ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (67) سوره: سوره نحل
وَمِن ثَمَرَٰتِ ٱلنَّخِيلِ وَٱلۡأَعۡنَٰبِ تَتَّخِذُونَ مِنۡهُ سَكَرٗا وَرِزۡقًا حَسَنًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
سىلەر ئۈچۈن بىز سىلەرگە رىزىق قېلىپ بەرگەن خورمە ۋە ئۈزۈم مېۋىلىرىدە سىلەرگە ئىبرەت باركى، سىلەر ئۇنىڭدىن ئەقىلنى كەتكۈزىۋېتىدىغان ياخشى بولمىغان شاراپلارنى ياسايسىلەر، ۋە ئۇنىڭدىن يەنە خورما، قۇرۇق ئۈزۈم، ئاچچىقسۇ، ۋە خورما تالقىنى قاتارلىق مەنپەئەتلىنىدىغان چېرايلىق رىزىقلارنى قېلىسىلەر، ھەقىقەتەن يۇقىرىدا زىكىر قېلىنغاندەك بەندىلەرگە ئىنئام قىلىنغان نەرسىلەردە ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر بار.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• جعل تعالى لعباده من ثمرات النخيل والأعناب منافع للعباد، ومصالح من أنواع الرزق الحسن الذي يأكله العباد طريًّا ونضيجًا وحاضرًا ومُدَّخَرًا وطعامًا وشرابًا.
ئاللاھ تائالا خورما ۋە ئۈزۈمدىن ئىبارەت مېۋىلەرنى بەندىلىرى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلدى، ئۇلارغا يېڭى، پىششىق، ھازىر ۋە ساقلاپ يەيدىغان يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئېسىللىرىدىن تۈرلۈك رىزىقلارنى ئاتا قىلدى.

• في خلق النحلة الصغيرة وما يخرج من بطونها من عسل لذيذ مختلف الألوان بحسب اختلاف أرضها ومراعيها، دليل على كمال عناية الله تعالى، وتمام لطفه بعباده، وأنه الذي لا ينبغي أن يوحَّد غيره ويُدْعى سواه.
ئاللاھ تائالا، جىسمى كىچىك ھەسەل ھەرىسىنى يارىتىپ، زېمىننىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېتىزلىقلىرىدا ئۇنىڭ ھەرتۈرلۈك گۈل چاڭلىرىنى شۈمۇرۇپ رەڭگارەڭ لەززەتلىك ھەسەلنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان تولۇق كۆيۈمچانلىقى ۋە كامالى ئىنايىتىنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەتتە باشقا نەرىسىلەرنى شېرىك قىلىشى توغرا .بولمايدۇ

• من منن الله العظيمة على عباده أن جعل لهم أزواجًا ليسكنوا إليها، وجعل لهم من أزواجهم أولادًا تقرُّ بهم أعينهم، ويخدمونهم ويقضون حوائجهم، وينتفعون بهم من وجوه كثيرة.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا نېئمەتلىرىدىن: ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىرگە ياشىشى ئۈچۈن ئايال جىنسىنى ياراتتى. ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئاياللىرىدىن پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلدى. ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىدۇ، ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ، تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇلاردىن مەنپەئەتلىنىدۇ.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (67) سوره: سوره نحل
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن