Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation - Muhammad Saleh * - Translations’ Index

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

Translation of the meanings Surah: An-Nisā’   Ayah:
۞ إِنَّآ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ كَمَآ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ نُوحٖ وَٱلنَّبِيِّـۧنَ مِنۢ بَعۡدِهِۦۚ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَٰرُونَ وَسُلَيۡمَٰنَۚ وَءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ زَبُورٗا
(ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھىي قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلايمانغا ۋەھىي قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق[163].
Arabic explanations of the Qur’an:
وَرُسُلٗا قَدۡ قَصَصۡنَٰهُمۡ عَلَيۡكَ مِن قَبۡلُ وَرُسُلٗا لَّمۡ نَقۡصُصۡهُمۡ عَلَيۡكَۚ وَكَلَّمَ ٱللَّهُ مُوسَىٰ تَكۡلِيمٗا
بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار، ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلدى[164].
Arabic explanations of the Qur’an:
رُّسُلٗا مُّبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى ٱللَّهِ حُجَّةُۢ بَعۡدَ ٱلرُّسُلِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمٗا
ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[165].
Arabic explanations of the Qur’an:
لَّٰكِنِ ٱللَّهُ يَشۡهَدُ بِمَآ أَنزَلَ إِلَيۡكَۖ أَنزَلَهُۥ بِعِلۡمِهِۦۖ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَشۡهَدُونَۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدًا
(يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بەرمىسە گۇناھى ئۆزىگە) لېكىن ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق (پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاللاھ قۇرئاننى (باشقىلار بىلمەيدىغان ئۆزىگە خاس) ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى. پەرىشتىلەرمۇ (ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، (باشقىلار گۇۋاھلىق بەرمىگەندىمۇ) ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر[166].
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ قَدۡ ضَلُّواْ ضَلَٰلَۢا بَعِيدًا
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار ھەقىقەتەن قاتتىق ئازدى[167].
Arabic explanations of the Qur’an:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَظَلَمُواْ لَمۡ يَكُنِ ٱللَّهُ لِيَغۡفِرَ لَهُمۡ وَلَا لِيَهۡدِيَهُمۡ طَرِيقًا
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ (يەنى جەننەتنىڭ يولىغىمۇ) باشلىمايدۇ[168].
Arabic explanations of the Qur’an:
إِلَّا طَرِيقَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٗا
(ئۇلارنى) پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىغا قويىۋىتىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ (يەنى ئۇلارنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالدۇرۇش) ئاللاھقا ئاسان[169].
Arabic explanations of the Qur’an:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُمُ ٱلرَّسُولُ بِٱلۡحَقِّ مِن رَّبِّكُمۡ فَـَٔامِنُواْ خَيۡرٗا لَّكُمۡۚ وَإِن تَكۡفُرُواْ فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
ئى ئىنسانلار! پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەق (دىن) ئېلىپ كەلدى. ئىمان ئېيتىڭلاركى، (بۇ) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، ئەگەر ئىنكار قىلساڭلار (يەنى كۇفرىنى داۋاملاشتۇرساڭلار) (ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەت). چۈنكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، مۈلكىدۇر). ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[170].
Arabic explanations of the Qur’an:
 
Translation of the meanings Surah: An-Nisā’
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation - Muhammad Saleh - Translations’ Index

Translated by Muhammad Saleh and developed under the supervision of the Rowwad Translation Center. The original translation is available for the purpose of expressing an opinion, evaluation, and continuous development.

close