ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (17) سوره: سوره انعام
وَإِن يَمۡسَسۡكَ ٱللَّهُ بِضُرّٖ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَۖ وَإِن يَمۡسَسۡكَ بِخَيۡرٖ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئەي ئادەم ئەۋلادى! ئەگەر ساڭا ئاللاھتىن بىرەر كۈلپەت كەلسە، ئۇنى سەندىن ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. ساڭا ئاللاھتىن بىرەر ياخشىلىق كەلسىمۇ ئۇنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا توسقۇنلۇق قىلالايدىغان ھېچنەرسە يوق. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• بيان حكمة الله تعالى في إرسال كل رسول من جنس من يرسل إليهم؛ ليكون أبلغ في السماع والوعي والقبول عنه.
يۇقىرىقى ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ ھەربىر پەيغەمبەرنى ئۆز قەۋمىنىڭ خىلىدىن ئەۋەتىشىدىكى ھېكمىتىنىڭ، كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلاپ، چۈشىنىپ، قوبۇل قىلىشىدا ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

• الدعوة للتأمل في أن تكرار سنن الأوّلين في العصيان قد يقابله تكرار سنن الله تعالى في العقاب.
ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاسىيلىق قىلىش ئادىتىگە جاۋابەن ئاللاھ تائالانىڭمۇ جازالاشنى داۋاملاشتۇرۇش يولىنى تۇتقانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا چاقىرىدۇ.`

• وجوب الخوف من المعصية ونتائجها.
ئاسىيلىقتىن ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

• أن ما يصيب البشر من بلاء ليس له صارف إلا الله، وأن ما يصيبهم من خير فلا مانع له إلا الله، فلا رَادَّ لفضله، ولا مانع لنعمته.
ئىنسانغا يەتكەن كۈلپەتلەرنى ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۋەتكۈچى يوق، ياخشىلىقنىمۇ ئاللاھتىن باشقا توسۇپ قالغۇچى يوق، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىنى قايتۇرغۇچى ۋە نېئمىتىنى چەكلىگۈچى يوق.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (17) سوره: سوره انعام
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن