Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Translations’ Index


Translation of the meanings Ayah: (117) Surah: Al-Mā’idah
مَا قُلۡتُ لَهُمۡ إِلَّا مَآ أَمَرۡتَنِي بِهِۦٓ أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمۡۚ وَكُنتُ عَلَيۡهِمۡ شَهِيدٗا مَّا دُمۡتُ فِيهِمۡۖ فَلَمَّا تَوَفَّيۡتَنِي كُنتَ أَنتَ ٱلرَّقِيبَ عَلَيۡهِمۡۚ وَأَنتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ
ئىيسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا: مەن كىشىلەرگە پەقەت سەن مېنى دېيىشكە بۇيرۇغان سۆزنىلا دېدىم، يەنى ئۇلارنى يالغۇز ساڭىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدۇم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، سەن مېنى تىرىك پېتىم ئاسمانغا ئېچىقىپ كېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇش مۇددىتىمنى ئاخىرلاشتۇرغىنىڭدا، ئەي رەببىم! سەن ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە كۆزەتچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىگە ھازىر بولغۇچىسەن، سەندىن ھېچ نەرسە يوشۇرۇن قالمايدۇ. دېمەك؛ مېنىڭ ئۇلارغا دېگەنلىرىممۇ ۋە مەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىمۇ ساڭا مەخپىي قالمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• توعد الله تعالى كل من أصرَّ على كفره وعناده بعد قيام الحجة الواضحة عليه.
ئاللاھ تائالا روشەن دەلىل-پاكىتلار كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ كۇپرى ۋە قارشىلىقىدا چىڭ تۇرغانلارغا تەھدىت قىلدى.

• تَبْرئة المسيح عليه السلام من ادعاء النصارى بأنه أبلغهم أنه الله أو أنه ابن الله أو أنه ادعى الربوبية أو الألوهية.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ناسارالارنىڭ بەدناملىرىدىن ئاقلاش، يەنى ئيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا ئۆزىنى ئاللاھ ياكى ئاللاھنىڭ ئوغلى ۋە ياكى ئۆزىنى پەرۋەردىگارلىق ياكى ئىلاھلىق سالاھىيىتىگە ئىگە دەپ تونۇشتۇردى، دېگەن بەدناملىرىدىن پاكلاش.

• أن الله تعالى يسأل يوم القيامة عظماء الناس وأشرافهم من الرسل، فكيف بمن دونهم درجة؟!
شەكسىزكى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ كاتتىلىرى ۋە مۆتىۋەرلىرىدىن پەيغەمبەرلەر ھەققىدە سورايدىغان تۇرسا، قانداقسىگە تۆۋەن دەرىجىدىكى كىشىلەردىن سورىمىسۇن؟

• علو منزلة الصدق، وثناء الله تعالى على أهله، وبيان نفع الصدق لأهله يوم القيامة.
راستچىللىقنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى بولىدۇ، ئاللاھ تائالا راستچىللارنى مەدھىيىلەيدۇ ۋە قىيامەت كۈنى راستچىللىقنىڭ ئۆز ساھىبلىرىغا ئەسقاتىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

 
Translation of the meanings Ayah: (117) Surah: Al-Mā’idah
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Translations’ Index

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

close