Check out the new design

Traducción de los significados del Sagrado Corán - La traducción uigur del abreviado de la exégesis del Noble Corán * - Índice de traducciones


Traducción de significados Capítulo: Al-Nahl   Versículo:
وَلَقَدۡ نَعۡلَمُ أَنَّهُمۡ يَقُولُونَ إِنَّمَا يُعَلِّمُهُۥ بَشَرٞۗ لِّسَانُ ٱلَّذِي يُلۡحِدُونَ إِلَيۡهِ أَعۡجَمِيّٞ وَهَٰذَا لِسَانٌ عَرَبِيّٞ مُّبِينٌ
بىز مۇشرىكلارنىڭ: ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى بىر ئىنسان تەلىم بېرىدۇ دېگەن سۆزىنى ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار بۇ دەۋاسىدا يالغانچىدۇر. ئۇلار، رەسۇلۇللاھقا قۇرئان ئۈگىتىدۇ دەپ گۇمان قىلغان كىشىنىڭ تىلى ئەرەب تىلى ئەمەس. بۇ قۇرئان يۇقىرى بالاغەتلىك روشەن ئەرەب تىلى بىلەن نازىل قىلىنغان تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ بۇ تىلى ئەرەپ بولمىغان كىشىدىن تەلىم ئالىدۇ دەپ ئويلايدۇ!؟.
Las Exégesis Árabes:
إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ لَا يَهۡدِيهِمُ ٱللَّهُ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن نازىل بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارنى، ئۇلار مۇشۇ قارىشىنى داۋاملاشتۇرغان مۇددەتتە ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ. ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب بار.
Las Exégesis Árabes:
إِنَّمَا يَفۡتَرِي ٱلۡكَذِبَ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَٰذِبُونَ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن قۇرئان توغرىسىدا يالغانچى ئەمەس، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغان بەدبەختلەر ئاللاھقا يالغاننى توقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئازابتىن قورۇقمايدۇ ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ، كۇپۇرلۇق بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇلار يالغانچىلاردۇر، چۈنكى يالغانچىلىق ئۇلارنىڭ .كۆنۈپ كەتكەن ئادىتىدۇر
Las Exégesis Árabes:
مَن كَفَرَ بِٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ إِيمَٰنِهِۦٓ إِلَّا مَنۡ أُكۡرِهَ وَقَلۡبُهُۥ مُطۡمَئِنُّۢ بِٱلۡإِيمَٰنِ وَلَٰكِن مَّن شَرَحَ بِٱلۡكُفۡرِ صَدۡرٗا فَعَلَيۡهِمۡ غَضَبٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
كىمكى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن مۇشرىكلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاللاھقا كاپىر بولسا، تىلى بىلەن كۇپىر سۆزىنى دېسىمۇ دىلىدا ئىماننىڭ ھەقىقىتىگە ئىشىنىپ قەلبى ئىمانغا تولغان بولسا، بۇلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئەمما قەلبى كۇپۇرغا مايىل بولۇپ، كۇپىرنى ئىماندىن ئۈستۈن بىلگەن، كۇپىر سۆزىنى ئىختىيارى سۆزلىگەن كىشى ئىسلامدىن يانغان مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىبى ۋە كاتتا ئازابى باردۇر.
Las Exégesis Árabes:
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ ٱسۡتَحَبُّواْ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا عَلَى ٱلۡأٓخِرَةِ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئۇلارنىڭ دىندىن يېنىۋىلىشىنىڭ سەۋەبى، ھەقىقەتەن ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن دۇنيادا ئېرىشىدىغان ئېتىبارسىز نەرسىنى تاللىدى، ھەقىقەتەن ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ئىمانغا ھىدايەت .قىلمايدۇ بەلكى ئۇلارنى خار قىلىدۇ
Las Exégesis Árabes:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ طَبَعَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ وَسَمۡعِهِمۡ وَأَبۡصَٰرِهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡغَٰفِلُونَ
ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن مۇرتەدلىك سۈپىتى بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ دىللىرىغا، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرىگە پېچەت ئۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ۋەز-نەسىھەتنى چۈشەنمەيدۇ، ھەقىقەتنى مەنپەئەتلىنىش تەرىقىسىدە ئاڭلىمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىمانغا يېتەكلەيدىغان ئايەتلىرىنى كۆرمەيدۇ، ئۇلار بەخت-سائادەتنىڭ سەۋەبلىرىدىن غاپىلدۇر، ئاللاھ .ئۇلارغا تەييارلىغان ئازاب بىلەن بەختسىز شەقىلەردىندۇر
Las Exégesis Árabes:
لَا جَرَمَ أَنَّهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
ھەقىقەتەن ئۇلار قىيامەت كۈنىدە چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردۇر، ئۇلار ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلىق سەۋەبى بىلەن ئۆزلىرىنى زىيانغا ئۇچراتتى. ئەگەر ئۇلار ئىماندا مۇستەھكەم تۇرغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە جەننەتكە كېرگەن بولاتتى.
Las Exégesis Árabes:
ثُمَّ إِنَّ رَبَّكَ لِلَّذِينَ هَاجَرُواْ مِنۢ بَعۡدِ مَا فُتِنُواْ ثُمَّ جَٰهَدُواْ وَصَبَرُوٓاْ إِنَّ رَبَّكَ مِنۢ بَعۡدِهَا لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئاندىن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئاجىز مۇسۇلمانلاردىن مۇشرىكلارنىڭ قېيىن-قىستاقلىرىغا ۋە دىنى جەھەتتە ئېغىر سىناقلىرىغا دۇچ كىلىپ، قەلبى ئىمانغا تولغان ھالەتتە مەجبۇرى كۇپۇر كەلىمىسىنى سۆزلىگەندىن كېيىن مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان، ئاندىن ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ۋە كاپىرلارنىڭ سۆزىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان ۋە جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە سەۋىر قىلغانلارنى پەرۋەردىگارىڭ ئاشۇ سىناقلار بىلەن سىنىغاندىن كېيىن، ئۇلار كۇپىر سۆزىنى سۆزلىگۈدەك دەرىجىدە ئازابلانغاندىن كېيىن، مەجبۇرى ھالەتتە ئاللاھقا كاپىر بولىدىغان سۆزنى قىلغان تەقدىردە، ئاللاھ ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار كۇپىر سۆزىنى ئۆزى خالاپ ئەمەس بەلكى يامان كۆرگەن ھالەتتە مەجبۇرى سۆزلىگەن.
Las Exégesis Árabes:
Beneficios de los versículos de esta página:
• الترخيص للمُكرَه بالنطق بالكفر ظاهرًا مع اطمئنان القلب بالإيمان.
مەجبۇرلانغۇچىنىڭ قەلبى ئىمانغا تولغان ھالەتتە كۇپىر سۆزىنى .سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ

• المرتدون استوجبوا غضب الله وعذابه؛ لأنهم استحبوا الحياة الدنيا على الآخرة، وحرموا من هداية الله، وطبع الله على قلوبهم وسمعهم وأبصارهم، وجعلوا من الغافلين عما يراد بهم من العذاب الشديد يوم القيامة.
دىندىن يانغان مۇرتەد ئاللاھنىڭ غەزىبى ۋە ئازابىغا لايىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاخىرەتتىن دۇنيا ھاياتىنى ئەۋزەل بىلدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرىگە پېچەت ئۇرىۋەتتى، ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن غاپىل قالغۇچىلاردىن قىلدى.

• كَتَبَ الله المغفرة والرحمة للذين آمنوا، وهاجروا من بعد ما فتنوا، وصبروا على الجهاد.
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، دىنىنى قوغداشتىن ئاجىز كەلگەندىن كىيىن ھىجرەت قىلغان، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتا سەۋىر قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت ۋە مەغپىرەتنى پۈتىۋەتتى.

 
Traducción de significados Capítulo: Al-Nahl
Índice de Capítulos Número de página
 
Traducción de los significados del Sagrado Corán - La traducción uigur del abreviado de la exégesis del Noble Corán - Índice de traducciones

Emitido por el Centro Tafsir de Estudios Coránicos.

Cerrar