Check out the new design

Traducción de los significados del Sagrado Corán - La traducción uigur del abreviado de la exégesis del Noble Corán * - Índice de traducciones


Traducción de significados Capítulo: Maryam   Versículo:
رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا فَٱعۡبُدۡهُ وَٱصۡطَبِرۡ لِعِبَٰدَتِهِۦۚ هَلۡ تَعۡلَمُ لَهُۥ سَمِيّٗا
ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، ئۇنىڭ ئىگىسى، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ياراتقۇچىدۇر. يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغىن، ئۇ ئىبادەتكە ھەقلىقتۇر، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش يولىدا چىداملىق بولغىن. ئۇنىڭ مىسالى يوق، ئوخشىشى .يوق ۋە ئىبادەتتە شېرىكى يوقتۇر
Las Exégesis Árabes:
وَيَقُولُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَءِذَا مَا مِتُّ لَسَوۡفَ أُخۡرَجُ حَيًّا
ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىر مەسخىرە قىلىپ: مەن ئۆلگەندىن كېيىن قەبرەمدىن ئىككىنچى بىر ھاياتلىق ئۈچۈن ھايات .چېقىمەنمۇ؟ ھەقىقەتەن بۇ بەك يىراق ئىش دەيدۇ
Las Exégesis Árabes:
أَوَلَا يَذۡكُرُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَنَّا خَلَقۡنَٰهُ مِن قَبۡلُ وَلَمۡ يَكُ شَيۡـٔٗا
ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئېنكار قىلغۇچى بۇ ئىنسان بىز ئۇنى يارىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسلىمەمدىغاندۇ؟، گەرچە ئىككىنچىسىنى ياراتماق ئوڭاي ۋە ئاسان بولماغلىق بىلەن، دەسلەپكى يارىتىشنى ئىككىنچى قېتىملىق يارىتىشقا دەلىل قىلامدۇ؟.
Las Exégesis Árabes:
فَوَرَبِّكَ لَنَحۡشُرَنَّهُمۡ وَٱلشَّيَٰطِينَ ثُمَّ لَنُحۡضِرَنَّهُمۡ حَوۡلَ جَهَنَّمَ جِثِيّٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى: بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئازدۇرغان شەيتانلار بىلەن بىرلىكتە قەبرىسىدىن چېقىرىمىز، ئاندىن ئۇلارنى خار قىلغان ۋە تىز چۆكتۈرگەن ھالەتتە .جەھەننەمگە ھەيدەپ كېلىمىز
Las Exégesis Árabes:
ثُمَّ لَنَنزِعَنَّ مِن كُلِّ شِيعَةٍ أَيُّهُمۡ أَشَدُّ عَلَى ٱلرَّحۡمَٰنِ عِتِيّٗا
ئاندىن ئازغۇن پىرقىلەردىن بولغان ھەر بىر پىرقىدىن ئۇلارنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن بولغان چوڭ گۇناھكارلارنى كۈچ بىلەن قوپاللىق بىلەن .تارتىپ چېقىرىمىز
Las Exégesis Árabes:
ثُمَّ لَنَحۡنُ أَعۡلَمُ بِٱلَّذِينَ هُمۡ أَوۡلَىٰ بِهَا صِلِيّٗا
ئاندىن دوزاخقا كېرىش بىلەن ئۇنىڭ ھارارىتى ۋە ئازابىنى تېتىشقا .لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە بىز ياخشى بىلىمىز
Las Exégesis Árabes:
وَإِن مِّنكُمۡ إِلَّا وَارِدُهَاۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ حَتۡمٗا مَّقۡضِيّٗا
ئى ئىنسانلار! سىلەردىن ھەر بىر كىشى جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان سىرات كۆرۈكى ئۈستىدىن چوقۇم ئۆتىدۇ. بۇ ئۆتۈش ئاللاھنىڭ ھۆكمى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەمەلىيلىشىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قايتۇرغۇچى يوقتۇر.
Las Exégesis Árabes:
ثُمَّ نُنَجِّي ٱلَّذِينَ ٱتَّقَواْ وَّنَذَرُ ٱلظَّٰلِمِينَ فِيهَا جِثِيّٗا
ئاندىن سىراتنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش ئارقىلىق، ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلارنى خاتىرجەم قىلىمىز. زالىملارنى تىزلاندۇرغان ھالەتتە جەھەننەمنىڭ گىرۋېكىدە قويىمىز، ئۇلار جەھەننەمدىن قېچىشقا قادىر بولالمايدۇ.
Las Exégesis Árabes:
وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَيُّ ٱلۡفَرِيقَيۡنِ خَيۡرٞ مَّقَامٗا وَأَحۡسَنُ نَدِيّٗا
بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىزگە نازىل قېلىنغان ئايەتلىرىمىز كىشىلەرگە ئوقۇپ بېرىلگەندە، كاپىر بولغانلار مۆئمىنلەرگە: ياخشى ئورۇنلاردا تۇرۇش ۋە سورۇنلارنى تۈزەشتە سىلەرنىڭ گورۇھىڭلار ياخشىمۇ ياكى بىزنىڭ .گورۇھىمىز ياخشىمۇ دەيدۇ؟
Las Exégesis Árabes:
وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّن قَرۡنٍ هُمۡ أَحۡسَنُ أَثَٰثٗا وَرِءۡيٗا
ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ماددى ئىمتىيازدىن پەخىرلىنىپ يۈرگەن كىشىلەردىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن كاپىرلارنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئىقتىساد، كېيىم-كىچەك، چىراي-شەكىل ۋە سىرتقى كۆرۈنۈش قاتارلىقلاردا بۇلاردىن ياخشى ۋە گۈزەل ئىدى.
Las Exégesis Árabes:
قُلۡ مَن كَانَ فِي ٱلضَّلَٰلَةِ فَلۡيَمۡدُدۡ لَهُ ٱلرَّحۡمَٰنُ مَدًّاۚ حَتَّىٰٓ إِذَا رَأَوۡاْ مَا يُوعَدُونَ إِمَّا ٱلۡعَذَابَ وَإِمَّا ٱلسَّاعَةَ فَسَيَعۡلَمُونَ مَنۡ هُوَ شَرّٞ مَّكَانٗا وَأَضۡعَفُ جُندٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى: كىمكى ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ يۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقنى زىيادە قېلىۋىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىدۇ. ھەتتا ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنى تىز كەلگەنلىكىنى ئاشكارا كۆرگەندە ياكى قىيامەتكە كېچىكتۈرۈلگەن ئازابنى كۆرگەندە، كىمنىڭ ئورنى ناچار ۋە ياردەمچىلىرى ئاز، ئۆزلىرىنىڭ جامائىتىمۇ ياكى مۆئمىنلەر جامائىتىمۇ شۇ ۋاقىتتا بىلىدۇ؟.
Las Exégesis Árabes:
وَيَزِيدُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ٱهۡتَدَوۡاْ هُدٗىۗ وَٱلۡبَٰقِيَٰتُ ٱلصَّٰلِحَٰتُ خَيۡرٌ عِندَ رَبِّكَ ثَوَابٗا وَخَيۡرٞ مَّرَدًّا
ئاشۇ كاپىرلارغا ئازغۇنلۇقىنى زىيادە قېلىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەرگەننىڭ قارشىسىدا، توغرا يول تاپقان كىشىلەرگە ئاللاھ ھىدايەتنى، ئىماننى، تائەتنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ ئەمەللەر سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھوزۇرىدا مەنپەئەتلىك بولغان مۇكاپات، ياخشى ئاقىۋەت ۋە ئەبەدىيلىك بەخت-سائادەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
Las Exégesis Árabes:
Beneficios de los versículos de esta página:
• على المؤمنين الاشتغال بما أمروا به والاستمرار عليه في حدود المستطاع.
مۆئمىنلەر بۇيرۇلغان ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۇ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تېرىشىشى لازىم.

• وُرُود جميع الخلائق على النار - أي: المرور على الصراط، لا الدخول في النار - أمر واقع لا محالة.
خالايىقلارنىڭ ھەممىسى دوزاخنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدۇ. (يەنى سىرات كۆۋرۇكىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ دوزاخقا كىرمەيدۇ) بۇ شەرتسىز بولىدىغان ئىشتۇر.

• أن معايير الدين ومفاهيمه الصحيحة تختلف عن تصورات الجهلة والعوام.
دىننىڭ ئۆلچىمى ۋە توغرا چۈشەنچىسى دىنى ئىلىمدىن خەۋەرسىز كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تامامەن ئوخشىمايدۇ.

• من كان غارقًا في الضلالة متأصلًا في الكفر يتركه الله في طغيان جهله وكفره، حتى يطول اغتراره، فيكون ذلك أشد لعقابه.
كىمكى كۇپىردا چىڭ تۇرۇپ ئازغۇنلۇقنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى مەغرۇرلۇققا چۆكۈپ ئازابىنىڭ قاتتىق بولىشى ئۈچۈن كۇپىرلىق .ۋە نادانلىقتا ھەددىدىن ئىشىشىدا قويۇپ قويىدۇ

• يثبّت الله المؤمنين على الهدى، ويزيدهم توفيقًا ونصرة، وينزل من الآيات ما يكون سببًا لزيادة اليقين مجازاةً لهم.
ئاللاھ مۆئمىنلەرنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىدۇ، ئۇلارغا مۇۋەپپەقىيەت ۋە نۇسرەتنى زىيادە قىلىدۇ، ئۇلارنى ئالى مۇكاپاتقا نائىل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى زىيادە قېلىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىمىز.

 
Traducción de significados Capítulo: Maryam
Índice de Capítulos Número de página
 
Traducción de los significados del Sagrado Corán - La traducción uigur del abreviado de la exégesis del Noble Corán - Índice de traducciones

Emitido por el Centro Tafsir de Estudios Coránicos.

Cerrar