Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Al-Mujādalah   Ayah:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا نَٰجَيۡتُمُ ٱلرَّسُولَ فَقَدِّمُواْ بَيۡنَ يَدَيۡ نَجۡوَىٰكُمۡ صَدَقَةٗۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ لَّكُمۡ وَأَطۡهَرُۚ فَإِن لَّمۡ تَجِدُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
ئى مۇئمىنلەر! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي پاراڭلاشماقچى بولساڭلار، پاراڭلىشىشتىن بۇرۇن مەلۇم مىقداردا سەدىقە بېرىڭلار. ئاشۇنداق ئالدىنئالا سەدىقە بېرىشىڭلار ئۆزۈڭلارغا ئەڭ پايدىلىق ھەم پاكلىغۇچىدۇر. چۈنكى بۇ ئىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولۇپ، قەلبلەرنى پاكلايدۇ. ئەگەر سىلەر سەدىقە قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىساڭلار، پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي پارىڭىڭلارنى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچى ھەم مېھرىبان بولۇپ، ئۇلارنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇغىنى يوق.
Arabic explanations of the Qur’an:
ءَأَشۡفَقۡتُمۡ أَن تُقَدِّمُواْ بَيۡنَ يَدَيۡ نَجۡوَىٰكُمۡ صَدَقَٰتٖۚ فَإِذۡ لَمۡ تَفۡعَلُواْ وَتَابَ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمۡ فَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥۚ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي پاراڭلاشماقچى بولغىنىڭلاردا سەدىقە بېرىش سەۋەبىدىن كەمبەغەل بوپقېلىشتىن ئەنسىرەپ قالدىڭلارمۇ؟ چۈنكى سىلەر ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشنى قىلمىدىڭلار، ئەمما ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىشنى قىلماسلىققا يول قويۇش ئارقىلىق تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا نامازنى بولسىمۇ مۇكەممەل رەۋىشتە ئوقۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ پۈتكۈل قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
۞ أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ تَوَلَّوۡاْ قَوۡمًا غَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِم مَّا هُم مِّنكُمۡ وَلَا مِنۡهُمۡ وَيَحۡلِفُونَ عَلَى ٱلۡكَذِبِ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! كۇپرىسى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنى دوست تۇتقان مۇناپىقلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ بۇ مۇناپىقلار مۇئمىنلەردىنمۇ ئەمەس، يەھۇدىيلاردىنمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇلار يا بۇلارغا، يا ئۇلارغا مەنسۇپ ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى يەھۇدىيلارغا يەتكۈزمىگەنلىكى ھەققىدە قەسەم قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يالغان قەسەم ئىچكۈچىلەردۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُمۡ عَذَابٗا شَدِيدًاۖ إِنَّهُمۡ سَآءَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئاللاھ ئۇلارغا ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ قەرىگە تاشلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى كۇپۇر ئەمەللىرى ئىنتايىن قەبىھ ئىدى.
Arabic explanations of the Qur’an:
ٱتَّخَذُوٓاْ أَيۡمَٰنَهُمۡ جُنَّةٗ فَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ فَلَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان قەسەملىرىنى كۇپۇرلۇق سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ساقلىنىدىغان قالقان قىلىۋېلىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانلىرىنى ۋە ماللىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان قىياپىتىدە كۆرۈنەتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا مۇسۇلمانلارنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئىرادىسىنى بوشىتىش ئارقىلىق ھەقتىن توسۇشقا ئۇرۇناتتى. شۇڭا ئۇلار قاتتىق ئازابغا دۇچار بولىدۇكى، ئۇ ئازاب ئۇلارنى خارۇزار قىلىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
لَّن تُغۡنِيَ عَنۡهُمۡ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُهُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔاۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
كاپىرلارنىڭ ماللىرى ۋە بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا قىلچە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ ھەم دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب ئۈزۈلمەيدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
يَوۡمَ يَبۡعَثُهُمُ ٱللَّهُ جَمِيعٗا فَيَحۡلِفُونَ لَهُۥ كَمَا يَحۡلِفُونَ لَكُمۡ وَيَحۡسَبُونَ أَنَّهُمۡ عَلَىٰ شَيۡءٍۚ أَلَآ إِنَّهُمۡ هُمُ ٱلۡكَٰذِبُونَ
ئاللاھ ھەممەيلەننى قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈندە ئۇلاردىن ھېچ بىرىنى قويماي جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قەبرىلىرىدىن چىقىرىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىر، مۇناپىق بولمىغانلىقى، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىدىغان مۇئمىنلەر بولغانلىقى ھەققىدە ئاللاھقا قەسەم قىلىشىدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ئۇلار خۇددى دۇنيادا ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ھەققىدە سىلەرگە قەسەم قىلغاندەك، ئاخىرەتتە ئاللاھقا قەسەم قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا مۇشۇنداق قەسەملەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە پايدا كەلتۈرەلەيدۇ ياكى ئۆزلىرىدىن زىياننى قايتۇرالايدۇ، دېگەن خام خىياللاردا بولىدۇ. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئۇلار دۇنيادىكى قەسەملىرىدىمۇ، ئاخىرەتتىكى قەسەملىرىدىمۇ ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
ٱسۡتَحۡوَذَ عَلَيۡهِمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ فَأَنسَىٰهُمۡ ذِكۡرَ ٱللَّهِۚ أُوْلَٰٓئِكَ حِزۡبُ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ أَلَآ إِنَّ حِزۡبَ ٱلشَّيۡطَٰنِ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
شەيتان ئۇلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئاندىن شەيتان ۋەسۋەسە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلمىدى. ئۇلار پەقەت ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئەمەللەرنىلا قىلدى. مۇشۇنداق سۈپەتكە ئىگە بولغانلار ئىبلىسنىڭ لەشكەرلىرى ۋە مۇرىتلىرىدۇر. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئىبلىسنىڭ لەشكەرلىرى ۋە مۇرىتلىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ھىدايەتنى ئازغۇنلۇققا، جەننەتنى دوزاخقا تېگىشتى.
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُحَآدُّونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ٱلۡأَذَلِّينَ
ھەقىقەتەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خارۇزار قىلىدىغان كاپىر ئۈممەتلەرنىڭ قاتارىدا بولىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
كَتَبَ ٱللَّهُ لَأَغۡلِبَنَّ أَنَا۠ وَرُسُلِيٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٞ
ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىلمى ئەزەلىيسىدە «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم دەلىل - پاكىت ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىمىز ئارقىلىق دۈشمەنلىرىمىز ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ پۈتۈۋەتكەن. شەكسىزكى ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىشتە كۈچلۈكتۇر ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشتا غالىبتۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• لطف الله بنبيه صلى الله عليه وسلم؛ حيث أدَّب صحابته بعدم المشقَّة عليه بكثرة المناجاة.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شۇ دەرىجىدە مېھرىباندۇركى، ساھابىلىرىگە خۇسۇسىي پاراڭلارنى بەك كۆپ قىلىپ، ئۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى ھەققىدە ئەدەب ئۆگەتكەن.

• ولاية اليهود من شأن المنافقين.
يەھۇدىيلارنى دوست تۇتۇش مۇناپىقلارنىڭ ئىشىدۇر.

• خسران أهل الكفر وغلبة أهل الإيمان سُنَّة إلهية قد تتأخر، لكنها لا تتخلف.
كاپىرلارنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقى، مۇئمىنلەرنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئىلاھىي قانۇنىيەت بولۇپ، بەزىدە كېچىكىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ھەرگىز ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.

 
Translation of the meanings Surah: Al-Mujādalah
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close