ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره حجرات   آیه:

سۈرە ھۇجۇرات

از اهداف این سوره:
معالجة اللسان وبيان أثره على إيمان الفرد وأخلاق المجتمع.
تىلىنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ ئەھمىيتىى، تىلنىڭ شەخسنىڭ ئىمانىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىغا بولغان تەسىرىنى بايان قىلىش.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُقَدِّمُواْ بَيۡنَ يَدَيِ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! مەيلى گەپ - سۆز، مەيلى ئىش - ھەرىكەتتە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىغا چىقىۋالماڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا گەپ - سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ، ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلاردىن ھېچنەرسە يوقاپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە شۇ گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَرۡفَعُوٓاْ أَصۡوَٰتَكُمۡ فَوۡقَ صَوۡتِ ٱلنَّبِيِّ وَلَا تَجۡهَرُواْ لَهُۥ بِٱلۡقَوۡلِ كَجَهۡرِ بَعۡضِكُمۡ لِبَعۡضٍ أَن تَحۡبَطَ أَعۡمَٰلُكُمۡ وَأَنتُمۡ لَا تَشۡعُرُونَ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا ئەدەبلىك بولۇڭلار، ئۇنىڭغا گەپ قىلغان چېغىڭلاردا ئاۋازىڭلارنى ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، خۇددى بىر - بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇل چاقىرماي، ئۇنى پەيغەمبەرلىكى ۋە ئەلچىلىكىگە لايىق رەۋىشتە سىلىق ئىبارىلەر بىلەن چاقىرىڭلار. چۈنكى مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆزۈڭلەرمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى بىكار بوپكېتىش خەۋپى بار.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَغُضُّونَ أَصۡوَٰتَهُمۡ عِندَ رَسُولِ ٱللَّهِ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱمۡتَحَنَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُمۡ لِلتَّقۡوَىٰۚ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٌ عَظِيمٌ
شەكسىزكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يېنىدا ئاۋازىنى پەس قىلغان كىشىلەر ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى تەقۋالىق ئۈچۈن سىنىغان ھەمدە ئۇلارنى تەقۋادارلىققا خاس قىلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار جازاغا تارتىلمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا كاتتا ساۋاب بېرىلىدۇكى، ئۇ ساۋاب ئاللاھنىڭ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىشىدۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُنَادُونَكَ مِن وَرَآءِ ٱلۡحُجُرَٰتِ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى ئاياللىرىڭنىڭ ھۇجرىلىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن توۋلايدىغان ئەئرابىيلارنىڭ كۆپىنچىسى چۈشەنمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تشرع الرحمة مع المؤمن، والشدة مع الكافر المحارب.
بۇ ئايەتلەر مۇئمىنگە مېھىر - شەپقەتلىك بولۇش ۋە دۈشمەن كاپىرلارغا قاتتىق قول بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ.

• التماسك والتعاون من أخلاق أصحابه صلى الله عليه وسلم.
ئۇيۇشقاقلىق ۋە ھەمكارلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئەخلاقىدىندۇر.

• من يجد في قلبه كرهًا للصحابة الكرام يُخْشى عليه من الكفر.
ساھابە كىراملارنى قەلبىدە ئۆچ كۆرگەن كىشىنىڭ كاپىر بوپكېتىش خەۋپى بار.

• وجوب التأدب مع رسول الله صلى الله عليه وسلم، ومع سُنَّته، ومع ورثته (العلماء).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ سۈننىتىگە ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارغا نىسبەتەن ئەدەبلىك بولۇش.

وَلَوۡ أَنَّهُمۡ صَبَرُواْ حَتَّىٰ تَخۡرُجَ إِلَيۡهِمۡ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەي پەيغەمبەر! كاشكى سېنى ئاياللىرىڭنىڭ ھۇجرىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن چاقىرىدىغان بۇ ئادەملەر سەۋر قىلىپ، توۋلىماي تۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىققىنىڭدىن كېيىن ساڭا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغان بولسا، بۇ ئەلۋەتتە سېنى ھۇجرىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ چاقىرغاندىن ياخشىراق بولاتتى. چۈنكى بۇنداق قىلىش سېنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاشتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن ۋە باشقىلاردىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ نادانلىقىنى كەچۈرگۈچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن جَآءَكُمۡ فَاسِقُۢ بِنَبَإٖ فَتَبَيَّنُوٓاْ أَن تُصِيبُواْ قَوۡمَۢا بِجَهَٰلَةٖ فَتُصۡبِحُواْ عَلَىٰ مَا فَعَلۡتُمۡ نَٰدِمِينَ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ناۋادا سىلەرگە بىرەر پاسىق باشقىلاردىن بىرەر مەلۇمات ئېلىپ كەلسە ئۇ ئېلىپ كەلگەن مەلۇماتنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار، - ئۇنىڭ مەلۇماتىغا ئېنىقلىماستىن ئىشىنىپ كەتسەڭلار - ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمىگەن بىراۋغا ئۇۋال قىلىپ قويماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭلار. بولمىسا سىلەر ئۇلارنى بىئارام قىلغاندىن كېيىن سىلەرگە ئۇنىڭ مەلۇماتىنىڭ يالغانلىقى ئايدىڭلاشسا پۇشايمان قىپ قالىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ فِيكُمۡ رَسُولَ ٱللَّهِۚ لَوۡ يُطِيعُكُمۡ فِي كَثِيرٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡرِ لَعَنِتُّمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ حَبَّبَ إِلَيۡكُمُ ٱلۡإِيمَٰنَ وَزَيَّنَهُۥ فِي قُلُوبِكُمۡ وَكَرَّهَ إِلَيۡكُمُ ٱلۡكُفۡرَ وَٱلۡفُسُوقَ وَٱلۡعِصۡيَانَۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلرَّٰشِدُونَ
ئەي مۇئمىنلەر! بىلىپ قېلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ۋەھىي چۈشۈۋاتقان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بار. شۇڭا يالغان ئېيتىشتىن پەخەس بولۇڭلار. بولمىسا ئۇنىڭغا ۋەھىي چۈشۈپ، سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارنى پاش قىپ قويىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر سىلەرنىڭ نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سىلەردىن ياخشىراق بىلىدۇ. ئەگەر ئۇ سىلەر تەكلىپ بەرگەن ئىشلارنىڭ كۆپىدە سىلەرگە ماقۇل دەپ تۇرغان بولسا ئەلۋەتتە جاپاغا چۈشۈپ قالاتتىڭلاركى، ئۇ سىلەرنىڭ جاچا تارتىشىڭلارنى خالىمايدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرگە ئىماننى سۆيدۈردى، ئۇنى قەلبىڭلاردا چىرايلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئىمان ئېيتتىڭلار. سىلەرگە كۇپرىنى، ئۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىشنى ۋە ئاسىيلىق قىلىشنى يامان كۆرسەتتى. مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىلەر ھىدايەت ۋە توغرا يولدا ماڭغۇچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
فَضۡلٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَنِعۡمَةٗۚ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
قەلبىڭلاردا ياخشىلىقنىڭ چىرايلىق كۆرۈنۈپ، يامانلىقنىڭ يامان كۆرۈلۈشىدىن ئىبارەت سىلەر ئىگە بولغان بۇ سۈپەت شەكسىزكى ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىلتىپاتى ۋە مەرھەمىتىدۇر، ئۇنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمىتىدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن شۈكرى قىلغانلارنى ۋە توغرىغا مۇۋەپپەق قىلىنغانلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھەر ئىشنى ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇنغا قويۇشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِن طَآئِفَتَانِ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱقۡتَتَلُواْ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَهُمَاۖ فَإِنۢ بَغَتۡ إِحۡدَىٰهُمَا عَلَى ٱلۡأُخۡرَىٰ فَقَٰتِلُواْ ٱلَّتِي تَبۡغِي حَتَّىٰ تَفِيٓءَ إِلَىٰٓ أَمۡرِ ٱللَّهِۚ فَإِن فَآءَتۡ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَهُمَا بِٱلۡعَدۡلِ وَأَقۡسِطُوٓاْۖ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ
ئەي مۇئمىنلەر! ئەگەر مۇئمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا ئۇلارنى ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىپ قالغان ئىشتا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە كېلىشكە چاقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار.ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرەرسى ياراشقىلى ئۇنىماي، قارشى تەرەپكە چېقىلسا، چېقىلغۇچى تەرەپ تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر ئۇرۇش قىلىڭلار. ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتسا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ھەققانىيلىق ۋە ئىنساپ بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل بولۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ ھۆكۈملىرىدە ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ إِخۡوَةٞ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَ أَخَوَيۡكُمۡۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
شەكسىزكى مۇئمىنلەر ئىسلامدا قېرىنداشلاردۇر، - ئەي مۇئمىنلەر! - ئىسلامدىكى قېرىنداشلىق دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان ئىككى قېرىنداشنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلاركى، رەھىم قىلىنغايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا يَسۡخَرۡ قَوۡمٞ مِّن قَوۡمٍ عَسَىٰٓ أَن يَكُونُواْ خَيۡرٗا مِّنۡهُمۡ وَلَا نِسَآءٞ مِّن نِّسَآءٍ عَسَىٰٓ أَن يَكُنَّ خَيۡرٗا مِّنۡهُنَّۖ وَلَا تَلۡمِزُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ وَلَا تَنَابَزُواْ بِٱلۡأَلۡقَٰبِۖ بِئۡسَ ٱلِٱسۡمُ ٱلۡفُسُوقُ بَعۡدَ ٱلۡإِيمَٰنِۚ وَمَن لَّمۡ يَتُبۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىن بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى قەۋم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەسخىرە قىلغۇچىدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قانداق بولۇش ھەممىدىن مۇھىمدۇر. بىر بۆلۈك ئاياللار يەنە بىر بۆلۈك ئاياللارنى مەسخىرە قىلمىسۇن. مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئورنىدىدۇر. بىر - بىرىڭلارنى يامان كۆرىدىغان لەقەم بىلەن ئاتىماڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم ئەنسارىلار شۇنداق قىلاتتى. ئاراڭلاردىن كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ پاسىقتۇر. ئىماندىن كېيىنكى پاسىقلىق سۈپىتى نېمىدېگەن يامان! كىمكى بۇ گۇناھلاردىن تەۋبە قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• وجوب التثبت من صحة الأخبار، خاصة التي ينقلها من يُتَّهم بالفسق.
بۇ ئايەتلەر كەلگەن مەلۇماتلارنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئېنىقلاشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، بولۇپمۇ پاسىقلىق بىلەن قارىلانغان بىرەرسىنىڭ ئېلىپ كەلگەن مەلۇماتى تېخىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• وجوب الإصلاح بين من يتقاتل من المسلمين، ومشروعية قتال الطائفة التي تصر على الاعتداء وترفض الصلح.
مۇسۇلمانلاردىن ئۇرۇشۇپ قالغانلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، يولسىزلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يارىشىشنى رەت قىلغان گۇرۇھقا ئۇرۇش ئېچىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• من حقوق الأخوة الإيمانية: الصلح بين المتنازعين والبعد عما يجرح المشاعر من السخرية والعيب والتنابز بالألقاب.
مەسخىرە قىلىش، ئەيىبلەش ۋە يامان لەقەملەر بىلەن ئاتاشتىن ئىبارەت قېرىندىشىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش، شۇنداقلا دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇپ قويۇش قاتارلىق ئىشلار ئىمانىي قېرىنداشلىق مەجبۇرىيىتىدۇر.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱجۡتَنِبُواْ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلظَّنِّ إِنَّ بَعۡضَ ٱلظَّنِّ إِثۡمٞۖ وَلَا تَجَسَّسُواْ وَلَا يَغۡتَب بَّعۡضُكُم بَعۡضًاۚ أَيُحِبُّ أَحَدُكُمۡ أَن يَأۡكُلَ لَحۡمَ أَخِيهِ مَيۡتٗا فَكَرِهۡتُمُوهُۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ تَوَّابٞ رَّحِيمٞ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! كېرەكلىك سەۋەب ۋە دەلىللەرگە ئاساسلانمىغان تۆھمەتلەرنىڭ كۆپىدىن يىراق تۇرۇڭلار. چۈنكى قارىماققا ياخشى بولغان بىرىنى يامان گۇمان قىلىشقا ئوخشاش بىر قىسىم گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر. مۇئمىنلەرنىڭ ئارقىسىدىن ئەيبىنى كوچىلىماڭلار. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىنى ئۇ يامان كۆرىدىغان سۈپەتلىرى بىلەن تىلغا ئالمىسۇن. چۈنكى ئۇنى ئۇ يامان كۆرىدىغان سۈپەتلەر بىلەن تىلغا ئېلىش ئۇنىڭ ئۆلۈك ھالىتىدە گۆشىنى يېگەنگە ئوخشاشتۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنىڭ غەيبىتىنى قىلىشنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يامان كۆرۈڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّا خَلَقۡنَٰكُم مِّن ذَكَرٖ وَأُنثَىٰ وَجَعَلۡنَٰكُمۡ شُعُوبٗا وَقَبَآئِلَ لِتَعَارَفُوٓاْۚ إِنَّ أَكۡرَمَكُمۡ عِندَ ٱللَّهِ أَتۡقَىٰكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٞ
ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى بىز سىلەرنى بىر ئەردىن، يەنى ئاتاڭلار ئادەمدىن، بىر ئانىدىن، يەنى ئاناڭلار ھەۋۋادىن ياراتتۇق. دېمەك سىلەرنىڭ نەسىبىڭلار بىر. شۇڭا بىر - بىرىڭلارغا نەسەبتە پەخىر قىلىشماڭلار. بىز سىلەرنى ئاشۇنداق بىر ئاتىدىن يارىتىپ بولغاندىن كېيىن، بىر - بىرىڭلارغا پەخىر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى كۆپلىگەن خەلق ۋە تارقاق قەبىلىلەر قىلدۇق. چۈنكى ئۆزئارا پەرق پەقەت تەقۋادارلىق بىلەنلا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر، دېگەن. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ مۇكەممەل ۋە كەمچىل تەرىپىڭلاردىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ئاشۇنىڭدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ قَالَتِ ٱلۡأَعۡرَابُ ءَامَنَّاۖ قُل لَّمۡ تُؤۡمِنُواْ وَلَٰكِن قُولُوٓاْ أَسۡلَمۡنَا وَلَمَّا يَدۡخُلِ ٱلۡإِيمَٰنُ فِي قُلُوبِكُمۡۖ وَإِن تُطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ لَا يَلِتۡكُم مِّنۡ أَعۡمَٰلِكُمۡ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
بىر قىسىم تاغلىق ئەرەبلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: بىز ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئيېتتۇق، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار: سىلەر تېخى ئىمان ئېيتمىدىڭلار، لېكىن: بىز بويسۇندۇق، باش ئەگدۇق، دەڭلار. چۈنكى قەلبىڭلارغا تېخى ئىمان كىرگىنى يوق، بۇندىن كېيىن كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەي تاغلىقلار! ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يېنىش ئارقىلىق ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابىدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ثُمَّ لَمۡ يَرۡتَابُواْ وَجَٰهَدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلصَّٰدِقُونَ
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كېيىن ئىمانىغا شەك ئارىلاشتۇرمىغان، ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان، بۇلاردىن ھېچبىرىگە بېخىللىق قىلمىغان مۇئمىنلەرگە كەلسەك، مۇشۇ سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ئىمانىدا راستچىللاردۇر.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ أَتُعَلِّمُونَ ٱللَّهَ بِدِينِكُمۡ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ تاغلىقلارغا: ئاللاھقا دىنىڭلارنى سىلەر ئۆگىتەمسىلەر؟ ھالبۇكى ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. شۇڭا ئۇ دىنىڭلارنى سىلەرنىڭ بىلدۈرۈشۈڭلارغا موھتاج بولمايدۇ، دېگىن.
تفسیرهای عربی:
يَمُنُّونَ عَلَيۡكَ أَنۡ أَسۡلَمُواْۖ قُل لَّا تَمُنُّواْ عَلَيَّ إِسۡلَٰمَكُمۖ بَلِ ٱللَّهُ يَمُنُّ عَلَيۡكُمۡ أَنۡ هَدَىٰكُمۡ لِلۡإِيمَٰنِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ تاغلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ساڭا مىننەت قىلىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ماڭا مىننەت قىلماڭلار. چۈنكى بۇنىڭ پايدىسى بولىدىغان ئىش بولسا ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىمانغا كىردۇق دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئەسلى سىلەرنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە مىننەت قىلسا بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ غَيۡبَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
شەكسىزكى ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيىبلىرىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا قاراپ جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• سوء الظن بأهل الخير معصية، ويجوز الحذر من أهل الشر بسوء الظن بهم.
ياخشى كىشىلەرنى يامان گۇمان قىلىش گۇناھتۇر. يامانلارنى يامان گۇمان قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىن باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بولىدۇ.

• وحدة أصل بني البشر تقتضي نبذ التفاخر بالأنساب.
ئادەمزاتنىڭ يىلتىزى بىر بولۇپ، بۇ بىرلىك نەسەبلەر بىلەن پەخىرلىنىشنى تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

• الإيمان ليس مجرد نطق لا يوافقه اعتقاد، بل هو اعتقاد بالجَنان، وقول باللسان، وعمل بالأركان.
ئىمان دېگەن ئېتىقادقا ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ پەقەت ئېغىزدا سۆزلەپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇ قەلبتە ئېتىقاد قىلىش، تىلدا سۆزلەش ۋە بەدەن بىلەن ئەمەل قىلىشتۇر.

• هداية التوفيق بيد الله وحده وهي فضل منه سبحانه ليست حقًّا لأحد.
ھىدايەت قىلىش يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر، ھېچكىمنىڭ ھەققى ئەمەس.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره حجرات
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن