ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره هود   آیه:

سۈرە ھۇد

از اهداف این سوره:
تثبيت النبي والمؤمنين بقصص الأنبياء السابقين، وتشديد الوعيد للمكذبين.
ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم قىلىش، ھەقنى يالغانغا چىقارغۇچىلارنىڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.

الٓرۚ كِتَٰبٌ أُحۡكِمَتۡ ءَايَٰتُهُۥ ثُمَّ فُصِّلَتۡ مِن لَّدُنۡ حَكِيمٍ خَبِيرٍ
ئەلىف، لام، را. بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر ھەققىدە سۆزلىنىپ بولدى. قۇرئان ئايەتلىرى تۈزۈلىشى ۋە مەناسى تەرىپىدىن پۇختا كىتابتۇر. سەن بۇ كىتابتا ھېچقانداق يوچۇق ۋە نۇقساننى تاپالمايسەن. بۇ كىتابتا ھالال ۋە ھارام، بۇيرۇق ۋە چەكلىمە، ئاللاھنىڭ ياخشىلارغا قىلغان ۋەدىلىرى بىلەن ناچار ئادەملەرگە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قىسسىلەر بايان قىلىنغان. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئەھكاملارنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارغا ماس كېلىدىغان نەرسىلەردىن خەۋەردار زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
تفسیرهای عربی:
أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّا ٱللَّهَۚ إِنَّنِي لَكُم مِّنۡهُ نَذِيرٞ وَبَشِيرٞ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا باشقا نەرسىنى قوشۇپ ئىبادەت قىلىشتىن چەكلەشدۇر. ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن مەن سىلەرنى ئەگەر كاپىر بولساڭلار ۋە ئاسى بولساڭلار ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن قورقۇتىمەن، ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلساڭلار ئاللاھنىڭ ساۋابى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچىمەن.
تفسیرهای عربی:
وَأَنِ ٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِ يُمَتِّعۡكُم مَّتَٰعًا حَسَنًا إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى وَيُؤۡتِ كُلَّ ذِي فَضۡلٖ فَضۡلَهُۥۖ وَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٖ كَبِيرٍ
ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن گۇناھىڭلارنىڭ مەغپىرەت بولىشىنى تەلەپ قىلىڭلار، ئىلگىرى سادىر قىلغان گۇناھلىرىڭلارغا پۇشايمان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتى دۇنيادىن ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ. ئەمەل ۋە ئىبادەت قىلغان ھەر قانداق كىشىگە ياخشىلىقىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق بېرىدۇ. ئەگەر سىلەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەرنى قىيامەت كۈنىنىڭ قاتتىق ئازابىدىن قورقۇتىمەن.
تفسیرهای عربی:
إِلَى ٱللَّهِ مَرۡجِعُكُمۡۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئى ئىنسانلار! قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ. سىلەر ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن سىلەرنى تىرىلدۈرۈپ سىلەردىن ھېساب ئېلىشتىن ئاللاھ ئاجىز كەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَلَآ إِنَّهُمۡ يَثۡنُونَ صُدُورَهُمۡ لِيَسۡتَخۡفُواْ مِنۡهُۚ أَلَا حِينَ يَسۡتَغۡشُونَ ثِيَابَهُمۡ يَعۡلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعۡلِنُونَۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
راستىنلا مۇشرىكلار نادانلىقتىن دىللىرىدىكى شەكنى ئاللاھتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆكرەكلىرىنى ئىگىپ ماڭىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار باشلىرىنى كىيىم بىلەن چۆمكىۋالغاندىمۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن قەلبتە يوشۇرۇلغان نەرسىنىمۇ بىلگۈچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• إن الخير والشر والنفع والضر بيد الله دون ما سواه.
شۈبھىسىزكى، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، پايدا ۋە زىيان ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.

• وجوب اتباع الكتاب والسُّنَّة والصبر على الأذى وانتظار الفرج من الله.
قۇرئان-سۈننەتكە ئەگىشىش يولىدا كەلگەن ئەزىيەتكە سەۋر قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كەڭچىلىك ئاتا قىلىشىنى كۈتۈش ۋاجىپتۇر.

• آيات القرآن محكمة لا يوجد فيها خلل ولا باطل، وقد فُصِّلت الأحكام فيها تفصيلًا تامَّا.
قۇرئان ئايەتلىرىدىكى ھۆكۈملەر ھېچقانداق يوچۇق تېپىلمايدىغان ھالەتتە مەناسى ئېنىقتۇر، ئۇنىڭدا ئەھكاملار تولۇۇق ۋە تەپسىلى بايان قىلىنغاندۇر.

• وجوب المسارعة إلى التوبة والندم على الذنوب لنيل المطلوب والنجاة من المرهوب.
جەننەتكە ئېرىشىپ، دەۋزەختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن گۇناھلارغا تەۋبە قىلىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىشقا ئالدىراش ۋاجىپتۇر.

۞ وَمَا مِن دَآبَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِ رِزۡقُهَا وَيَعۡلَمُ مُسۡتَقَرَّهَا وَمُسۡتَوۡدَعَهَاۚ كُلّٞ فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٖ
يەر يۈزىدە ئۆمىلەيدىغان بارچە مەخلۇقاتلارغا رىزىق بېرىشنى مەرھەمەت يۈزىسىدىن ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن كۆمۈلىدىغان جايىنى بىلىدۇ. بارچە مەخلۇقلار، ئۇلارنىڭ رىزقى، تۇرار جايى ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا، يەنى لەۋھۇلمەھفۇزغا پۈتۈلگەندۇر.
تفسیرهای عربی:
وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ وَكَانَ عَرۡشُهُۥ عَلَى ٱلۡمَآءِ لِيَبۡلُوَكُمۡ أَيُّكُمۡ أَحۡسَنُ عَمَلٗاۗ وَلَئِن قُلۡتَ إِنَّكُم مَّبۡعُوثُونَ مِنۢ بَعۡدِ ٱلۡمَوۡتِ لَيَقُولَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ
ئاللاھ تائالا شۇنچىۋالا كاتتا ھالەتتىكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەمدە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بارچە نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئەرشى بۇ ئىككىسى يارىتىلىشتىن ئىلگىرى سۇ ئۈستىدە ئىدى. ئەي ئىنسانلار! (ئاللاھنىڭ بۇنداق كاتتا مەخلۇقاتلارنى يارىتىشى) قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە بولىدىغانلىقىنى ۋە قايسىڭلارنىڭ ئەمەلىنىڭ ئاللاھنى غەزەبلەندۈرىدىغان رەۋىشتە ناچار بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاش، ئاندىن ھەر كىمگە لايىق رەۋىشتە جازا-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈندۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئۇلارغا: ئى ئىنسانلار! سىلەر ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم قايتىدىن تىرىلدۈرۈلىسىلەر، دېسەڭ، ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلار چوقۇم: سەن ئوقۇۋاتقان بۇ قۇرئان پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر، ئۇ ئېنىق سەپسەتىدۇر، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَئِنۡ أَخَّرۡنَا عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابَ إِلَىٰٓ أُمَّةٖ مَّعۡدُودَةٖ لَّيَقُولُنَّ مَا يَحۡبِسُهُۥٓۗ أَلَا يَوۡمَ يَأۡتِيهِمۡ لَيۡسَ مَصۡرُوفًا عَنۡهُمۡ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
ئەگەر بىز مۇشرىكلار دۇنيادا دۇچار بولىدىغان ئازابنى مەلۇم ۋاقىت كېچىكتۈرسەك ئۇلار ئالدىراپلا مەسخىرە قىلىپ: بۇ ئازابنى بىزدىن نېمە توسۇپ قالدى؟ دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئازابنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇم ۋاقتى بار، ئۇلارغا ئۇ ئازاب كەلگەندە ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئازابنى قايتۇرغۇچى تاپالمايدۇ بەلكى ئۇلارغا ئازاب چوقۇم كېلىدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلىپ ئالدىراتقان ئازاب ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَئِنۡ أَذَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِنَّا رَحۡمَةٗ ثُمَّ نَزَعۡنَٰهَا مِنۡهُ إِنَّهُۥ لَيَـُٔوسٞ كَفُورٞ
ئەگەر بىز ئىنسانغا تەن ساقلىقى ۋە بايلىققا ئوخشاش نېئمەتلەرنى بېرىپ بولۇپ تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، ئاللاھ نېئمەتلەرنى تارتىۋالغان چاغدا ئېرىشكەن كۈنلەرنى ئۇنتۇپلا كېتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَئِنۡ أَذَقۡنَٰهُ نَعۡمَآءَ بَعۡدَ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُ لَيَقُولَنَّ ذَهَبَ ٱلسَّيِّـَٔاتُ عَنِّيٓۚ إِنَّهُۥ لَفَرِحٞ فَخُورٌ
ئەگەر بىز ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن كەمبەغەلچىلىك ۋە كېسەللىكتىن كېيىن باياشاتلىق ۋە تەن ساقلىقىنىڭ تەمىنى تېتىتساق ئۇ چوقۇم: ئەمدى مەن خاپىلىقتىن قۇتۇلدۇم، كېسىلىممۇ ساقايدى، دەيدۇ ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئاللاھقا شۈكرى قىلمايدۇ. شەكسىزكى ئۇ كۆپ كۆرەڭلەيدىغان، مەنمەنچى، باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان مەخلۇقتۇر.
تفسیرهای عربی:
إِلَّا ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٞ كَبِيرٞ
لېكىن قىيىنچىلىقلارغا، تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ جاپاسىغا ۋە گۇناھ-مەئسىيەت قىلماسلىققا سەۋر قىلالىغان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولۇپ، ئۇلار ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگىمۇ تۇزكورلۇق قىلمايدۇ، باشقىلارغا چوڭچىلىقمۇ قىلمايدۇ. بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئاخىرەتتە كاتتا مۇكاپاتقا نائىل بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَلَعَلَّكَ تَارِكُۢ بَعۡضَ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيۡكَ وَضَآئِقُۢ بِهِۦ صَدۡرُكَ أَن يَقُولُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ كَنزٌ أَوۡ جَآءَ مَعَهُۥ مَلَكٌۚ إِنَّمَآ أَنتَ نَذِيرٞۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ وَكِيلٌ
ئەي پەيغەمبەر! سەن مۇشرىكلارنىڭ كۇپرىلىقى، سەركەشلىكى ۋە مۆجىزىلەرنى تەلەپ قىلىشىغا كۆپ ئۇچرىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ئەمەل قىلىش ئېغىر كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزگۈڭ كەلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ: نېمىشقا ئۇنىڭغا ئۇنى باي قىلىۋېتىدىغان بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە راست پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلايدىغان بىرەر پەرىشتە كەلمىدى، دېمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى يەتكۈزگەنلىكىڭدىن سىقىلىش ھېس قىلىشىڭ مۇمكىن. لېكىن بۇنى دەپ ساڭا ۋەھىي قىلىنغاننىڭ ئازراق بىر قىسمىنىمۇ چالا قويمىغىن. سەن پەقەت ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزىدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، سېنىڭ ئۇلار تەلەپ قىلغانلىكى مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىڭ يوق. ئاللاھ ھەر نەرسىنى نازارەت قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• سعة علم الله تعالى وتكفله بأرزاق مخلوقاته من إنسان وحيوان وغيرهما.
يۇقىرىقى ئايەتلەر ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى، ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە باشقا پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىغا رىزىق بېرىشكە ئۆزى كېپىل بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• بيان علة الخلق؛ وهي اختبار العباد بامتثال أوامر الله واجتناب نواهيه.
مەخلۇقاتلارنىڭ يارىتىلىشىدىكى بىردىنبىر مەقسەت بەندىلەرنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ھەققىدە سىناشتۇر.

• لا ينبغي الاغترار بإمهال الله تعالى لأهل معصيته، فإنه قد يأخذهم فجأة وهم لا يشعرون.
ئاسىيلار ئاللاھنىڭ مۆھلەت بەرگىنىگە ئالدىنىپ قالماسلىقى لازىم، چۈنكى ئاللاھ بەزىدە ئۇلارنى تۇيماي قالغانلىرىدا ئۇشتۇمتۇت جازالايدۇ.

• بيان حال الإنسان في حالتي السعة والشدة، ومدح موقف المؤمن المتمثل في الصبر والشكر.
ئىنساننىڭ باياشاتلىقتىكى ۋە قىيىن پەيتلەردىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، مۇئمىننىڭ سەۋر قىلىش ۋە شۈكرى قىلىشتىكى نەمۇنىلىك پوزىتسىيەسىنى مەدھىيىلەش.

أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۖ قُلۡ فَأۡتُواْ بِعَشۡرِ سُوَرٖ مِّثۡلِهِۦ مُفۡتَرَيَٰتٖ وَٱدۡعُواْ مَنِ ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
مۇشرىكلار: مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى ئويدۇرغان، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىي ئەمەس، دېيىشەمدۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ: ئەگەر «قۇرئان بىر توقۇلما» دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار سىلەرچە توقۇلما بولغان قۇرئاندىكىدەك چىنلىققا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىسەڭلارمۇ، مۇشۇ قۇرئاننىڭ سۈرىلىرىگە ئوخشاش ئويدۇرۇلغان ئون سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، بۇنىڭغا ياردەملەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچۈڭلار يەتكەن ھەر كىمنى چاقىرىڭلار، دېگىن.
تفسیرهای عربی:
فَإِلَّمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَكُمۡ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَآ أُنزِلَ بِعِلۡمِ ٱللَّهِ وَأَن لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّسۡلِمُونَ
ئەگەر ئۇلار كۈچى يەتمىگەنلىكتىن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ئورۇندىيالمىسا، ئەي مۇئمىنلەر! شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان بولۇپ، ئۇ توقۇلما ئەمەس. يەنە شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. مۇشۇنداق كەسكىن دەلىل-پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىنغۇ ئاللاھقا بويسۇنارسىلەر؟.
تفسیرهای عربی:
مَن كَانَ يُرِيدُ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيۡهِمۡ أَعۡمَٰلَهُمۡ فِيهَا وَهُمۡ فِيهَا لَا يُبۡخَسُونَ
كىمكى قىلغان ئەمەللىرى ئارقىلىق ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ بىر دەملىك مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىكەن، بىز ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى مۇشۇ دۇنيادىلا بېرىمىز، يەنى تەن ساقلىقى، خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىق ئاتا قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَيۡسَ لَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ إِلَّا ٱلنَّارُۖ وَحَبِطَ مَا صَنَعُواْ فِيهَا وَبَٰطِلٞ مَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
بۇنداق ناچار خىسلەتلىك كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى ھېچقانداق مۇكاپات يوق، ئۇلار پەقەت دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇلار ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى دۇنيادا ئېلىپ بولغان بولۇپ، ئەمەللىرى يوققا چىققان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمىلىدىن بۇرۇن نە ئىمانى، نە بىر دۇرۇس نىيىتى يوق ئىدى. دېمەك ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاخىرەتنى كۆزلىمەيتتى.
تفسیرهای عربی:
أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّهِۦ وَيَتۡلُوهُ شَاهِدٞ مِّنۡهُ وَمِن قَبۡلِهِۦ كِتَٰبُ مُوسَىٰٓ إِمَامٗا وَرَحۡمَةًۚ أُوْلَٰٓئِكَ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۚ وَمَن يَكۡفُرۡ بِهِۦ مِنَ ٱلۡأَحۡزَابِ فَٱلنَّارُ مَوۡعِدُهُۥۚ فَلَا تَكُ فِي مِرۡيَةٖ مِّنۡهُۚ إِنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤۡمِنُونَ
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتى ۋە يېنىدا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن گۇۋاھچى بولۇپ كەلگەن جىبرىئىل بولغان ھەمدە پەيغەمبەرلىكىگە، پۈتكۈل ئىنسانلارغا رەھبەر ۋە رەھمەت ئىكەنلىكىگە بۇندىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋراتمۇ گۇۋاھلىق بېرىدىغان مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر ئازغۇنلۇقتا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغان ئاۋۇ كاپىرلارغا ئوخشىمايدۇ. ماۋۇلار قۇرئانغا ۋە ئۇ قۇرئان نازىل قىلىنغان مۇھەممەدكە ئىمان ئېيتىدۇ. خىلمۇخىل دىن ئەھلىدىن كىمكى مۇھەممەدكە (ياكى قۇرئانغا) كاپىر بولىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! قۇرئاندىن ۋە كاپىرلارغا قىلىنغان ۋەدىدىن شەكلەنمىگىن. چۈنكى ئۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر روشەن دەلىل-پاكىتلار دۆۋىلىنىپ تۇرسىمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ يُعۡرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمۡ وَيَقُولُ ٱلۡأَشۡهَٰدُ هَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ كَذَبُواْ عَلَىٰ رَبِّهِمۡۚ أَلَا لَعۡنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ
شېرىكنى ۋە بالىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىش ئارقىلىق ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم بىرى يوق. ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىغان بۇ ئادەملەر قىيامەت كۈنى قىلمىشلىرىدىن سوراققا تارتىلىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ئالدىغا تىزىلىدۇ. پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەردىن بولغان گۇۋاھچىلار ئۇلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىپ: ئاللاھقا بالا نىسبەت بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلار مانا مۇشۇلار. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئاللاھقا يالغاننى چاپلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ يَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبۡغُونَهَا عِوَجٗا وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ كَٰفِرُونَ
كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن توسىدىغانلار، ھەق يولغا ھېچكىم ماڭمىسۇن دەپ باتىلنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىشەنمەيدۇ ھەم ئىنكار قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تحدي الله تعالى للمشركين بالإتيان بعشر سور من مثل القرآن، وبيان عجزهم عن الإتيان بذلك.
ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارغا قۇرئاندىكىگە ئوخشاش سۈرىدىن ئوننى كەلتۈرۈش بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇنى كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

• إذا أُعْطِي الكافر مبتغاه من الدنيا فليس له في الآخرة إلّا النار.
كاپىر دۇنيادا مەقسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا دوزاختىن باشقا نەرسە يوق.

• عظم ظلم من يفتري على الله الكذب وعظم عقابه يوم القيامة.
ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان كىشىنىڭ گۇناھى ئېغىر بولۇپ، قىيامەت كۈنىدىكى جازاسىمۇ قاتتىق بولىدۇ.

أُوْلَٰٓئِكَ لَمۡ يَكُونُواْ مُعۡجِزِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا كَانَ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِنۡ أَوۡلِيَآءَۘ يُضَٰعَفُ لَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ مَا كَانُواْ يَسۡتَطِيعُونَ ٱلسَّمۡعَ وَمَا كَانُواْ يُبۡصِرُونَ
ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەندە ھېچ يەرگە قېچىپ قۇتۇلالمىدى، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ياردەمچىلىرىمۇ بولمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدىن بۇرۇلۇپ كېتىپ، باشقىلارنىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى قاتمۇ-قات ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ھەقنى ۋە ھىدايەتنى قوبۇل قىلىدىغان رەۋىشتە ئاڭلىيالمىدى، ھەقتىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى مۆجىزىلىرىنى ئۆزلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان شەكىلدە كۆرەلمىدى.
تفسیرهای عربی:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
ئەنە شۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى ھالاكەت ھاڭلىرىغا ئىتتىرىش ئارقىلىق زىيان تارتقان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئويدۇرغان شېرىكلەر ۋە شاپائەتچىلەر ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
تفسیرهای عربی:
لَا جَرَمَ أَنَّهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ هُمُ ٱلۡأَخۡسَرُونَ
ئەمەلىيەتتە ئۇلار قىيامەت كۈنى سودىدا زىيان تارتقۇچىلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ئىماننى كۇپرىغا، ئاخىرەتنى دۇنياغا، رەھمەتنى ئازابقا تېگىشتى.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَأَخۡبَتُوٓاْ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
شۈبھىسىزكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، ئاللاھقا بويسۇنۇپ، باش ئەگكەنلەر جەننەت ئەھلىدۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ مَثَلُ ٱلۡفَرِيقَيۡنِ كَٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡأَصَمِّ وَٱلۡبَصِيرِ وَٱلسَّمِيعِۚ هَلۡ يَسۡتَوِيَانِ مَثَلًاۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
كاپىرلار ۋە مۇئمىنلەردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ بار بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى كۆزى كۆرمەيدىغان قارىغۇ، قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان پاڭغا ئوخشايدۇ. بۇ، ھەقنى قوبۇل قىلىدىغان رەۋىشتە ئاڭلىمايدىغان، ئەسقاتىدىغان رەۋىشتە كۆرمەيدىغان كاپىر گۇرۇھنىڭ مىسالىدۇر. يەنە بىرى ئاڭلايدىغان ھەم كۆرىدىغان كىشىنىڭ مىسالى بولۇپ، بۇ بولسا ھەم ئاڭلايدىغان، ھەم كۆرىدىغان مۇئمىنلەرنىڭ مىسالىدۇر، بۇ ئىككى گۇرۇھ كىشىلەرنىڭ ھالى ۋە سۈپىتى ئوخشاش بولامدۇ؟، ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىدىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦٓ إِنِّي لَكُمۡ نَذِيرٞ مُّبِينٌ
شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: ئەي قەۋمىم! مەن سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە سىلەرگە ئەۋەتىلگەن دىننى روشەن بايان قىلىپ بەرگۈچىمەن.
تفسیرهای عربی:
أَن لَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّا ٱللَّهَۖ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٍ أَلِيمٖ
مەن سىلەرنى يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىشقا چاقىرىمەن، پەقەت ئۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار. سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ دەرتلىك ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن، دېدى.
تفسیرهای عربی:
فَقَالَ ٱلۡمَلَأُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَوۡمِهِۦ مَا نَرَىٰكَ إِلَّا بَشَرٗا مِّثۡلَنَا وَمَا نَرَىٰكَ ٱتَّبَعَكَ إِلَّا ٱلَّذِينَ هُمۡ أَرَاذِلُنَا بَادِيَ ٱلرَّأۡيِ وَمَا نَرَىٰ لَكُمۡ عَلَيۡنَا مِن فَضۡلِۭ بَلۡ نَظُنُّكُمۡ كَٰذِبِينَ
ئۇنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغان ئاقسۆڭەك، مۆتىۋەرلەر: بىز سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ھەرگىز ئاۋاز قوشمايمىز، چۈنكى سېنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭ يوق، سەنمۇ بىزگە ئوخشاش ئىنسان. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت ئارىمىزدىكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭلا ساڭا ئەگەشكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، يەنە كېلىپ بىز سىلەرگە ئەگەشكۈدەك سىلەرنىڭ شان-شەرەپ، مال-دۇنيا ۋە يۈز-ئابرويدا بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، ئەكسىچە بىز سىلەرنى دەۋايىڭلاردا يالغانچى دەپ قارايمىز، دېيىشتى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ يَٰقَوۡمِ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّي وَءَاتَىٰنِي رَحۡمَةٗ مِّنۡ عِندِهِۦ فَعُمِّيَتۡ عَلَيۡكُمۡ أَنُلۡزِمُكُمُوهَا وَأَنتُمۡ لَهَا كَٰرِهُونَ
نۇھ ئېيتتى: ئەي قەۋمىم، قېنى دەپ بېقىڭلار! ئەگەر مەن راست پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان، سىلەرنىڭ ماڭا ئىشىنىشىڭلارنى تەلەپ قىلىدىغان، پەرۋەردىگارىم تەرەپتىن كەلگەن دەلىل-پاكىتقا ئاساسلانغان بولسام، پەرۋەردىگارىم ماڭا ئۆز دەرگاھىدىن رەھمەتنى، يەنى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى بەرسە، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنى بىلەلمىسەڭلار، بىز سىلەرنى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلاپ، ئىماننى قەلبىڭلارغا مەجبۇرىي كىرگۈزەلەمدۇق؟ ئۇنداق قىلىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ، چۈنكى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىدىغىنى پەقەت ئاللاھ تائالادۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الكافر لا ينتفع بسمعه وبصره انتفاعًا يقود للإيمان، فهما كالمُنْتَفِيَين عنه بخلاف المؤمن.
كاپىر قۇلىقى بىلەن كۆزىدىن ئۆزىنى ئىمانغا يېتەكلەيدىغان دەرىجىدە مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ، چۈنكى كۆز بىلەن قۇلاق كاپىرلارغا نىسبەتەن يوقنىڭ ئورنىدىدۇر، ئەمما مۇمىن ئۇنداق ئەمەس.

• سُنَّة الله في أتباع الرسل أنهم الفقراء والضعفاء لخلوِّهم من الكِبْر، وخُصُومهم الأشراف والرؤساء.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قانداق كىشىلەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى ئۇلارنىڭ كەمبەغەل ۋە ئاجىز كىشىلەر بولىدىغانلىقىدۇر، چۈنكى ئۇلار تەكەببۇرلۇقتىن خالىي كىشىلەردۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ دۈشمەنلىرى بولسا ئاقسۆڭەك ئەربابلاردۇر.

• تكبُّر الأشراف والرؤساء واحتقارهم لمن دونهم في غالب الأحيان.
ئاقسۆڭەك ئەربابلار كۆپىنچە تەككەببۇر بولۇپ، ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

وَيَٰقَوۡمِ لَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مَالًاۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِۚ وَمَآ أَنَا۠ بِطَارِدِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْۚ إِنَّهُم مُّلَٰقُواْ رَبِّهِمۡ وَلَٰكِنِّيٓ أَرَىٰكُمۡ قَوۡمٗا تَجۡهَلُونَ
ئەي قەۋمىم! پەيغەمبەرلىكنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل-مال تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھ بېرىدۇ. سىلەر قوغلىۋېتىشىمنى تەلەپ قىلغان كەمبەغەل مۇمىنلەرنى مەن سۆھبىتىمدىن قوغلىمايمەن. ئۇلار قىيامەت كۈنى چوقۇم پەرۋەردىگارىغا ئۇچرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئىمانىغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. لېكىن سىلەر ئاجىز مۇمىنلەرنى يېنىمدىن قوغلىۋېتىشىمنى تەلەپ قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن مەن سىلەرنى بۇ چاقىرىقنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر دەپ قارايمەن.
تفسیرهای عربی:
وَيَٰقَوۡمِ مَن يَنصُرُنِي مِنَ ٱللَّهِ إِن طَرَدتُّهُمۡۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
ئەي قەۋمىم! ئەگەر مەن بۇ مۇمىنلەرگە ئۇۋال قىلىپ، ھېچ سەۋەبسىزلا يېنىمدىن قوغلىۋەتسەم، مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم قۇتقۇزالايدۇ؟. پەند-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا ئەڭ مۇۋاپىق ھەم ئەڭ پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشمامسىلەر؟.
تفسیرهای عربی:
وَلَآ أَقُولُ لَكُمۡ عِندِي خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ وَلَآ أَقُولُ إِنِّي مَلَكٞ وَلَآ أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزۡدَرِيٓ أَعۡيُنُكُمۡ لَن يُؤۡتِيَهُمُ ٱللَّهُ خَيۡرًاۖ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا فِيٓ أَنفُسِهِمۡ إِنِّيٓ إِذٗا لَّمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئەي قەۋمىم! مەن سىلەرگە: قولۇمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ئۇنى سىلەرگە بېرىمەن، دېمەيمەن. غەيىبنى بىلىمەنمۇ دېمەيمەن ھەم ئۆزۈمنى پەرىشتىمۇ دېمەيمەن. ئەكسىچە مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان. سىلەر كۆزگە ئىلماي مەسخىرە قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ئاللاھ ھەرگىز تەۋپىق ۋە ھىدايەت بەرمەيدۇ دەپمۇ ئېيتمايمەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى ۋە ئەھۋاللىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ناۋادا مەن بۇنداق دېسەم، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق زالىملاردىن بوپقالىمەن.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ يَٰنُوحُ قَدۡ جَٰدَلۡتَنَا فَأَكۡثَرۡتَ جِدَٰلَنَا فَأۡتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
ئۇلار يولسىزلىق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ: ئەي نۇھ! بىز بىلەن ناھايىتى كۆپ مۇنازىرىلەشتىڭ، مۇنازىرىلىشىپمۇ ھەقىقەتەن كۆپ مۇنازىرىلەشتىڭ. ئەگەر دەۋايىڭدا راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باقمامسەن؟ دېيىشتى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ إِنَّمَا يَأۡتِيكُم بِهِ ٱللَّهُ إِن شَآءَ وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ
نۇھ ئۇلارغا جاۋابەن: مەن سىلەرگە ئازاب كەلتۈرەلمەيمەن. ئەگەر خالىسا ئۇنى پەقەت ئاللاھلا كەلتۈرىدۇ. ناۋادا ئاللاھ سىلەرنى ئازابلىماقچى بولسا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
وَلَا يَنفَعُكُمۡ نُصۡحِيٓ إِنۡ أَرَدتُّ أَنۡ أَنصَحَ لَكُمۡ إِن كَانَ ٱللَّهُ يُرِيدُ أَن يُغۡوِيَكُمۡۚ هُوَ رَبُّكُمۡ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ناۋادا ئاللاھ تەرسالىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋەتمەكچى، ھىدايەتتىن مەھرۇم قىلماقچى بولسا، مېنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىمنىڭ سىلەرگە قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بارچە ئىشىڭلارغا شۇ زات ئىگە. شۇڭا ئۇ خالىسا سىلەرنى ئازدۇرۇۋېتىدۇ. قىيامەت كۈنى پەقەت شۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۖ قُلۡ إِنِ ٱفۡتَرَيۡتُهُۥ فَعَلَيَّ إِجۡرَامِي وَأَنَا۠ بَرِيٓءٞ مِّمَّا تُجۡرِمُونَ
نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىر بولۇش سەۋەبى شۇكى، ئۇلار نۇھ ئېلىپ كەلگەن بۇ دىننى ئاللاھ نامىدىن ئۆزى توقۇۋالدى، دەپ قارايتتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مۇبادا مەنمۇ ئۇنى ئۆزۈم توقۇۋالغان بولسام ئۆز ئۇۋالىم ئۆزۈمگە، ئەمما سىلەرنىڭ ئىنكارچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالمايمەن، مەن ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدادۇرمەن.
تفسیرهای عربی:
وَأُوحِيَ إِلَىٰ نُوحٍ أَنَّهُۥ لَن يُؤۡمِنَ مِن قَوۡمِكَ إِلَّا مَن قَدۡ ءَامَنَ فَلَا تَبۡتَئِسۡ بِمَا كَانُواْ يَفۡعَلُونَ
ئاللاھ نۇھقا ۋەھىي قىلىپ: ئەي نۇھ! ئەمدى ساڭا قەۋمىڭدىن ھازىرغىچە ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ. مۇشۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە قەۋمىڭنىڭ سېنى يالغانغا چىقارغانلىقى ۋە مەسخىرە قىلغانلىقىدىن قايغۇرۇپ كەتمىگىن، دېدى.
تفسیرهای عربی:
وَٱصۡنَعِ ٱلۡفُلۡكَ بِأَعۡيُنِنَا وَوَحۡيِنَا وَلَا تُخَٰطِبۡنِي فِي ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ إِنَّهُم مُّغۡرَقُونَ
بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا، ھېمايىمىز ئاستىدا، ۋەھىي ئارقىلىق ئۆگەتكىنىمىز بويىچە بىر كېمە ياسىغىن، كۇپۇرلۇق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا مۆھلەت بېرىشىم توغرۇلۇق ماڭا سۆز ئاچمىغىن. شەكسىزكى ئۇلار كاپىرلىقىدا چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ جازاسى ئۈچۈن چوقۇم توپان بالاسىدا غەرق قىلىنىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• عفة الداعية إلى الله وأنه يرجو منه الثواب وحده.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ئاللاھقا چاقىرغۇچىنىڭ ئىپپەتلىك بولىدىغانلىقىنى، مۇكاپاتنى پەقەت ئاللاھتىنلا كۈتىدىغانلىقىنى،

• حرمة طرد فقراء المؤمنين، ووجوب إكرامهم واحترامهم.
كەمبەغەل مۇئمىنلەرنى قوغلىۋېتىشنىڭ ھاراملىقى ھەمدە ئۇلارنى ئىززەت-ئىكرام قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى،

• استئثار الله تعالى وحده بعلم الغيب.
غەيىبنى پەقەت ئاللاھنىڭلا بىلىدىغانلىقىنى،

• مشروعية جدال الكفار ومناظرتهم.
كاپىرلار بىلەن دەتالاش ۋە مۇنازىرە قىلىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

وَيَصۡنَعُ ٱلۡفُلۡكَ وَكُلَّمَا مَرَّ عَلَيۡهِ مَلَأٞ مِّن قَوۡمِهِۦ سَخِرُواْ مِنۡهُۚ قَالَ إِن تَسۡخَرُواْ مِنَّا فَإِنَّا نَسۡخَرُ مِنكُمۡ كَمَا تَسۡخَرُونَ
نۇھ پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كېمە ياساشقا كىرىشتى. قەۋمىنىڭ مۆتىۋەر كاتىباشلىرى ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە نە سۇ، نە دەريا يوق يەردە كېمە ياسىغانلىقىدىن ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى. ئۇلار نۇھنى مەسخىرە قىلىۋەرگەچكە نۇھ ئۇلارغا: ھەي خالايىق! سىلەر ھازىر بىزنى كېمە ياسىغانلىقىمىز ئۈچۈن مەسخىرە قىلساڭلار، بىزمۇ چوقۇم سىلەرنى ئاقىۋەتتە ئۆزۈڭلارنىڭ غەرق بوپكېتىشىڭلارنى بىلمىگىنىڭلار ئۈچۈن مەسخىرە قىلىمىز.
تفسیرهای عربی:
فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ مَن يَأۡتِيهِ عَذَابٞ يُخۡزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيۡهِ عَذَابٞ مُّقِيمٌ
بۇ دۇنيادا كىمنىڭ بېشىغا خورلىغۇچى ئازاب كېلىدىغانلىقىنى، قىيامەتتىمۇ كىمنىڭ مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَمۡرُنَا وَفَارَ ٱلتَّنُّورُ قُلۡنَا ٱحۡمِلۡ فِيهَا مِن كُلّٖ زَوۡجَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِ وَأَهۡلَكَ إِلَّا مَن سَبَقَ عَلَيۡهِ ٱلۡقَوۡلُ وَمَنۡ ءَامَنَۚ وَمَآ ءَامَنَ مَعَهُۥٓ إِلَّا قَلِيلٞ
نۇھ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كېمىنى ياساپ پۈتكۈزدى. تۇپان بالاسىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى ھالاك قىلىش بۇيرۇقىمىز كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ نان ياقىدىغان تونۇرلىرىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا بىز نۇھقا: كېمىگە يەر يۈزىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەردىن ئىمان ئېيتمىغانلىقتىن غەرق قىلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەنلىرىدىن باشقىسىنىمۇ ئالغىن، دېدۇق. نۇھ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلغان شۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ قەۋمىدىن پەقەت ئازغىنە كىشىلەرلا ئىمان ئېيتقان ئىدى.
تفسیرهای عربی:
۞ وَقَالَ ٱرۡكَبُواْ فِيهَا بِسۡمِ ٱللَّهِ مَجۡر۪ىٰهَا وَمُرۡسَىٰهَآۚ إِنَّ رَبِّي لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ
نۇھ ئائىلىسى ۋە قەۋمى ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلارغا: كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر. شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىم بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر، دېدى. ئاللاھنىڭ مۇمىنلەرنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزغانلىقىمۇ ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
تفسیرهای عربی:
وَهِيَ تَجۡرِي بِهِمۡ فِي مَوۡجٖ كَٱلۡجِبَالِ وَنَادَىٰ نُوحٌ ٱبۡنَهُۥ وَكَانَ فِي مَعۡزِلٖ يَٰبُنَيَّ ٱرۡكَب مَّعَنَا وَلَا تَكُن مَّعَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
كېمە ئۇلارنى تاغدەك چوڭ دولقۇنلار ئىچىدە ئېلىپ مېڭىۋاتاتتى. نۇھ ئاتىلىق تۇيغۇسى بىلەن دادىسى ۋە خەلقىدىن ئايرىم بىر جايدا تۇرغان كاپىر ئوغلىغا: ئوغلۇم! غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلاي دېسەڭ بىز بىلەن بىرگە كېمىگە چىقىۋالغىن، كاپىرلارنىڭ سېپىدە تۇرما. ئۇنداق قىلساڭ سەنمۇ شۇلارغا ئوخشاش غەرق بوپكېتىسەن، دەپ توۋلىدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ سَـَٔاوِيٓ إِلَىٰ جَبَلٖ يَعۡصِمُنِي مِنَ ٱلۡمَآءِۚ قَالَ لَا عَاصِمَ ٱلۡيَوۡمَ مِنۡ أَمۡرِ ٱللَّهِ إِلَّا مَن رَّحِمَۚ وَحَالَ بَيۡنَهُمَا ٱلۡمَوۡجُ فَكَانَ مِنَ ٱلۡمُغۡرَقِينَ
نۇھنىڭ ئوغلى ئۇنىڭغا: مەن ئېگىز تاغقا چىقىۋالىمەن، تاغ مېنى سۇ ئېقىتىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ، دېدى. نۇھ ئوغلىغا: بۈگۈن شەپقەتلىك ئاللاھ ئۆز رەھمىتىگە ئېلىشنى خالىغان بەندىسىدىن باشقا ھېچكىم تۇپان بالاسىدىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى پەقەت ئاللاھلا غەرق بوپكېتىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ، دېدى. شۇ ئەسنادا نۇھ بىلەن كاپىر ئوغلىنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن توپاندا غەرق بولغۇچىلاردىن بوپكەتتى.
تفسیرهای عربی:
وَقِيلَ يَٰٓأَرۡضُ ٱبۡلَعِي مَآءَكِ وَيَٰسَمَآءُ أَقۡلِعِي وَغِيضَ ٱلۡمَآءُ وَقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ وَٱسۡتَوَتۡ عَلَى ٱلۡجُودِيِّۖ وَقِيلَ بُعۡدٗا لِّلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئاللاھ تۇپان بالاسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زېمىنغا: ئى زېمىن، سۈيۈڭنى يۇتقىن، دېدى. ئاسمانغىمۇ: ئى ئاسمان، ئەمدى توختا، يامغۇر ياغدۇرما، دەپ بۇيرۇق قىلدى. سۇ بىردىنلا كېمىيىپ، يەر يۈزى قۇرىدى، ئاللاھ كاپىرلارنى ھالاك قىلىۋەتتى، كېمە جۇدىي تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى. ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر ئۇنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن ۋە ھالاك بوپكەتسۇن، دېيىلدى.
تفسیرهای عربی:
وَنَادَىٰ نُوحٞ رَّبَّهُۥ فَقَالَ رَبِّ إِنَّ ٱبۡنِي مِنۡ أَهۡلِي وَإِنَّ وَعۡدَكَ ٱلۡحَقُّ وَأَنتَ أَحۡكَمُ ٱلۡحَٰكِمِينَ
نۇھ پەرۋەردىگارىغا يېلىنىپ: ئەي پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم ھەقىقەتەن مېنىڭ ئائىلەمدىن ئىدى، سەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ۋەدە قىلغان ئىدىڭ، شەكسىزكى سېنىڭ ۋەدەڭ راستتۇركى، سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن. سەن بولساڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەڭ ئادالەتلىكى ۋە ئەڭ ياخشى بىلگۈچىسەن، دېدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• بيان عادة المشركين في الاستهزاء والسخرية بالأنبياء وأتباعهم.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر مۇشرىكلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان ئادىتى بارلىقىنى،

• بيان سُنَّة الله في الناس وهي أن أكثرهم لا يؤمنون.
ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئىچىدە تۇتقان يولىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتمايدۇ.

• لا ملجأ من الله إلا إليه، ولا عاصم من أمره إلا هو سبحانه.
پەقەت ئاللاھقىلا ئىلتىجا قىلىشنى، ئۇنىڭ ئازابىدىن شۇنىڭدىن باشقا ساقلاپ قالغۇچى يوقلۇقىنى بايان قىلىدۇ.

قَالَ يَٰنُوحُ إِنَّهُۥ لَيۡسَ مِنۡ أَهۡلِكَۖ إِنَّهُۥ عَمَلٌ غَيۡرُ صَٰلِحٖۖ فَلَا تَسۡـَٔلۡنِ مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٌۖ إِنِّيٓ أَعِظُكَ أَن تَكُونَ مِنَ ٱلۡجَٰهِلِينَ
ئاللاھ نۇھقا ئېيتتى: ئەي نۇھ! سەن قۇتقۇزۇپ قېلىشىمنى سورىغان ئوغلۇڭ مەن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلغان ئائىلەڭدىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ كاپىردۇر ھەم سېنىڭ بۇ تىلىكىڭ ساڭا مۇناسىپ ئەمەس، سەندەك بىر ئادەمگە بۇنداق قىلىش ياراشمايدۇ. شۇڭا مەلۇماتىڭ بولمىغان ئىشلارنى مەندىن سورىمىغىن. شەكسىزكى مەن سېنى نادانلاردىن بوپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرىمەن. بولمىسا سەن مېنىڭ ئىلمىم ۋە ھېكمىتىمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نەرسىنى تىلەيسەن.
تفسیرهای عربی:
قَالَ رَبِّ إِنِّيٓ أَعُوذُ بِكَ أَنۡ أَسۡـَٔلَكَ مَا لَيۡسَ لِي بِهِۦ عِلۡمٞۖ وَإِلَّا تَغۡفِرۡ لِي وَتَرۡحَمۡنِيٓ أَكُن مِّنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
نۇھ ئېيتتى: ئەي پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ بىلمىگەن نەرسىنى سوراپ سېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن. ئەگەر گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە مېنى ئۆز رەھمىتىڭگە ئالمىساڭ، ئاخىرەتتىكى نېسىۋىلىرىدىن قۇرۇق قالغان زىيانكارلاردىن بوپقالىمەن.
تفسیرهای عربی:
قِيلَ يَٰنُوحُ ٱهۡبِطۡ بِسَلَٰمٖ مِّنَّا وَبَرَكَٰتٍ عَلَيۡكَ وَعَلَىٰٓ أُمَمٖ مِّمَّن مَّعَكَۚ وَأُمَمٞ سَنُمَتِّعُهُمۡ ثُمَّ يَمَسُّهُم مِّنَّا عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئاللاھ نۇھقا ئېيتتى: ئەي نۇھ! كېمىدىن تىنچ-ئامان ھالەتتە، ئاللاھنىڭ ساڭا ۋە سەن بىلەن بىرگە كېمىگە چىققان مۇئمىنلەرنىڭ سەندىن كېيىن دۇنياغا كېلىدىغان ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلغان چەكسىز نېئمەتلىرى ئىچىگە چۈشۈڭلار. دۇنيادا ئۇلارنىڭ يەنە بىر تۈركۈم كاپىر ئەۋلادلىرىمۇ باركى، بىز ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادىنلا بەھرىمەن قىلىپ، ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئاخىرەتتە بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
تِلۡكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡغَيۡبِ نُوحِيهَآ إِلَيۡكَۖ مَا كُنتَ تَعۡلَمُهَآ أَنتَ وَلَا قَوۡمُكَ مِن قَبۡلِ هَٰذَاۖ فَٱصۡبِرۡۖ إِنَّ ٱلۡعَٰقِبَةَ لِلۡمُتَّقِينَ
نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ قىسسىسى غەيىبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر. ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا بۇنى ۋەھىي قىلىشتىن بۇرۇن نە سەن، نە قەۋمىڭ بۇ ئىشلارنى بىلمەيتتىڭلار. شۇڭا خۇددى نۇھقا ئوخشاش، قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە ئىنكار قىلىشلىرىغا سەۋرچان بولغىن. چۈنكى نۇسرەت ۋە غەلىبە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرگەن ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرغان كىشىلەرگە مەنسۇپتۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمۡ هُودٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥٓۖ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا مُفۡتَرُونَ
بىز ئادقا قېرىندىشى ھۇدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ھۇد ئۇلارغا: ئەي قەۋمىم، يەككە- يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلماڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدۇڭلار يوق. سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكى بار دىگەن دەۋايىڭلاردا پەقەت يالغانچىسىلەر، دېدى.
تفسیرهای عربی:
يَٰقَوۡمِ لَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ أَجۡرًاۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَى ٱلَّذِي فَطَرَنِيٓۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىمگە ۋە ئۇنىڭ تەرىپىگە چاقىرغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ، چاقىرىقىمغا ئاۋاز قوشمامسىلەر؟
تفسیرهای عربی:
وَيَٰقَوۡمِ ٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِ يُرۡسِلِ ٱلسَّمَآءَ عَلَيۡكُم مِّدۡرَارٗا وَيَزِدۡكُمۡ قُوَّةً إِلَىٰ قُوَّتِكُمۡ وَلَا تَتَوَلَّوۡاْ مُجۡرِمِينَ
ئەي قەۋمىم! ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، (ئەڭ چوڭى شېرىك بولغان) گۇناھلىرىڭلاردىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلاركى، ئۇ سىلەرگە بۇنىڭغا قارىتا مول يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق مۇكاپات بېرىدۇ، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە مال-مۈلۈكۈڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىش ئارقىلىق كۈچۈڭلارغا كۈچ قاتىدۇ. چاقىرىقىمدىن قاچماڭلار، بولمىسا چاقىرىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقىڭلار ھەمدە مەن ئېلىپ كەلگەن دىننى يالغانغا چىقارغانلىقىڭلار سەۋەبلىك جىنايەتچىلەردىن بوپقالىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ يَٰهُودُ مَا جِئۡتَنَا بِبَيِّنَةٖ وَمَا نَحۡنُ بِتَارِكِيٓ ءَالِهَتِنَا عَن قَوۡلِكَ وَمَا نَحۡنُ لَكَ بِمُؤۡمِنِينَ
ھۇدنىڭ قەۋمى: ھەي ھۇد! سەن تېخى بىزنى ئىشەندۈرىدىغان روشەن پاكىت كەلتۈرمىدىڭ. بىز سېنىڭ قۇرۇق گېپىڭ تۈپەيلىدىن ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشنى تاشلىمايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز سېنىڭ ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دەۋالغىنىڭغا ئىشەنگىنىمىز يوق، دېيىشتى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• لا يملك الأنبياء الشفاعة لمن كفر بالله حتى لو كانوا أبناءهم.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر پەيغەمبەرلەر ئاللاھقا كاپىر بولغانلار گەرچە ئۆز پەرزەنتلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا شاپائەت قىلالمايدىغانلىقىنى،

• عفة الداعية وتنزهه عما في أيدي الناس أقرب للقبول منه.
باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالمىغان دەۋەتچىنىڭ دەۋىتى تېخىمۇ تېز قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى،

• فضل الاستغفار والتوبة، وأنهما سبب إنزال المطر وزيادة الذرية والأموال.
تەۋبە ۋە ئىستىغفار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتىنى ھەمدە بۇ ئىشلارنىڭ يامغۇر يېغىش، پەرزەنت ۋە مال-دۇنيانىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

إِن نَّقُولُ إِلَّا ٱعۡتَرَىٰكَ بَعۡضُ ءَالِهَتِنَا بِسُوٓءٖۗ قَالَ إِنِّيٓ أُشۡهِدُ ٱللَّهَ وَٱشۡهَدُوٓاْ أَنِّي بَرِيٓءٞ مِّمَّا تُشۡرِكُونَ
سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزغا چۇقۇنۇشتىن چەكلىگەنلىكىڭ ئۈچۈن سېنى پەقەت بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىپ قويۇپتۇ، دەيمىز. ھۇد ئېيتتى: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن. سىلەر مېنى ساراڭ قىلىپ قويغانلىقىنى دەۋا قىلغان ئىلاھلىرىڭلار بىلەن بىرلىشىپ ماڭا سۈيقەست قىلىڭلار، ئاندىن ماڭا ئارام بەرمەڭلار.
تفسیرهای عربی:
مِن دُونِهِۦۖ فَكِيدُونِي جَمِيعٗا ثُمَّ لَا تُنظِرُونِ
سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزغا چۇقۇنۇشتىن چەكلىگەنلىكىڭ ئۈچۈن سېنى پەقەت بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىپ قويۇپتۇ، دەيمىز. ھۇد ئېيتتى: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن. سىلەر مېنى ساراڭ قىلىپ قويغانلىقىنى دەۋا قىلغان ئىلاھلىرىڭلار بىلەن بىرلىشىپ ماڭا سۈيقەست قىلىڭلار، ئاندىن ماڭا ئارام بەرمەڭلار.
تفسیرهای عربی:
إِنِّي تَوَكَّلۡتُ عَلَى ٱللَّهِ رَبِّي وَرَبِّكُمۚ مَّا مِن دَآبَّةٍ إِلَّا هُوَ ءَاخِذُۢ بِنَاصِيَتِهَآۚ إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
مەن ھەقىقەتەن يەككە - يېگانە ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم، ئىشلىرىمدا شۇنىڭغا تاياندىم، ئۇ مېنىڭ ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ سەلتەنىتى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇنىڭغا باش ئەگمىگەن ھېچ نەرسە يوق. ئاللاھ ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىم ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئۈستىدە بولۇپ، سىلەرنى ھەرگىزمۇ ماڭا ھۆكۈمران قىلىپ قويمايدۇ، چۈنكى مەن ھەق ئۈستىدە، سىلەر بولساڭلار سەپسەتىگە ئاساسلىنىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَقَدۡ أَبۡلَغۡتُكُم مَّآ أُرۡسِلۡتُ بِهِۦٓ إِلَيۡكُمۡۚ وَيَسۡتَخۡلِفُ رَبِّي قَوۡمًا غَيۡرَكُمۡ وَلَا تَضُرُّونَهُۥ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٍ حَفِيظٞ
ئەگەر سىلەر مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىدىن يۈز ئۆرۈپ قاچساڭلار (ماڭا ھېچ زىيىنى يوق). چۈنكى مېنىڭ ۋەزىپەم پەقەت سىلەرگە يەتكۈزۈش بولۇپ، شەكسىزكى مەن ئاللاھ مېنى پەيغەمبەر قىلىپ، يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان دىننى تولۇق يەتكۈزدۈم. ئەمدى سىلەرگە قارشى پاكىت بار، پەرۋەردىگارىم چوقۇم سىلەرنى ھالاك قىلىپ، ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. سىلەر ئىنكار قىلىش ۋە يۈز ئۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىدىن بىھاجەتتۇر. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىم ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ مېنى سىلەر پىلانلىغان سۇيىقەستلەردىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَمَّا جَآءَ أَمۡرُنَا نَجَّيۡنَا هُودٗا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ بِرَحۡمَةٖ مِّنَّا وَنَجَّيۡنَٰهُم مِّنۡ عَذَابٍ غَلِيظٖ
ئۇلارنى ھالاك قىلىش بۇيرۇقىمىز كەلگەندە ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇئمىنلەرنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى ھۇدنىڭ كاپىر قەۋمىنى ئازابلىغان قاتتىق ئازابتىن خالاس قىلدۇق.
تفسیرهای عربی:
وَتِلۡكَ عَادٞۖ جَحَدُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ وَعَصَوۡاْ رُسُلَهُۥ وَٱتَّبَعُوٓاْ أَمۡرَ كُلِّ جَبَّارٍ عَنِيدٖ
ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ مۆجىزلىرىنى ئىنكار قىلىپ، پەيغەمبىرى ھۇدقا ئاسىيلىق قىلدى، ھەقكە چوڭچىلىق قىلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلمايدىغان ۋە بويسۇنمايدىغان ھەر قانداق زوراۋانغا ئىتائەت قىلدى.
تفسیرهای عربی:
وَأُتۡبِعُواْ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا لَعۡنَةٗ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ أَلَآ إِنَّ عَادٗا كَفَرُواْ رَبَّهُمۡۗ أَلَا بُعۡدٗا لِّعَادٖ قَوۡمِ هُودٖ
ئۇلار بۇ دۇنيادا خارلىققا مەھكۇم بولۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، شۇنداقلا قىيامەت كۈنىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئاللاھ ئۇلارنى ھەر قانداق ياخشىلىقتىن يىراق، ھەر قانداق يامانلىققا يېقىن قىلىۋەتتى.
تفسیرهای عربی:
۞ وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمۡ صَٰلِحٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ هُوَ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ وَٱسۡتَعۡمَرَكُمۡ فِيهَا فَٱسۡتَغۡفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِۚ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٞ مُّجِيبٞ
سەمۇدقا قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەي قەۋمىم! يەككە - يېگانە ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق مەبۇد يوق. ئۇ ئاتاڭلار ئادەمنى زېمىننىڭ توپىسىدىن يارىتىش ئارقىلىق سىلەرنىمۇ شۇنىڭدىن ياراتتى ۋە سىلەرنى زېمىننى گۈللەندۈرگۈچى قىلدى. ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، گۇناھ- مەئسىيەتتىن قول ئۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قايتىڭلار. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىم ئۆزىگە ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغانلارغا يېقىندۇر، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ يَٰصَٰلِحُ قَدۡ كُنتَ فِينَا مَرۡجُوّٗا قَبۡلَ هَٰذَآۖ أَتَنۡهَىٰنَآ أَن نَّعۡبُدَ مَا يَعۡبُدُ ءَابَآؤُنَا وَإِنَّنَا لَفِي شَكّٖ مِّمَّا تَدۡعُونَآ إِلَيۡهِ مُرِيبٖ
سالىھنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي سالىھ! بۇ چاقىرىقىڭدىن ئىلگىرى سەن ئارىمىزدا يۈكسەك مەرتىۋە ساھىبى ئىدىڭ، بىز سېنىڭ كۆيۈمچان، مەسلىھەت سېلىنىدىغان، ئەقىللىق ئادەم بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق. ئەي سالىھ! سەن بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كەلگەن بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىمەكچىمۇسەن؟ شەك- شۈبھىسىزكى، بىز سېنىڭ بىر ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىشقا قىلغان چاقىرىقىڭدىن شەك قىلىۋاتىمىز، بۇ چاقىرىقىڭ بىزنى، سېنى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانمىكى دەپ قارايدىغان قىلىپ قويۇۋاتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• من وسائل المشركين في التنفير من الرسل الاتهام بخفة العقل والجنون.
پەيغەمبەرلەرگە نادان، ساراڭ دەپ تۆھمەت قىلىش مۇشرىكلارنىڭ كىشىلەرنى پەيغەمبەرلەردىن قاچۇرۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

• ضعف المشركين في كيدهم وعدائهم، فهم خاضعون لله مقهورون تحت أمره وسلطانه.
مۇشرىكلارنىڭ سۇيىقەست ۋە دۈشمەنلىك قىلىشتا ئاجىزلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭمۇ ئاللاھقا بويسۇنىدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• أدلة الربوبية من الخلق والإنشاء مقتضية لتوحيد الألوهية وترك ما سوى الله.
يارىتىش ۋە پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت تەۋھىد رەبۇبىيەتنىڭ دەلىللىرى ئاللاھنىڭ يېگانە ئىلاھلىقىنى قوبۇل قىلىشنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىنى تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

قَالَ يَٰقَوۡمِ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّي وَءَاتَىٰنِي مِنۡهُ رَحۡمَةٗ فَمَن يَنصُرُنِي مِنَ ٱللَّهِ إِنۡ عَصَيۡتُهُۥۖ فَمَا تَزِيدُونَنِي غَيۡرَ تَخۡسِيرٖ
سالىھ قەۋمىگە جاۋابەن: ئەي قەۋمىم! قېنى دەپ بېقىڭلار، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانسام، ئۇ ماڭا پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت رەھمىتىنى ئاتا قىلغان بولسا، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى قىلماسلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلسام، ئۇنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ سىلەر مېنى ئازدۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن يىراقلاشتۇرۇشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيسىلەر، دېدى.
تفسیرهای عربی:
وَيَٰقَوۡمِ هَٰذِهِۦ نَاقَةُ ٱللَّهِ لَكُمۡ ءَايَةٗۖ فَذَرُوهَا تَأۡكُلۡ فِيٓ أَرۡضِ ٱللَّهِۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٖ فَيَأۡخُذَكُمۡ عَذَابٞ قَرِيبٞ
ئەي قەۋمىم! بۇ ئاللاھنىڭ تۆگىسى مېنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىمنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇڭا ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئوتلىغىلى قويۇڭلار، ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەڭلار. بولمىسا سىلەرگە تۆگىنىڭ قارنىنى يېرىشىڭلارغىلا يېقىن ئازاب كېلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَعَقَرُوهَا فَقَالَ تَمَتَّعُواْ فِي دَارِكُمۡ ثَلَٰثَةَ أَيَّامٖۖ ذَٰلِكَ وَعۡدٌ غَيۡرُ مَكۡذُوبٖ
ئۇلار ئىنكارچىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ تۆگىنى بوغۇزلىدى. ئاندىن سالىھ ئۇلارغا: زېمىنىڭلاردا تۆگىنىڭ قارنىنى يېرىۋەتكىنىڭلاردىن باشلاپ ئۈچ كۈن ياشىۋېلىڭلار. ئاندىن كېيىن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىشى شەكسىز بولۇپ، ھەرگىز يالغان ئەمەس، ئەكسىچە راست ۋەدىدۇر.
تفسیرهای عربی:
فَلَمَّا جَآءَ أَمۡرُنَا نَجَّيۡنَا صَٰلِحٗا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ بِرَحۡمَةٖ مِّنَّا وَمِنۡ خِزۡيِ يَوۡمِئِذٍۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلۡقَوِيُّ ٱلۡعَزِيزُ
بىزنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە بولغان مۇئمىنلەرنى ئۆز رەھمىتىمىز بىلەن ئامان قالدۇرۇپ، ئاشۇ كۈننىڭ خار - زەبۇنلۇقىدىن قۇتقۇزدۇق. ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان كۈچلۈك، غالىب زاتتۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ھەقنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىۋەتكەن.
تفسیرهای عربی:
وَأَخَذَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ ٱلصَّيۡحَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دِيَٰرِهِمۡ جَٰثِمِينَ
سەمۇد قەۋمىنى ھالاك قىلغۇچى قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى - دە، ئۇلار ئاۋازنىڭ دەھشىتىدىن ئۆلدى ھەمدە يۈزلىرى توپىغا مىلەنگەن پېتى دۈم چۈشتى.
تفسیرهای عربی:
كَأَن لَّمۡ يَغۡنَوۡاْ فِيهَآۗ أَلَآ إِنَّ ثَمُودَاْ كَفَرُواْ رَبَّهُمۡۗ أَلَا بُعۡدٗا لِّثَمُودَ
گوياكى ئۇلار بۇندىن ئىلگىرى يۇرتلىرىدا نېئمەت ۋە باياشاتلىق ئىچىدە تۇرۇپ باقمىغاندەك بوپكەتتى. بىلىڭلاركى، سەمۇد ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ جَآءَتۡ رُسُلُنَآ إِبۡرَٰهِيمَ بِٱلۡبُشۡرَىٰ قَالُواْ سَلَٰمٗاۖ قَالَ سَلَٰمٞۖ فَمَا لَبِثَ أَن جَآءَ بِعِجۡلٍ حَنِيذٖ
شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر بىر قانچە ئەرنىڭ قىياپىتىدە ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ۋە ئايالىغا ئىسھاق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنياغا كېلىدىغان ياقۇپ بىلەن خۇشخەۋەر بەردى. پەرىشتىلەر: ساڭا ئامانلىق تىلەيمىز، دېدى. ئىبراھىممۇ ئۇلارغا جاۋابەن: سىلەرگىمۇ ئامانلىق تىلەيمەن، دېدى ۋە ئالدىراپ بېرىپ، ئۇلارنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن موزاي كاۋىپى ئېلىپ كەلدى، چۈنكى ئۇ يېنىغا كەلگەنلەرنى ئىنسان دەپ ئويلايتتى.
تفسیرهای عربی:
فَلَمَّا رَءَآ أَيۡدِيَهُمۡ لَا تَصِلُ إِلَيۡهِ نَكِرَهُمۡ وَأَوۡجَسَ مِنۡهُمۡ خِيفَةٗۚ قَالُواْ لَا تَخَفۡ إِنَّآ أُرۡسِلۡنَآ إِلَىٰ قَوۡمِ لُوطٖ
ئىبراھىم ئۇلارنىڭ گۆشكە قول ئۇزاتمىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدى ھەمدە كۆڭلىدە ئۇلاردىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ قورققانلىقىنى ھېس قىلىپ: بىزدىن ئەنسىرىمىگىن. بىزنى ئاللاھ لۇتنىڭ قەۋمىنى ئازابلاش ئۈچۈن ئەۋەتتى، دېدى.
تفسیرهای عربی:
وَٱمۡرَأَتُهُۥ قَآئِمَةٞ فَضَحِكَتۡ فَبَشَّرۡنَٰهَا بِإِسۡحَٰقَ وَمِن وَرَآءِ إِسۡحَٰقَ يَعۡقُوبَ
(ئۇ يەردە) ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ بار بولۇپ، بىز ئۇنىڭغا بىر خۇشخەۋەرنى يەتكۈزدۇقكى، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىسھاقنى تۇغىدىغانلىقى، ئىسھاقنىڭ يەئقۇب ئىسىملىك بالىسى بولىدىغانلىقى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سارە ئاڭلىغان بۇ خەۋەردىن شاتلىنىپ كۈلۈمسىرىدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• عناد واستكبار المشركين حيث لم يؤمنوا بآية صالح عليه السلام وهي من أعظم الآيات.
مۇشرىكلار شۇ دەرىجىدە تەرسا ۋە تەكەببۇر ئىدىكى، ئۇلار ئەڭ بۈيۈك مۆجىزە ھېسابلىنىدىغان سالىھنىڭ مۆجىزىسىگىمۇ ئىشەنمىدى.

• استحباب تبشير المؤمن بما هو خير له.
مۇئمىنگە ياخشىلىق بىلەن خۇشبېشارەت بېرىشنىڭ ياخشى كۆرۈلىشى.

• مشروعية السلام لمن دخل على غيره، ووجوب الرد.
باشقىلارنىڭ يېنىغا كىرگەن كىشىنىڭ سالام قىلىشى يوللۇق، سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش ۋاجىب.

• وجوب إكرام الضيف.
مېھماننى ھۆرمەتلەش ۋاجىب.

قَالَتۡ يَٰوَيۡلَتَىٰٓ ءَأَلِدُ وَأَنَا۠ عَجُوزٞ وَهَٰذَا بَعۡلِي شَيۡخًاۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيۡءٌ عَجِيبٞ
پەرىشتىلەر سارەگە بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزگەن چاغدا ئۇ ھەيرانلىق بىلەن: مەن ئاللىبۇرۇن تۇغۇتتىن قالغان موماي تۇرسام، ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن بوۋاي تۇرسا، قانداقسىگە تۇغىمەن؟ بۇ ياشتا تۇغۇش ئادەتتە يۈز بەرمەيدىغان غەلىتە بىر ئىشقۇ؟! دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالُوٓاْ أَتَعۡجَبِينَ مِنۡ أَمۡرِ ٱللَّهِۖ رَحۡمَتُ ٱللَّهِ وَبَرَكَٰتُهُۥ عَلَيۡكُمۡ أَهۡلَ ٱلۡبَيۡتِۚ إِنَّهُۥ حَمِيدٞ مَّجِيدٞ
پەرىشتىلەر سارەنىڭ بۇ خەۋەردىن ھەيران قالغانلىقىنى كۆرۈپ: ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرىدىن ھەيران قېلىۋاتامسەن؟ سەندەك بىرىگە ئاللاھنىڭ بۇنچىلىك ئىشقا قادىر ئىكەنلىكى مەخپىي ئەمەس. ئەي ئىبراھىم ئائىلىسى! -ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن- شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۇلۇغلاشقا ۋە ماختاشقا لايىق زاتتۇر، دېدى.
تفسیرهای عربی:
فَلَمَّا ذَهَبَ عَنۡ إِبۡرَٰهِيمَ ٱلرَّوۡعُ وَجَآءَتۡهُ ٱلۡبُشۡرَىٰ يُجَٰدِلُنَا فِي قَوۡمِ لُوطٍ
ئىبراھىم بەرگەن زىياپىتىگە ئېغىز تەگمىگەن مېھمانلىرىنىڭ پەرىشتىلەر ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلاردىن ھېس قىلغان قورقۇنچ بىردىنلا يوقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئالدى بىلەن ئىسھاق، ئاندىن كېيىن يەئقۇب ئىسىملىك بالىسى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇشخەۋەر كەلگەندە لۇت قەۋمىدىن ئازابنى كېچىكتۈرۈپ، لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ھەققىدە ئەلچىلىرىمىز بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ إِبۡرَٰهِيمَ لَحَلِيمٌ أَوَّٰهٞ مُّنِيبٞ
ئىبراھىم ھەقىقەتەن ئازابنىڭ كېچىكىشىنى ياخشى كۆرىدىغان، پەرۋەردىگارىغا كۆپ يالۋۇرىدىغان، كۆپ دۇئا قىلىدىغان ۋە تەۋبە قىلىدىغان مۇلايىم زاتتۇر.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُ أَعۡرِضۡ عَنۡ هَٰذَآۖ إِنَّهُۥ قَدۡ جَآءَ أَمۡرُ رَبِّكَۖ وَإِنَّهُمۡ ءَاتِيهِمۡ عَذَابٌ غَيۡرُ مَرۡدُودٖ
پەرىشتىلەر: ئەي ئىبراھىم! لۇت قەۋمى ھەققىدىكى بۇ مۇنازىرىنى قويغىن. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا ئالدىن بېكىتكەن ئازابنى چۈشۈرۈش ھەققىدىكى بۇيرۇقى كېلىپ بولدى، لۇت قەۋمىگە چوقۇم ئېغىر ئازاب كېلىدۇ، بۇنى نە مۇنازىرىلىشىش بىلەن، نە دۇئا قىلىش بىلەن قايتۇرغىلى بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَمَّا جَآءَتۡ رُسُلُنَا لُوطٗا سِيٓءَ بِهِمۡ وَضَاقَ بِهِمۡ ذَرۡعٗا وَقَالَ هَٰذَا يَوۡمٌ عَصِيبٞ
پەرىشتىلەر لۇتنىڭ يېنىغا ئىنسان شەكىلدە كەلگەن بولغاچقا، لۇت ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىدىن بىئارام بولۇپ، ئاياللارنى قويۇپ ئەرلەردىن شەھۋىتىنى قاندۇرىدىغان قەۋمىنىڭ ئۇلارغا بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىكى سىقىلدى ھەمدە: بۇ قىيىن بىر كۈندۇر، دېدى. چۈنكى ئۇ قەۋمىنى مېھمانلىرىغا چېقىلىدۇ، دەپ ئويلايتتى.
تفسیرهای عربی:
وَجَآءَهُۥ قَوۡمُهُۥ يُهۡرَعُونَ إِلَيۡهِ وَمِن قَبۡلُ كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ هَٰٓؤُلَآءِ بَنَاتِي هُنَّ أَطۡهَرُ لَكُمۡۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَلَا تُخۡزُونِ فِي ضَيۡفِيٓۖ أَلَيۡسَ مِنكُمۡ رَجُلٞ رَّشِيدٞ
لۇت قەۋمى ئۇنىڭ مېھمانلىرى بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ئالدىراپ-سالدىراپ كېلىشتى. بۇرۇندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئاياللارنى قويۇپ ئەرلەر ئارقىلىق شەھۋەتلىرىنى قاندۇرىدىغان مۇشۇنداق ناچار ئادىتى بار ئىدى. لۇت قەۋمىنى جىنايەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مېھمانلىرى ئالدىدا بولسىمۇ ئۆزىنىڭ يۈزىنى قىلىشىنى ئېيتىپ: ئۆزۈڭلارنىڭ قىز-ئاياللىرىدىن چىققان بۇ قىزلىرىمنى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ناچار ئىشلارنى قىلغاندىن ھالالدۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىم ئالدىدا مېنى نومۇسقا قويماڭلار. ئەي قەۋمىم! ئاراڭلاردا بۇ قەبىھ قىلمىشتىن توسىدىغان ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىرەر ئادەم يوقمۇ؟ دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ لَقَدۡ عَلِمۡتَ مَا لَنَا فِي بَنَاتِكَ مِنۡ حَقّٖ وَإِنَّكَ لَتَعۡلَمُ مَا نُرِيدُ
لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ھەي لۇت! سەنمۇ بىلىسەن، بىز سېنىڭ قىزلىرىڭ ۋە قەۋمىڭ ئىچىدىكى ئاياللارغا قىزىقمايمىز. سەن بىزنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىمىزنى ئوبدان بىلىسەن. بىزنىڭ كۆڭلىمىز پەقەت ئەرلەرنىلا تارتىدۇ، دېيىشتى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ لَوۡ أَنَّ لِي بِكُمۡ قُوَّةً أَوۡ ءَاوِيٓ إِلَىٰ رُكۡنٖ شَدِيدٖ
لۇت: كاشكى مېنىڭ سىلەرگە قارشى تۇردىغان كۈچ -قۇۋۋىتىم ياكى مېنى ھىمايە قىلىدىغان جەمەتىم بولسا ئىدى، سىلەرنى مېھمانلىرىمغا چىقىلىشتىن توسۇپ قالغان بولاتتىم، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ يَٰلُوطُ إِنَّا رُسُلُ رَبِّكَ لَن يَصِلُوٓاْ إِلَيۡكَۖ فَأَسۡرِ بِأَهۡلِكَ بِقِطۡعٖ مِّنَ ٱلَّيۡلِ وَلَا يَلۡتَفِتۡ مِنكُمۡ أَحَدٌ إِلَّا ٱمۡرَأَتَكَۖ إِنَّهُۥ مُصِيبُهَا مَآ أَصَابَهُمۡۚ إِنَّ مَوۡعِدَهُمُ ٱلصُّبۡحُۚ أَلَيۡسَ ٱلصُّبۡحُ بِقَرِيبٖ
پەرىشتىلەر لۇتقا: ئەي لۇت! شۈبھىسىزكى بىز ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەردۇرمىز، قەۋمىڭ ساڭا ھەرگىزمۇ يامانلىق قىلالمايدۇ. سەن ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ زۇلمەت ۋاقتىدا بۇ كەنتتىن چىقىپ كەتكىن. سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، پەقەت ئايالىڭلا چوقۇم بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلىپ ئارقىسىغا قارايدۇ. چۈنكى ئۇمۇ قەۋمىڭگە ئوخشاش ئازابقا دۇچار بولىدۇ. شەكسىزكى ئۇلار ھالاك قىلىنىدىغان ۋاقىت تاڭ ۋاقتى بولۇپ، بۇ يېقىن ۋاقىتتۇر، دېدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• بيان فضل ومنزلة خليل الله إبراهيم عليه السلام، وأهل بيته.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ دوستى ئىبراھىمنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە مەرتىۋىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

• مشروعية الجدال عمن يُرجى له الإيمان قبل الرفع إلى الحاكم.
ئىمان ئېيتىشى ئۈمىد قىلىنىدىغان كىشى ھەققىدە ھاكىمغا ئېلىپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى مۇنازىرىلىشىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• بيان فظاعة وقبح عمل قوم لوط.
لۇت قەۋمىنىڭ قىلمىشىنىڭ ئىنتايىن قەبىھ ۋە ناچار قىلمىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

فَلَمَّا جَآءَ أَمۡرُنَا جَعَلۡنَا عَٰلِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهَا حِجَارَةٗ مِّن سِجِّيلٖ مَّنضُودٖ
لۇت قەۋمىنى ھالاك قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىمىز كەلگەندە ئۇلارنىڭ كەنتىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، دۈم كۆمتۈرۈۋەتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئارقىمۇئارقا ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق.
تفسیرهای عربی:
مُّسَوَّمَةً عِندَ رَبِّكَۖ وَمَا هِيَ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ بِبَعِيدٖ
بۇ تاشلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئالاھىدە بەلگە سېلىنغان بولۇپ، بۇ تاشلار قۇرەيش كاپىرلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا زالىملارغىمۇ يىراق ئەمەس، ئەكسىچە يېقىندۇر. ئاللاھ ئۇلارغىمۇ بۇ تاشلارنى قاچان چۈشۈرۈشنى تەقدىر قىلسا شۇ ھامانلا چۈشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ وَإِلَىٰ مَدۡيَنَ أَخَاهُمۡ شُعَيۡبٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ وَلَا تَنقُصُواْ ٱلۡمِكۡيَالَ وَٱلۡمِيزَانَۖ إِنِّيٓ أَرَىٰكُم بِخَيۡرٖ وَإِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٖ مُّحِيطٖ
بىز مەديەن ئاھالىسىگە قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. شۇئەيب ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! يەككە - يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق مەبۇد يوق. باشقىلارغا كەمچىلەپ ۋە تارتىپ بەرگىنىڭلاردا جىڭ، تارازىنى كەم قىلماڭلار. شەكسىزكى مەن سىلەرنىڭ باي- باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭا گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاراڭلاردىكى ھېچكىم ئايرىلىپ قالمايدىغان كۈننىڭ ئازابى كېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، ئۇ كۈندە سىلەر ئازابتىن قېچىپ، مۆكۈۋالىدىغان ھېچقانداق جاي تاپالمايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
وَيَٰقَوۡمِ أَوۡفُواْ ٱلۡمِكۡيَالَ وَٱلۡمِيزَانَ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَلَا تَبۡخَسُواْ ٱلنَّاسَ أَشۡيَآءَهُمۡ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ
ئەي قەۋمىم! ئەگەر باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرمەكچى بولساڭلار، ئۆلچەم ۋە تارازىنى ئادىللىق بىلەن تولۇق قىلىڭلار، ئۆلچەم ۋە تارازىنى كەم قىلىش، ئالداش ۋە ساختىپەزلىك قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقلىرىدىن ھېچ نەرسىنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە قاتىللىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار.
تفسیرهای عربی:
بَقِيَّتُ ٱللَّهِ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَۚ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيۡكُم بِحَفِيظٖ
باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادىللىق بىلەن بەرگىنىڭلاردىن كېيىن ئاللاھنىڭ سىلەرگە قالدۇرغان ھالال رىزىق (ئۆلچەم ۋە تارازىدا) كەم بېرىپ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئېشىنچا نەرسىدىن كۆپ مەنپەئەتلىك ۋە بەرىكەتلىكراقتۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي مۇئمىن بولساڭلار مۇشۇ قالدۇققا رازى بولۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىرمۇبىر ساناپ، ھېسابلاپ تۇرىدىغان نازارەتچى ئەمەس. پەقەت بۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان زات مەخپىينى، ھەتتا پىچىرلاشقاننىمۇ بىلىپ تۇرىدىغان زاتتۇر.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ يَٰشُعَيۡبُ أَصَلَوٰتُكَ تَأۡمُرُكَ أَن نَّتۡرُكَ مَا يَعۡبُدُ ءَابَآؤُنَآ أَوۡ أَن نَّفۡعَلَ فِيٓ أَمۡوَٰلِنَا مَا نَشَٰٓؤُاْۖ إِنَّكَ لَأَنتَ ٱلۡحَلِيمُ ٱلرَّشِيدُ
شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي شۇئەيب! سېنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئوقۇغان نامىزىڭ سېنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلاشقا، ماللىرىمىزنى خالىغانچە ئىشلىتىپ، خالىغانچە كۆپەيتىشنى تاشلىشىمىزغا بۇيرۇمدۇ؟ شۈبھىسىزكى سەن تولىمۇ كۆڭلى- كۆكسى كەڭ، ئەقىللىق ئادەمكەنسەن. ئەمەلىيەتتە سەن بىزمۇ بىلگىنىمىزدەك، مۇشۇ چاقىرىقنى قىلىشتىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئەقىللىق، يىراقنى كۆرەر بىرى ئىدىڭ، ساڭا زادى نېمە بولدى؟ دېيىشتى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ يَٰقَوۡمِ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّي وَرَزَقَنِي مِنۡهُ رِزۡقًا حَسَنٗاۚ وَمَآ أُرِيدُ أَنۡ أُخَالِفَكُمۡ إِلَىٰ مَآ أَنۡهَىٰكُمۡ عَنۡهُۚ إِنۡ أُرِيدُ إِلَّا ٱلۡإِصۡلَٰحَ مَا ٱسۡتَطَعۡتُۚ وَمَا تَوۡفِيقِيٓ إِلَّا بِٱللَّهِۚ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُ وَإِلَيۡهِ أُنِيبُ
شۇئەيب قەۋمىگە مۇنداق دېدى: ئەي قەۋمىم! قېنى دەپ بېقىڭلار، مەن پەرۋەردىگارىمدىن كەلگەن روشەن دەلىل - پاكىت ئۈستىدە تۇرسام، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھالال رىزىق ۋە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغان تۇرسا، (مەن يەنە شۇنداق نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىم؟). مەن سىلەرنى بىر ئىشتىن توسۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزۈم ھەرگىز قىلمايمەن. مېنىڭ مەقسىتىم پەقەت قولۇمدىن كېلىشىچە پەرۋەردىگارىڭلارنى بىر دەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىش ئارقىلىق سىلەرنى ئىسلاھ قىلىشتۇر. مېنىڭ بۇنى قىلالىشىم پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ. مەن بارچە ئىشلىرىمىدا پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاخىرى ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• من سنن الله إهلاك الظالمين بأشد العقوبات وأفظعها.
يۇقىرىقى ئايەتلەر زالىملارنى ئەڭ ئېغىر ۋە ئېچىنىشلىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىش ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى،

• حرمة نقص الكيل والوزن وبخس الناس حقوقهم.
ئۆلچەم ۋە تارازىدا باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى كەم بېرىشنىڭ ھاراملىقىنى،

• وجوب الرضا بالحلال وإن قل.
گەرچە ئاز بولسىمۇ ھالالغا رازى بولۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى،

• فضل الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، ووجوب العمل بما يأمر الله به، والانتهاء عما ينهى عنه.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ پەزىلىتىنى، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

وَيَٰقَوۡمِ لَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شِقَاقِيٓ أَن يُصِيبَكُم مِّثۡلُ مَآ أَصَابَ قَوۡمَ نُوحٍ أَوۡ قَوۡمَ هُودٍ أَوۡ قَوۡمَ صَٰلِحٖۚ وَمَا قَوۡمُ لُوطٖ مِّنكُم بِبَعِيدٖ
ئەي قەۋمىم! سىلەرنىڭ ماڭا بولغان دۈشمەنلىكىڭلار مەن ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىشىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇنكى، بۇ سەۋەبتىن سىلەرنىڭمۇ نۇھنىڭ، ياكى ھۇدنىڭ، ياكى سالىھنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابقا دۇچار بولۇش خەۋپى بار. لۇتنىڭ قەۋمى سىلەردىن نە ۋاقىت، نە ئورۇن جەھەتتە يىراق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار دۇچار بولغان ئازابنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر، شۇڭا ئىبرەت ئېلىڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِۚ إِنَّ رَبِّي رَحِيمٞ وَدُودٞ
پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا گۇناھىڭلاردىن تەۋبە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىم تەۋبە قىلغۇچىلارغا كۆيۈمچاندۇر ۋە بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلىغۇچىلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ يَٰشُعَيۡبُ مَا نَفۡقَهُ كَثِيرٗا مِّمَّا تَقُولُ وَإِنَّا لَنَرَىٰكَ فِينَا ضَعِيفٗاۖ وَلَوۡلَا رَهۡطُكَ لَرَجَمۡنَٰكَۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡنَا بِعَزِيزٖ
شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي شۇئەيب! بىز سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەيمىز، چوقۇمكى بىز كۆزۈڭ ئاجىز ياكى قارغۇ بولغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى كۈچسىز ئادەم دەپ قارايمىز. ناۋادا سېنىڭ قەۋم - قېرىنداشلىرىڭ بولمىسا ئىدى، بىز سېنى تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتۇق، سەن بىزگە نىسبەتەن ئۆلتۈرۈۋېتىشكە قىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ئەتىۋارلىق ئەمەسسەن. بىز پەقەت قەۋم - قېرىنداشلىرىڭنىڭ يۈزىنى قىلىپ سېنى ئۆلتۈرمىدۇق، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ يَٰقَوۡمِ أَرَهۡطِيٓ أَعَزُّ عَلَيۡكُم مِّنَ ٱللَّهِ وَٱتَّخَذۡتُمُوهُ وَرَآءَكُمۡ ظِهۡرِيًّاۖ إِنَّ رَبِّي بِمَا تَعۡمَلُونَ مُحِيطٞ
شۇئەيب قەۋمىگە ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! مېنىڭ قەۋم - قېرىنداشلىرىم سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئەۋەتىلگەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتماي ئاللاھنى كۆزگە ئىلمىدىڭلار. سۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىم قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرنى شۇ قىلمىشلىرىڭلارغا قارىتا دۇنيادا ھالاك قىلىش ، ئاخىرەتتە ئازابلاش ئارقىلىق جازالايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيَٰقَوۡمِ ٱعۡمَلُواْ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمۡ إِنِّي عَٰمِلٞۖ سَوۡفَ تَعۡلَمُونَ مَن يَأۡتِيهِ عَذَابٞ يُخۡزِيهِ وَمَنۡ هُوَ كَٰذِبٞۖ وَٱرۡتَقِبُوٓاْ إِنِّي مَعَكُمۡ رَقِيبٞ
ئەي قەۋمىم! سىلەرمۇ قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئۆزۈڭلار تاللىغان ئۇسۇل بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، مەنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە ئۆزۈم تاللىغان ئۇسۇل بويىچە ئەمەل قىلاي. ئۇزۇنغا قالماي ئارىمىزدىن كىمنىڭ خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ دەۋاسىدا يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر. سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن كۈتىمەن، دېدى.
تفسیرهای عربی:
وَلَمَّا جَآءَ أَمۡرُنَا نَجَّيۡنَا شُعَيۡبٗا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ بِرَحۡمَةٖ مِّنَّا وَأَخَذَتِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ ٱلصَّيۡحَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دِيَٰرِهِمۡ جَٰثِمِينَ
شۇئەيبنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش بۇيرۇقىمىز كەلگەن چاغدا بىز شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى ئۆز رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. ئۇنىڭ قەۋمى ئىچىدىن زالىملارغا ھالاك قىلغۇچى ئېغىر ئازاب كەلدى - دە، ئۇلار شۇ ھامان ئۆلدى، يۈزلىرى توپىغا مىلەنگەن پېتى دۈم چۈشتى.
تفسیرهای عربی:
كَأَن لَّمۡ يَغۡنَوۡاْ فِيهَآۗ أَلَا بُعۡدٗا لِّمَدۡيَنَ كَمَا بَعِدَتۡ ثَمُودُ
گوياكى ئۇلار بۇندىن ئىلگىرى ئۇ يەردە ياشاپ باقمىغاندەك بوپكەتتى. بىلىپ قېلىڭلاركى، سەمۇد قەمىگە ئاللاھنىڭ غەزىپى چۈشۈش بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىنغاندەك، مەديەن ئاھالىسىگىمۇ ئاللاھنىڭ غەزىپى چۈشۈش بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىنسۇن!
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَا وَسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ
ھەقىقەتەن بىز مۇسانى ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانلىكىنى بىلدۈرىدىغان مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەمدە ئۇ ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن پاكىتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق.
تفسیرهای عربی:
إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ فَٱتَّبَعُوٓاْ أَمۡرَ فِرۡعَوۡنَۖ وَمَآ أَمۡرُ فِرۡعَوۡنَ بِرَشِيدٖ
بىز مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىلىرىنىڭ يېنىغا ئەۋەتتۇق، بۇ كاتتىلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ماڭدى. ئەمەلىيەتتە پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى ئەگەشكۈدەك دەرىجىدە توغرا بۇيرۇق ئەمەس ئىدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• ذمّ الجهلة الذين لا يفقهون عن الأنبياء ما جاؤوا به من الآيات.
بۇ ئايەتلەر؛ پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرنى چۈشەنگىلى ئۇنىمايدىغان نادانلارنى ئەيىبلەيدۇ.

• ذمّ وتسفيه من اشتغل بأوامر الناس، وأعرض عن أوامر الله.
بۇ ئايەتلەر؛ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇقلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان نادان كىشىلەرنى ئەيىپلەيدۇ.

• بيان دور العشيرة في نصرة الدعوة والدعاة.
بۇ ئايەتلەر؛ دەۋت ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدا قەۋم - قېرىنداشلارنىڭ رولىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

• طرد المشركين من رحمة الله تعالى.
بۇ ئايەتلەر؛ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يَقۡدُمُ قَوۡمَهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فَأَوۡرَدَهُمُ ٱلنَّارَۖ وَبِئۡسَ ٱلۡوِرۡدُ ٱلۡمَوۡرُودُ
پىرئەۋن قىيامەت كۈنى قەۋمىنى باشلاپ، ئۆزىنى ۋە ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ كىرىدۇ. پىرئەۋن ئۇلارنى باشلاپ كەلگەن جاي نېمىدېگەن يامان - ھە!.
تفسیرهای عربی:
وَأُتۡبِعُواْ فِي هَٰذِهِۦ لَعۡنَةٗ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ بِئۡسَ ٱلرِّفۡدُ ٱلۡمَرۡفُودُ
ئاللاھ تائالا ئۇلارنى غەرق قىلىۋەتكەننىڭ ئۈستىگە يەنە بۇ دۇنيادا باشقىلارنىڭ لەنىتىگە قالدۇردى ھەمدە ئۆز رەھمىتىدىن تامامەن مەھرۇم قىلدى، قىيامەت كۈنىمۇ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قوش لەنەت ۋە ئازابنىڭ ئۈستى - ئۈستىلەپ كېلىشى نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق - ھە!.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡقُرَىٰ نَقُصُّهُۥ عَلَيۡكَۖ مِنۡهَا قَآئِمٞ وَحَصِيدٞ
بۇ سۈرىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلىرى (ئىلگىرىكى) قەۋملەر ھەققىدىكى بىر قىسىم خەۋەرلەر بولۇپ، ئەي پەيغەمبەر، بىز ساڭا ئۇنى ئېيتىپ بېرىمىز. ئۇ قەۋملەردىن ئالامەتلەر قالغانلىرىمۇ بار، ئالامەتلەر تامامەن ئۆچۈرۈلۈپ، ھېچقانداق ئىز قالمىغانلىرىمۇ بار.
تفسیرهای عربی:
وَمَا ظَلَمۡنَٰهُمۡ وَلَٰكِن ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡۖ فَمَآ أَغۡنَتۡ عَنۡهُمۡ ءَالِهَتُهُمُ ٱلَّتِي يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖ لَّمَّا جَآءَ أَمۡرُ رَبِّكَۖ وَمَا زَادُوهُمۡ غَيۡرَ تَتۡبِيبٖ
بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولغانلىق تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھالاك قىلىش بۇيرۇقى كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا كەلگەن ئازابنى تۇسۇپ قالالمىدى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا پەقەت زىيانكارلىق ۋە ھالاكەتنىڭ زىيادە بولىشىغا سەۋەب بولدى.
تفسیرهای عربی:
وَكَذَٰلِكَ أَخۡذُ رَبِّكَ إِذَآ أَخَذَ ٱلۡقُرَىٰ وَهِيَ ظَٰلِمَةٌۚ إِنَّ أَخۡذَهُۥٓ أَلِيمٞ شَدِيدٌ
ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا (ئاللاھنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئاللاھ تائالا ئەنە شۇنداق جازالاپ، تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاھالىسى زالىم بولغان يۇرتلارنى ئاللاھنىڭ جازالىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ۋە قاتتىقتۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّمَنۡ خَافَ عَذَابَ ٱلۡأٓخِرَةِۚ ذَٰلِكَ يَوۡمٞ مَّجۡمُوعٞ لَّهُ ٱلنَّاسُ وَذَٰلِكَ يَوۡمٞ مَّشۡهُودٞ
قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ زالىم يۇرت ئاھالىسىنى ئېغىر جازالىشىدا ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت بار. ئاشۇ كۈندە ئاللاھ پۈتۈن خالايىقنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلايدۇ. ئۇ ھەممەيلەن ھازىر بولىدىغان بىر كۈندۇركى، ئۇ كۈندە پۈتۈن مەھشەر ئەھلى يىغىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا نُؤَخِّرُهُۥٓ إِلَّا لِأَجَلٖ مَّعۡدُودٖ
بىز ئۇ كۈننى، يەنى قىيامەت كۈنىنى پەقەت مەلۇم مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىمىز.
تفسیرهای عربی:
يَوۡمَ يَأۡتِ لَا تَكَلَّمُ نَفۡسٌ إِلَّا بِإِذۡنِهِۦۚ فَمِنۡهُمۡ شَقِيّٞ وَسَعِيدٞ
قىيامەت كۈنى بولغاندا ھەركىم گەپ قىلماقچى بولسا، پەقەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بولغاندىلا دەلىل - پاكىت ياكى شاپائەت ھوقۇقى بىلەن گەپ قىلالايدۇ. ئۇ كۈندە كىشىلەر ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، بىر بۆلۈكى دوزاخقا كىرىدىغان بەدبەختلەردۇر، يەنە بىر بۆلۈكى بولسا جەننەتكە كىرىدىغان سائادەتمەنلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ شَقُواْ فَفِي ٱلنَّارِ لَهُمۡ فِيهَا زَفِيرٞ وَشَهِيقٌ
كاپىر بولغانلىقى ۋە بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بەدبەخت بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا ئۇلارنى كۆيدۈرگەن ئوت يالقۇنىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئاۋازلىرى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
خَٰلِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ إِلَّا مَا شَآءَ رَبُّكَۚ إِنَّ رَبَّكَ فَعَّالٞ لِّمَا يُرِيدُ
ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئاسمانلار ۋە زېمىنلا بولىدىكەن(دوزاخنىڭ)، ئۇلار دوزاختىن چىقالمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۆزىنى بىر دەپ بىلگەن گۇناھكارلار ئىچىدىن چىقىرىشنى خالىغان كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا. ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ خالىغىنىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىدۇر، ئۇنى مەجبۇرلىغۇچى ھېچبىر كۈچ يوق.
تفسیرهای عربی:
۞ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ سُعِدُواْ فَفِي ٱلۡجَنَّةِ خَٰلِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ إِلَّا مَا شَآءَ رَبُّكَۖ عَطَآءً غَيۡرَ مَجۡذُوذٖ
ئەمما ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەر قىلغانلىقى ئۈچۈن بەختكە ئېرىشكەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئاسمانلار ۋە زېمىن يوقالمايلا تۇرىدىكەن (جەننەتنىڭ)، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. لېكىن ئاسىي مۇئمىنلەر ئىچىدىن ئاللاھ جەننەتتىن بۇرۇن دوزاخقا كىرگۈزۈشنى خالىغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى جەننەت ئەھلىدىن ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• التحذير من اتّباع رؤساء الشر والفساد، وبيان شؤم اتباعهم في الدارين.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر؛ ناچار ۋە بۇزغۇنچى يولباشچىلارغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارغا ئەگىشىشنىڭ ئىككىلا دۇنيادا دىشۋارچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

• تنزه الله تعالى عن الظلم في إهلاك أهل الشرك والمعاصي.
ئاللاھنىڭ مۇشرىكلار ۋە ئاسىيلارنى ھالاك قىلىشتا زۇلۇم قىلىشتىن خالىي ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• لا تنفع آلهة المشركين عابديها يوم القيامة، ولا تدفع عنهم العذاب.
مۇشرىكلارنىڭ ئىلاھلىرى قىيامەت كۈنى چوقۇنغۇچىلىرىغا ئەسقاتمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابنىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.

• انقسام الناس يوم القيامة إلى: سعيد خالد في الجنان، وشقي خالد في النيران.
قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ: جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدىغان سائادەتمەنلەر ۋە دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان بەدبەختلەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىدۇ.

فَلَا تَكُ فِي مِرۡيَةٖ مِّمَّا يَعۡبُدُ هَٰٓؤُلَآءِۚ مَا يَعۡبُدُونَ إِلَّا كَمَا يَعۡبُدُ ءَابَآؤُهُم مِّن قَبۡلُۚ وَإِنَّا لَمُوَفُّوهُمۡ نَصِيبَهُمۡ غَيۡرَ مَنقُوصٖ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىنىڭ گۇمراھلىق ئىكەنلىكىدىن قەتئىي گۇمان قىلمىغىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نە ئەقلىي، نە شەرئىي دەلىل يوق. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىغا چوقۇنۇشىغا تۈرتكە بولغان نەرسە پەقەت ئاتا-بوۋىلىرىنى دورىغانلىقىدۇر. شەكسىزكى بىز ئۇلارغا تېگىشلىك ئازابنى كەم قويماي بېرىمىز.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ فَٱخۡتُلِفَ فِيهِۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۚ وَإِنَّهُمۡ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُ مُرِيبٖ
شۈبھىسىزكى بىز مۇساغا تەۋراتنى بەردۇق، كىشىلەر تەۋراتقا ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولدى، يەنى ئۇنىڭغا بىر قىسمى ئىمان ئېيتقان بولسا، يەنە بىر قىسمى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھنىڭ ئالدىراپ جازالىماسلىق، بەلكى مەلۇم ھېكمەت تۈپەيلىدىن ئازابنى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈش قارارى بولمىسا ئىدى، ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيادىلا تېگىشلىك ئازاب چۈشكەن بولاتتى. شۈبھىسىزكى يەھۇدى ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت كاپىرلار قۇرئاندىن زور گۇماندىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِنَّ كُلّٗا لَّمَّا لَيُوَفِّيَنَّهُمۡ رَبُّكَ أَعۡمَٰلَهُمۡۚ إِنَّهُۥ بِمَا يَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇخالىپەتچىلەردىن ھەر بىرىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ جازا - مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ. يەنى ئەمىلى ياخشى بولسا مۇكاپاتمۇ ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئەمىلى يامان بولسا جازاسىمۇ يامان بولىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىنچىكە ئىشلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَٱسۡتَقِمۡ كَمَآ أُمِرۡتَ وَمَن تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطۡغَوۡاْۚ إِنَّهُۥ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ سېنى بۇيرۇغىنىدەك داۋاملىق توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرغىن. مۇئمىنلەردىن تەۋبە قىلغان كىشىلەرمۇ سەن بىلەن بىرگە توغرا يولدا بولسۇن. گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىملىرىدىن ئۆتۈپ كەتمەڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَا تَرۡكَنُوٓاْ إِلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ فَتَمَسَّكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِنۡ أَوۡلِيَآءَ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ
خۇشامەت قىلىش ياكى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق زالىم كاپىرلارغا مايىل بولماڭلار، بولمىسا شۇ مايىللىقىڭلار سەۋەبلىك دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىسىلەر. سىلەرنى دوزاختىن قۇتقۇزالايدىغان ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلار بولمايدۇ، ئاندىن ئۆزۈڭلارغا ياردەم بېرىدىغان بىرىنى تاپالمايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ طَرَفَيِ ٱلنَّهَارِ وَزُلَفٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِۚ إِنَّ ٱلۡحَسَنَٰتِ يُذۡهِبۡنَ ٱلسَّيِّـَٔاتِۚ ذَٰلِكَ ذِكۡرَىٰ لِلذَّٰكِرِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئەتىگەن - كەچلەردە ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ناماز ئوقۇغىن. شۈبھىسىزكى ياخشى ئەمەللەر كىچىك گۇناھلارنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىشلار ۋەز - نەسىھەت قوبۇل قىلغۇچىلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر، ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەتتۇر.
تفسیرهای عربی:
وَٱصۡبِرۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە باشقا ئۆزۈڭ بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىشتا ھەمدە ھەددىدىن ئېشىش ۋە زالىملارغا يانتاياق بولۇشتىن ئىبارەت چەكلەنگەن ئىشلارنى تاشلاشتا چىدامچان بولغىن. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئەڭ ياخشى ئەمەل شەكلىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا قىلغان ئەمەللىرى بەدىلىگە ئەڭ ياخشى ئەمەل قىلغاننىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَلَوۡلَا كَانَ مِنَ ٱلۡقُرُونِ مِن قَبۡلِكُمۡ أُوْلُواْ بَقِيَّةٖ يَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡفَسَادِ فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا قَلِيلٗا مِّمَّنۡ أَنجَيۡنَا مِنۡهُمۡۗ وَٱتَّبَعَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مَآ أُتۡرِفُواْ فِيهِ وَكَانُواْ مُجۡرِمِينَ
سىلەردىن ئىلگىرى ئازابقا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئىچىدىن نېمىشقا ئۇلارنى كۇپۇرلۇق ۋە يەر يۈزىدە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن چەكلەيدىغان پەزىلەتلىك، سالىھ كىشىلەر مەيدانغا چىقمىدى. ئۇلاردىن ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھالاك بولغانلارنى بۇزۇقچىلىقتىن چەكلەيتتى. شۇڭا بىز ئۇلارنى زالىملارنى ھالاك قىلغان ۋاقتىمىزدا قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار كەيىپ - ساپاغا بېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق زالىملاردىن بولغان ئىدى.
تفسیرهای عربی:
وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهۡلِكَ ٱلۡقُرَىٰ بِظُلۡمٖ وَأَهۡلُهَا مُصۡلِحُونَ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ يەر يۈزىدە ئاھالىسى ياخشى بولغان يۇرتلارنى ھالاك قىلغىنى يوق. پەقەتلا ئاھالىسى كۇپۇرلۇق، زۇلۇم ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلغان يۇرتلارنى ھالاك قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• وجوب الاستقامة على دين الله تعالى.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى،

• التحذير من الركون إلى الكفار الظالمين بمداهنة أو مودة.
خۇشامەت قىلىش ياكى دوستلۇق ئىزھار قىلىش ئارقىلىق زالىم كاپىرلارغا يانتاياق بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى،

• بيان سُنَّة الله تعالى في أن الحسنة تمحو السيئة.
ياخشىلىقنىڭ يامانلىقنى ئۆچۈرۈۋېتىشتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى،

• الحث على إيجاد جماعة من أولي الفضل يأمرون بالمعروف، وينهون عن الفساد والشر، وأنهم عصمة من عذاب الله.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنى چەكلەيدىغان بىر بۆلۈك پەزىلەتلىك كىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە قىزىقتۇرۇشنى ۋە مۇشۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

وَلَوۡ شَآءَ رَبُّكَ لَجَعَلَ ٱلنَّاسَ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗۖ وَلَا يَزَالُونَ مُخۡتَلِفِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر ئۈممەت قىلىشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتى، لېكىن ئۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمىدى. ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسكە ئەگەشكەنلىك ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىق تۈپەيلىدىن داۋاملىق ئىختىلاپ ئىچىدىدۇر.
تفسیرهای عربی:
إِلَّا مَن رَّحِمَ رَبُّكَۚ وَلِذَٰلِكَ خَلَقَهُمۡۗ وَتَمَّتۡ كَلِمَةُ رَبِّكَ لَأَمۡلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ ٱلۡجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ أَجۡمَعِينَ
پەقەت پەرۋەردىگارىڭ ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىش ئارقىلىق رەھىم قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى بۇلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ يەككە - يېگانىلىكىدە ئىختىلاپ قىلىشمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۇشۇنداق ئىختىلاپلار ئارقىلىق سىناش ئۈچۈن ياراتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەدبەخت بولىدىغانلارمۇ ۋە بەختكە ئېرىشىدىغانلارمۇ بار. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ جەھەننەمنى جىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن توشقۇزىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكمى ئىلمى ئەزەلىيدە پۈتۈلۈپ بولغاندۇر.
تفسیرهای عربی:
وَكُلّٗا نَّقُصُّ عَلَيۡكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلرُّسُلِ مَا نُثَبِّتُ بِهِۦ فُؤَادَكَۚ وَجَآءَكَ فِي هَٰذِهِ ٱلۡحَقُّ وَمَوۡعِظَةٞ وَذِكۡرَىٰ لِلۡمُؤۡمِنِينَ
ئەي پەيغەمبەر! قەلبىڭنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىش ۋە تېخىمۇ چىدامچان قىلىش ئۈچۈن ساڭا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ بېرىمىز. بۇ سۈرىدە ساڭا شەكسىز ھەقىقەت، كاپىرلارغا ئىبرەت ھەمدە ۋەز - نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولىدىغان مۇئمىنلەرگە ۋەز - نەسىھەت كەلدى.
تفسیرهای عربی:
وَقُل لِّلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ ٱعۡمَلُواْ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمۡ إِنَّا عَٰمِلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدىغان ۋە ئۇنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەرگە ئېيتقىنكى، باشقىلارنى ھەقتىن قاچۇرۇش ۋە توسۇش ئۇسۇلۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار. بىزمۇ ئۆز يولىمىزدا مۇستەھكەم تۇرۇش، ئۇنىڭغا چاقىرىش ھەمدە شۇ يولدا چىدامچان بولۇشتىن ئىبارەت ئۇسۇلىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلىمىز.
تفسیرهای عربی:
وَٱنتَظِرُوٓاْ إِنَّا مُنتَظِرُونَ
سىلەرمۇ بىزگە بىرەر پالاكەت كېلىشىنى كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەرگە كېلىدىغان ئازابنى كۈتىمىز.
تفسیرهای عربی:
وَلِلَّهِ غَيۡبُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَإِلَيۡهِ يُرۡجَعُ ٱلۡأَمۡرُ كُلُّهُۥ فَٱعۡبُدۡهُ وَتَوَكَّلۡ عَلَيۡهِۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە غەيىبلەرنى بىلىش يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭغا غەيىبلەردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى پۈتۈن ئىشلار پەقەت ئۇنىڭغىلا قايتۇرۇلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! يەككە - يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن، پۈتۈن ئىشلىرىڭدا شۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلغىن. پەرۋەردىگارىڭ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس، بەلكى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شۇنداقلا ھەر كىمگە قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• بيان الحكمة من القصص القرآني، وهي تثبيت قلب النبي صلى الله عليه وسلم وموعظة المؤمنين.
بۇ سۈرىدىن مەقسەت قۇرئان كەرىم قىسسىلىرىدىكى ھېكمەتنى بايان قىلىش، ئۇ ھېكمەت بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىنى مۇستەھكەم قىلىش ۋە مۇئمىنلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىشتۇر.

• انفراد الله تعالى بعلم الغيب لا يشركه فيه أحد.
غەيىبنى پەقەت ئاللاھنىڭلا بىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ شېرىك بولالمايدىغانلىقى.

• الحكمة من نزول القرآن عربيًّا أن يعقله العرب؛ ليبلغوه إلى غيرهم.
قۇرئاننىڭ ئەرەب تىلىدا نازىل بولۇشىدىكى ھېكمەت ئەرەبلەرنىڭ ئۇنى چۈشىنىپ، باشقىلارغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈندۇر.

• اشتمال القرآن على أحسن القصص.
قۇرئاننىڭ ئەڭ گۈزەل قىسسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره هود
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن