Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: At-Taghābun   Ayah:

تەغابۇن

Purposes of the Surah:
التحذير مما تحصل به الندامة والغبن يوم القيامة.
قىيامەت كۈنىدە ھاسىل بولىدىغان پۇشايمان، ھەسرەت-نادامەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ لَهُ ٱلۡمُلۡكُ وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات ئاللاھ تائالانى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق كەلمەيدىغان ناقىس سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ھەم ئۇلۇغلايدۇ. پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھقا ئائىتتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي پادىشاھ يوقتۇر. بارچە گۈزەل مەدھىيەلەر ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ فَمِنكُمۡ كَافِرٞ وَمِنكُم مُّؤۡمِنٞۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، ئاراڭلاردىن ئاللاھقا كاپىر بولۇپ دوزاخقا كىرىدىغانلارمۇ، ئاللاھقا ئىشىنىپ جەننەتكە كىرىدىغانلارمۇ بار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّ وَصَوَّرَكُمۡ فَأَحۡسَنَ صُوَرَكُمۡۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق رەۋىشتە ياراتقان بولۇپ، بىكارغا ياراتقىنى يوق. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق قىلىش ۋە پەزل - مەرھەمەت يۈزىسىدىن قىياپىتىڭلارنى گۈزەل قىلدى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە قىياپىتىڭلارنى كۆرۈمسىز قىلىپ قويغان بولاتتى. قىيامەت كۈنى يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر ئەمەللىرىڭلار ياخشى بولسا، مۇكاپاتىڭلارمۇ ياخشى بولىدۇ. ناۋادا ئەمەللىرىڭلار يامان بوپقالسا، جازاسىمۇ يامان بولىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَيَعۡلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعۡلِنُونَۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئەمەللىرىڭلاردىن ئاشكارا قىلغاننىمۇ، يوشۇرۇن قىلغاننىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكى ياخشىلىق ياكى يامانلىقنىمۇ بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئاشۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَبَؤُاْ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَبۡلُ فَذَاقُواْ وَبَالَ أَمۡرِهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئەي مۇشرىكلار! سىلەرگە نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋمى ۋە باشقا قەۋملەرگە ئوخشاش سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار كۇپۇرلۇقنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا تېتىغان بولۇپ، ئاخىرەتتىمۇ دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇنداق ئەمەس، سىلەرگە ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرى چوقۇم كەلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىپ، سىلەرگىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا تەۋبە قىلىۋېلىڭلار.
Arabic explanations of the Qur’an:
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُۥ كَانَت تَّأۡتِيهِمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَقَالُوٓاْ أَبَشَرٞ يَهۡدُونَنَا فَكَفَرُواْ وَتَوَلَّواْۖ وَّٱسۡتَغۡنَى ٱللَّهُۚ وَٱللَّهُ غَنِيٌّ حَمِيدٞ
ئۇلارغا شۇنداق ئازاب كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسان تىپىدىن بولۇشىنى قوبۇل قىلماي: بىزنى بىر ئىنسان ھەقىقەتكە باشلامدۇ؟ دېيىشتى ھەمدە كاپىر بولۇپ، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن يۈز ئۆرۈشتى. نەتىجىدە ئۇلار ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە تائەت - ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەت ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرى ئاللاھ (نىڭ مۈلكى) گە ھېچ نەرسىنى قوشۇپ قويالمايتتى. ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇركى، بەندىلىرىگە موھتاج بوپقالمايدۇ. سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدا مەدھىيەلەنگۈچىدۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
زَعَمَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَن لَّن يُبۡعَثُواْۚ قُلۡ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتُبۡعَثُنَّ ثُمَّ لَتُنَبَّؤُنَّ بِمَا عَمِلۡتُمۡۚ وَذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھ ئۆزلىرىنى ھەرگىز قايتا تىرىلدۈرەلمەيدۇ، دەپ بىلجىرلاشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، ئۇنداق ئەمەس، رەببىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر قىيامەت كۈنى چوقۇم قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر. ئاندىن بۇ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىڭلار چوقۇم سىلەرگە ئېيتىپ بېرىلىدۇ. ئاشۇ قايتا تىرىلدۈرۈش ئاللاھقا تولىمۇ ئاساندۇر. چۈنكى ئۇ دەسلەپتىمۇ سىلەرنى ياراتقان. ئۇنداق بولغانىكەن، سىلەر ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن ئۇ سىلەرنى ھېساب ئېلىش ۋە جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَٱلنُّورِ ٱلَّذِيٓ أَنزَلۡنَاۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
ئەي ئىنسانلار! ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەمدە بىز پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
يَوۡمَ يَجۡمَعُكُمۡ لِيَوۡمِ ٱلۡجَمۡعِۖ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلتَّغَابُنِۗ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَيَعۡمَلۡ صَٰلِحٗا يُكَفِّرۡ عَنۡهُ سَيِّـَٔاتِهِۦ وَيُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە) سۆزلەپ بەرگىنكى، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن توپلايدىغان قىيامەت كۈنى شۇنداق بىر كۈندۇركى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ زىيانكارلىقى ۋە كەمچىلىكلىرى ئاشكارا بولىدۇ. مۇئمىنلەر دوزاخ ئەھلىنىڭ جەننەتتىكى ئورۇنلىرىغا ئىگە بولىدۇ، دوزاخ ئەھلى بولسا جەننەت ئەھلىنىڭ دوزاختىكى ئورۇنلىرىغا ئىگە بولىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇنى سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەتتىن چىقىپ كەتمەيدۇ، جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىمۇ ئۇلاردىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئۇلار ئېرىشكەن ئاشۇ نېئمەتلەر ھېچقانداق ئۇتۇق تەڭ كەلمەيدىغان ئىنتايىن زور غەلىبىدۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• من قضاء الله انقسام الناس إلى أشقياء وسعداء.
ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن ئىنسانلار بەختلىك ۋە بەختسىز دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

• من الوسائل المعينة على العمل الصالح تذكر خسارة الناس يوم القيامة.
قىيامەت كۈنىدىكى ئىنسانلارنىڭ زىيانكارلىقىنى ئەسلەش سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ۋاسىتىلاردىن بىرىدۇر.

 
Translation of the meanings Surah: At-Taghābun
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close