ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (92) سوره: سوره انعام
وَهَٰذَا كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ مُبَارَكٞ مُّصَدِّقُ ٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَلِتُنذِرَ أُمَّ ٱلۡقُرَىٰ وَمَنۡ حَوۡلَهَاۚ وَٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۖ وَهُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ يُحَافِظُونَ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر. بۇ شۇنداق مۇبارەك بىر كىتابتۇركى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. (بۇ كىتابنىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشى) ئۇنىڭ بىلەن مەككىلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ توغرا يولنى تېپىۋېلىشىنى مەقسەت قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلار مۇشۇ قۇرئانغىمۇ ئىشىنىدۇ، قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىدۇ، نامازلىرىنى شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ۋاقىتتا تەئدىل-ئەركانلىرى، پەرزلىرى ۋە مۇستەھەبلىرىگە قەدەر تولۇق ئادا قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• إنزال الكتب على الأنبياء هو سُنَّة الله في المرسلين، والنبي عليه الصلاة والسلام واحد منهم.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر پەيغەمبەرلەرگە كىتابلارنى نازىل قىلىش ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشتىكى قانۇنىيىتى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ شۇلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• أعظم الناس كذبًا وفرية هو الذي يكذب على الله تعالى، فينسب أو ينفي ويثبت في حق الله تعالى أمرًا ليس عليه دليل صحيح.
كىشىلەرنىڭ ئەڭ يالغانچىسى ۋە ئەڭ بوھتانچىسى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىغان، ئاندىن ھېچبىر ساغلام دەلىل-پاكىت بولمىغان ئىشلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدىغان ياكى بار-يوق قىلىشقا ئورۇنىدىغان كىشىدۇر.

• كل أحد يبعث يوم القيامة فردًا متجردًا عن المناصب والألقاب، فقيرًا، ويحاسب وحده.
قىيامەت كۈنى ھەركىم يالغۇز، ئەمەل-مەنسەپسىز ۋە نام-شۆھرەتسىز، ھېچنېمىسى يوق ھالەتتە تىرىلىپ قوپىدۇ ۋە يالغۇز ھېساب بېرىدۇ.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (92) سوره: سوره انعام
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن