Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Ayah: (62) Surah: Al-An‘ām
ثُمَّ رُدُّوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ مَوۡلَىٰهُمُ ٱلۡحَقِّۚ أَلَا لَهُ ٱلۡحُكۡمُ وَهُوَ أَسۡرَعُ ٱلۡحَٰسِبِينَ
ئاندىن كېيىن جانلىرى ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپاتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرەپكە قايتۇرۇلىدۇكى، ئۇنىڭ ھۆكمى كەسكىندۇر، مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىكى ھۆكمى ئادالەتلىكتۇر. ئۇ ئەمەللىرىڭلارنى ئەڭ تېز سانىغۇچى ۋە مۇكەممەل ھېسابلىغۇچىدۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• إثبات أن النومَ موتٌ، وأن الأرواح تُقْبض فيه، ثم تُرَد عند الاستيقاظ.
بۇ ئايەتلەر ئۇيقۇنىڭ ئۆلۈم ئىكەنلىكىنى، ئۇخلىغاندا جانلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، ئويغانغان چاغدا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

• الاستدلال على استحقاق الله تعالى للألوهية بدليل الفطرة، فإن أهل الكفر يؤمنون بالله تعالى ويرجعون لفطرتهم عند الاضطرار والوقوع في المهالك، فيسألون الله تعالى وحده.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىلاھلىققا ھەقىقىي لايىق ئىكەنلىكىنى تەبىئىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلايدۇ. مەسىلەن كاپىرلار ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتمايدۇ، لېكىن خەتەرلىك ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىپ، ئامالسىز قالغان ۋاقىتلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي خاراكتېرلىرىگە قايتىپ، يالغۇز ئاللاھقا يېلىنىپ-يالۋۇرۇشقا باشلايدۇ.

• إلزام المشركين بمقتضى سلوكهم، وإقامة الدليل على انقلاب فطرتهم، بكونهم يستغيثون بالله وحده في البحر عند الشدة، ويشركون به حين يسلمهم وينجيهم إلى البر.
مۇشرىكلارنى ئۆز قىلمىشلىرىغا ئاساسەن مات قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەبىئىي خاراكتېرلىرىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. يەنى ئۇلار دېڭىزدا خەتەرگە يولۇققاندا ئاللاھقا يالۋۇرىدۇ، ئەمما ئاللاھ ئۇلارنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقارغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يەنە شېرىك كەلتۈرىدۇ.

• عدم جواز الجلوس في مجالس أهل الباطل واللغو، ومفارقتُهم، وعدم العودة لهم إلا في حال إقلاعهم عن ذلك.
ئاساسسىز، ساختا ئېتىقادتىكىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى، ئۇلاردىن ئايرىلىشنى ھەمدە ئۇلار شۇ خاتا ئېتىقادىدىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى تارتقاندىن باشقا ھالەتتە ئۇلارغا يېقىن يولىماسلىقنى ئۇقتۇرىدۇ.

 
Translation of the meanings Ayah: (62) Surah: Al-An‘ām
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close