ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (75) سوره: سوره نحل
۞ ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلًا عَبۡدٗا مَّمۡلُوكٗا لَّا يَقۡدِرُ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَمَن رَّزَقۡنَٰهُ مِنَّا رِزۡقًا حَسَنٗا فَهُوَ يُنفِقُ مِنۡهُ سِرّٗا وَجَهۡرًاۖ هَلۡ يَسۡتَوُۥنَۚ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋەتەئەلا مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق بىر مىسالنى بايان قىلىدۇ: ھېچ قانداق پايدا-مەپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان، تەسەررۇپ قىلىشتىن ئاجىز بولغان بىر قۇل بىلەن، بىز بەرگەن مال-مۈلۈكنى ئەركىن خالىغانچە تەسەررۇپ قېلىدىغان، ئاشكارا-يوشۇرۇن خالىغانچە خەيرى-ئېھسان قىلىدىغان بىرى قانداقمۇ باراۋەر بولىدۇ؟، سىلەر ئۆز مۈلكىدە خالىغانچە تەسەررۇپ قېلىدىغان ئاللاھ بىلەن ئاجىز بۇتلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى قانداق باراۋەر قىلىسىلەر؟. ھەمدۇ-سانالارغا ئاللاھ ئەڭ ھەقلىقتۇر. بەلكى مۇشرىكلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئىبادەتكە لايىق مەبۇد بەرھەق .ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• لله تعالى الحكمة البالغة في قسمة الأرزاق بين العباد، إذ جعل منهم الغني والفقير والمتوسط؛ ليتكامل الكون، ويتعايش الناس، ويخدم بعضهم بعضًا.
ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا رىزىقنى تەقسىم قىلىشتا چوڭقۇر ھېكمەت بار، چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە خىزمەت قىلىشى، بىرگە ياشىشى ۋە كائىناتنى مۇكەممەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن باينى، كەمبەغەلنى ۋە ئوتتۇرىھال تۇرمۇشتىكى كىشىلەرنى .قىلدى

• دَلَّ المثلان في الآيات على ضلالة المشركين وبطلان عبادة الأصنام؛ لأن شأن الإله المعبود أن يكون مالكًا قادرًا على التصرف في الأشياء، وعلى نفع غيره ممن يعبدونه، وعلى الأمر بالخير والعدل.
ئايەتتىكى ئىككى مىسال مۇشرىكلارنىڭ ئازغۇنلىقى ۋە بۇتقا ئىبادەت قىلىشىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ھەقىقى ئىبادەت قېلىنىدىغان ئىلاھ كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە ئۇنى تەسەررۇپ قىلىشقا قادىردۇر. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىگە ئىبادەت قېلىۋاتقان كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى ياخشىلىق ۋە ئادىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

• من نعمه تعالى ومن مظاهر قدرته خلق الناس من بطون أمهاتهم لا علم لهم بشيء، ثم تزويدهم بوسائل المعرفة والعلم، وهي السمع والأبصار والأفئدة، فبها يعلمون ويدركون.
ئاللاھنىڭ نېئمىتى ۋە قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسىدىن: ئىنسانلارنى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن پەيدا قېلىشى، ئاندىن ئۇلارنى ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە قەلبتىن ئىبارەت ئىلىم-مەرىپەت ۋاستىلىرى بىلەن تەمىنلىشىدۇر، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر نەرسىنى بىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (75) سوره: سوره نحل
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن