدەك ياخشى ئەمەل قىلىۋالساق. بىز ئەمدى ھەقىقەتەن قايتا تىرىلىشكە ۋە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگۈچىلەرمىز، دەيدۇ. ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە بۈيۈك بىر ئىشنى كۆرگەن بولاتتىڭ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَلَوۡ شِئۡنَا لَأٓتَيۡنَا كُلَّ نَفۡسٍ هُدَىٰهَا وَلَٰكِنۡ حَقَّ ٱلۡقَوۡلُ مِنِّي لَأَمۡلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ ٱلۡجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ أَجۡمَعِينَ
ئەگەر بىز ھەر كىمنى ھىدايەت قىلىشنى خالىغان بولساق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق. لېكىن مەن ھېكمىتىم ۋە ئادىللىقىم بىلەن شۇنى دېيىشىم كېرەككى، قىيامەت كۈنى جەھەننەمنى ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ئىچىدىن چىققان كاپىرلار بىلەن تولدۇرىمەن. چۈنكى ئۇلار ئىمان ۋە توغرا يولنى قويۇپ، كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇنلۇق يولىنى تاللىۋالدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَذُوقُواْ بِمَا نَسِيتُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَآ إِنَّا نَسِينَٰكُمۡۖ وَذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡخُلۡدِ بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
قىيامەت كۈنى ئەھلى دوزاخنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن دېيىلىدۇكى، سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھقا ئۇچرىشىشتىن بىخۇت ياشىغىنىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار. بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئازاب چېكىشىڭلارغا پەرۋا قىلماستىن سىلەرنى ئازاب ئىچىدە تاشلاپ قويىمىز. سىلەر دۇنيادا ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن دوزاخنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈزۈلمەس ئازابىنى تېتىڭلار.
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّمَا يُؤۡمِنُ بِـَٔايَٰتِنَا ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُواْ بِهَا خَرُّواْۤ سُجَّدٗاۤ وَسَبَّحُواْ بِحَمۡدِ رَبِّهِمۡ وَهُمۡ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ۩
بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزگە پەقەت شۇنداق كىشىلەرلا ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتقان ھالدا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئۇلار ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىنمۇ، سەجدە قىلىشتىنمۇ باش تارتمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
تَتَجَافَىٰ جُنُوبُهُمۡ عَنِ ٱلۡمَضَاجِعِ يَدۡعُونَ رَبَّهُمۡ خَوۡفٗا وَطَمَعٗا وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ
ئۇلارنىڭ يانلىرى ئۇخلايدىغان ئورۇن - كۆرپىلىرىدىن يىراق بولىدۇ، ئۇلار ئورۇن - كۆرپىلىرىنى تاشلاپ، ئاللاھقا يۈزلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ نامازلىرىدا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلىرىدا ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ، بىز بەرگەن ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَلَا تَعۡلَمُ نَفۡسٞ مَّآ أُخۡفِيَ لَهُم مِّن قُرَّةِ أَعۡيُنٖ جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات قىلىپ تەييارلىغان نېئمەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئۇلار شۇ نېئمەتلەردىن خۇشاللىققا چۆمىدۇ. دېمەك ئۇ كاتتىلىقىدىن ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان مۇكاپاتتۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَفَمَن كَانَ مُؤۡمِنٗا كَمَن كَانَ فَاسِقٗاۚ لَّا يَسۡتَوُۥنَ
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرغان مۇئمىن كىشى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان ئادەمگە ئوخشاش ئەمەس، ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى جازا - مۇكاپاتتىمۇ باراۋەر ئەمەس.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَلَهُمۡ جَنَّٰتُ ٱلۡمَأۡوَىٰ نُزُلَۢا بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا تەييارلانغان مۇكاپات ئۇلار تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتى، ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ فَسَقُواْ فَمَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُۖ كُلَّمَآ أَرَادُوٓاْ أَن يَخۡرُجُواْ مِنۡهَآ أُعِيدُواْ فِيهَا وَقِيلَ لَهُمۡ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلنَّارِ ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ
كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەت بىلەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلارغا كەلسەك، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا تەييارلانغان تۇرار جايى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ھەر قاچان دوزاختىن چىقماقچى بولغىنىدا دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا: دۇنيادا پەيغەمبەرلىرىڭلار سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان چاغدا سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار، دېيىلىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• إيمان الكفار يوم القيامة لا ينفعهم؛ لأنها دار جزاء لا دار عمل.
قىيامەت كۈنى كاپىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى قىيامەت ئەمەل قىلىدىغان ئەمەس، جازا - مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان جايدۇر.

• خطر الغفلة عن لقاء الله يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۇچرىشىشتىن غەپلەتتە قىلىش خەتەرلىكتۇر.

• مِن هدي المؤمنين قيام الليل.
كېچىدە قىيامدا تۇرۇش مۇئمىنلەرنىڭ توغرا يولىدىندۇر.

 
Translation of the meanings Surah: As-Sajdah
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close