Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Qāf   Ayah:

قاپ

Purposes of the Surah:
وعظ القلوب بالموت والبعث.
قەلىبكە ئۆلۈم بىلەن ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش بىلەن ۋەز-نەسىھەت قىلىش كېرەك.

قٓۚ وَٱلۡقُرۡءَانِ ٱلۡمَجِيدِ
قاف، سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىمۇ ئوخشاشلا ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان.ئاللاھ تائالا مول مەزمۇنلارغا ھەمدە كۆپلىگەن ياخشىلىق بەرىكەتلەرگە تولغان قۇرئان كەرىم بىلەن قەسەم قىلدىكى، سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا-مۇكاپات ئۈچۈن چوقۇم تىرگۈزۈلىسىلەر.
Arabic explanations of the Qur’an:
بَلۡ عَجِبُوٓاْ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٞ مِّنۡهُمۡ فَقَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا شَيۡءٌ عَجِيبٌ
ئۇلارنىڭ بۇ دىننى رەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى سېنىڭ يالغان سۆزلەش ئېھتىمالىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ راستچىللىقىڭنى بىلىدۇ. ئەكسىچە ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرنىڭ پەرىشتىلەردىن ئەمەس، ئۆزلىرى ئىچىدىن كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنىپ ھەيرانلىقتىن: بىزگە ئىنسانلار ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىشى تولىمۇ غەلىتە بىر ئىش، دېيىشتى.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗاۖ ذَٰلِكَ رَجۡعُۢ بَعِيدٞ
ئۇلار ئېيتتى: بىز ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ كەتكىنىمىزدىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟ بۇ تىرىلىش ۋە چىرىپ كەتكەندىن كېيىن بەدەنلىرىمىزگە ھاياتلىقنىڭ قايتىپ كېلىشى ئەمەلىيەتتىن تولىمۇ يىراق بىر ئىشتۇركى، بۇنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس.
Arabic explanations of the Qur’an:
قَدۡ عَلِمۡنَا مَا تَنقُصُ ٱلۡأَرۡضُ مِنۡهُمۡۖ وَعِندَنَا كِتَٰبٌ حَفِيظُۢ
ئۇلار ئۆلۈپ چىرىگەندىن كېيىن زېمىننىڭ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى يېگەنلىكىدىن خەۋەردارمىز. بىزگە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە مەخپىي ئەمەس. بىزنىڭ قېشىمىزدا ئاللاھ تائالا بەندىلەر ھايات ۋاقتىدا ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تەقدىر قىلغان ھەر نەرسە ساقلانغان كىتاب بار.
Arabic explanations of the Qur’an:
بَلۡ كَذَّبُواْ بِٱلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ فَهُمۡ فِيٓ أَمۡرٖ مَّرِيجٍ
قۇرئاننى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن چاغدا بۇ مۇشرىكلار ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. دېمەك ئۇلار قارارسىز بىر ھالەتتە بولۇپ، قۇرئاننىڭ ئىشىدا ھېچ بىر قارارى يوق.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَفَلَمۡ يَنظُرُوٓاْ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَوۡقَهُمۡ كَيۡفَ بَنَيۡنَٰهَا وَزَيَّنَّٰهَا وَمَا لَهَا مِن فُرُوجٖ
ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاسماننى قانداق ياراتقانلىقىمىز ۋە قانداق قۇرۇپ چىققانلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىدىمۇ؟ بىز ئاسماندا يۇلتۇزلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بېزىدۇق، ئۇنىڭغا ئەيىب بولىدىغان يېرىقلارمۇ يوق. مۇشۇ ئاسماننى ياراتقان زات ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرگۈزۈشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَٱلۡأَرۡضَ مَدَدۡنَٰهَا وَأَلۡقَيۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ وَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوۡجِۭ بَهِيجٖ
بىز زېمىننى ياشاشقا يارىغۇدەك ھالەتتە يايدۇق، ئۇنىڭدا تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلارنى قىلدۇق، تۈرلۈك - تۈرلۈك كۆركەم ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەل - دەرەخلەرنى ئۆستۈردۇق.
Arabic explanations of the Qur’an:
تَبۡصِرَةٗ وَذِكۡرَىٰ لِكُلِّ عَبۡدٖ مُّنِيبٖ
ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت بىلەن قايتقۇچى ھەر قانداق بەندىگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) كۆرسىتىش ۋە ئەسلىتىش ئۈچۈن ياراتتۇق.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَنَزَّلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ مُّبَٰرَكٗا فَأَنۢبَتۡنَا بِهِۦ جَنَّٰتٖ وَحَبَّ ٱلۡحَصِيدِ
بىز ئاسماندىن پايدىسى ۋە ياخشىلىقى ئىنتايىن كۆپ سۇنى چۈشۈردۇق. ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ئۆستۈردۇق، شۇنداقلا سىلەر ئورايدىغان ئارپا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دانلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈردۇق.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَٱلنَّخۡلَ بَاسِقَٰتٖ لَّهَا طَلۡعٞ نَّضِيدٞ
ئۇنىڭ بىلەن بىز يەنە ئېگىز - ئېگىز ئۆسكەن، سانجاق - سانجاق مېۋىلىرى بولغان خورمىلارنى ئۆستۈردۇق.
Arabic explanations of the Qur’an:
رِّزۡقٗا لِّلۡعِبَادِۖ وَأَحۡيَيۡنَا بِهِۦ بَلۡدَةٗ مَّيۡتٗاۚ كَذَٰلِكَ ٱلۡخُرُوجُ
بىز ئۇنىڭدىن بەندىلەرگە رىزىق بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇقكى، بەندىلەر ئۇنىڭدىن يەيدۇ. ئۇ ئارقىلىق بىز يەنە گىياھسىز شەھەرلەرنى تىرىلدۈردۇق. مۇشۇ يامغۇر بىلەن گىياھسىز شەھەرلەرنى تىرىلدۈرگىنىمىزگە ئوخشاش، ئۆلۈكلەرنىمۇ تىرگۈزىمىز، ئاندىن ئۇلار تىرىلىپ چىقىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَأَصۡحَٰبُ ٱلرَّسِّ وَثَمُودُ
ئەي پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلغان بۇ ئىنكارچىلاردىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن قەۋملەر پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. مەسىلەن، نۇھ قەۋمى، قۇدۇق ئىگىلىرى ۋە سەمۇد پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَعَادٞ وَفِرۡعَوۡنُ وَإِخۡوَٰنُ لُوطٖ
ئادمۇ، پىرئەۋنمۇ، لۇت قەۋمىمۇ ئىنكار قىلدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡأَيۡكَةِ وَقَوۡمُ تُبَّعٖۚ كُلّٞ كَذَّبَ ٱلرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ
شەئەييىب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان ئەيكە ئەھلى ۋە يەمەن پادىشاسى تەببەنىڭ قەۋمى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنى يالغانغا چىقاردى، ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازاب بېكىتىلدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَفَعَيِينَا بِٱلۡخَلۡقِ ٱلۡأَوَّلِۚ بَلۡ هُمۡ فِي لَبۡسٖ مِّنۡ خَلۡقٖ جَدِيدٖ
بىز سىلەرنى تۇنجى قېتىمدا يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقما؟، قانداقمۇ قايتا تىرىلدۈرۈشتىن ئاجىز كېلەيلى؟ بەلكى ئۇلار تۇنجى قېتىم يارىتىلغاندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلىشتىن تېڭىرقاش ئىچىدىدۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• المشركون يستعظمون النبوة على البشر، ويمنحون صفة الألوهية للحجر!
مۇشرىكلار ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلىك بېرىلىشىنى چوڭ سانايدىيۇ، ئەمما ئۇلار تاشقا ئىلاھلىق سۈپىتىنى بېرىدۇ.

• خلق السماوات، وخلق الأرض، وإنزال المطر، وإنبات الأرض القاحلة، والخلق الأول: كلها أدلة على البعث.
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى، يامغۇرنىڭ ياغدۇرۇلۇشى، قاقاس زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشى ۋە تۇنجى يارىتىلىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنىڭ دەلىلىدۇر.

• التكذيب بالرسل عادة الأمم السابقة، وعقاب المكذبين سُنَّة إلهية.
پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئىنكارچىلارنى جازالاشمۇ ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

 
Translation of the meanings Surah: Qāf
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close