Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Az-Zukhruf   Ayah:
إِنَّ ٱلۡمُجۡرِمِينَ فِي عَذَابِ جَهَنَّمَ خَٰلِدُونَ
شەكسىزكى كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن جىنايەتچى بولغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
لَا يُفَتَّرُ عَنۡهُمۡ وَهُمۡ فِيهِ مُبۡلِسُونَ
ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللىتىلمەيدۇ. ئۇلار دوزاختا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَمَا ظَلَمۡنَٰهُمۡ وَلَٰكِن كَانُواْ هُمُ ٱلظَّٰلِمِينَ
بىز ئۇلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق زۇلۇم قىلمىدۇق، بەلكى ئۇلار كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَنَادَوۡاْ يَٰمَٰلِكُ لِيَقۡضِ عَلَيۡنَا رَبُّكَۖ قَالَ إِنَّكُم مَّٰكِثُونَ
ئۇلار دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە نىدا قىلىپ: ئەي مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسا، بىز بۇ ئازابتىن قۇتۇلغان بولساق، دەيدۇ. ئاندىن مالىك ئۇلارغا جاۋابەن: شەكسىزكى سىلەر ئۈزۈلمەيدىغان ئازابتا مەڭگۈ قالىسىلەر، ئۆلەلمەيسىلەر، سىلەردىن ئازابمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
لَقَدۡ جِئۡنَٰكُم بِٱلۡحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَكُمۡ لِلۡحَقِّ كَٰرِهُونَ
بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا قىلچە شەك بولمىغان دىننى كەلتۈرگەن ئىدۇق، لېكىن سىلەرنىڭ كۆپىنچىىڭلار ھەق دىننى ياقتۇرمىغان ئىدىڭلار.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَمۡ أَبۡرَمُوٓاْ أَمۡرٗا فَإِنَّا مُبۡرِمُونَ
ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇيىقەست پىلانلىغان بولسا، شەكسىزكى بىزمۇ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر تەدبىر قوللىنىمىز.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَمۡ يَحۡسَبُونَ أَنَّا لَا نَسۡمَعُ سِرَّهُمۡ وَنَجۡوَىٰهُمۚ بَلَىٰ وَرُسُلُنَا لَدَيۡهِمۡ يَكۡتُبُونَ
ياكى ئۇلار دىللىرىدا يوشۇرغان سىرلىرىنى ياكى مەخپىي پىچىرلاشقانلىرىنى بىزنى ئاڭلىيالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بىز ئۇنىڭ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. پەرىشتىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ، ئەمەللىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
قُلۡ إِن كَانَ لِلرَّحۡمَٰنِ وَلَدٞ فَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلۡعَٰبِدِينَ
ئەي پەيغەمبەر! قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلغانلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن تولىمۇ ئۈستۈندۇر. ئاللاھنىڭ بالىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ بۇنىڭدىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. مەن ئاللاھنى بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ بىلگەن ھالدا ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ تۇنجىسىمەن.
Arabic explanations of the Qur’an:
سُبۡحَٰنَ رَبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ رَبِّ ٱلۡعَرۡشِ عَمَّا يَصِفُونَ
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك، ھەمراھ ۋە بالىلارنى مەنسۇپ قىلىپ ئېيتقانلىرىدىن پاكتۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَذَرۡهُمۡ يَخُوضُواْ وَيَلۡعَبُواْ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي يُوعَدُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى ئۆزلىرى داۋاملىشىپ كەلگەن خاتالىقىغا پېتىشىغا ۋە ئويۇن - تاماشا قىلىشىغا قويۇپ بەرگىن. ئۇلار قىيامەت كۈنى ۋەدە قىلىنغان كۈنگە ئۇچراشقانغا قەدەر شۇ پېتى قېلىۋەرسۇن.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَهُوَ ٱلَّذِي فِي ٱلسَّمَآءِ إِلَٰهٞ وَفِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَٰهٞۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡعَلِيمُ
ئاللاھ تائالا ئاسماندىمۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَتَبَارَكَ ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا وَعِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى ۋە بەرىكىتى ئىنتايىن كاتتىدۇركى، ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر. قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۇنى بىلمەيدۇ. سىلەر ئاخىرەتتە ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يەنە يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَلَا يَمۡلِكُ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِهِ ٱلشَّفَٰعَةَ إِلَّا مَن شَهِدَ بِٱلۡحَقِّ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارغا شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ئىيسا، ئۇزەير ۋە پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، ئۆزلىرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دەپ گۇۋاھلق بەرگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَهُمۡ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
ئەگەر ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى كىم ياراتقانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: بىزنى ئاللاھ ياراتتى، دەيدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ قانداقسىگە ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن (بۇتلارغا چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
Arabic explanations of the Qur’an:
وَقِيلِهِۦ يَٰرَبِّ إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ قَوۡمٞ لَّا يُؤۡمِنُونَ
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۆز قەۋمىنىڭ ئىنكارچىلىقىدىن قىلغان شىكايەتلىرى مەلۇمدۇر. پەيغەمبەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزى: ئەي رەببىم! شەكسىزكى بۇلار سەن مەن بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىگە ئىمان ئېيتمايدىغان كىشىلەردۇر، دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَٱصۡفَحۡ عَنۡهُمۡ وَقُلۡ سَلَٰمٞۚ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ
ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. ئۇلارغا ئۇلارنىڭ يامانلىقىغا رەددىيە بېرىدىغان سۆزلەرنى دېگىن. - بۇ مەككىدە بولغان ئىش ئىدى-. ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي ئۆزلىرىنىڭ قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• كراهة الحق خطر عظيم.
ھەقىقەتنى ياقتۇرماسلىق ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر.

• مكر الكافرين يعود عليهم ولو بعد حين.
كاپىرلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بولسىمۇ ئۆزلىرىگە يانىدۇ.

• كلما ازداد علم العبد بربه، ازداد ثقة بربه وتسليمًا لشرعه.
بەندە پەرۋەردىگارىنى قانچىكى تونۇغانسېرى ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە بولغان ئىتائەتمەنلىكى شۇنچىلىك ئېشىپ بارىدۇ.

• اختصاص الله بعلم وقت الساعة.
قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەش ئاللاھقا خاستۇر.

 
Translation of the meanings Surah: Az-Zukhruf
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close