ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (150) سوره: سوره انعام
قُلۡ هَلُمَّ شُهَدَآءَكُمُ ٱلَّذِينَ يَشۡهَدُونَ أَنَّ ٱللَّهَ حَرَّمَ هَٰذَاۖ فَإِن شَهِدُواْ فَلَا تَشۡهَدۡ مَعَهُمۡۚ وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ وَهُم بِرَبِّهِمۡ يَعۡدِلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ھالال قىلغاننى ھارام قىلىدىغان، ئاندىن بۇنى ئاللاھ ھارام قىلدى، دەپ جار سالىدىغان بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ھارام قىلغان مۇشۇ نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭمۇ ھارام قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرەلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى چوقۇم ھارام قىلغانلىقىغا ئاساسسىز گۇۋاھلىق بەرسە، ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ بۇ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگىن، چۈنكى ئۇ يالغان گۇۋاھلىقتۇر. ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنى رەھبەر قىلىدىغانلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمىگىن. ئۇلار ئاللاھ ئۆزلىرىگە ھالال قىلغاننى ھارام قىلغان چاغدىلا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئەگەشمىگىن، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرۈپ، باشقىلارنى ئۇنىڭغا تەڭ قىلىشىدۇ. پەرۋەردىگارىغا تۇتقان مۇئامىلىسى مۇشۇنداق بولغان ئادەمگە قانداقمۇ ئەگەشكىلى بولسۇن؟
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الحذر من الجرائم الموصلة لبأس الله؛ لأنه لا يُرَدُّ بأسه عن القوم المجرمين إذا أراده.
ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان جىنايەتلەردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ گۇناھكارلارنى ئازابلىماقچى بولغاندا ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئازابى قايتۇرۇلمايدۇ.

• الاحتجاج بالقضاء والقدر بعد أن أعطى الله تعالى كل مخلوق قُدْرة وإرادة يتمكَّن بهما من فعل ما كُلِّف به؛ ظُلْمٌ مَحْض وعناد صرف.
ئاللاھ ھەركىمگە بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلالايدىغان قۇدرەت ۋە ئىرادىنى بەرگىنىدىن كېيىن يەنە قازا ۋە قەدەرنى باھانە قىلىش پەقەت زۇلۇم ۋە سەركەشلىكتۇر.

• دَلَّتِ الآيات على أنه بحسب عقل العبد يكون قيامه بما أمر الله به.
يۇقىردىكى ئايەتلەر بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشى ئەقلىگە يارىشا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

• النهي عن قربان الفواحش أبلغ من النهي عن مجرد فعلها، فإنه يتناول النهي عن مقدماتها ووسائلها الموصلة إليها.
گۇناھ - مەئسىيەتكە يېقىنلىشىشتىن چەكلەش گۇناھ مەئسىيەت قىلىشتىنلا چەكلىگەندىن كۈچلۈكرەكتۇر. چۈنكى گۇناھ-مەئسىيەتكە يېقىنلىشىشتىن چەكلەش گۇناھنىڭ مۇقەددىمىلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (150) سوره: سوره انعام
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن