ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (116) سوره: سوره انعام
وَإِن تُطِعۡ أَكۡثَرَ مَن فِي ٱلۡأَرۡضِ يُضِلُّوكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنۡ هُمۡ إِلَّا يَخۡرُصُونَ
ئەي پەيغەمبەر! مۇبادا يەر يۈزىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئازدۇرۋېتىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قانۇنيىتى ئەزەلدىن شۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەنكى، ھەقىقەت ئاز سانلىق تەرەپتە بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ تولىسى پەقەت ئاساسسىز گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار مەبۇدلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇ قاراشتا يالغانچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• يجب أن يكون الهدف الأعظم للعبد اتباع الحق، ويطلبه بالطرق التي بيَّنها الله، ويعمل بذلك، ويرجو عَوْن ربه في اتباعه، ولا يتكل على نفسه وحوله وقوته.
بەندىنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى ھەقىقەتنى ئىزدەش بولۇپ، ئۇ ئاللاھ بايان قىلىپ بەرگەن يوللار بىلەن ھەقنى ئىزدىشى، شۇ بويىچە ئەمەل قىلىشى، شۇنى بويلاپ مېڭشتا پەرۋەردىگارىدىن ياردەم تىلىشى، ئۆزىگە ۋە ئۆز كۈچىگە زىيادە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى لازىم.

• من إنصاف القرآن للقلة المؤمنة العالمة إسناده الجهل والضلال إلى أكثر الخلق.
قۇرئاننىڭ نادانلىق ۋە ئازغۇنلۇقنى خالايىقنىڭ كۆپ قىسمىغا نىسبەت بېرىشى، ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى بىلىدىغان ئاز سانلىق مۇئمىنلەرگە قىلغان ئىنساپىدىندۇر.

• من سنّته تعالى في الخلق ظهور أعداء من الإنس والجنّ للأنبياء وأتباعهم؛ لأنّ الحقّ يعرف بضدّه من الباطل.
پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن دۈشمەنلىك قىلىدىغانلارنىڭ چىقىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدا تۇتقان يولىدۇر. چۈنكى ھەق ئۇنىڭغا زىت بولغان سەپسەتە ئارقىلىق تونۇلىدۇ.

• القرآن صادق في أخباره، عادل في أحكامه،لا يُعْثَر في أخباره على ما يخالف الواقع، ولا في أحكامه على ما يخالف الحق.
قۇرئاننىڭ خەۋەرلىرى راست، ھۆكۈملىرى ئادىلدۇر. قۇرئاننىڭ خەۋەرلىرىدە رىئاللىققا ماس كەلمەيدىغىنى، ئەھكاملىرىدا توغرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغىنى يوق.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (116) سوره: سوره انعام
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن