ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره مجادله   آیه:

سۈرە مۇجادەلە

از اهداف این سوره:
إظهار علم الله الشامل وإحاطته البالغة، تربيةً لمراقبته، وتحذيرًا من مخالفته.
ئاللاھ ھەر دائىم ھەر ئىشنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا قارشى ئىش قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەممىنى كەم - كۈتىسىز بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىش بۇ سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر.

قَدۡ سَمِعَ ٱللَّهُ قَوۡلَ ٱلَّتِي تُجَٰدِلُكَ فِي زَوۡجِهَا وَتَشۡتَكِيٓ إِلَى ٱللَّهِ وَٱللَّهُ يَسۡمَعُ تَحَاوُرَكُمَآۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٌ
ئاللاھ ھەقىقەتەن خەۋلە بىنتى سەئلەبەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇ ئۆزىنى زىھار قىلغان (ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا: سەن ماڭا نىسبەتەن ئانامغا ياكى قىز بىر تۇغقىنىمغا ئوخشاش ھارام دېيىشى زىھار قىلىش دېيىلىدۇ) ئېرى ئەۋس ئىبنى سامىتنىڭ ئىشى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشتى. ئۇ ئاللاھقا ئېرىنىڭ قىلغانلىرىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى. ئاللاھ سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ دېيىشكەنلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ يُظَٰهِرُونَ مِنكُم مِّن نِّسَآئِهِم مَّا هُنَّ أُمَّهَٰتِهِمۡۖ إِنۡ أُمَّهَٰتُهُمۡ إِلَّا ٱلَّٰٓـِٔي وَلَدۡنَهُمۡۚ وَإِنَّهُمۡ لَيَقُولُونَ مُنكَرٗا مِّنَ ٱلۡقَوۡلِ وَزُورٗاۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٞ
ئۆز ئاياللىرىغا: سەن ماڭا نىسبەتەن ئانامغا ئوخشاش دېيىش ئارقىلىق ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلار بۇ سۆزىدە يالغانچىلاردۇر. چۈنكى ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئانىلىرى پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللاردۇر. ئۇلار بۇ گەپنى دېگەن چاغدا ھەقىقەتەن قەبىھ ھەم يالغان گەپنى دەيدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئەلۋەتتە ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى بۇ قىلمىشلىرىنىڭ گۇناھىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەپپارەت بېرىشنى يولغا قويدى.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ يُظَٰهِرُونَ مِن نِّسَآئِهِمۡ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا قَالُواْ فَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مِّن قَبۡلِ أَن يَتَمَآسَّاۚ ذَٰلِكُمۡ تُوعَظُونَ بِهِۦۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
بۇ قەبىھ سۆزنى قىلغانلار بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىرى زىھار قىلغان ئاياللىرى بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولماقچى بولسا، ئۇلار ئاياللىرى بىلەن يىقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن بىر قۇل ئازاد قىلىش ئارقىلىق قىلمىشىنىڭ كەپپارىتىنى بېرىشى لازىم. سىلەر زىھار قىلىشتىن چەكلىنىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ ھۆكۈمگە بۇيرۇلۇۋاتىسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ شَهۡرَيۡنِ مُتَتَابِعَيۡنِ مِن قَبۡلِ أَن يَتَمَآسَّاۖ فَمَن لَّمۡ يَسۡتَطِعۡ فَإِطۡعَامُ سِتِّينَ مِسۡكِينٗاۚ ذَٰلِكَ لِتُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۚ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِۗ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئاراڭلاردىن كىمكى ئازات قىلىدىغان قۇل (ياكى قۇل ئازات قىلغۇدەك پۇل - مال) تاپالمىسا، زىھار قىلغان ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك. ناۋادا ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتمىسە، ئاتمىش مىسكىننى تويغۇزۇشى كېرەك. بىز چىقارغان بۇ ھۆكۈم؛ سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈندۇر. بىز يولغا قويغان مەزكۇر بۇ ئەھكاملار ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بېكىتىپ بەرگەن بەلگىلىمىلىرىدۇركى، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار. ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى ۋە بېكىتكەن بەلگىلىمىلىرىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا دەرتلىك ئازاب بار.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُحَآدُّونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ كُبِتُواْ كَمَا كُبِتَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ وَقَدۡ أَنزَلۡنَآ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖۚ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٞ مُّهِينٞ
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار چوقۇم ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار خارلىنىپ ھالاك قىلىنغاندەك خارلىنىپ ھالاك قىلىنىدۇ. بىز ھەقىقەتەن روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئاللاھقا ھەمدە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلارغا خار قىلغۇچى ئازاب بار.
تفسیرهای عربی:
يَوۡمَ يَبۡعَثُهُمُ ٱللَّهُ جَمِيعٗا فَيُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوٓاْۚ أَحۡصَىٰهُ ٱللَّهُ وَنَسُوهُۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ
ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلاردىن ھېچكىمنى چالا قويمايدۇ. ئاندىن ئۇلارغا دۇنيادا قىلغان قەبىھ قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. يەنى ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى بىرمۇبىر ساناپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ. ھالبۇكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇپ، چوڭ - كىچىك ھېچبىرىنى چالا قويمايدىغان نامە - ئەمال دەپتەرلىرىدە ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ تەپسىلىي يېزىلغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• لُطْف الله بالمستضعفين من عباده من حيث إجابة دعائهم ونصرتهم.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن ئاجىزلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا شەپقەت قىلىدۇ.

• من رحمة الله بعباده تنوع كفارة الظهار حسب الاستطاعة ليخرج العبد من الحرج.
زىھارنىڭ كەپپارىتىنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك بولغانلىقى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە رەھىمدىللىكىدىندۇركى، بۇ، ھەر كىمنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بۇ خاپىلىقتىن قۇتۇلۇۋېلىشى ئۈچۈندۇر.

• في ختم آيات الظهار بذكر الكافرين؛ إشارة إلى أنه من أعمالهم، ثم ناسب أن يورد بعض أحوال الكافرين.
زىھار ئايەتلىرىنىڭ ئاخىرىدا كاپىرلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بۇ ئىشنىڭ كاپىرلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر. شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن كېيىن كاپىرلارنىڭ بەزى ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىش تولىمۇ مۇناسىپتۇر.

أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ مَا يَكُونُ مِن نَّجۡوَىٰ ثَلَٰثَةٍ إِلَّا هُوَ رَابِعُهُمۡ وَلَا خَمۡسَةٍ إِلَّا هُوَ سَادِسُهُمۡ وَلَآ أَدۡنَىٰ مِن ذَٰلِكَ وَلَآ أَكۡثَرَ إِلَّا هُوَ مَعَهُمۡ أَيۡنَ مَا كَانُواْۖ ثُمَّ يُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُواْ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئۇلاردىكى ھېچ نەرسىنىڭ مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟ قانداقتۇر ئۈچ كىشى مەخپىي پىچىرلىشىدىكەن، چوقۇم ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر. بەش كىشى مەخپىي پىچىرلىشىدىكەن، چوقۇم ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر. مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ كىشى پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولسۇن چوقۇم ئاللاھ ئۆز ئىلمى ئارقىلىق ئۇلار بىلەن بىرگىدۇر. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ پىچىرلىشىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ نُهُواْ عَنِ ٱلنَّجۡوَىٰ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا نُهُواْ عَنۡهُ وَيَتَنَٰجَوۡنَ بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَمَعۡصِيَتِ ٱلرَّسُولِۖ وَإِذَا جَآءُوكَ حَيَّوۡكَ بِمَا لَمۡ يُحَيِّكَ بِهِ ٱللَّهُ وَيَقُولُونَ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ لَوۡلَا يُعَذِّبُنَا ٱللَّهُ بِمَا نَقُولُۚ حَسۡبُهُمۡ جَهَنَّمُ يَصۡلَوۡنَهَاۖ فَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرنى كۆرگەندە پىچىرلىشىدىغان يەھۇدىيلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى پىچىرلىشىشتىن چەكلىگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار ئاللاھ چەكلىگەن ئىشنى قىلىپ، مۇئمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ئوخشاش گۇناھ بولىدىغان قىلمىشلار ھەققىدە ئۆزئارا پىچىرلىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ناۋادا ئۇلار سېنىڭ قېشىڭغا كەلسە ئاللاھ تائالا ساڭا قىلىپ باقمىغان سالام بىلەن سالام قىلىدۇكى، ئۇ سالام بولسا ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى تىلەپ: ئەسسامۇ ئەلەيكە، دېگەن سۆزىدۇر. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يالغانچى قىلىش مەقسىتىدە: بىزنىڭ دېگەن سۆزلىرىمىز تۈپەيلىدىن ئاللاھ نېمىشقا بىزنى ئازابلىمايدۇ؟ ئەگەر ئۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دېگەن دەۋاسىدا راستچىل بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ بىزنى دېگەن گەپلىرىمىز تۈپەيلىدىن ئازابلىغان بولاتتى، دېيىشىدۇ. ئۇلارنى دېگەنلىرىگە قارىتا جەھەننەم يېتەرلىك ئازابتۇركى، ئۇلار ئۇنىڭ قاتتىق ھارارىتىنى تېتىيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق!؟
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا تَنَٰجَيۡتُمۡ فَلَا تَتَنَٰجَوۡاْ بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَمَعۡصِيَتِ ٱلرَّسُولِ وَتَنَٰجَوۡاْ بِٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! يەھۇدىيلارغا ئوخشاش بوپقالماسلىقىڭلار ئۈچۈن گۇناھ - مەئسىيەت، زۇلۇم قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىش ھەققىدە پىچىرلاشماي، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئاسىيلىقتىن قول يىغىدىغان ئىشلار ھەققىدە پىچىرلىشىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار. چۈنكى قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّمَا ٱلنَّجۡوَىٰ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ لِيَحۡزُنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَيۡسَ بِضَآرِّهِمۡ شَيۡـًٔا إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
ھەقىقەتەن گۇناھ - مەئسىيەت، زۇلۇم ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىچىرلىشىش بولسا شەيتاننىڭ ئۆز يېقىنلىرىنى ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىش مۇئمىنلەرنى قايغۇغا سېلىش ئۈچۈندۇر. شەيتان ۋە ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرى ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئىرادىسى بولمىسا مۇئمىنلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. شۇڭا مۇئمىنلەر بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھقا تايانسۇن.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا قِيلَ لَكُمۡ تَفَسَّحُواْ فِي ٱلۡمَجَٰلِسِ فَٱفۡسَحُواْ يَفۡسَحِ ٱللَّهُ لَكُمۡۖ وَإِذَا قِيلَ ٱنشُزُواْ فَٱنشُزُواْ يَرۡفَعِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡ وَٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ دَرَجَٰتٖۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ناۋادا سىلەرگە: سورۇنلاردا (باشقىلارنى يېنىڭلارغا) سىغدۇرۇۋېلىڭلار دېيىلسە، (يېنىڭلارغا كەلگەنلەرنى) سىغدۇرۇۋېلىڭلاركى، ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرگىمۇ كەڭچىلىك قىلغاي. ناۋادا سىلەرگە: بەزى سورۇنلاردا پەزىلەت ئىگىلىرىگە ئورنۇڭلارنى بوشىتىپ بېرىڭلار دېيىلسە، ئورنۇڭلارنى بوشىتىپ بېرىڭلاركى، ئاللاھ تائالا ئاراڭلاردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىسىنى ناھايىتى كاتتا مەرتىۋىلەرگە يۈكسەلدۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• مع أن الله عالٍ بذاته على خلقه؛ إلا أنه مطَّلع عليهم بعلمه لا يخفى عليه أي شيء.
ئاللاھ تائالا ئۆز زاتىدا پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز ئىلىمى بىلەن ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

• لما كان كثير من الخلق يأثمون بالتناجي أمر الله المؤمنين أن تكون نجواهم بالبر والتقوى.
كۆپلىگەن ئىنسانلار پىچىرلىشىش ئارقىلىق گۇناھكار بولىدىغان بولغاچقا، ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق توغرىسىدا پىچىرلىشىشقا بۇيرۇيدۇ.

• من آداب المجالس التوسيع فيها للآخرين.
باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش سورۇنلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرىدىندۇر.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا نَٰجَيۡتُمُ ٱلرَّسُولَ فَقَدِّمُواْ بَيۡنَ يَدَيۡ نَجۡوَىٰكُمۡ صَدَقَةٗۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ لَّكُمۡ وَأَطۡهَرُۚ فَإِن لَّمۡ تَجِدُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
ئى مۇئمىنلەر! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي پاراڭلاشماقچى بولساڭلار، پاراڭلىشىشتىن بۇرۇن مەلۇم مىقداردا سەدىقە بېرىڭلار. ئاشۇنداق ئالدىنئالا سەدىقە بېرىشىڭلار ئۆزۈڭلارغا ئەڭ پايدىلىق ھەم پاكلىغۇچىدۇر. چۈنكى بۇ ئىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولۇپ، قەلبلەرنى پاكلايدۇ. ئەگەر سىلەر سەدىقە قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىساڭلار، پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي پارىڭىڭلارنى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچى ھەم مېھرىبان بولۇپ، ئۇلارنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇغىنى يوق.
تفسیرهای عربی:
ءَأَشۡفَقۡتُمۡ أَن تُقَدِّمُواْ بَيۡنَ يَدَيۡ نَجۡوَىٰكُمۡ صَدَقَٰتٖۚ فَإِذۡ لَمۡ تَفۡعَلُواْ وَتَابَ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمۡ فَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥۚ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي پاراڭلاشماقچى بولغىنىڭلاردا سەدىقە بېرىش سەۋەبىدىن كەمبەغەل بوپقېلىشتىن ئەنسىرەپ قالدىڭلارمۇ؟ چۈنكى سىلەر ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشنى قىلمىدىڭلار، ئەمما ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىشنى قىلماسلىققا يول قويۇش ئارقىلىق تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا نامازنى بولسىمۇ مۇكەممەل رەۋىشتە ئوقۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ پۈتكۈل قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ تَوَلَّوۡاْ قَوۡمًا غَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِم مَّا هُم مِّنكُمۡ وَلَا مِنۡهُمۡ وَيَحۡلِفُونَ عَلَى ٱلۡكَذِبِ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! كۇپرىسى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنى دوست تۇتقان مۇناپىقلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ بۇ مۇناپىقلار مۇئمىنلەردىنمۇ ئەمەس، يەھۇدىيلاردىنمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇلار يا بۇلارغا، يا ئۇلارغا مەنسۇپ ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى يەھۇدىيلارغا يەتكۈزمىگەنلىكى ھەققىدە قەسەم قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يالغان قەسەم ئىچكۈچىلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُمۡ عَذَابٗا شَدِيدًاۖ إِنَّهُمۡ سَآءَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئاللاھ ئۇلارغا ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ قەرىگە تاشلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى كۇپۇر ئەمەللىرى ئىنتايىن قەبىھ ئىدى.
تفسیرهای عربی:
ٱتَّخَذُوٓاْ أَيۡمَٰنَهُمۡ جُنَّةٗ فَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ فَلَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان قەسەملىرىنى كۇپۇرلۇق سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ساقلىنىدىغان قالقان قىلىۋېلىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانلىرىنى ۋە ماللىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان قىياپىتىدە كۆرۈنەتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا مۇسۇلمانلارنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئىرادىسىنى بوشىتىش ئارقىلىق ھەقتىن توسۇشقا ئۇرۇناتتى. شۇڭا ئۇلار قاتتىق ئازابغا دۇچار بولىدۇكى، ئۇ ئازاب ئۇلارنى خارۇزار قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَّن تُغۡنِيَ عَنۡهُمۡ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُهُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔاۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
كاپىرلارنىڭ ماللىرى ۋە بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا قىلچە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ ھەم دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب ئۈزۈلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَوۡمَ يَبۡعَثُهُمُ ٱللَّهُ جَمِيعٗا فَيَحۡلِفُونَ لَهُۥ كَمَا يَحۡلِفُونَ لَكُمۡ وَيَحۡسَبُونَ أَنَّهُمۡ عَلَىٰ شَيۡءٍۚ أَلَآ إِنَّهُمۡ هُمُ ٱلۡكَٰذِبُونَ
ئاللاھ ھەممەيلەننى قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈندە ئۇلاردىن ھېچ بىرىنى قويماي جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قەبرىلىرىدىن چىقىرىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىر، مۇناپىق بولمىغانلىقى، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىدىغان مۇئمىنلەر بولغانلىقى ھەققىدە ئاللاھقا قەسەم قىلىشىدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ئۇلار خۇددى دۇنيادا ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ھەققىدە سىلەرگە قەسەم قىلغاندەك، ئاخىرەتتە ئاللاھقا قەسەم قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا مۇشۇنداق قەسەملەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە پايدا كەلتۈرەلەيدۇ ياكى ئۆزلىرىدىن زىياننى قايتۇرالايدۇ، دېگەن خام خىياللاردا بولىدۇ. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئۇلار دۇنيادىكى قەسەملىرىدىمۇ، ئاخىرەتتىكى قەسەملىرىدىمۇ ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
ٱسۡتَحۡوَذَ عَلَيۡهِمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ فَأَنسَىٰهُمۡ ذِكۡرَ ٱللَّهِۚ أُوْلَٰٓئِكَ حِزۡبُ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ أَلَآ إِنَّ حِزۡبَ ٱلشَّيۡطَٰنِ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
شەيتان ئۇلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئاندىن شەيتان ۋەسۋەسە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلمىدى. ئۇلار پەقەت ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئەمەللەرنىلا قىلدى. مۇشۇنداق سۈپەتكە ئىگە بولغانلار ئىبلىسنىڭ لەشكەرلىرى ۋە مۇرىتلىرىدۇر. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئىبلىسنىڭ لەشكەرلىرى ۋە مۇرىتلىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ھىدايەتنى ئازغۇنلۇققا، جەننەتنى دوزاخقا تېگىشتى.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُحَآدُّونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ٱلۡأَذَلِّينَ
ھەقىقەتەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خارۇزار قىلىدىغان كاپىر ئۈممەتلەرنىڭ قاتارىدا بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
كَتَبَ ٱللَّهُ لَأَغۡلِبَنَّ أَنَا۠ وَرُسُلِيٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٞ
ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىلمى ئەزەلىيسىدە «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم دەلىل - پاكىت ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىمىز ئارقىلىق دۈشمەنلىرىمىز ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ پۈتۈۋەتكەن. شەكسىزكى ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىشتە كۈچلۈكتۇر ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشتا غالىبتۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• لطف الله بنبيه صلى الله عليه وسلم؛ حيث أدَّب صحابته بعدم المشقَّة عليه بكثرة المناجاة.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شۇ دەرىجىدە مېھرىباندۇركى، ساھابىلىرىگە خۇسۇسىي پاراڭلارنى بەك كۆپ قىلىپ، ئۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى ھەققىدە ئەدەب ئۆگەتكەن.

• ولاية اليهود من شأن المنافقين.
يەھۇدىيلارنى دوست تۇتۇش مۇناپىقلارنىڭ ئىشىدۇر.

• خسران أهل الكفر وغلبة أهل الإيمان سُنَّة إلهية قد تتأخر، لكنها لا تتخلف.
كاپىرلارنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقى، مۇئمىنلەرنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئىلاھىي قانۇنىيەت بولۇپ، بەزىدە كېچىكىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ھەرگىز ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.

لَّا تَجِدُ قَوۡمٗا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ يُوَآدُّونَ مَنۡ حَآدَّ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَوۡ كَانُوٓاْ ءَابَآءَهُمۡ أَوۡ أَبۡنَآءَهُمۡ أَوۡ إِخۡوَٰنَهُمۡ أَوۡ عَشِيرَتَهُمۡۚ أُوْلَٰٓئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلۡإِيمَٰنَ وَأَيَّدَهُم بِرُوحٖ مِّنۡهُۖ وَيُدۡخِلُهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ رَضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ أُوْلَٰٓئِكَ حِزۡبُ ٱللَّهِۚ أَلَآ إِنَّ حِزۡبَ ٱللَّهِ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەرنى ياخشى كۆرۈپ، دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن. مۇئمىنلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەن بۇ ئادەملەر گەرچە ئۆزلىرىنىڭ ئاتىلىرى، ياكى پەرزەنتلىرى، ياكى قېرىنداشلىرى ۋە ياكى ئۆزلىرى تەۋە بولغان جەمەتى بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلارنى دوست تۇتمايدۇ). چۈنكى ئىمان ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن دوست بولۇشقا يول قويمايدۇ. چۈنكى ئىمان مۇناسىۋىتى باشقا ھەر قانداق مۇناسىۋەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇكى، بۇ مۇناسىۋەتلەر ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ قالغاندا ئىمان مۇناسىۋىتى ھەممىنىڭ ئالدىغا تىزىلىدۇ. گەرچە يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەرنى دوست تۇتمايدىغان ئاشۇ كىشىلەر ئاللاھ قەلبلىرىدىكى ئىماننى مۇستەھكەم قىلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەيدانى ھېچقاچان ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزى تەرەپتىن بېرىلگەن دەلىل - پاكىت ھەم نۇر بىلەن كۈچلەندۈرگەنكى، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان مەڭگۈلۈك جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. جەننەتنىڭ نېئمەتلىرى ئۇلاردىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، تۈگەپمۇ قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن مەڭگۈ غەزەپلەنمەيدىغان دەرىجىدە رازى بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە مەڭگۈ تۈگەپ قالمايدىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ جامالىنى كۆرۈشمۇ شۇ نېئمەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ئاللاھنىڭ قوشۇنلىرىدۇركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىگەنلىرىدىن يانىدۇ. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئۇلار چوقۇم كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىلىرىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• المحبة التي لا تجعل المسلم يتبرأ من دين الكافر ويكرهه، فإنها محرمة، أما المحبة الفطرية؛ كمحبة المسلم لقريبه الكافر، فإنها جائزة.
مۇسۇلماننى كاپىرنىڭ دىنىدىن ئادا - جۇدا بولۇپ، ئۇنى يامان كۆرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرەلمەيدىغان مېھىر - مۇھەببەت ھارامدۇر. ئەمما مۇسۇلماننىڭ كاپىر يېقىنىنى ياخشى كۆرۈشىگە ئوخشاش ئىنسانىيلىق تەبىئىتىدىكى مېھىر - مۇھەببەت دۇرۇستۇر.

• رابطة الإيمان أوثق الروابط بين أهل الإيمان.
ئىمان ئەھلى ئارىسىدىكى ئىمان ئالاقىسى ئەڭ مۇستەھكەم ئالاقىدۇر.

• قد يعلو أهل الباطل حتى يُظن أنهم لن ينهزموا، فتأتي هزيمتهم من حيث لا يتوقعون.
باتىل تەرەپدارلىرى بەزىدە قەتئىي مەغلۇب بولمايدىغاندەك دەرىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى، ئەمما ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۇلار ئويلاپمۇ باقمىغان جايدىن كېلىشى مۇمكىن.

• من قدر الله في الناس دفع المصائب بوقوع ما دونها من المصائب.
چوڭ بالا - قازالارنى ئۇنىڭدىن كىچىكرەك مۇسىبەتلەر بىلەن دەپئى قىلىش ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئىچىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى جۈملىسىدىندۇر.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره مجادله
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن