ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (32) سوره: سوره انعام
وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا لَعِبٞ وَلَهۡوٞۖ وَلَلدَّارُ ٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ يَتَّقُونَۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
ئۇلار بېرىلىپ كەتكەن دۇنيا ھاياتى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلمايدىغان كىشىگە نىسبەتەن پەقەت ئويۇن ۋە غەپلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما ئاخىرەتتىكى ھايات ئاللاھ بۇيرۇغان ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ھەمدە چەكلىگەن شېرىك ۋەگۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھەممىدىن ياخشىدۇر. ئەي مۇشرىكلار! بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ (ئەگەر چۈشەنگەن بولساڭلار) ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلاتتىڭلار.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• من عدل الله تعالى أنه يجمع العابد والمعبود والتابع والمتبوع في عَرَصات القيامة ليشهد بعضهم على بعض.
يۇقىرىقى ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئابىد ۋە مەبۇد، ئەگەشكۈچى ۋە ئەگەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىنى بىر-بىرىگە گۇۋاھچى قىلىش ئۈچۈن قىيامەت مەيدانىغا توپلىشى ئۇنىڭ ئادالىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.

• ليس كل من يسمع القرآن ينتفع به، فربما يوجد حائل مثل ختم القلب أو الصَّمَم عن الانتفاع أو غير ذلك.
قۇرئاننى ئاڭلىغان ھەركىم ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ. چۈنكى بەزىدە قەلب مۆھۈرى ياكى قۇلاق مۆھۈرىگە ئوخشاش مەنپەئەتلىنىش ۋە باشقا ئىشلاردىن توسۇپ قالىدىغان توسالغۇلار مەۋجۇتتۇر.

• بيان أن المشركين وإن كانوا يكذبون في الظاهر فهم يستيقنون في دواخلهم بصدق النبي عليه الصلاة والسلام.
مۇشرىكلارنىڭ كۆرۈنۈشتە يالغانغا چىقارغاندەك قىلسىمۇ، ئىچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىللىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

• تسلية النبي عليه الصلاة والسلام ومواساته بإعلامه أن هذا التكذيب لم يقع له وحده، بل هي طريقة المشركين في معاملة الرسل السابقين.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ ئىنكارچىلىققا يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئۇچرىمىغانلىقىنى، بەلكى بۇ، مۇشرىكلارنىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىش ۋە ھېسداشلىق قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (32) سوره: سوره انعام
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن